بۇ
.مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىككەنسىز..بەلكىم خىزمەتكە چىققىنىڭىزغىمۇ 5-4يىل بوپقالغاندۇ...ئاللادىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن دائىم پانا تىلەڭ...يازغانلىرىڭىزدىن سىزنىڭ بەش ناماز ،ياخشى قىز ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ... ئەگەر مەن توي قىلمىغان ۋە بىر شەھەردە بولغان بولساق چۇقۇم سىزدەك ياخشى قىز بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باققان بولاتتىم .ئاللا ھەر ئىنساننى جۈپتى بىلەن ياراتقان...سىزدىكىدەك خىياللار توي قىلىش يېشىدىكى قىزلاردابولشى نورماللىق،بولۇپمۇ 20-30ياش ئارىسىدىكىلەردە،مەنمۇ بۇھەقتە ئايالىم بىلەن پاراڭلىشىپ باققان ،سىزدە بەلكى سەل ئېغىردۇ...بەزى پىسخىكىلىك مەسىلىلەردە مەن سىزگە مەسلىھەت بېرىشكە ئاجىز مەن.
بىراق سىزدەك ياخشى قىزلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ، ئۆزىڭىزنى ھەرگىز كەمستمەڭ، نەدىكى بۇزۇقلارمۇ چوڭ سۆزلەپ يۈرگەن يەردە ،سىىز نېمىشقا ئۇنداق ئۆزىڭىزنى تاشىلۋېتىسىز!؟ياخشى يىگىتلەرنى (بۇيەردە ئىمان-ئېتىقادى،ئەخلاقى ۋە بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك مەلۇم ياشاش قابلىيتى ۋە كەسپى بارلار نى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن)يۇرتى،ئائىلە ئىقتىسادى ،خزمىتى ۋە بىرەر قىتىم توي قىلىپ ئاجراشقانلىقىغا ئېسىىۋېلىپ قاچۇرۇپ قويماڭ.شۇنداقلا كىم ئالاي دېسە تېگەييا دەپلا قېيىداپ نامەرتلەرگە ئۆزىڭىزنى تۇتقۇزۇپمۇ قويماڭ. ئاللا سىزنىڭ بەختىڭىزنى بەرسۇن.