بەزى تورداشلار ئاغىنىڭىزنىڭ تالاق ھەركىتىگە قارىتا يول چىقىدىغان چىقمايدىغانلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
«مۇسۇلمانلار» تورىغا يوللانغان «ئىسلامدا تالاق نىزامى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىگە تولۇق رىئايە قىلىنغان بولۇشى لازىمكەن:
1- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى،
2- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدىن پاكىزلىنىپ، تالاق قىلىنغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولۇشى،
3- تالاق قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ تالاققا ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشى.
بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنماستىن قىلىنغان تالاقلارنىڭ ھېچبىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ھېچبىرى بىر مەنا ئىپادىلىمەيدۇ، ھەممىسى قۇرۇق گەپتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر.
بۇ ماقالىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز، تور ئادرېسى:
http://www.musulmanlar.com/?p=1458