بۇدۇنيادا ھەرخىل تەبىقىدىكى ھەرخىل ئىدىيەدىكى ۋە ھەرخىل كۆزقاراشتىكى ئادەملەر ياشايدۇ.ھەركىم سىزگە ئۆزكۆرقارشىدىكى ئۆزىنىڭ ئىتىقاد ۋە ئىدىيىسىدىكى ۋە ئۆزى لايىق كۆرگەن ئىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
مۇسۇلمانلار سىزگە اللەقاتەۋبە قىلىشقا اللەنى كۆپ يادئىتىشكەچىقىش يولىڭىزنى اللە ۋەئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ شەرىئىتىدىن ئىزدىشىڭىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ.چۈنكى ئىنساننى مۇ اللە ياراتقان ئىنسانلارغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلغان شەرىئەتنىمۇ اللە ياراتقان شۇ بويسۇنۇش بۇيرىقىنىمۇ اللە بەرگەن.خۇددى بىر رادىئوياسىغان ئادەم ئىشلىتىش پىرىنسىپلىرىنىمۇ رادىئۇ بىلەن بىللە قوشۇپ يەشىككە سالغاندەك اللە ئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر يولنىمۇ قوشۇپ بەرگەن بۇيول دەل ئىسلامنىڭ يولىدۇر.ئىنسانلار ئۆز بەختىنى مۇشۇ يولدىن ئىزدىسە ھەرگىزمۇ خاتالاشمايدۇ.
سىز اللە قا تەقۋالىق قىلىشتا چىداملىق بۇلۇڭ ھەرقانداق ھاجىتىڭىزنى اللەتىن تىلەڭ تىلىگەندىمۇ چىن ئىشەنچ قىلغان ھالدا اللەنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىغا قىلچە گۇمان قىلمىغان ھالدا تىلەڭ.نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ۋەمۇسۇلمانلارنى تۇپاندىن قۇتۇلدۇرغان،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتتا كۆيدۇرمىگەن،اللە ھازىرمۇ بار.سىز دۇئا ئىجاۋەت بولىدىغان ۋاقىتلارنى ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ اللە سىزگە چوقۇم ياردەم قىلىدۇ.
اللەمۇنداق دەيدۇ:مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)2 - سۈرە بةقةرة 186 - ئايەت.
سىز ئۇنىڭدىن باشقا بېشىدىن ئىش ئۆتكەن بىلىملىك مۇسۇلمان ئاياللاردىن،ئەھلى ئىلىملەردىن دوختۇرلاردىن مەسلەھەت ئېلىپ شۇلارنىڭ مەسلەھەتى بويىچە ئىش قىلىڭ.
اللە نى ھەرۋاقىت ئەسلەپ تۇرۇڭ.سىزگنىڭ پايدىلىنىشىڭىزغابۇكىتابلارنى(ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى (بەختلىك ئائىلە بولۇشنىڭ ئاچقۇچى)
ئائىلە تەربىيە مەنبەسى
ئائىلە تەربىيىسى [ئابدۇرەشىد قارى ھاجىم سابىت]
ئىسلام تەلىماتى «مۇفتىي كىفايەتۇللاھ»)مۇنۇ ئادرىسنى ۋە ئۇندىن باشقاتۆۋەندە بىرنەچچە ئىنكاسنى مەسلەھەت سۈپىتىدە سۇناي.
اللە سىزگە ياردەم قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىزنى كۆڭۈللۈك قىلسۇن امين....
http://islamyultuzi.com/menbe/kitab
www.merifet.net/bbs/UpFile/UpAttachment/aile%20tuzumi.doc