مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Hidayet

ئۆلۈم ئۇزىتىشلىرىمىزمۇ تەرەققى قىپتۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 05:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://www.yuksel.me/1740.html

بۇ  يەردە  بىر   ئەسەر  بار    .

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 05:39:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

31قەۋەتتىكى(dilbar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

تىرىلىش-ئۈلۈش پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش! ئاللاھ بىزنى ياراتقان ئىكەن ھامان قايتۇرۇپ كىتىدۇ. ئۈلۈمدە ئۈلۈككە يىغلاش خاتا~! يىغلىغان ھالەتتىمۇ ئۈن سالماي ، ئىچىدە قايغۇرسا بۇلىدۇ.
ئۈلۈمنىڭ يەتتىسى ئەتىسى دەيدىغان بىر ئىش يوق، ئۆلدى كەتتى!ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاق ئارتىۋىلىپ تەزىيە بىلدۈرگەندىن،ئادەتتە ياغلىق چەگمەي ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقانلار، ئۈلۈمدىن ئىبىرەت ئىلىپ ھامان ئۆزىنىڭ شۇ قاراڭغۇ گورغا كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئاقنىڭ ئورنىغا لىچەك ئارتىپ ياكى ياغلىق چىگىپ مۇسۇلمانلىق ھالىتىگە قايتىپ كىلىش ھەممىدىن ئەۋزەل!
نىمە ئۇ؟ نەچچە ئون كۈن ئاقنى ئارتىپ، قارىسىنى ئوشتۇدۇق دەپ رەڭسىز ياغلىق چىگىش دىگەن! ئۈلۈمنىڭ كەينىدىن بىر مەزگىل چىگىپ قۇيۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن ،ئالۋاستىدەك چاشنى پۇلاڭلىتىپ يۈرۈش ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ياغلىقنى چەككەن ئىكەنسىز ،مۇسىبەت كۈنىدىلا ئەمەس ھەرزامان چىگىۋىلىڭ.
مىنىڭچە ، شۇ ئۈلۈم چىققان ئۆيدە  بەلكىم چاچلىرىنى پاختىدەك ئاتتۇرۋالغانلارنىڭ چىچى بىردەم بولسىمۇ، موللاملارنىڭ ئالدىدا يىپىلىپ تۇرسۇن دەپ چىگىپ قۇيىدىغاندۇ؟
بىز خەقنى- دەپلا چىگەمدۇق شۇ ئاق لاتىنى؟ ئاللاھدىن قورقىشىمىز ،
بىزگە چۈشۈرگەن پەرىزلىرىنى ئورۇندىشىمىز، ياغلىقنى ئۈلۈمدىلا ئەمەس ئادەتتىمۇ چىگىشىمىز كېرەك.
ئاللاھ بەرگەن ئامانەتنى ئىلىپ ماڭغاندا ،نارازى بۇلۇپ يىغلاپ ئاھ-ۋاھ دىگەن بىلەن ئۈلۈك تىرىلىپ قالامدۇ؟ ھامان بىزمۇ قايتقۇچىلارمىز دەپ شۇ ئۈلۈمدىن ئىبىرەت ئىلىشىمىز زۆرۆردۇر.مۇسىبەتكە سەۋىر قىلىش، ئاللاھقا
يىقىن بەندىلەرنىڭ قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشىدۇر.شۇ يىغلاپ جار سالغاننىڭ ئورنىغا، شۇ مەرھۇمغا ئاتاپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ھەدىيە قىلساق بۇلىدۇ.شۇ مەرھۇمغا ئاتاپ سەدىقە بەرسەك شۇلار ھەممىدىن ئەۋزىلى!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

تامنى بۇزغان زەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3746
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41815
تۆھپە نۇمۇرى: 1138
توردا: 6418 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 05:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېدئەت ئىشلار بارغانچە كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇغۇ تاڭ!

ھەزەر قىل ئادەم سىياقى تۈلكىدىن، رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن. ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان، دەسسىدىڭلا قۇتۇلمىقىڭ تەس ئىلكىدىن.

qayanneng qekexe uneng oqluked

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2050
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9138
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 4066 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 05:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 31قەۋەت  dilbar كە 2011-09-08 05:24 PMئەۋەتىلدى  :
مەنمۇ قارىشىمنى سۆزلەپ باقسام....خاتا دىگەن بولسام تىللاپ كەتمەڭلار يەنە..
1.مىيىت ئۇزاتقان كۈنى يىغلاپ ھازا قىلىش....مەنمۇ ئۆلۈم پەتىلىرىگە بىرنەچچە قېتىم قاتنىشىپ قالدىم.قارىم،بۈۋىملەر ئۆلۈمدە يىغلاشنى چەكلەيدىكەن..لېكىن كۆپ ساندىكى ھازىدارلار يەنىلا يىلغلايدىكەن،،راست ئەمەسمۇ بىر ئۆمۈر باققان ئاتا-ئانىسى،بىر قازاننىڭ ئېشىنى يەپ چوڭ بولغان قېرىندىشى تۇپراق ئاستىغا مەڭگۈلۈك كىرىپ كېتىۋاتسا يىغلىماي قانداقمۇ چىدايدۇ. بەلكىم ھايات ۋاقتىدا ياخشى قارىماي يىغلىغاننىڭ نىمە پايدىسى دىيىشەر،،بەلكىم ھازىدار پۇشايمان، سېىغىنىشلىرىنى شۇ يىغىسى بىلەن ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتەي دەيدىغاندۇ..ھىچكىم بېشىغا شۇ كۈن كەلگەندە يىغلىماي ئەلەھمۇلۇللا دەپ پاقىراپ قاراپ تۇراي دىمەيدىغاندۇ.
2.مېيىتنى يەرلىككە قونۇپ 3كۈن تۇپراق بېشىدا قونۇش.
مېنىڭچە بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار،بەزى كىشىلەر  تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىدۇ..يۈرەك سوقۇشى ۋاقىتلىق توختاپ،كۆمۈپ بولغاندىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.شۇڭا تۇپراق بېشىدا قونسا ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بولسا قۇتۇلۇپ قالدى دىگەن گەپ،بۇمۇ ئاللانىڭ شۇ كىشىگە بەرگەن رىسقى.
3.قارىسىنى ئۇشتۇپ ياغلىق ئارتىش.
.......


1.راسچىل پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دىگەن:مىيىت ئۇرۇق-تۇققانلىرى يىغلىغانلىق سەۋەبىدىن قەبرىدە ئازاپ چىكىدۇ.
2.بۇ گىپىڭىزنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق.
3.راسچىل،سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دىگەن: يولدۇشى ئۆلۇپ كەتكەن ئايالدىن باشقا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ مىيىتكە ئۇچ كۇندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى قەتئى ھارام.
ئەمدى ئاخىرقى گىپىڭىزگە كەلسەك نىمە دىسەك بولار.........................
ئۆلۇم ئۇزۇتۇشنى دىنى تەرەپكە باغلىماي سىزچە قەيەرگە باغلاپ سۆزلىسەك بولار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 05:55:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 31قەۋەت  dilbar كە 2011-09-08 05:24 PMئەۋەتىلدى  :
مەنمۇ قارىشىمنى سۆزلەپ باقسام....خاتا دىگەن بولسام تىللاپ كەتمەڭلار يەنە..
1.مىيىت ئۇزاتقان كۈنى يىغلاپ ھازا قىلىش....مەنمۇ ئۆلۈم پەتىلىرىگە بىرنەچچە قېتىم قاتنىشىپ قالدىم.قارىم،بۈۋىملەر ئۆلۈمدە يىغلاشنى چەكلەيدىكەن..لېكىن كۆپ ساندىكى ھازىدارلار يەنىلا يىلغلايدىكەن،،راست ئەمەسمۇ بىر ئۆمۈر باققان ئاتا-ئانىسى،بىر قازاننىڭ ئېشىنى يەپ چوڭ بولغان قېرىندىشى تۇپراق ئاستىغا مەڭگۈلۈك كىرىپ كېتىۋاتسا يىغلىماي قانداقمۇ چىدايدۇ. بەلكىم ھايات ۋاقتىدا ياخشى قارىماي يىغلىغاننىڭ نىمە پايدىسى دىيىشەر،،بەلكىم ھازىدار پۇشايمان، سېىغىنىشلىرىنى شۇ يىغىسى بىلەن ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتەي دەيدىغاندۇ..ھىچكىم بېشىغا شۇ كۈن كەلگەندە يىغلىماي ئەلەھمۇلۇللا دەپ پاقىراپ قاراپ تۇراي دىمەيدىغاندۇ.
2.مېيىتنى يەرلىككە قونۇپ 3كۈن تۇپراق بېشىدا قونۇش.
مېنىڭچە بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار،بەزى كىشىلەر  تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىدۇ..يۈرەك سوقۇشى ۋاقىتلىق توختاپ،كۆمۈپ بولغاندىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.شۇڭا تۇپراق بېشىدا قونسا ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بولسا قۇتۇلۇپ قالدى دىگەن گەپ،بۇمۇ ئاللانىڭ شۇ كىشىگە بەرگەن رىسقى.
3.قارىسىنى ئۇشتۇپ ياغلىق ئارتىش.
.......
ئۆلۈملۈكتە يىغلىسا بولىدىكەن ، ئەمما جار سېلىپ :
- بالدۇر كەتتىڭىزەي ...، دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرمەي كەتتىڭىزەي . ...

دىگەندەك نامۇۋاپىق سۆزلەرنى قوشاق قىلىپ ئوقۇپ يىغلىسا گۇناھ بولىدىكەن .  بەك قايغۇرغۇسى كەپ كەتسە ئىچىدە يىغلىسىمۇ بولىدىغۇ ...

سىز دىگەن تۇيۇقسىز يۈرىكى توختاپ قىلىپ قايتا تىرىلىش دىگەن 1000 نىڭ ئىچىدىن بىرەر قېتىم بولۇپ قالارمكىن ، ئۇنى ھەممە مېيىتقا تەقلىد قىلىش قانداقمۇ ئەقىلگە سىغىدۇ ؟

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئادەمدەك ئادەم ب

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21151
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7939
تۆھپە نۇمۇرى: 520
توردا: 2363 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 05:59:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3.مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىقات ۋاراقىسى شەكلىدە بېسىپ-كۆپەيتىپ نەزىر ئەھلىگە تارقىتىشى. {)^P_zha[9  
مۇشۇ ئىش ئەڭ قاملاشمىغان ئىش.نۇمۇس قىلماي ئۆلگەندىن كىيىن تەشۋىق قىلىشىدۇ تىخى.ئۈرۈمچىدە خىلى ئەۋىج ئىلىپ قالغان ئىش.تېرىقتەك ئەمىلى بارنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىدىكەن.توۋۋا دىمەي ئامال يۇق.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 06:04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلىماي ، ئۆلگەندە مىڭ-مىڭلاپ قوي سويۇپ نەزىر بەرسىمۇ ، زەررەچىلىك پايدىسى يوق ،ئەڭ ياخشىسى ھايات چېغىدا ياخشى ئەمەللەرنى ، كۆپرەك قىلىۋىلىش كىرەك .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 06:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەبرە يوقلاپ قۇرئان ئوقۇش

باش بەت > خۇراپات > پەتىۋالار تارىخ: 22.07.2009

قەبرە يوقلاپ قۇرئان ئوقۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،مەن بىرگۈدەك كادىر. بەزىلەر«رامىزان كۈنلىرى قەبرە يوقلاپ، قەبرىدە ئايەت ئوقۇسا بولمايدۇ، ئۇ دۇنيادىكىلەرمۇ روزا تۇتقان بولغاچقا، سىز ئاتاپ ئوقۇغان ئايەت ۋە تىلەك مەزكۈر كىشىنىڭ روزىسىنى قازاقىلىۋېتىدۇ» دەيدۇ. مەن بۇ سۆزنىڭ ئاساسى يوق دەپ قارايمەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسەڭلار...


ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام سىز ئويلىغاندەك بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. چۈنكى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىبادەت قىلمايدۇ ۋە ئىبادەت قىلىشقىمۇ تەكلىپ قىلىنمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:

“سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن” (ھىجر سۈرىسى، 99 ـ ئايەت) لېكىن سىز شۇنى بىلىۋېلىڭكى، قەبرىستان ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ ئايەت ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئىبرەت ئىلىش ئۈچۈن ۋە قەبرىدىكىلەرگە سالام قىلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەبرىستانلىققا چىققان ۋاقتىمىزدا بىرىنچىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھامىنى بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمىزنى، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن توغرا ئەقىدە ۋە ياخشى ئەمەلدىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە “ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي قەبرىدە يېتىۋاتقان ئەر ـ ئايال مۇئمىن ـ مۇسۇلمانلار! ئاللاھ بىزنى ۋە سىلەرنى ئەپۇ قىلسۇن، سىلەر بۇ جايغا بىزدىن بۇرۇن كەلدىڭلار، بىزمۇ ئاللاھ خالىغان بىر پەيتتە سىلەرگە يېتىشىمىز” دەپ سالام قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا نامازلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن ۋە ھەر پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىمىز



      (   ئەسكەرتىش  :   تور   دۇنياسىدىن   ساقلىۋالغىنىم   )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 06:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 06:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى
قەبرە زىيارەت قىلىش بولسا رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە كىشىلەرقەبرە زىيارەت قىلغاندا ئۈلۈكلەردىن مەدەت-ئىستائانەت سۇر
قەبرە زىيارەت قىلىش بولسا رەسۇلۇللەنىڭ سۈننىتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە كىشىلەرقەبرە زىيارەت قىلغاندا ئۈلۈكلەردىن مەدەت-ئىستائانەت سۇراپ،ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى سۇراپ شىرىككە ياتىدىغان ئەمەللەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامنىڭ دەسلىۋىدە قەبرە زىيارەت قىلىش يولغا قۇيۇلمىغاندى.   ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن مەن سىلەرنى قەبرە زىيارەت قىلىشىتن توسقانىدىم. ئەمدى زىيارەت قىلىۋېرىڭلار. ھەقىقەتەن قەبرە ئۇلۇمنى ئەسلىتىدۇ  ھاكىم،ئىمام ئەھمەد توپلىغان، سەھىھ.  
بۇ ھەدىس قەبرە زىيارەت قىلىشقا بۇيرۇپ كەلگەن ھەدىستۇر. قەبرە زىيارەت قىلغۇچى قەبرىنى پەقەت رەسۇلۇللەنىڭ يۇقىرقى ھەدىسى ئۈچۈنلا زىيارەت قىلىشنى،ۋە ئۈلۈمنى ياد ئىتىپ ياخشىلىق ئەمەلنى كۆپ قىلىش نىيىتى بىلانلا بېرىشى كىرەك.قەبرە ئىگىلىرىدىن ياردەم سۇرايدىغان، ھاجىتىنى ئۇلاردىن سۇرايدىغان،ئۇلاردىن بىرەر ياخشىلىق ۋە يامانلىق كىلىدۇ دەپ ئىتقاد قىلىدىغان مۇنداق شىرىك ئىشلارنى ،ۋە خىياللارنى قىلماسلىق كىرەك.بىزنىڭ نەزرىمىزدە قەبرە ئىگىلىرىگە دۇئا قىلمىسا،ئۇلارغا ھۆرمەت قىلمىسا ئۇلاردىن تەخسىرەت كىتىدۇ دەيدىغان خاتا تۇنۇش بار. بىلىپ قېلىڭكى قەبرە ئىگىلىرىنىڭ قۇلىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدۇ. يەنە بىزدە قەبرە ئىچىدىكى مىيىت يوقلىغىلى كەلگەن ئادەمنى كۈرىدۇ،ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ دەيدىغان خاتا ئىتقاد بار. ئاللاھ قۇرئاندا { سەن سۈزۈڭنى ئۈلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن...} دىگەن. ئۈلۈك دىگەن ئاڭلاشتىن،كۈرۈشتىن قېپقالىدۇ. پەرىشتە قەبرىدە مىيىتنى سۇئال-سۇراق قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىدۇ، ئەگەر ئۇ قەبرە ئىگىسى جەننىتى بولسا جەننەتنىڭ خۇشپۇراق ھىدلىرىدىن پۇراپ ياتىدۇ.ۋە يىڭى توي قىلغان يىگىتكە كىچە بەك قىسقا بىلىنگەندەك ئۇ كىشىگىمۇ قەبرە ھاياتى شۇنداق قىسقا بىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قىيامەت تىزلا بولغاندەك تۇيىلىدۇ.ئەگەر دەۋزىخى بولسا دەۋزەخنىڭ قىززىق ھارارەتلىرى ئۇنىڭغا كىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قەبرە ھاياتى ناھايتى ئۇزۇن بىلىنىپ كىتىدۇ. ئۇ قەبرىسىدە قىيامەتكىچىلىك شۇنداق ئازاپ ئۇقۇبەت ئىچىدە ياتىدۇ. مانا بۇ قەبرە ئىگىلىرىنىڭ ھالىتى.ئۇنىڭدىن باشقا مىيىتنىڭ كۇرەش،ئاڭلاش،سىزىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.پەقەتلا مىيىت يەرلىكىگە قۇيلۇپ دەفنە قىلىنىپ جامەئەتلەر قەبرىستاندىن ئايرىلغاندا ئۇلارنىڭ كەشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بار. ئامما بۇ ھەدىستىن ئۈلۈك قەبرىسىدە داۋاملىق سىرتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ ياتىدۇ دىگەنلىك چىقمايدۇ. بۇ پەقەتلا مىيىت قەبرىگە قۇيۇلۇپ ئىككى پەرىشتە سۇئال-سۇراق ئۇچۇن كىرگەندە ئۇنىڭ جېنى قايتۇرىلىدۇ. ئۇ پەرىشتىلەر چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مىيىت قىيامەتكىچلىك ئۇخلايدۇ.ئۇنىڭدا ھېچقانداق سىزىم بولمايدۇ.سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۇزىلىدۇ.پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش،سەدقە برىىش... قاتارلىقلار ئۇلارغا خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ.
قەبرىگە بارغاندا نىمە قىلىشىمىز توغۇرلۇق رەسۇلىمىز بىزگە خەۋەر بىرىپ بولغان.
ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا : يا رەسۇلەللە مەن قەبرىستانغا بارغاندا نىمە دەيمەن.دىدى.
رەسۇلۇللە:« ئەسسالام مۇئىمىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن بولغان قەبرە ئەھلى!
ئاللاھ بىزلەردىن ئىلگىرى كەتكەنلەرگە،ۋە كىيىن قالغانلارغا رەھمەت قىلسۇن.ئاللاھ خالىسا بىزمۇ سىلەرگە پات يېقىندا قۇشىلىمىز» دەڭ دىدى.
  
(مۇسلىم رىۋايت قىلغان)  
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە  «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى قەبرىدىكى مۇئىمىنلەر ! سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ئۈلۈم كەلدى.ئاللاھ خالىسا بىزمۇ پات يېقىندا سىلەرگە قۇشىلىمىز.ئى ئاللاھ بەقىيئۇل غەرقەد ئەھلىنى مەغپىرەت قىلغىن» مانا بۇ رەسۇلۇللەنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىپ بارغاندا نىمە دىيشىش كىرەكلىكىنى بىلدۇرۇپ كەلگەن سۈزى. قەبرىنى زىيارەت قىلغاندا قەبرىستانلىقتا نامازئۇقۇشتىن،قۇرئان ئۇقۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن. زەيىدئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ.رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن :«ئۆيلىرىڭلارنى قەبرە قىلىۋالماي نەفلە ، ۋە سۇننەت نامازلارنى ئۈيۈڭلاردا ئۇقۇڭلار» (ئەھمەد،ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان سەھىھ)
بۇ ھەدىستە قەبرىستانلىقنى ئىبادەتتىن خالىي جاي ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ قەبرىستانلىقتا ناماز ئۇقۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس.(مەسئۇل تەھرىر: KeySarjan)

قەبرە،ئەدەپ
مەنبەسى: مەكىت دولانلىق تورى(www.dolanlik.com) تېما ئادىرىسى:http://www.dolanlik.com/a/life/turmush/2010/1229/336.html

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش