مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bendora

قىسمەت كوچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قىزلارنىڭ دوستى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24390
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2907
تۆھپە نۇمۇرى: 163
توردا: 3944 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 12:26:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنى ئۇقۇپلا ئاخىرىغا قىزىقىپ قالدىم.ئاخىرىنى تىزراق يوللىغايسىز.

قىزلارنىڭ دوستى يوق.

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 03:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مېھرىگۈل سائەتنى توشقۇزۇپ،ئۇخلاۋاتقان ياتاقداشلىرىنى ئويغۇتۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاستا مېڭىپ چىقتى.مەكتەپ قوروسىنىڭ جىمجىتلىقىنى ئاندا-ساندا سۆزلۈك يادلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ،چېنىققىلى چىققان خەنزۇ بوۋاي-مومايلارنىڭ رادىئوسىدىن چىققان گىژ-گىژ،ئۇنىڭغا يېڭىلا قوشۇلغان مېھرىگۈلنىڭ چامادانىنىڭ چاقىدىن چىققان غالدىر-غۇلدۇر ئاۋازلار بۇزۇپ تۇراتتى.مېھرىگۈلنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى خۇددى يېڭى ئوقۇشقا ماڭغان كۈنى ئاتا-ئانىسىدىن،يۇرتىدىن ئايرىلالمىغان شۇ ۋاقىتلارغا ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن. نېمىلا دېمەڭ، ئۇ بۇ يەردە 6يىل تۇرۇپ قالدى.ئۆيگە قايتقىنىدا مېھماندەك كۈتۈلگەن مېھرىگۈلنىڭ زور كۆپ ۋاقتى مانا مۇشۇ مەكتەپتە بولغان،مەكتەپ ھەقىقەتتە ئۇنىڭ ئىككىنجى ئائىلىسى بولۇپ قالغانىدى.
مەكتەپنىڭ ۋاسكېتبول مەيدانى،ئاشخانا،كۈتۈپخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچە ھەممىگە تويماي قاراپ كېتىۋاتقان مېھرىگۈل يىراق كۆرمىسە ئەلۋەتتە ئايرودۇرۇمغا مېڭىپ كەتكەن بولاتتى، بىراق مۇمكىنمۇ دەيسىز؟ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقمايلا بىر قارا بولكىۋايغا يولۇقتى.ئادەتتە قارا ماشىنا ئەرزان بولاتتى.بۇ ماشىنىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە يۈرگىنىگە قارىغاندا ئۇمۇ ئايرودۇرۇمغا ئادەم ئاپارغىلى كەلگەن بولسا كېرەك،شوپۇر بېشىنى چىقىرىپ سورىدى:
-ئايرودۇرۇمغا، شۇنداقمۇ؟
-ھە،قانچىگە ماڭىسەن؟
-سەن دېگىن.
-ۋاي بولە،سەن بىلەن تالىشىپ ئولتۇرسام كېچىكىمەن.
-65يۈئەن بولسۇن.
-ناھايىتى ياخشى.
100يۈئەنلىك بۇ مۇساپىنىڭ 65يۈئەنگە توختىشى مېھرىگۈلنى راستلا خۇشھال قىلىۋەتتى،{ئەتتىگەندىلا ئىشىم ئوڭغا تارتتى،ئاللاھقا شۈكۈر!}دەپ ئويلاپ ماشىنىغا چىققان مېھرىگۈل ئۆزلىرىدىن باشقا يەنە بىر قىز بىر ئوغۇلنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى-دە،پەرىزىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى بىلدى.يول بويى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مەكتەپداش ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭمۇ بۇ يىل پۈتتۈرۈپ،ئۆز يۇرتىدىن خىزمەت ئورنى تېپىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىراپ مېڭىۋاتقان خەينەنلىكلەر ئىكەنلىكىنى بىلدى.ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغىنىدا،شوپۇر:
-ھازىر پۇلنى بېرىۋىتىڭلار،ھېلى شەھەر باشقۇرغۇچىلىرى كېلىپ قالسا ماڭا تەس بولىدۇ-دېدى.
دېمىسىمۇ راست،65مىڭ قانۇنلۇق تاكسى بار بۇ شەھەردە،بەزىدە ئالدىرغىنىڭىزدا،قار-يامغۇر،بوران-چاپقۇنلاردا قالغانلىرىڭىزدا بىر قۇرۇق تاكسى تاپالماي قالىسىز،تاس قالىسىز يولدىن ئۆتكەن شەخسىي ماشىنىلارنى زورلاپ توسۇپ چىقىۋالغىلى،ئەمما ھۆكۈمەت يەنىلا قانۇنسىز تاكسى تىجارىتىنى توسۇپ تۇرىدۇ.قانۇنسىز تاكسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ھۆكۈمەتكە باج تاپشۇرمايدۇ،ھەتتا قانۇنلۇق بولۇش رەسمىيەتلىرىنىمۇ ئۆتىمەيدۇ.ئۇنداقتا توسقىنى توغرىكەن دېدىڭىزما؟ ئالدىرماڭ،ئەگەر شۇ قانۇنسىزچىلارنىڭ تۆلىگۈدەك پۇلى بولسا قېچىپ يۈرەرمىدى؟تۇتۇلۇپ قالسا 10مىڭ يۈئەندىن تۆلەم تۆلەش تېخىمۇ ئېغىر.بۇنى خەلققە پايدىلىق قايسى نۇقتىدىن توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ،بۇنى بىلمىدىم، بىلىدىغىنىم ھۆكۈمەتكە ياخشى بولسىلا بولغىنى.بولدى،بولدى،بىز بۇ يەردە قۇرۇق گەپنى قىلىۋېرىپ،مېھرىگۈل تەكشۈرۈشلەردىنمۇ ئۆتۈپ،ئايروپىلانغا جايلىشىپ بوپتۇ.تەكشۈرۈش جەريانىدا قانداق ئىشلار بولدى،بىلەلمەي قالدۇق،شۇنداقتىمۇ داۋامىغا باقايلى.
    ئايروپىلانغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن بىرىنجى بولۇپ ئۆيىگە تېل قىلىپ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلدى.ئاندىن ئەرشىدىننىڭ ئۇخلاۋاتقان ياكى ئويغاقلىقىنى بىلەلمەي ئۇچۇر قىلىۋىدى،ئۇزاق ئۆتمەيلا تېلفون سايرىدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئۇخلىماپسىزغۇ؟
-"بېيجىڭدىن بىرەيلەن ئاتايىن ئەرشىدىننى دەپ كېلىدىكەن" دېسە خۇشھاللىقتا ئۇخلىغىلى بولامدۇ؟
-دېمەيدىغان گېپىڭىز يوق زادى سىزنىڭ،بامداتقا تۇرغاندىن بۇيان ئۇخلىمىدىڭىزما؟
-ھە،مېنى قويۇپ ئۆزىڭىزگە كېلىڭە،نەدە ھازىر؟نېمانداق ۋاراڭ-چۇرۇڭ؟
-مەن يۈك ئايروپىلانىغا چىقمىدىم،ئەتراپىمدىكى ھەممىسى ئادەم بولغانكىن ئاۋاز چىقىرىدىغان گەپكەن شۇ.-دەپلا كۈلۈپ كەتتى مېھرىگۈل.
-ھوي،ئۇنداقتا يەنە 4سائەتتىن كېيىن كۆرىشىمىز دەڭە؟ئىنشائاللاھ.
-ھەئە،ئاز قالدى،سالامەت كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلسۇن رەببىم.
ئايروپىلان ئۇزۇلىدىن"ئايروپىلان ئۇچۇشقا تەمشىلىۋاتىدۇ،بارلىق يولۇچىلار ئۆز ئورنۇڭلارغا بېرىپ ئولتۇرڭلار،بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىۋىلىڭلار،بىخەتەر بولىشى ئۈچۈن يانفون،قول كومپىيۇتېر قاتارلىق رادىئاتسىيەلىك ئۈسكۈنىلەرنى تاقىۋىتىڭلار... ..."دېگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندىلا بۇ ئىككى ياش خوشلاشتى.
-ئاللاھقا ئامانەت ئەمىسە.
-ماقۇل، سىزنىمۇ ئاللاھقا تاپشۇردۇم.سىزنى ئايرودۇرۇمدا كۈتىمەن ئەمىسە.
-ماقۇل،خوش.
تېلىفوننى قويغان ئەرشىدىن ئاجىپ بىر روھلۇق كەيپىيات بىلەن ئاپىسىغا ناشتىلىق تەييارلىدى،كىچىكىدىن ھەممىگە قىززىقىپ چوڭ بولغان بۇ يىگىتكە تاماق ئېتىش دېگەن بۇ ئىشلار دەپ كەلگۈچىلىكى يوقلا ئىشلار ئىدى.ئاشخانىدىكى تاراق-تۇرۇقلاردىن ئويغانغان دىلناز ئاپا،ئوغلىنىڭ ناشتىلىق قىلىۋاتقىنىنى بىلدى"ھەي~ ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدىكەن، بالىنىڭ كۆڭلى تالادىكەن دېگەن گەپنى كىممۇ دېگەن بولغۇيتتى؟مەن خوتەندىن قايتىپ كەلسەممۇ بۇنچە خۇش بولغان ئەمەستى"دەپ ئويلاۋىتىپلا ئىتتىك ئۆزىنىڭ ياش چېغىنى ئەسلەپ قالدى ۋە كۈلۈپ"بەلكىم ياشلىقتا ئۆز كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان ئوخشايدۇ"دەپ ئاخىرلاشتۇردى خىيالىنى.
-بالام،ئەتتىگەندە ئاشخانىغا كىرىۋاپسەنغۇ؟-دېگەن ئۇشتۇمتۇت ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەن ئەرشىدىن ئىتتىك كەينىگە قارىدى:
-ئاپا ھەجەپ قوقۇتتۇڭ؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەيسەن مۇنداق.
-ۋاي چىرايلىق بالام،بۇ تۇرقۇڭدا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېسەم تېخىمۇ چۆچۈپ كېتىدىغان چىراي سەن. مېھرىگۈل ئۈرۈمچىگە قانچىدە چۈشىدىكەن؟
-شىنجاڭ ۋاقتى 10يېرىملاردا،ھە ئۇنداقتا خېلى ۋاقىت باركەن.بالدۇرراق چىقىپ تۇرغىن،بالدۇر كەپ قالسا ئۆزى يالغۇز تۇرۇپ قالمىسۇن.
-ھاھاھا،ئاشۇ مېھرىگۈل يالغۇز قالامدا ئاپا؟ 4سائەتكىچە ئايروپىلاننىڭ ئىچىدىن ئاز دېگەندە بىر ئاچا ياكى سىڭىل تۇتۇۋالىدۇ...
-ساڭا گەپ قىلسىغۇ بۇرىغىنىڭ بۇرىغان.
-ماقۇل ئاپا،چوقۇم بالدۇر چىقىپ تۇرىمەن.
-كەلسە باشقا يەرگە ئاپارماي ئۇدۇل ئۆيگە ئەكەلگىن.ھازىر جاھان تىنچ ئەمەس،مەن خاتىرجەم بولالمايمەن.
-ئۇنىماسمىكىن؟
-تاماققا دەپ ئەكەل،قالغىنىغا ئۆزەم بار.
- ئۆتكەندە تېلفوندا شۇنداق دېسەم، ۋاي ياق دەپ قەتئىي يېقىن كەلمىدى،ۋاقتى كەلگەندە ئىززىتىم بىلەن كىرەي دەيدۇ.
-بۇ دېگىنىمۇ توغرا،ئەمما سىرتتا قەيەردە قونىدۇ؟
-ئۇنىڭ بەك يېقىن بىر دوستى بار،ئۆيى ئۈرۈمچىدە،شۇ تەكلىپ قىلىپ قويۇپتۇ.
-ھىم، ئۇنداق بولسا خاتىرجەم بولدۇم.
    ۋاقىت راستىنلا ئاتقان ئوق،ھەش-پەش دېگۈچە ئايروپىلان ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا يانتۇ بولۇپ سەير قىلىشقا باشلىدى،كانايدىنمۇ "بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي"دېگەن ناخشا قويۇلىۋاتاتتى.يولۇچىلار"ئەييا،ئەييو، كېلىپ قاپتۇق"دېيىشكىنىچە دەرىزىدىن مۇمكىن بولسا پاراشوت بىلەن سەكرەپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قىلىشىپ قارىشىپ كەتتى،دەرىزە تۈۋىدە ئولتۇرغان مېھرىگۈلنىڭ ئۈرۈمچى ئاسمىنىنى كۆرۈشكە تولۇق شارائىتى تۇرسىمۇ،قاراپمۇ قويمىدى،ئەكسىچە ئۇ ئايروپىلاننىڭ تېزراق قونۇشىنى خالايتتى.ئايروپىلان ئاخىر قوندى،مېھرىگۈل قائىدىگە خىلاپ ھالدا يانفونىنى يوشۇرۇنچە ئېچىپ ئۈلگۈردى،"شىنجاڭغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز"دېگەن كوللىكتىپ ئۇچۇردىن باشقا،5ئۇچۇرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرشىدىندىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدىرماي ئوقۇپ چىقتى.ئۇچۇرلار ئاساسەن"قەيەرگە كەلدىڭىز،مەن ئايرودۇرۇمدا ساقلاۋاتىمەن"دېگەندەك مەزمۇنلار ئىدى.خېلى بۇرۇنلا ئايرودۇرۇمغا چىقىۋالغان ئەرشىدىننىڭ مېھرىگۈلنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولدۇڭلار ھەقىچان؟ قىز ئايروپىلاندىن شۇنداقلا چىقىشىغا بۇرنىغا ئۇرۇلغان يۇرتنىڭ تونۇش ھاۋاسىدىن كۆڭلى بۆلەكچىلا يايراپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئانا يۇرتقا كېلىپ بولغانلىقىنىڭ چۈش ئەمەسلىكىنى تولۇق ھېس قىلدى.ئاتا-ئانىسىغا ساق-سالامەت كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ بولۇپ يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ، يولۇچىلارنى كۈتىۋېلىش زالىغا ماڭغان مېھرىگۈل شۇنچە قاراپمۇ ئەرشىدىننى ئۇچرىتالمىدى،ئۇنىڭسىزمۇ مېھرىگۈلنىڭ كۆزى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئىشىككىچە كېلىپ قالغان مېھرىگۈل ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىشىغا چىرايلىق ئورالغان بىر دەستە قىپقىزىل ئەتتىرگۈلنى كۆردى.كۆزلىرىدىكى خۇشھاللىقنى يوشۇرماستىنلا ئۇدۇل ئەرشىدىنگە قارىدى.ئەرشىدىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەۋەس ۋە ھەسەت ئارلاش قاراشلىرىدىن خىجىل بولغان چېغى،ئاپئاق چىرايى قىزىلغا ئالمىشىۋاتاتتى.
-رەھمەت،بەك خۇش بولدۇم،-دېگىنىچە گۈلگە قولىنى ئۇزىتىۋىدى.
-ۋوي خان تېچلىقتۇ؟ بۇنى سىزگە ئالدىم دېمىگەندىمەن،-دېدى ئەرشىدىن شوخلۇق بىلەن.
-ۋىيىي مەندىن باشقا كىم يەنە سىزنىڭ گۈل بېرىشىڭىزگە لايىقتى؟
-ئاپام.
-ھى ھى،ئۇغۇ راست.
-چاقچاق مېنىڭ گۈلۈم،ئاپامغا بۇنداق گۈل ئاپارسام،گۈلنى نابۇت قىپسەن دەپ تىللاپ كېتىدۇ،ئاپامغا تەشتەكگۈلدىن باشقىسى بىكار. مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
-رەھمەت.
-تىنچ-ئامان كېلىۋالدىڭىز،قىينالمىغانسىز؟
-ياقەي،ۋاقىت شۇنداق تېزلا ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىندى ماڭا.
-شۇنداق بولسىلا مەيلىتىغۇ.يۈرۈڭ مەن ۋېلىسپىتىمنى ئاۋۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان،شۇ يەرگە بارايلى.
-ھاھاھا، تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىمۇ ۋېلىسپىت دېگەنتىڭىز، بۇقېتىممۇ ۋېلىسپىت دەيسىز،تىلەپ تاپتىڭىزمۇ نېمە،ئەرشى؟
-راست دەيسىز،مېھرى-دەپ سوزۇپ دېدى ئەرشىدىن-قېنى قايسى ۋېلىسپىت شۇ،تېپىپ چىقىڭە كۆرەي-دەۋىتىپلا قولىدىكى ئاپتوماتىك ئاچقۇچنى بېسىپ سالدى.ماشىنىنىڭ سىگنال بەرگەن ئاۋازى مېھرىگۈلنىڭ تېپىشماقنى تېپىۋىلىشىغا ئاسانلىق بەردى.يولبويى كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئەرشىدىن ئېلىپ چىققان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تېتىغاچ ماڭغان ئىككىسى شەھەرنىڭ قايناق بازىرىدىن بىرى بولغان دۆڭكۆۋرۈكتە توختىدى.مېھرىگۈلنىڭ چۆچۈرىگە ئامراقلىقىنى بىلىدىغان ئەرشىدىن ئۇنى بۇ قېتىم يەنىلا ئاۋۋالقى ھېلىقى چۆچۈرىخانىغا باشلاپ كەلدى.چۆچۈرىخانىدىن چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قايناق بازىرىنى قېنىپ بىر ئايلىنىۋالدى،مېھرىگۈل دائىما شۇنداق،ئۈرۈمچىگە قەدەم باسىدۇ،بىرىنجى ئىشى ئۇيغۇر ئەڭ جىق يەرنى ئارىلاپ،چاڭقاپ كەتكەن مىللەت نەپسىنى قاندۇرىدۇ.بۈگۈنمۇ بۇ ئىشىنى پۈتتۈرۋالغاندىن كېيىن،دوستى ئارزىگۈلگە تېل قىلدى:
-ئارزەك،قانداق ئەھۋالىڭ؟
-ياخشى مېرەك،ئۆزەڭچۇ؟
بۇ ئىككى دوست بىر مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ،ئارزىگۈل بىر يىل بۇرۇن پۈتتۈرۈپ قايتقانىدى،بۇلار بىر مەكتەپتىلا بولماي بىر بىنادا بولغاچقا دائىم بىللە يۈرەتتى،شۇڭلاشقا بىر-بىرىنى ئەنە شۇنداق چاقىرشىپ جىلە قىلىشاتتى.
-ياخشى ئاداش.مەن قايتىپ كەلدىم ئاداش.ھازىر ئۈرۈمچىدە،ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ دۇكىنى ئەتراپىدا، سەن قەيەردە؟
-ۋاي قىلىقى سەت،يەنە شۇ قىلىدىغىنىڭنى قىپسەن، دېسەڭ مەن چىقمامتىم ئالدىڭغا؟ ئەرشىدىن چىقتىمۇ يا؟ ئارىمىزغا چىراق بولمىسۇن دەپسەندە؟
-ھاھاھا بەك ئەسكى جۇمۇ سەن،ئەرشىدىنمۇ چىقىدىغان بولغانكىن، سېنى يەنە ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن دېدىم شۇ.
-سەن ھازىرمۇ ئەرشىدىن بىلەن بىللىما؟قاچان مېنىڭ ئۆيۈمگە پەيدا بولىسەن؟
-بىر ئازدىن كېيىن ئاۋۋال ئەرشىدىن پېشىننى ئوقۇۋالسۇن.ئاندىن مېنى ئاپىرىپ قويسۇن،قانداق؟ ئۆيدىسەن؟
-ھەئە،مەن ئۆيدە،كېلىۋەرگىن.
-ماقۇل،ئاداش.
-ساقلايمەن ئەمىسە.
پېشىننى ئوقۇپ چىققان ئەرشىدىن ماشىنىنى ئارزىگۈلنىڭ مەھەللىسىگە ھەيدىدى.بىنا ئالدىغا كەلگەندە مېھرىگۈلنىڭ يۈك تاقلىرىنى ئېلىپ قېلىپ،پەقەت قول سومكىسىنىلا تۇتقۇزۇپ قويدى.
-ھەممىنى كۆتۈرۈپ كىرمەڭ،چامادانىڭىزنى مەن ئالغاچ كېتەي.
-ماقۇل بىلدىم.
-ھە راست،ماۋۇلارنى ئالغاچ كىرىڭ،قۇرۇق كىرمەڭ-دېگىنىچە ئارقا ئورۇندۇقتىن بىر پەتنۇس نەپىس ئورالغان ئارماننىڭ پېچىنە-پىرەنىكلىرىنى ئالدى.
-ۋۇييۇ،مەندىنمۇ بەك ئىش ئۇقىسىز ھە سىز.
-سىزدەك خەنزۇچە پەتە قىلىدىغان يەردە بولمىغانكىن ئەمدى.
-ھۇ،چايان. چېقىۋالغىلى ئارانلا تۇرىدۇ.
-بولدى ئارزىگۈل ساقلاپ قالىدۇ، كىرىۋېرىڭ،ئىشلار بولسا تېل قىلىڭ،سىزنى ئەتە ئالغىلى كېلىمەن.
-ماقۇل،ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.
-رەھمەت.
مېھرىگۈلگە ساقلاۋاتقان ئارزىگۈل ناخشىغا غىڭشىغاچ لەڭمەنگە پىلتە قىلىۋاتاتتى.ئىشىكنىڭ يېنىك ئۇرۇلىشىدىن مېھرىگۈلنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئىشىكنى ئاچتى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،قانداق ئەھۋالىڭ ئادىشىم؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ،ھەجەپمۇ سېغىندىم سېنى؟
-ۋاي سېغىنغان ئادەم تېلفوننى،ئۇچۇرنى جىق-جىق قىلىپ تۇرىدىغان.
-قىلسام ئالمىغان،قايتۇرمىغان كىم؟
-بەزىدە ئالدىراشچىلىقتا قىلالمايدىكەنسەن،ئىشلار بېسىققاندا قىلىمەن دەيدىكەنسەن،ئۇنتۇلۇپ قالىدىكەنسەن.
-شۇڭا دېمەك گەپ سەندە.
-ۋاي بولدى قىلغىنە. ئەرشىدىن قېنى؟ بىللە ئەكىرمىدىڭما؟
-ئۇ كىرمەيدۇ ئاداش،بىلىسەن مەندىنمۇ ياۋايى ئۇ.
-مەن ئىككىڭلارنى تەڭ كىرىدۇ دەپ تاماقنى جىقراق تەييارلىغانتىم.
-ئۆيدىكىلىرىڭچۇ؟ سىڭىللىرىڭمۇ يوقما؟
-دادام كاماندوروپكىدا،ئاپام يۇرتقا كەتكەن.سىڭىللىرىمنىڭ ئىشى باركەن چىكەتتى دېگەندەك پاراڭلار ئاداش،سەن بىردەمەىنە ئولتۇرۇپ تۇرە،مەن قورۇمىنى قورۇۋىتىپلا كىرىمەن.
-ئاداش بايىلا تاماق يېگەنتىم مەن،بولدى قىلە بىردەم پاراڭلىشايلى.
-پاراڭنى ھېلى ئولتۇرۇپمۇ، يېتىپمۇ،مېڭىپمۇ قىلىۋالىمىز ئاداش،جىم ئولتۇرە، دېسەم دېمىسەم چۆچۈرە ئىچتىڭ،چۈشۈپمۇ قالغاندۇ؟ پېشىن ئوقۇدۇڭمۇ؟ ئوقۇمىغان بولساڭ ئوقۇۋالغىن.
-مەن ياردەملىشىدىغان ئىشلار بارمۇ؟
-ھېلى چىنەمنى يۇيۇپ بېرەمسەن ئەمىسە؟
-ۋىيىي ۋىيىي،بۇرۇنقىدەكلا ئوماق ھە سەن ئادىشىم،ئەلۋەتتە يۇيۇپ بېرىمەن،قانچىلىك ئىشتى ئۇ؟
-ھى ھى چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئۆزەم يۇيىمەن،سەن نامىزىڭنى ئوقۇپ ئارام ئېلىپ تۇرغىن.
-ماقۇل جېنىم.
مېھرىگۈل نامىزىنى ئوقۇپ،دۇئالىرىنى تۈگىتىپ تۇرىشىغا ئاشخانا ئۆيدىن چىققان مەززىلىك قورۇمىنىڭ پۇرىقى دىماقلىرىغا ئۇرۇلدى"ۋاھ، نېمداق ئوخشىغان"دەۋەتتى ئۇ،خىيالىغا ئاپىسى ئەتكەن تاماقلار كەلدى.مەكتەپتىكى كەتمەندە قورۇلىدىغان قورۇمىلارنى،تاڭشىردەك چاپلىشىپ تۇرىدىغان گۈرۈچ تاماقلىرىنى يېيىش ئەمدى يىراقتا قالدى،قىيمىلىق تائاملارغا زارىقىپ كۈتۈش ئەمدى كەلمەيدۇ، ئوخشىغان مەززىلىك تائاملار ئۇنىڭ ھەر ۋاقلىق غىزاسىغا ئايلانغۇسى.
-سېنى ئارام ئېلىۋاتىدۇ دېسەم خىيالغا چۆكۈپ كېتىپسەنغۇ؟-دەپ خىيالدىن ئويغاتتى ئارزىگۈل.
-سېنىڭ ئەتكەن تامىقىڭنىڭ پۇرىقى بولمامدۇ؟
-ئوخشاپتۇما؟ ئەمسە چىقە داستىخانغا، تازا مەززە قىلىپ بىر يەيلى.
-ماقۇل،مانا ھازىرلا.
ئىككىسى بىر تەخسىدىن ئوخشىغان لەڭمەننى يەپ بولۇپ،ئاش سۈيىدىن چوڭ پىيالىدە بىردىن ئىچىشىۋەتتى.
-يەنە سالايمۇ؟
-توۋا دە،مەندىكىسى داشقازان ئەمەس،ئاشقازان.
-دەيمىنا ئەمدى.ئاشخانىدا ئادەم لەڭمىنىنى يېگەن بىلەن تەخسىسىنى كۆتۈرۈپ سۈيىنى ئېچەلمەيدۇ،ئاش سۈيى ئىچسەكقۇ ئىش بار دېگىنە،شۇڭا سېنى قېنىپ بىر يەۋالسۇن دەپ لەڭمەن ئەتكەنتىم،ئوخشاپتۇمۇ؟
-شۇنداق ئوخشاپتۇ ئاداش،قولۇڭغا دەرت كەلمىسۇن،شۇنداق ھوزۇر بولدى.
ئىككى دوست خۇددى مەكتەپتىكى چېغىدەك ئەنە شۇنداق كۈلكە-چاقچاق بىلەن، ھېلى باغدىن ھېلى تاغدىن پاراڭلىشىپ چۈشتىن كېيىن قىلدى.ئەمدى ئارزىگۈلنى دۇكانغا ماڭدۇرايلى،بولمىسا قۇرۇق گەپ بىلەن كۈن كەچمۇ بولۇپ كەتكۈدەك.
-ئاداش مەن دۇكانغا بىر بېرىپ كېلەي،جايىدىمۇ ئەمەسمۇ،ئاپام ماڭار چېغىدا "كۈندە دۇكانغا بىر بېرىپ قوي"دېگەنتى.سەن ئارام ئېلىپ تۇرغىن،يالغۇز زېرىكىپ قالارسەنمۇ؟
-ياق ئاداش،مەنمۇ ئەرشىدىننىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەيمىكىن دەپ تۇرغانتىم.
-يا ئاللاھ، ۋاي ماڭە، سېنى بىر يولى ئاپىرۋىتىپ ئاندىن مەن دۇكانغا باراي.
-بولدى ئۆزۈم باراي.
-ماڭە ھە بولدى،كۆزلىرىڭدىن "مۇشۇ ئارزەك بەك ياخشى جۇمۇ" دەۋاتقىنىڭ چىقىپلا تۇرىدۇ.
-ھى ھى ھى
ئارزىگۈل مېھرىگۈلنى ئەرشىدىننىڭ ئىشخانىسى بار بىنانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ قويۇپ،كېتىپ قالدى.مېھرىگۈل لېفىت بىلەن ئەرشىدىننىڭ شىركىتىگە چىقىپ كەلدى.ئەمما ئەرشىدىن سىرتقا ئىش بېجىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن بولۇپ چىقتى،مېھرىگۈل ئەرشىدىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ساقلاپ ئولتۇرماقچى بولدى. ئەرشىدىننىڭ ئۈستىلىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى كۆرۈپ رەتلەپ چىقتى،ئۈستەل ئۈستىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى دېمىگەندە،ئىشخانا پاكىز ئىدى.بىرەر سائەتكە قالماي ئەرشىدىن قايتىپ كەلدى.
-قاچان كەلدىڭىز،كېلىشتىن بۇرۇن دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟ يالغۇز ئولتۇردىڭىزما؟
-ياق جوزا-ئورۇندۇقلار بىلەن ئولتۇردۇم،ھى ھى.
-ئىشىم تۈگىدى،ئەمدى سىرتلارنى چۆگىلىگەچ چاي ئىچىپ كېلەمدۇق؟
-مەيلى.
ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا يانمۇ-يان مېڭىشقان بۇ بىر جۈپنىڭ گېپى تۈگىمەيتتى، قارىماققا بۇلار ئەر-ئاياللاردەك كۆرۈنەتتى.ئۇلار شەھەردىكى ياشلار كۆپرەك كىرىدىغان بىر چايخانىدىن ئورۇن ئېلىشتى.ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان خوتەننىڭ زەپە چېيىدىن ۋە بىر ئىككى خىل نەرسىلەردىن بۇيرۇتۇپ قويۇپ پاراڭلىرىنى باشلىدى.
-مېھرىگۈل،ئۆيىڭىزدىكىلەر ھازىرمۇ بىزگە قارشى تۇرارمۇ؟
-ئۇزۇن بولدى، سىز توغرۇلۇق گەپ چىقارمايدىغان بولۇشتى،بەلكىم بىزنى راستلا ئايرىلىپ كېتىشتى دەپ ئىشەندى بولغاي. ئەمما ئەمدىلىكتە مېنىڭچە بۇرۇنقىدەك ئۇنچە چىڭمۇ تۇرۇۋالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى سىزمۇ بۇرۇنقى ئەرشىدىن ئەمەس،ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭىز.
-ئىشقىلىپ مۇشۇ ئىشتىن سەل ئەنسىرەيمەن. ئاپاممۇ قىز تەرەپ قارشى پىكىردە بولمىسا،بالدۇرراق ئادەم كىرگۈزۈپ توينى قىلىۋەتسەك بولاتتى دەپ ئولتۇرغىلى نەۋاق؟
-ئىشلار چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ئەرشىدىن، بىزنىڭ ياردەمچىمىز بار،ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىسەك بەرمەي قالمايدۇ، ئۈمۈتلۈك بولۇڭچۇ؟
-سىز قايتسىڭىز نېمىش قىلىسىز؟
-بىلمىدىم،دادام بىر دۇكاننى بىر يىللىق ئېلىپ قويۇپتىمىش، بۇ مېنىڭ قىززىقىشىمدىن پايدىلىنىپ مېنى تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىغىنى، مەيلى ئۇنىڭدا تېخى ياخشى،خىزمەتكە ئىمتىھان بەرمەيلا قۇتۇلىمەن،ئاندىن شۇ بىر يىل ئىچىدە ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا كۆۋرۈك سالىمەن.
-ئىنشائاللاھ ئاللاھ ئاسانلىق بېرەر.
كۈن مۇشۇ يەردە قاراڭغۇلۇققا چۆكتى.ئەرشىدىننىڭ ئۆچەي دەپ قالغان ئۈمۈت شامىنى مېھرىگۈل يەنە ياندۇردى.دېمەك،قىزنىڭ دادىسى قانداق پوزىتسىيەدە تۇرسۇن،قىزنىڭ ئەرشىدىندىن ئايرىلمايدىغانلىقى ئېنىق.
ئىككى كۈننى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن مېھرىگۈل ئەرشىدىننىڭ ياردىمىدە ئۇزۇن يوللۇق بېكەتكە كېلىپ،يۇرتىغا يول ئالدى.ھەر ئىككەيلەننىڭ كۆزلىرى نەمدەلدى.ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىدىن ئەرشىدىننىڭ سىماسىنى كۆرگەن مېھرىگۈل يۈرىكىنىڭ ئاللىقاچان ئەرشىدىنگە ئەگىشىپ قېلىپ قالغانلىقىنى بىلدى.ئۆيگە تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن مېھرىگۈلنى كۆرگەن ئاپىسى ماھىنۇر،ئىتتىك كېلىپ قىزىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى:
-يىغلىمىغىنە ئاپا،ساق-سالامەت كەلدىمغۇ مانا.ياخشى تۇردۇڭمۇ جېنىم ئاپا.
-ياخشى بالام،ئۆزۈڭچۇ؟
-خۇداغا شۈكۈر،دادام بىلەن ئىنىم يوقما؟
-ئىككىسى بىللە دوختۇرخانىغا كەتكەن.
-نېمە بولدى؟كىم ئاغرىقكەن؟
-داداڭنىڭ شۇ تولا بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان،يېقىنياقى بېشىنىڭ ئاغرىقىدىن كېچىسى بىراقلا ئۇخلىيالماس بولۇپ قالدى،شۇڭا تەكشۈرتكىلى كەتكەن.
-قانچىلىك بولدى كەتكىنىگە؟
-خېلى بولۇپ قالدى،كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.
-ئۆزۈڭچۇ ئاپا،ئاغرىق-سىلاق بولمىغانسەن؟
-ياق، مەن خېلى ياخشى،شۈكرە خۇدايىمغا.ھەجەپ دېمەيلا كەپسەن بالام؟مەن تېخى ئەتە كېلىدۇ دەپ بىلىمەن، ياخشى سىرتقا چىكىتىپ قالماپتىمەن.
-شۇ تۇيۇقسىزلا كېلەي دەپچۇ.
-ئىشلىرىڭ پۈتۈن تۈگىدى شۇنداق قىلىپ؟
-ھەئە تۈگىدى،ئەمدى شۇ جەمئىيەت مەكتىۋىمنىڭ دەرىسى باشلىنىدۇ.
شۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرغانلىرىدا،ئىشىكتىن نۇرمەت دادا بىلەن مېھرىگۈلنىڭ ئىنىسى مەۋلان كىرىپ كەلدى.
-ئوھوي،ئاچاڭزا لەيلىما؟
-ھاھاھا ۋاي شېتىلەك،ھە كەلدىم.قانداق تۇرىسىز دادا؟
-ھازىرچە ئىككى پۇتۇمدا تۇردۇمغۇ؟-دەپ ھىجايدى نۇرمەت دادا.
نۇرمەت دادا 50ياشلاردىن ئاشقان، چىرايى بۇغدايئۆڭ،قاڭشارلىق،تولا ھاراق ئىچكەنلىكتىنمىكىن كۆزلىرىنىڭ جىيەكلىرى قىسىلغان،قارىماققا ئاچچىقى يامان كۆرىنىدىغان،ئەمما چاقچاقچى،تولاراق سىلىق گەپنى ئەگىلىتىپ قىلىدىغان ئادەم ئىدى،بەزىدە دادىسىنىڭ گېپىگە چىدىمىغان مېھرىگۈل "خوتەن داشۆسىنىڭ تەنە گەپ فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەنمۇ سىز؟"دەپ قوياتتى.بۈگۈنمۇ ئاغرىقلىقىنى قايرىپ قويۇپ ئەنە شۇنداق گەپلىرى بىلەن قىزىنى كۈتىۋالدى.
-يائاللاھ دادا،زادى مۇشۇ مىجەزىڭىزدىن دادام ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن جۇمۇ.
ئۆزەڭدىمۇ با،تۈزۈك سوئال سورىماي ئىككى بىسلىق سوئال قويغانكىن-دېدى ئىنىسى گەپ قېتىپ.
-قاچان كەلدىڭىز؟
-بايىلا كەلگەن.
-دەپ قويسىڭىز ئىنىڭىز چىقاتتى ئالدىڭىزغا،تاماقمۇ قىلمىدى ھەقىچان ئاپىڭىز.
-ھېچقىسى يوق، يەپ كەلگەنتىم.
-ۋاي~-ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ سوزدى-يول-يولدا پەتنۇستا تاماق تۇتۇپ تۇرىدۇ دەيدۇ سىزگە.
-ۋاي بولدىلا گەپ قىلمىغان بولاي،ھى ھى. بېشىڭىز يەنە ئاغرىۋاتامدۇ دادا؟دوختۇر نېمە دەيدۇ؟
-نېمە دەيتتى،قان قويۇقكەن،يەنە دىققەت قىلمىساڭ مېڭىگە قان چۈشۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەيدۇ.
-ۋاي خۇدايىم بۇ قانداق بولغىنى-دەپ ئۈمچەيدى مېھرىگۈل.
-چوڭ ئىشمۇ يوق،پەقەت كەيپىياتىمغا دىققەت قىلساملا بولىدۇ شۇ. بىردەم ئولتۇرۋېلىپ تاماققا چىقامدۇق؟ سىز نامىزىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپ ئا يەتتە مېتىر داستىخېنىڭىزنى يۆگەپ بولۇپ مېنى ئويغۇتۇڭ.
-ئۇنداق دېمەڭە،مېنى ھەممىدىن بۇرۇن سىز زاڭلىق قىلىسىز،ھەجەپ بىر.-تۇمشۇقىنى سوزۇپ ئۈلگۈردى مېھرىگۈل.
-ھەجەپ ئىككى،ئەمىسە مەن كىرىپ دېمىمنى ئالاي.
بۈگۈن دادىنىڭ ھالىدىن ئۆزى بىلەن قېنىپ كۆرۈشۈشكە ماجالى يوقلۇقىنى بىلىپ ئۈلگۈرگەن مېھرىگۈل ئارتۇق گەپ قىلمىدى.ئائىلە بويىچە كىچىكىدىن ئاپىسىغا قارىغاندا دادىسىغا بەكرەك ئامراق بۇ قىز،خېلى چوڭ بولغاندىمۇ دادىسى بىلەن بىللە ئۇخلايتتى، تېلىۋىزوردا كارتون فىلىمى بەرسە بىر-بىرىنى چاقىرىپ زورلاپ بىللە ئولتۇرۇپ كۆرەتتى،بەزىدە مېھرىگۈل ئىنىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ كىچىك بالىدەك ئۈن سېلىپ يىغلىسا،بەزىدە چوپچوڭ بولۇشلىرىغا قارىماي دادىسىنىڭ بوينىغا مىنىۋىلىپ ئولتۇراتتى،بۇنداق چاغلاردا ماھىنۇر ئاپا كىرىپ:
-ۋاي نومۇس،قانچىگە كىردىڭ؟-دەپ ئاللاھ توۋا كۆتۈرسە،نۇرمەت دادا"مەيلى"دەپ كۈلۈپ قوياتتى،چۈنكى دادىمۇ قىزىنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكەن ھەقىقەتنى زادى ئېتىراپ قىلالمايتتى،شۇڭا ھازىر بۇ ئائىلىدە دادىنىڭ كېسىلىدىن ئەڭ ئەنسىرەۋاتقىنى مېھرىگۈل ئىدى."دادامنىڭ كېسىلى زادى قانچىلىك ئېغىردۇ؟ قانداق قىلساق بولار"دېگەنلەرنى ئويلىغان مېھرىگۈل،ئاپىسىنىڭ ۋە ئىنىسىنىڭ سوئاللىرىغا "ناماز ۋاقتى بولدى" دەپ جاۋاپ بېرىپلا جاينامازغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋالدى.

داۋامى بار.
(يازىمەن دەپ پېشىننى يېگىلى تاس قاپتىمەن،كېيىن كۆرۈشەيلى.)

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 03:38:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى ئالدىراتماڭلارچۇ؟ مەن چوقۇم يېزىپ پۈتتۈرىمەن، ھازىر يازغانچە ئەسلىدە يازماق بولغان يەنە بىر ئەسىرىمنىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىگە يۇغۇشتۇرۋىتىشنى ئويلاپ قالدىم،شۇڭا ۋاقىت كېتىدىكەن.
ياقتۇرغانلىرىڭلارغا رەھمەت.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 04:37:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ. يازمىڭىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاستىكى ئىملا خاتالىقلىرىغا باشقۇرغۇچىلار ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن، بەزى قۇرلار ئايرىلماي قاپتۇ.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 09:44:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدە بىر نەچچە كۈن قېنىپ ئارام ئېلىۋالغان مېھرىگۈل ئاپىسىنىڭ ئالدىراش بولمىغان بىر كۈنىدە بىللە بېرىپ دۇكان ئورنىنى، ئەتراپىدىكى سودا-سېتىقنى،قىسقىسى بۇ ئەتراپتىكى دۇكانلاردا نېمە كام،نېمە ئارتۇق، قانداق نەرسە خېرىدارنىڭ كۆزىنى باغلاپ تۇرىدۇ ھەممىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، بىلىپ كەلدى.شۇندىن كېيىنكى كۈنلىرى دۇكاننى سەرەمجانلاشتۇرۇش، تەرەپ-تەرەپتىن مال ئۇقۇشۇش، مال زاكاز قىلىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.گاھىدا قورسىقى ئاچمۇ قالاتتى، "بۇنچىلىك ئىش ھېچنەرسە ئەمەس"دەپ ئويلايتتى مېھرىگۈل"ئەگەر ئۇتۇق قازىنىپ روناق تېپىپ قالسام،ئۇ چاغدا گېپىم تېخىمۇ ئۆتىدۇ ،بەلكى ئەرشىدىن بىلەن ئىناق ئائىلەمنى بالدۇرراق قۇرۇۋالىمەن".ئارلىقتا مېھرىگۈلنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئەرشىدىنگە خەۋەر بەرمەي قويغانلىقى سەۋەبىدىن ئازراق سۈركىلىشلەرمۇ بولۇپ تۇردى،ئەلۋەتتە.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئەرشى، نېمىشلار بىلەن ئالدىراش؟
-سىزنىڭ تېلفونىڭىزنى، خەۋىرىڭىزنى كۈتۈپ ئالدىراش.
-كەچۈرۈڭ،ئالدىراشچىلىقتا شۇ پات-پات...
-پات-پات ئېسىڭىزگە كەلمەيمەن، شۇنداقمۇ؟
-ياق ئەرشىدىن، ئۇنداق ئەمەس، پەقەت شۇ ئالدىراشلىقتىن بىكار بولالماي قالىدىغان گەپكەن.
-سودا ياخشى ئوخشىمامدۇ؟
-ئاللاھقا شۈكرى.سىزنىڭ ئىشلىرىڭىز قانداق؟
-ئاللاھقا شۈكرى، خېلى ياخشى ئىشقىلىپ.سىز سالامەت بولسىڭىزلا بولدى،خەۋىرىڭىزنى بىلەي دەپ تېل قىلغانتىم.
****************************************************
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىز ما جاھاندا بارمۇ يا؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەلۋەتتە بار،شۇ ئالدىراش...
-ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ماڭا بىر ئېغى سالام يوللىغۇدەك ۋاقىت چىقمىدىما؟ ھېچ بولمىغاندا نامىزىڭىز بىلەن تامىقىڭىز جايىدىدۇ؟
-خۇداغا شۈكۈر جايىدا... ...
-شۇ ئارلىقلاردىمۇ بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت چىقىرالماپسىزدە؟ ھېلىمۇ 3كۈن بولدى، قانداق قىلار دەپ قارىسام يوقاپلا كەتتىڭىز.
-مەن...
**********************************************
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ئەرشىدىن كەچۈرۈڭ، بايىلا سىزگە تېلفون قىلىمەن دەپ نىيەت قىلغانتىم،ئەمما ئالدىمغا بىر ئىش كېلىپ قېلىپ ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن.
-پاھ، ياخشى بوپتۇغۇ!
-كەچۈرۈڭ ئەرشى، مەنمۇ شۇ سىز بىلەن ئائىلەمنى بالدۇرراق قۇرامدىمەنكى دەپ مۇشۇنداق قول-قولۇمغا،پۇت-پۇتۇمغا تېگىشمەي ئىشلەۋاتىمەن.
-مېھرى مەن سىزنى تويلۇق ئەكىرىڭ دېگەنمىدىم؟ياكى تويلۇققا قىسىنىپ قالدىم، پۇل كېرەك دېدىممۇ؟ مەن بىلەن قۇرىدىغان ئائىلىگە سىزنىڭ بىر پۇڭ ئەكىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق! بىلەمسىز شۇنى؟! مەن دېگەن مۇسۇلمان ئەركەك، سىزنىڭ تېنىڭىزنى ئەمەس بۇندىن كېيىنكى بارلىق ھاجەتلىرىڭىزنى قوشۇپ ئالالايدىغان ئەركەك مەن! سىزنى تويدىن كېيىن خىزمەت قىلىدۇ دەپ ھەرگىز خىيال قىلمىدىم مەن! ئەگەر يەنە تالا-تۈزدە خىزمەت قىلىپ يۈرۈشنى خىيال قىلسىڭىز،بىزمۇ كېلەچىكىمىزنى باشقىچە ئويلاپ باقساقمۇ بولىدۇ.
-ئەرشىدىن ئاچچىقلانماڭچۇ،-دەپ يىغلامسىرىدى مېھرىگۈل-بىلىسىز ھازىرلا دادامغا ئەگەر سىز بىلەن مۇناسىۋىتىمنى ساقلاپ قالغانلىقىمنى، سىز بىلەن توي قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتسام بەلكىم دادامنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىشىم مۇمكىن.شۇڭا مەنمۇ ۋاقىتنى سوزۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتقان، ئەكسىنچە بۇ ئىش پايدا بېرىپ بۇنچە ئالدىراش بولۇپ كېتىشىمنى ئويلىماپتىمەن. ئىنشائاللاھ، ئەمدى ھەرگىز بىخۇتلۇق قىلمايمەن،بولامدۇ؟ ئىنشائاللاھ مۇۋاپىق پەيىت تېپىپ دادامغا ئاپام ئارقىلىق مەقسىتىمنى بىلدۈرەي.
-ئىشقىلىپ مېنىڭ سەۋر قاچامنى سىز توشتۇردىڭىز، مېنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ مېھرىگۈل، ئەل-ئاغىنىلىرىمنىڭ بالىلىرىغا قارىسام،مېنىڭمۇ ئاشۇلاردەك بالام بولسا دەپ خىيال قىلىپ كېلىۋېتىپ دادىڭىزنىڭ قوشۇلمىغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلسىلا كۆڭلۈم بۇزىلىدۇ. سىزسىز ياشاش ئەلۋەتتە مۇمكىن، ئەمما سىز بولمىغان ھاياتىمدا خۇشھال ياشىيالىشىمنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىگى سىزگىمۇ ئايانغۇ مېھرىگۈل؟
مانا مۇشۇنداق قايتا-قايتا تەكرارلانغان كەچۈرۈم سوراش،كەچۈرۈش،كەچۈرلۈشلەردىن كېيىن، ھەر ئىشىنى دادىسىغا مەسلىھەت سېلىپ چوڭ بولغان مېھرىگۈل بىر كۈنلىكى چۈشتىن كېيىن دۇكانغىمۇ بارماي، غايەت زور جاسارەت بىلەن دادىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ مۇنۇلارنى ئېيتتى:
-دادا، سىزگە بەك مۇھىم گېپىم بارتى.
نۇرمەت ئاكا كۆرۈۋاتقان گېزىتىنى قاتلىغىنىچە قىزىغا قارىدى:
-ھە دېگىن.
-ئەمما باشقا بىرەر يەرگە بېرىپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن، مەيلى چايخانا ياكى ئاشخانىلارغا...
-نېمە، ئۆيدە پاراڭلاشساق بولمامدىكەن؟
-بولىدۇ،شۇ پەقەت مېنىڭ شۇنداقراق جايلاردا پاراڭلاشقۇم بارتى.
-دەۋەرگىن بولدى. نېمە گېپىڭ بارتى؟
-شۇ مېنىڭ توي ئىشىمدا... ...
مېھرىگۈلنىڭ گېپىنى ئاشخانا ئۆيدىن چىقىۋاتقان ئاپىسى ئاڭلاپ قالدى. مۇشۇ كۈنلەردە ماھىنۇر ئاپىنىڭ ئارلىشىۋاتقان ئاياللىرىنىڭ ئىچىدىمۇ بىر نەچچىسى مېھرىگۈلنى ئوغلىغا سايە قىلىشقانىدى،ئەمما قىزىنىڭ مىجەزىنى بىلىدىغان ماھىنۇر ئاپا قىزىغا مەسلىھەت سېلىپ بېقىشنى ئويلاپ ئېغىز ئاچمىغانىدى،بۈگۈنكى دادا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى گەپ-سۆزلەردىن قانداق يەكۈن چىقىدىغانلىقىغا قىززىققان ماھىنۇر ئاپا تىڭشاپ تۇردى.
-بىرەرسى دۇكان ئەتراپىنى چۆرگىلەپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
-ۋاي ياق دادا،شۇ ھېلىقى... ....
-قايسى ھېلىقى؟
-مەن شۇ، دادا ئەمسە ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ ئاڭلاڭ ھە؟
-ھە.
-ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى قىز تەرەپكە ئادەم كىرگۈزىۋەتسەك دېيىشىپتىكەن،شۇڭا سىلەرنىڭ رايىڭلارنى بىلىپ باقاي دېگەنتىم.-بۇ گەپلەرنى دەپ بولغۇچە مېھرىگۈل بىردە ئەنسىرەپ،بىردە قىزىرىپ دېگۈدەك تۇردى.
-ۋوي،ياخشى ئىشكەنغۇ؟ ئوغۇل تەرەپ كىمكەن؟-تۇيۇقسىز ئېيتقىنىغا قارىغاندا ئۆز يۇرتىمىزلىق ئىكەن دەپ ئويلىغان نۇرمەت دادا سورىدى.
-سىز تونۇمايسىز، ئۇلار بۇ يەرلىكلەر ئەمەس.
-نېمە؟ ئەمىسە... ...
-ئەرشىدىن شۇ.
بۇ جاۋاپتىن نۇرمەت دادىمۇ، بايىدىن بېرى بىر ئېغىز سۆز قوشماي ئاڭلاپ تۇرغان ماھىنۇر ئاپىمۇ ھەيران قالدى.ئىزدەشمىگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان تۇرسا؟ دېمەك... ... قولىدىكى گېزىتنى ئۈستەل ئۈستىگە قويغىنىچە مېھرىگۈلگە قاراپ تۇرۇپ قالغان نۇرمەت دادا ئۇزاق تۇرىۋەتكەندىن كېيىن پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز قىلدى.
-ياق!
-نېمىشقا دادا؟ نېمىشقا ئۇنى قوبۇل قىلمايسىز؟
-مېھرىگۈل بولدى قىل-دەپ سۆز قاتتى ئاپىسى،-دۇكانغا بېرىپ كەل،داداڭنى ئارامىغا قوي.
-ئاپا... ...-دېگىنىچە كۆزىگە يىغىلغان ياشنى تۇتۇپ تۇرالمىغان مېھرىگۈل سومكىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.
-بۇنىڭ ئەقلى يوقكەن،نەچچە يىل ئوقۇتسام يەنە ئۆزىنىڭ يولىغا مېڭىۋاتىدۇ، بىلمىگەن يەرنىڭ ئويداڭ-چۇقۇرى تولا دېگەن گەپ بار، يېقىن يورۇقتىن تاپسۇن، پۇل قىسىنچىلىقى تارتمىسۇن،خىزمەتچىنى تاپسۇن دېسەم، نەدىكى مەن تونۇمايدىغان، ئۆزىمۇ جىق چۈشەنمەيدىغان بىرىنى تېپىپ تېگىمەن دەۋاتقىنىنى... ... بۇ مەكتەپتە نېمە ئوقۇغان بولغۇيتتى؟ نېمىشقىمۇ ئوقۇتار بولغۇيتتۇم، قىز بالا خەقنىڭ ئادىمى دەپ مەنمۇ بېشىمنى ئىچىمگە تىقىۋالغان بولسامچۇ،ئىسىت،ئىسىت...
-بولدى قىل،نېمانچىلا چېچىلىسەن؟ كېسىلىڭ ئۆزۈڭگە ئايانغۇ؟ قانداق قىلىسەن ئەمدى؟ بىر يىلغىچە ھېچ ئالاقىلەشكىنىنى سەزمىگەن گۇناھ ئۆزىمىزدە، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشمىدى دەپ كىم ئايتالايدۇ؟
-ماھىنۇر،ئويلاپ باققىنە مەن دېگەن يەرگە ماڭسا زىيان تارتامدۇ؟ ئۆزى تاپقان ئادەمگە تېگىپ بىرەر خاپىلىق كۆرسە قانداق قىلىدۇ؟ قايسى يۈزى بىلەن بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدۇ؟ مەيلى ئۆزى توي قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا،ئوغۇل تەرەپنى چاقىرتىپ دۇئا قىلدۇرۇپلا قۇتۇلاي،شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۇنىڭدەك قىزىم يوق،ئۇمۇ مېنى ئىزدەپ كەلگۈچى بولمىسۇن!... ...
-ئاغزىڭدىن سائەت چىكەتمىسۇن نۇرمەت! دىققەت بىلەن سۆزلە،كۇپۇرلۇق ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ پېشاينىمىزنىمۇ بىر سىلىۋەتسەك قانداق؟ ئەينى چاغدا ساڭا مېنى ئالماسلىقنى بىرىنجى بولۇپ كىم ئېيتقان؟ قېيىنئاتام ئەمەسمىدى؟شۇ چاغدىمۇ جاھىللىق قىلىپ مېنى ئېلىپ ئاپاردىڭ،ھېساپتا قېيىنئاتام زورىغا قوسۇلماي ئىلاج بولمىدى.كېيىنچۇ؟ ئاشۇ ئەسكى، ناچار بىلىنگەن مەندەك كېلىنىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈپ دۇئا قىلغان يەنە شۇ قېيىنئاتام بولمىدىمۇ؟ ئاشۇ چاغدا قېيىنئاتامنىڭ گېپىگە كىرمەي مېنى ئالغانتىڭ،ئەجىبا پۇشايمان قىلىدىغان ئوخشىمامسەن؟
-بولدى بەس! زۇۋانىڭنى يىغ، بىكار سېنىمۇ قىزىڭ بىلەن قوشۇپ يولۇڭغا سېلىپ قويىمەن!
-ماۋۇ ئۆينىڭ قەغىزىدە ئىككىمىزنىڭ ئورتاق مۈلكى دەپ يېزىلغان، چىقىدىغان ئىش بولسا ئۆينى سېتىپ تەڭ چىقىمىز! ماڭا سالغان قورقۇنچلىرىڭدىن ئۆرگۈلەي، قېرىغاندا قېرى تارتۇق دەپ،قىلىق چىقىرۋاتقان يېرىڭمۇ بۇ نۇرمەت؟
شۇ گەپلەردىن كېيىن نۇرمەت ئاكا تىنجىپ قالدى،نېمىلەرنى ئويلىدى بىلگىلى بولمىدى،ئەمما بۇ يەردە ماھىنۇر ئاپا ھېلىدىن ھېلىغا يولدىشىنىڭ چىرايىغا قاراپ قاراپ قوياتتى،بەلكى تۇيۇقسىز كېسىلىنىڭ تۇتۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەن بولسا كېرەك.قىزىنىڭ ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتى بولغىچىلىك بىر-بىرىگە گەپ قىلىشماي ئولتۇرۇشتى.ماھىنۇر ئاپا سائەتكە قاراپ قويۇپ ئورنىدىن تۇرغىنىدىلا نۇرمەت دادىغا ئېغىز ئاچتى:
-نېمە يېگۈڭ بار؟ سۇيۇق سەلەڭ سۇيۇقئاش ئېتىپ بېرەيمۇ ياكى باشقا بىرەر نەرسىگە كۆڭلۈڭ تارتامدۇ؟
-نېمە قىلساڭ قىلغىن،-دېدى خىيال بىلەن بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇرغان نۇرمەت دادا-مەن بىردەم ئارام ئېلىۋالاي.
مەۋلاننىڭ ئارقىدىن تاپ بېسىپ كىرىپ كەلگەن مېھرىگۈل ھېچكىمگە قارىماستىن ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى يېرىم كۈنى قانداق قىلىپ دادىسىنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئويلىنىش بولغاچقا ھەتتا ئەرشىدىندىن كەلگەنئۇچۇرلارغا، ئۇرۇلغان تېلىفونلارغا جاۋاپ قايتۇرمىدى. 2ئورۇندا ئولتۇرۇپ يېيىلگەن كۆڭۈلسىز تاماق مەۋلاندىن باشقا ھېچكىمگە تېتىمىدى،ئۇ ئۆيدە بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىنى سەزدى-يۇ،ئەزەلدىن ئارتۇق ئىشقا ئارلاشمايدىغان،بىتەرەپ مىجەزى بىلەن بۇ ئىشلارنىمۇ نەتىجىسى چىقىپ بولغاندا بىلىشنى ئويلاپ ئېغىز ئاچمىدى،ئېشىنى ئىچىپ بولۇپ،كونا ئۇسسۇلدا ئاپىسىنى بىردەم جىلە قىلىپ چاقچاق قىلغىنىچە پۇل ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، دادا قىزىغا، قىزى دادىسىغا گەپمۇ قىلىشمىدى. نامىزىنى ئوقۇپ يېتىشقا تەمشەلگەن مېھرىگۈلنىڭ يېنىغا كىرىپ كەلگەن ئاپىسى:
-داداڭنى سىرتقا چاقىرىپ شۇ گەپلەرنى دەپ سىرتتىلا سەتلىشىپ يۈرگۈڭ بارمىتى بالام؟
-مەن شۇ دادامنى سىرتتا ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ گەپ قىلامدىكى دەپ شۇنداق ئويلىغانتىم.
-ئاچچىقى كەلسە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ، بىلمەمتىڭ؟ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەن چىكىتىپ خېلى تەگىشىپ قالدۇق، سەن ھازىرچە بۇ ئىشلارنى ئېغىز ئاچماي تۇر، ئەسلىدە ساڭا ئارلىشىۋاتقانلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرەرنى تونۇشتۇرۇشنى ئويلاشقان، ئەمما قارىسام يەنىلا ئوقۇرنى ئايلىنىپ يۈرۈپسەن، ئەسلىدە مەنمۇ قوشۇلمايتتىم،ئويلاپ باقسام بۇنداق قىلىپ سەن ئوڭغا، بىز سولغا ماڭساق كېيىن ئايلىنىدىغانغا ئوقۇرۇڭمۇ قالمىغۇدەك.ھېچ بولمىسا ھايات چېغىمىزدا بولسىمۇ قانداقراق ئۆي تۇتقۇنۇڭنى كۆرۈپ قالايلى.
-ئەمما دادامنىڭ مىجەزىدىن پەقەتلا ئۇنىمايدىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ، قانداق قىلسام بولىدۇ پەقەت بىلمىدىم.
-بىرەر مەزگىل ئۆتسۇن، داداڭغا ۋاقىت بەر،ئۇمۇ ئويلىنىپ باقسۇن. داداڭنى بىلىسەن، بىر ئىشنى 7ئۆلچىمەي ھەرگىز كەسمەيدۇ.شۇڭا سەن ئەڭ ياخشىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەر. بولدى ئۇخلا، مەن داداڭنىڭ قېشىغا چىقاي، ھېلىمۇ بۈگۈن قىزنى بۇزغان ئانىسى قاتارىغا چىقىپ كەتكىلى قىل قالدىم.
-ماقۇل ئاپا،ياخشى چۈش كۆر.
ئاپىسى چىراقنى ئۆچۈرۈپ چىقىپ كېتىشىگە مېھرىگۈل بېشىنى يوتقانغا چۈمكەپ ئەتتىگەندىن بۇيان چىقىرالمىغان كۆز يېشىنى بىراقلا قۇيىۋەتتى.ئۇ دادىسىنىڭ توي ئىشىغا يېقىن كەلمەيدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم ئىشەنگەنىدى،ئۇنىڭ شاملىرى ئۆچۈپ قالارمۇ ياكى داۋاملىق يېنىپ تۇرارمۇ؟ بۇ پەقەت ياراتقان ئاللاھقا ئېنىق.
-بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟-دەپ سورىدى ماھىنۇر ئاپا كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ ياتقان نۇرمەت ئاكىدىن.
-بېشىم سەل ئاغرىۋاتىدۇ،باشقا چوڭ ئىش يوق.
-ئۆزۈڭنى ئايا دېسەم ئۇنىمايسەن، قاقشىساڭمۇ بولىدىغان ئىش بولغۇسى كەلسە بولىۋېرىدۇ، ئاللاھ خالىسا بىز ئۆيگە سولاپ قويساقمۇ بىر ئاماللار بىلەن تويىنى قىلىپ ئولتۇرىدۇ.ئويلاپ باققىنە،سەن تاپقان ئادىمىڭ ياخشىمۇ يامانمۇ، سەن پەقەت ئۇنىڭ ھازىرىنى كۆرەلەيسەن، ئادەم دېگەن ئۆزگىرىدۇ،ئەگەر كېيىن ناچار چىقىپ قالسا ئۇ چاغدا قىزىڭنىڭ بەختىگە سەن ئولتۇرغان بولمامسەن؟ئۇ چاغدا بۇنى كىمدىن كۆرىسەن؟ قىزىڭغا نېمە دەيسەن؟ئاجراشقىلى يا ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغىلى بولماي قالسا ئۇ چاغدا تېخى چاتاق بولمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە... ...
ماھىنۇر ئاپىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماستا نۇرمەت دادىنىڭ خورەك ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى،ماھىنۇر ئاپا نۇرمەت دادىغا قاراپ قويۇپ "ئوھۇش" دېگىنىچە كۈندە كۆرۈۋاتقان قىسىملىق كىنورىنى ئېچىپ قويۇپ،ياستۇققا يۆلەندى.
   مېھرىگۈل چۈش كۆردى، چۈشىدە ئەرشىدىن ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى، مېھرىگۈل ئەرشىدىننىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرگىنىچە قوغلاۋاتاتتى، ئەمما ئەرشىدىن ئارقىسىغا قاراپمۇ سالمىدى. مېھرىگۈل داۋاملىق قوغلاۋەردى، ۋارقىرىدى،ئاۋازى يەتمىدى،ئەرشىدىننىڭ سىماسى تۇيۇقسىز غايىب بولغىنىدا مېھرىگۈل يىغلاپ ئويغۇنۇپ كەتتى. ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلگەن مېھرىگۈل تېخىچە ئېسەدەۋاتاتتى،ۋاقىتنىڭ بامداتقا تېخى بالدۇرلىقىنى بىلىپ،ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالدى،ئاندىن ئىككى رەكئەت تەھەججۇد نامىزىدىن كېيىن ئاللاھقا يېلىنىپ،يىغلاپ تۇرۇپ تىلىدى:
{يا كەرەملىك ئاللاھ، ئەرشىدىننى ئاتا-ئانامغا چىرايلىق رەۋىشتە كۆرسەتكىن، ئەرشىدىننى ئاتا-ئانامنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتۈرگىن، يا رەببىم، ساڭىلا ئىبادەت قىلىمەن ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمەن، ماڭا ياردەمدە بولغىن، سېنىڭ ياردىمىڭسىز ھېچ ئىشىم ئالغا باسماس، يا رەببىم، ئەرشىدىننى مېنىڭدىن ئايرىمىغىن، بىزگە ھالال نىكاھ ۋە سالىھ پەرزەنتلەر بىلەن مۇكاپات بەرگىن، سېنىڭدىن ئۆتۈنەي ئاللاھىم، ئەرشىدىننىڭ قەلبىنى مېنىڭدىن ئايرىمىغىن،ئۇنىڭ قەلبىگە مېنىڭدىن باشقا قىزنى قويمىغىن، پەقەت مەن بىر قىزغا ئاشىق قىلغىن ئاللاھىم، بىزنى ئىككى ئالەم بىللە ياشاشقا نېسىپ قىلغىن رەببىم، سېنىڭدىن ئۆتۈنەي،ماڭا ياردەم قىلغىن، مەن ساڭا موھتاج يا رەببىم!}
بامداتقا تۇرغان ماھىنۇر ئاپا قىزىنىڭ ئۆيىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قىزىنىڭ ئۆيىگە كىردى، جاينامازدا سەجدە قىلغىنىچە يىغلاۋاتقان قىزىنى كۆرۈپ ئاپىسىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى، {ئاللاھىم، قىزىمنىڭ خالىغىنىغا ئېرىشتۈرسىلە، قىزىمغا ئاسانچىلىق بەرسىلە ئاللاھىم، ئۇنىڭ يوللىرىنى ئوچۇق قىلسىلا....}.
قىزىنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغان ماھىنۇر ئاپا ئارقىغا بۇرۇلۇپ بامداتقا تەييارلىق قىلغىلى چىقىپ كەتتى.مېھرىگۈل شۇ يەردىن بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ قولىغا قۇرئاننى ئالدى،مەقسىتى ئۆزىگە تەسەللىي تېپىش ئىدى.ئەمما كاللىسىدىن ھېلىقى چۈش چىقىپ كەتمىدى،ھېلىھەممۇ ئويلىسىلا كۆزى ياشقا تولاتتى. ئەتتىگەنلىك چېيىنى ئىچىپ،ئاتا-ئانىسىغا ناشتىلىق قىلىپ بېرىپ،ھاۋا يەپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مېھرىگۈلنىڭ تېلفونىنى بىر كۈن ئالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي بىر كېچە تىت-تىت بولغان ئەرشىدىن بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا  مېھرىگۈلگە تېلفون قىلدى.ئەمما تېلىاون ئۇزاق سايرىغاندىن كېيىن "سىز ئۇرغان ئابونت تېلىفوننى ئالمىدى"دېگەن ئاۋاز ئەرشىدىننى ھەيران قالدۇردى. "نېمىشقا تېلفونۇمنى ئالمايدۇ؟ نامازدىمىدۇ يە؟ "دەپ ئويلىغان ئەرشىدىن ساقلىدى، كۈنمۇ چىقىپ بولدى،ھەرقانچە ناماز بولسىمۇ بۇنچە ئۇزاق ئوقۇماس دەپ ئويلىغان ئەرشىدىن،كىيىملىرىنى كىيىپ ئىشىكتىن چىقتى، ئەمما ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي،بېكەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمىدى،قانداق قىلىش كېرەك؟ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىگە ئىلمان قايناقسۇدەك بولۇپ قالغان، بىر تاغار باھانىلەرگە ئۇستا بولۇپ كەتكەن مېھرىگۈل بىلەن يۈزتۇرانە پاراڭلىشىپ سەۋەبىنى بىلىپ بېقىش كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى ئائىلىسىدە بىرەر ئىش بولۇپ قالغانمىدۇ؟ ياكى مېھرىگۈل... ...خىياللىرىنىڭ بىر ئۇچىغا يېتەلمىگەن ئەرشىدىن ھېچنىمىگە قارىماستىن بېلەت ئېلىپ يولغا چىقتى.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ۋەتەنسىز ھاياتت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15500
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6217
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 5760 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2011-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 04:54:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ ئاچا.راست گەپ قىلسام ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بىر يەرلىرىگە كەلگەندە ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كۆزۈمگە يىغا ياماشتى.ئاخىرقى ھېسابتا كىشى قەلبىنى ئەڭ لەرزىگە سالىدىغىنى يەنىلا چىنلىق بولسا كېرەك...
تەكلىپىم:بىر قىسىم ئۇششاق تەپسىلاتلار بەك تەپسىلىي يېزىلىپ كەتكەنمۇ قانداق؟مەسىلەن: ئارزىگۈل بىلەن كۆرۈشكەندىن ئەرشىدىن ئاكاشنىڭ شىركىتىگە بارغۇچە بولغان ئارىلىق.ئەگەر مەن چۈشەنمىگەن،باشقا زۆرۈرىيەت بوپ قالسا ئۇ باشقا گەپ.ئەڭ ياخشىسى ئورگىنالنى ۋوردقا يېزىۋېلىپ رەتلەپ ئاندىن يازسىڭىز بەلكىم بۇ تەرەپلەرگە بەكرەك دىققەت قىلغىلى بولامدىكىن.
ئەسىرىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقلار: بۇ تەرەپلەر مىنىڭچە ئەڭ مۇھىمى چىنلىق.مانا بۇ مېنى يىغلاتقان ۋە كۈلدۈرگەن ئامىل.ئۇنىڭدىن باشقا تىل ئىشلىتىشتىكى ماھىرلىق.
ئەسىرىڭىزنى ئوقىۋېتىپ گويا سىز بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىپ قالدىم.تىلىڭىز شۇنداق چۈچۈك،يۇمۇرلۇق،جانلىق...
تىلىكىم:ئاللاھ خالىسا سىز،مەن ۋە باشقا بارلىق ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى مەمنۇنىيەتلىك مەزمۇنلار بىلەن ئاخىرلاشقاي!

غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا! ۋىسال قەدرىنى ئاشىقى گەدادىن سورا! ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنا،نە تەم! ئۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 06:15:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

16-قەۋەت (sebir) نىڭ يازمىسىغا

چۈنكى ئارزىگۈل كېيىنكى ئورۇنلاردا گەۋدىلىك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتى كەلگەندە تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك بىر ئارزىگۈل پەيدا بولۇپ قالمىسۇن دېدىم شۇ.
مەن بۇ ئەسەرنى باشلىغاندا ھېكايە دەپ باشلىغان، يېزىۋىتىپ قازاقلارنىڭ ئۆلەنىدەك نەق مەيداندا ئېيتىدىغان بىر خىل تىپ بولۇپ پوۋىستقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ قالدى.ھازىرچە ۋوردقا يېزىپ چاپلاش خىيالىم يوق، تېزىسى، تەھرىرلەش بولمىغان بىر ئەسەر يېزىۋاتىمەنغۇ ئىشقىلىپ ئۆزەمچە. ھى ھى
رەھمەت.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ۋەتەنسىز ھاياتت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15500
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6217
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 5760 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2011-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-27 01:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي ئاچا،ئاخىرى قېنى بۇ«بوۋاق» نىڭ؟ كۈندە قاراتماي يولىغا،تىزراق بولىلى! [s:174]

غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا! ۋىسال قەدرىنى ئاشىقى گەدادىن سورا! ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنا،نە تەم! ئۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا!

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-27 03:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئۇكام بايام بىر چۆچەك يېزىپ يوللاپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش