بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ناماز بولسا ، ئەرلەر بېشىغا دوپپا كىيىدۇ . ئاياللار ئاپئاق كىيىم كىيىپ ، ئاق ياغلىقلارنى ئارتىدۇ . 3 ئاش ، 4 ئاش ، 7- كۈنى ، 40 - كۈنى ، 1 يىللىقى يىل ئاش نەزىرىسى بېرىلىدۇ . ھازىر توي تۈكۈنلەر ئاددىيلاشتى دەيمىز . لېكىن نېزىرلار رىستۇرانلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ تويدەكلا ھەشەمەتلىشىپ كىتىۋاتىدۇ . يەل يىمىش ئىسراپچىلىقىچۇ تېخى ..........
خالىس نېزىر قىلماي ، بىر بىرىدىن پۇل ئۆندۈرىدىغان بۇلىۋالدى ....
بەزى جايلاردا قارا كىيىم كىيىپ ھازا قىلىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم . بۇ راستمىدۇ ؟
ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىپ ۋارقىراپ يىغلاشلىرى ، يىغلىدى ، يىغلىمىدى دەپ غەيۋەت قىلىشلار ، قىزى بەك يىغلىدى ، كىلىنى ساختا يىغلىدى دىيىشىپ كىتىدۇ . ئاياللارنى ياغلىقنى ئۇزاق چىگدى ، بالدۇر ئېلىۋاتتى دەپ غەيۋەت قىلىشىمىز تېخى ..................
قېنى باشقا دوستلار نىمە دەيدىكىن ؟
بۇ تىما ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ . ئۈچۈرۈلۈپ كەتمەي ، ئۇزاقراق تۇرغىيدى ، بۇ تىما ئارقىلىق مۇشۇ توغرىلىق قائىدە يۇسۇنلارنى كۆپرەك بىلىۋالايلى !