مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: zeyada

توي قىلمىسا راستىنلا بولمامدۇ؟؟؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24199
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:13:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوئال:
تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلغاندا ياخشى مۇسۇلمان يىگىتنى ئۇچرىتالايمەن؟ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب:

سىزنىڭ تۇرمۇشتا دىندار ھەمراھىڭىزنىڭ بولىشى ۋە يىگىتىڭىزنى تاللاشتىكى ئىسلامىي ئۆلچەملەرنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. تۆۋەندە بىز سىز تاللىماقچى بولغان يىگىتتە بولۇشقا تىگىشلىك مۇھىم سۈپەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىمىز:

*دىيانىتى: بۇ سىز توي قىلماقچى بولغان يىگىتتە بولۇشى زۆرۈر بولغان ئەڭ مۇھىم تەرەپتۇر. سىز تاللىغان يىگىت كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىدە ماڭىدىغان مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. ئايالنىڭ ۋەلىسى ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە تىرىشىشى، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى لازىم. يىگىتتىن سورىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى ئۇنىڭ  نامىزىدۇر. ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىمايدىغان كىشى باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشمايدۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئايالىغا بېسىم قىلمايدۇ ۋە خارلىمايدۇ. ئەگەر ئايالىنى ياخشى كۆرسە ئۇنى قەدىرلەيدۇ، ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمىسە خارلىمايدۇ ۋە ھاقارەت قىلمايدۇ. ئېتىقادسىز كىشىلەردە بۇ سۈپەتلەرنىڭ تېپىلىشى تەس. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان ھالەتتىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر.» [سۈرە بەقەرە 221-ئايەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمىسى].

يەنە بىر ئايەتتە: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر.» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى].

يەنە بىر ئايەتتە: «ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە  لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر.» [سۈرە نۇر 26 -ئايەتنىڭ تەرجىمىسى].

بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە دىنى ۋە خۇلقى يارايدىغان بىرى ئىگىدارچىلىقىڭلاردىكى نىكاھلىنىدىغان ئايالنى سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا بېرىڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار ئۇ ئايال زېمىندا پىتنە-پاسات بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن].

*يىگىتنىڭ دىنى ئېتىقادى ياخشى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ جەمەتى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ھەم ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئەگەر بىر ئايالغا ئىككى ئەردىن تەڭ توي تەكلىپى قويۇلسا، ئېتىقاد جەھەتتە پەرقلىنىپ كەتمىسە، ئۇلارنىڭ نەسەبى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ئېتىبار قىلىش لازىم. ئەلۋەتتە تەقۋادارلىقتىن باشقا بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەسەبى ۋە قېنى، ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئېسىل سۈپەتلەر، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىكى ياخشى پەزىلەت ۋە ئەخلاقلار ئۇنى ناچار، پەس قىلىقلاردىن توسۇپ قالىدۇ. پەزىلەتلىك دادا ۋە بوۋىنىڭ ئائىلىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرى پەرزەنت ۋە نەۋرىلەرنىڭ ئېسىل پەرزەنتلەردىن بولىشىغا پايدىلىق. بۇ ھەقتە ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر.» [سۈرە كەھف 82-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئاللاھنىڭ ئىككى پەرزەنتكە ئاتىسىدىن قالغان بايلىقنى قانداق ساقلىغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتىسى تەقۋادار ۋە ساغلام ئەقىدىدە بولغانلىقى ئۈچۈن،  ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىپ، مال دۇنياسى ئۆز پەرزەنتلىرى قولىغا تەگدى. شۇنىڭدەك سىز تاللىماقچى بولغان ئەر سالىھ ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتى بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلىپ ئۇنى ئاسراپ تۇرىدۇ.

*ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋە  ئائىلىسىنى قامدىيالىغۇدەك ئىقتىسادى بولغىنى ياخشىدۇر. فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۆزىگە ئۈچ ئەركىشىنىڭ نىكاھلىنىش تەكلىپى قويغانلىقىنى ۋە كىمنى تاللاشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇئاۋىيە بولسا نامرات بىر كىشى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى يوق.» [مۇسلىم رىۋايىتى1480-ھەدىس]. ئۇنىڭ چوقۇم سودىگەر ياكى باي كىشى بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قىيناپ قويمىغۇدەك، باشقىلاردىن سورىمىغۇدەك ئىقتىسادى كىرىمى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئېتىقادى ياخشى كەمبەغەل مۇسۇلمان بىلەن ئېتىقادى ياخشى بولمىغان باي مۇسۇلمان كەلسە، چوقۇم ئېتىقادى ياخشى بولغىنىنى ئىختىيار قىلىش لازىم.

*ئاياللارغا كۆيۈمچان، سىپايە بولغىنى ياخشىدۇر. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك: «..ئەبۇ جەھمىگە كەلسەك، ئۇنىڭ قامچىسى مۈرىسىدىن چۈشمەيدۇ...» دەپ ئۇنىڭ ئاياللارنى ئۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغان.

*سالامەتلىكى ياخشى، بەدىنىدە باشقا بىرەر ئەيىبى يوق، ئاجىزلىق ۋە تۇغماسلىقتىن خالى بولغىنى ياخشى.

*قۇرئان ۋە سۈننەتتىن بىلىمى بولۇشى، ئەگەر شۇنداق بىرىگە ئۇچرىسىڭىز بۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى بولغىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا باشقا تەرەپلىرىنى ئويلىشىشىڭىز ۋە باشقا ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈشىڭىز كېرەك.

*ئايال كىشىنىڭ يېنىدا مەھرىمى (يەنى دادىسى ياكى ئاكىسىغا ئوخشاش) بولغان ئەھۋال ئاستىدا، توي تەكلىپى قويغىلى كەلگەن ئەرنى كۆرۈپ بېقىشى ۋە ئەرنىڭ ئايالنى كۆرۈپ بېقىشىغا بولىدۇ، ئەمما يالغۇز كۆرۈشۈشكە، سىرتلاردا يالغۇز ئۇچرىشىشقا، سەۋەبسىز قايتا-قايتا كۆرۈشۈشكە  بولمايدۇ.

*توي قىلماقچى بولغان ئايالنىڭ ۋەلىسى ئۆز ھامىسىدىكى ئايالغا توي تەكلىپى قويغۇچىنى ئۇنى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ئامانەتدار، دىندار كىشىلەردىن ئۇ توغرىسىدا توغرا كۆز قاراش ۋە مەسلىھەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

*يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سىز ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئاللاھتىن بۇ ئىشنى خەيرلىك قىلىپ بېرىشى ۋە نىكاھ ئىشلىرىڭىزدا كۆڭلىڭىزدىكىدەك يىگىتنى رىزق قىلىپ بېرىشىنى تىلەڭ، شۇنداقلا قەلبىڭىزنىڭ مۇئەييەن بىر شەخسكە توختىشى ۋە ئىشتا ئاخىرقى قارارنى ئىلىشىڭىز ئۈچۈن كۆپلەپ ئىستىخارە نامىزى (يەنى ئاللاھتىن مەزكۇر ئىشتا ياخشىلىق تىلەپ ناماز ئوقۇش) ئوقۇشىڭىز لازىم بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ياردەم بەرگۈچىدۇر.

ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزگە ئاسانلىق، تۇرمۇشىڭىزغا سالىھ ھەمراھ، ئىنساپلىق پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىشىنى، شۇنداقلا ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

ئارمانغا يەتمەك نىمانچە تەستۇ؟

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11319
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6724
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يەيدىغان زەھەر بار،يىمەيدىغان ھەسەل

内裤外穿~~变超人

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45882
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3308
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2011-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 27قەۋەت  Muslime كە 2011-06-28 13:10ئەۋەتىلدى  :
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئاچا يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا ھەممە دەدرلەرنى ئاللاھقا ئىيتىپ راسا بىر يىغلىۋىلىڭ.ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.ئاللاھنى ياخشى گۇمان قىلىڭ.چۇنكى ئاللاھ بەندەم مىنى قانداق گۇمان قىلسا مەن شۇنداق دىگەن ئىكەن.ئىنشائاللاھ تىزلا توي قىلىپ كىتىسىز.


dante
ئۇكام تىخى كىچىككەنسىز.بۇ چوڭلارنىڭ ئىشى بولغاندىن كىيىن سىز پىكىر ئارلاشتۇرماڭ.ياكى تېما يوللىغۇچىنى بىرەر نەرسە دىمەڭ.قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان قىرىنداشلارنى تىللاپ سۆكىدىغان ۋاقىتىمىز ئەمەس بىزنىڭ.بىرسىنى بولسىمۇ يىنىمىزغا تارتىپ ئۇيۇشقاق بولىدىغان ۋاقتىمىز.بولسا سىزمۇ مۇنبەردە ۋاقتىڭىزنى ئۆتكۇزمەي يىشىڭىز كىچىك ۋاقتىدا جىقراق بىرەر نەرسە ئۇگىنىڭ.
ئۇف              بىلدىم !          ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!         بۇ نىڭغا مەن ئارلاشماي!

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپكىتەما؟

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14785
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1179 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا سىزگە روھى بېسىم كۆپ ئوخشايدۇ.مەسىلەن ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزنى توي ئىشىغا ئالدىرىتىشى،ئەمما سىز كۆڭۈل بەرگەن ئادەملەرنىڭ سىزدىن ئاسانلا ۋاز كېچىشى،ئەتراپىڭىزدىكى بەخىتلىك بىرجۈپلەرنىڭ سىزدە ئويغاتقان بىر خىل قىزىقىش،ھەۋەسلىنىش ھېسىياتى،ھەمدە بۇ ھىسياتنىڭ باغانسىرى كۈچىيىپ كۆرەلمەسلىكتەك ھالغا بېرىشى دىگەندەك...بۇ قاتارلىق روھى ھالەتلەر سىزگە بىر خىل بېسىم بولغان .شۇ سەۋەپ ئۆزىڭىزنى خىيالغا زورلاپ،ئۆز ئۆزىڭىزدىن خۇدۇكسىرەپ،يالغۇز خىياللارغا قۇل بولغاندەك قىلىسىز..
مەنچىمۇ ياشنىڭ بىر يەرگە بېرىشىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك بېسىم ،ھەۋەس،قىزىقىش،ئېھتىياجلار كۆپىيىدۇ.شۇڭا تورداشلىرىمىز ئېيتقاندەك ۋاقتىدا بىر ھەمرا تېپىۋېلىشىڭىزمۇ ھەم مۇھىم .لىكىن قارىغاندا سىز بۇرۇن بۇ خىل مۇھەببەت جەھەتتە مەلۇم ئىشلارنى بېشىڭىزدىن كەچۈرگەچ بۇنىڭغا يۈزلىنەلمەيۋاتقاندەكمۇ قىلىسىز...شۇڭا يۈگۈرۈپلا بىرىنى تېپىپ تۇرمۇش قۇرغىلى بولمايدۇ.ئەگەر كۆڭلىڭىز سۇ ئىچەلمىسە بۇ نىكاھمۇ بىر بېسىم بۇلۇپ تېخىمۇ تۈگۈشىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
شۇڭا سىز ئالدى بىلەن ئۇنداق يالغۇزلۇق،خىياللار ئىكىدىن قۇتۇلىشىڭىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار بىلەن كۆپىرەك پىكىرلىشىڭ،مۇلاھىزە قىلىڭ،ھال مۇڭ بۇلۇشۇڭ،دەرتلىرىڭىزنى تۆكىۋالسىڭىزمۇ خلى يەڭگىللەپ قالىسىز.ئامال بار يالغۇز يۈرمەڭ،يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا كىتاپ ئوقۇڭ،ئامال بار مۇھەببەت كىتاپلىرىنى ئوقىماي تۇرۇڭ.كۆپىرەك پىكرىڭىزنى ئاچىدىغان،تەربىۋى قىممىتى يۇقرى كىتاپلارنى ئوقۇڭ.ئۇندىن باشقا كۆپرەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇڭ.ئادەم بىكار بولسىمۇ خىيالغا قۇل بولىدۇ.ئادەم جىق يەرگە كۆپرەك بېرىپ،ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرۇڭ...شۇ جەرياندا ئاستا ئاستا ياخشىلىنىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16174
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9250
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 2071 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:31:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ،سىزنىڭ بۇ پىسخىكىلىق مەسىلىڭىز نۇرغۇن كىشىلەر يۇلۇققان، ئەمما سىزدەك جۇرئەت بىلەن دادىل ئوتتۇرغا قۇيالايدىغانلار ناھايتى ئاز .ئاللاھ ھەممە مەۋجۇداتنى ئۆز جۈپتى بىلەن ياراتقان سىز بۇ مەسىلىدىن توي قىلسىڭىزلا قۇتۇلۇپ كىتىسىز .«ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولغان بىلەن توشقاننىڭ خۇداسى بار »دىگەندەك بىزنىڭمۇ ياراتقان ئىگىمىز بار .ئاللاھ بىزلەرنى توغرا يولغا باشلىغۇچى ،كەچۇرگۇچى ،سىز بولمىغۇر خىياللاردا بولماي ،ئاللاھقا قەلبىڭىزدىن تىۋىنىڭ ،ناماز ئۆتىگەندە بولمىغۇر خىياللاردا بولماڭ .مۇھەببەت كىتاپلىرىنى ئاز كۆرۈڭ .كۆپرەك ئادەم توپلاشقان جايلارغا بېرىڭ ،دوسلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىڭ ،مۇزىكا ئاڭلاڭ .كىر يۇيۇڭ .لېكىن توي قىلىش ۋاقتىڭىزنى ھەرگىز كەينىگە سۈرۈۋەتمەڭ .مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا بۇ مەسىلىدىن تىزلا قۇتۇلۇپ كىتىسىز .خەيىر ----------------سىزگە دىيانەتلىك ،كۈيۈمچان، پۇلى كۆپ (چاخچاق ) يىگىتتىن بىرى ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .سىزگە بەخىت تىلەپ ...!

ئەدەپلىك قۇشقاچ ،ئاتا-ئانىسىدىن ئۈچ شاخ تۆۋەن چاڭگا سالار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11268
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2066 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:32:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم ئۆز بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇ

تەسكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11458
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4102 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:40:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  بەختىڭىزنى  بەرسۇن
ھەرگىز ئۆزڭىزنى  كەمسىتمەڭ ئۇمۇدۋار  بولۇڭ،سىز  قانچە ئۆزڭىزنى كەمسىتىپ
باشقىلاردىن يىراق تۇرۇپ  خىيالنى  كۆپ قىلسىڭ  سىزدىكى ئۆزگە ئىشىنىش تۇيغۇسى  تىخىمۇ  توۋەنلەپ  كىتىدۇ  .ئۆزڭىزگە ئىشىنىڭ  دىننى  كىتاپلارنى كۆپ
ئوقۇڭ.ساۋاقداش  خىزمەتداشلىرڭىز بىلەن ئىزدىشىپ تۇرۇڭ .گۇل  بىلىق  دىگەندىك  نەرسىلەرنى  بىقىڭ ،ئىمكان بار يالغۇز  خىياللارنى ئاز سۇرۇڭ

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24199
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بىرسى بىلەن يۈرسەم دەپسىز سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىپ قوياي ئىسلامدا يۈرۈپ توي قىلىش دىگەن گەپ يوق بۇنداق غەرىپنىڭ ئىنساننى بۇزۇق چىلىققا زىناغا باشلايدىغان ئىشلىرى ئىسلامدا چەكلىنىدۇ.سىز نامازئوقۇپ تۇرۇپ ئۇئىشنى قانداقمۇ قىلغانسىز.سىز تەۋبە قىلىڭ.اللە قۇرئال كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، اﷲ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، اﷲ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.29 - سۈرە ئەنكەبۇت 45 - ئايەت.
ھەقىقەتەن ناماز شۇناماز ئوقۇغۇچىنى گۇناھ قىلىشتىن يامانلىقتىن توسىدۇ.ئەگەر توسالمىسا ئۇئادەمنىڭ نامىزى ئۇئادەمگە مەنپەئەت قىلمىغان بولىدۇ.بۇدۇنيادا ئىنساننى يامان ئىشتىن توسالمىغان ناماز قىيامەت كۈنى قانداقمۇ ئىنسانغا مەنپەئەت قىلسۇن.اللەنىڭ سۆزى ھەق ئىنسان چوقۇم نامازنى اللە بۇيرىغاندەك ئوقىسا چوقۇم اللەئۇنى چوقۇم گۇناھ ئىشتىن ساقلايدۇ شەيتان شەيتان ئۇئىنسانغا غالىپ كېلەلمەيدۇ.

ھەقىقەتەن ئاللا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7688
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24199
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:49:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇش قۇرۇپ ئائىلە تەسىس قىلىش ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن قەدىمىي بىر ئادەت بولۇپ، تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جۆرە تاللاشتا ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىسى ۋە ئەجدادلىرىدىن مىراس ئالغان بەزىبىر قائىدە - يوسۇنلىرى بار بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جۆرە تاللاشتا ئۆزلىرىگە خاس ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئاقىلانە پرىنسىپى باردۇر. ئۇلار بۇ مىللىي ئەنئەنىسىنى ھېلىھەم جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

1-ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ جۆرە تالاشتىكى مىللىي ئەنئەنىسى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە جۆرە تاللاشتىكى ئەنئەنىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئۇيغۇرلارنىڭ 11 ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى "قۇتادغۇ بىلىك" تە مۇنداق دەپ يازغانىكەن:

دېسە كىم ئۈيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى،
ئالار شۇ تۈت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى،
بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر،
ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۈز تىكەر،
يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر،
ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۈرەر.
بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى،
ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى،

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا ئېيتقان مۇنۇ ھەدىسلىرىنى ئۆلچەم قىلغان:"كىشىلەر ئايال كىشىلەرنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسەبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن ، ئەگەر ئانداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان تارتىسەن." (بۇخارىي رىۋايىتى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: "كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسەبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ." (تەبەرانىي رىۋايىتى)"

2-كىشىلەرنىڭ جۆر ەتاللاشتىكى يۆنىلىشلىرى
قىز يىگىتلەر بالاغەتكە يېتىپ، كۆڭۈللىرىگە خىياللار كىرىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، ئۇلارنىڭ زېھنى كېلەچەك تۇرمۇشىدىكى شېرىكى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە تەربىيە ئالغان مۇھىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جۈرە تاللاشتىكى قىزىقىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان جۆرىسىنىڭ شەكلى گۈزەللىكىنى كۆزدە تۇتسا، بەزىلەر ئۇنىڭ بايلىقىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقلا بىر جەمئىيەتتە بولمىسۇن، تۇرمۇش قۇرغۇچىلاردا ئومۇمەن كۆزدە تۇتۇلىدىغان ئاساسلىق سۈپەتلەر. لېكىن يۇقىرىقى سۈپەتلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئېسىل ۋە ئەڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەيدىغان سۈپەت قايسى دېگەندە، ئۇ ئەخلاق بىلەن دىيانەتتۇر. چۈنكى بۇ تۇرمۇش ئۆزگەرمەيدىغان سابىت نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلغان تۇرمۇشتۇر. ئەر خوتۇنلۇق ھاياتى ئەگەر ئەخلاق بىلەن دىيانەتنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلىدىكەن، ئۇ ئۆزگەرمەس، مەھكەم نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.

3-ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جۆرە تاللاش پرىنسىپى

ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرىنى ياتلىق قىلىشتىكى ئەنئەنىسىگە كەلسەك، ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرى قىزلىرىنى ياتلىق قىلشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈرسەتكەن مۇنۇ ئۆلچەمنى ئاساسىي ئورۇندا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: "دىيانىتى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۈرۈڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بولىسىلەر " (تىرمىزىي رىۋايىتى)

ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆز ‏-ئارا ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۆلچىمىنى ۋىجداننى ئىدارە قىلىدىغان، ھاياتلىققا سادىق نەزەر بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، ئېسىل پرىنسىپلارغا باغلىق قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئىنسانلار بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر ئەر بىلەن بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز -ئارا تۇنۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر" (ھوجۇرات سۈرىسى 13 ئايەت) چۈنكى، ئاللاھنى تونۇغان دىيانەتلىك كىشى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەق ھوقۇقلارنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنى جايىدا ئادا قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40479
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3793
تۆھپە نۇمۇرى: 94
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 01:56:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك قىرنداشلار،  مەنمۇ بىر نەچچە جۇملە قىستۇراي!
يۇقۇردا بۇ قىزىمىز قانداق قىلسام بولار دەپ ئۆزنىڭ ئامالسىز ھالەتتە قالغانلىغىنى دەپ بىزدىن  ياردەم سوراپ تىما يوللاپتۇ.   قارسام ھەممىڭلار   ئۇنىڭغا  توي قىلۋىلىڭ دىگەن تەكلىپنى ياغدۇرۋىتىپسىلەر.
     ئەلۋەتتە بۇ قىز نىڭ توي قىلغۇسى بار.  بۇ ئىنىق تۇرمامدۇ.  قانداق قىلدۇ؟ كىم بىلەن، قىلدۇ....... دىگەنلەرنى بىلمەي تىڭىر قاپتۇ شۇ!
      ھازى چوڭ شەھەر لەردە سىز دەك قىزلار ئىنتايىن كۆپ، ئاياللار ئازاتلىغنى زۇر كۈچ بىلەن كۆككە كۆتۇرۋاتقان بۇ جەميىتىمىزدە، بەزى ئىتقادسىز، ئىمانى سۇس ئاياللىرمىز ئاز تولا پايدا ئىلىپ ئەركىنلىككە چىققاندەك قىلغان بىلەن زور كوپچىلىك ئاياللىرمىزنىڭ (قىزلىرمىزنىڭ ) بەخىت كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ بارماقتا.   شەھەرلەرگە باشقا يەرلەردىن كۆچۇپ كىلىپ ئۇلتۇراقلىشىپ قالغان، قىز ئوغۇللارنىڭ لايىق تىپىپ، ئۆز بەقتىنى قولغا ئىلشى مۇشكۇل بولماقتا.           ئۇغۇللار  جەميەتتىكى بۇزۇق قىزلارغا قاراپ بىقىپ جەميەت مۇشۇنداق بولۇپ كەتكەن ئۇخشايدۇ دەپ ھەممە قىزلارنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ھىچقانداق قىزغا ئىشنىشكە جۇرئەت قىلالمايدۇ. قىزلارمۇ   جەميەتتىكى نائىنساپ، نەپسى بالا، (ئوۋچى) يىگىتلەرگە قاراپ بىقىپ كۆڭلى سۆۋۇپ كىتىپ باردۇ.  قىز ئۇغۇللار توي قىلىش يىشدىن ئۇتۇپ كەتسە   ۋاقىت بەكمۇ سوزۇلۇپ كىتدۇ.
         يىشى ئۇتۇپ كەتكەن قىز ئوغۇللار ئەڭ تاتلىك گۇزەل مەزگىللىرنى يالغۇز ئىسراپ قىلۋەتكەن بولدۇ. ۋاقتىدا ھالال جۇپتى بىلەن بىرگە ياشاش ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.

يىشى سەل چوڭ بولغان  توي قىلالمىغان قىز يىگىتلەر  توۋەتندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بىقىشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمۇد قىلمەن.
   1.قارشى تەرەپكە بولغان تەلۋىڭىزنى بىر دەرىجە تۆۋەنلىتىپ بىقىڭ
2. بەدىئى تىپقا كۆتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن كىنۇلانى كۆرۇشنى توختۇتۇڭ. ھەم كىنۇدىكى ئىشلانى كاللڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ.
3. رىياللىققا بۇرۇنراق يۇزلىنىپ، ئۆزىڭىز توغرىسىدا يۇرەكلىك ئۇيلنىپ بىقىڭ!
4. ئىنسان ھاياتىدا توي قىلمىسا قەدئى بولمايدۇ دىگەن ئىدىيەنى مەجبورى قوبۇل قىلىڭ.
5.سىز ئۆلگەندە بىر بالڭىز قالسا ، سىزنىڭ ئۆلمىگىنڭىز شۇ! بولمىسا سىز ئىز دىرەكسز يوقاپ كىتىسىز!  مۇش نوختىنى ئۇبدان ئويلىنىىپ بىقىڭ!
6.باللىق بولۇشمۇ مىللەتكە قۇشقان تۆھپە بولۇپ ھىسابلىندۇ. ئۇنتۇپ قالماڭ!
7. يۇزىڭىز بەك نىپىز پىتى تۇرىۋەرمىسۇن.
8.دادىللىق بىلەن باشقىلارنى ئىزلەڭ، پاراڭلىشىڭ. باشقىلارنى بىزار قىلمىغان ئاساسستا.
  
                                رەھمەت!

باھانىنىڭ كېرىگى يوق!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش