مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Hidayet

ئۆلۈم ئۇزىتىشلىرىمىزمۇ تەرەققى قىپتۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 07:00:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قــەبــرە ئـالـــدىــدا
http://bbs.xohbala.com/forum.php?mod=viewthread&tid=368

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11531
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8676 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 07:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  ماۋۇ  گەپىنى.   ئاڭلىمغان  گەپىنى كۆرمگەن  
ئىشىنى مۇشۇ  مۇنبەردە  كۆرىمەن.  توۋا............ھەققەتەنمۇ  بەزىلەر بەك ئاشۇرۋىتدىكەن.
مۇسبەت  كۇنى  يىغىلغان.  مۇسىبەتكە سەۋىر قىلمغان  شۇنداقلا  جار  سىلپ
يىغلسا  قاتتق  گۇناھ  بولدىغانىلق  توغۇرسىدا نۇرغۇن  ھەدىس  ئايەتىلەر  بار،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 07:26:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارغاندا زامانىۋى ئاپاق غوجىلار پەيدا بولۋاتقان بولسا كېرەك.ئاللاھ،بىزنى ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغان يولغا باشلىغىن!!!!!!!

خۇشاللىقىم مىسر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5825
يازما سانى: 733
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10300
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 4697 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 07:28:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت  kapTalis كە 2011-09-08 02:53 PMئەۋەتىلدى  :

ما  گەپنى !



بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4652 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 10:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ؟ قارسىنى ئۇشتىدىغان گەپ باغۇ ئەزەلدىن ؟

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10408
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 10:42:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بەزى ئىشلىرىمىز  بەكلا قاملاشماي كىتىپ بارىدۇ.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

HALKIM UQUN   JENM   PIDA

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 716
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 10:48:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا خۇدايم

خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49579
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4387
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2494 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 11:01:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

12قەۋەتتىكى(بېھزات) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

سوئال:
بىزنىڭ يۇرتىمىزدا مۇسىبەت ئىگىلىرىدىن بىرقىسىم كىشىلەر قۇرئان ئوقۇيالايدىغان بەزى قارىلارنى قەبرىستانلىققا تەكلىپ قىلىپ قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئۇلار بۇ ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلگۈچىگە پايدىسى بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەزىلەر چوڭ ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەتمە قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئىسلام دىندا بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ قەبرىستانلىقتا ۋە باشقا جايلاردا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلۈككە پايدىسى بولامدۇ؟ ئۆلۈككە پايدىسى يېتىدىغان توغرا ئىشلار قايسى؟ بىزگە بۇنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىلە، ئاللاھ سىلەرگە زىيادە ساۋاپ ئاتا قىلسۇن، بىزمۇ سىلەرگە كۆپ رەھمەت تەشەككۈر ئېيتىمىز.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا مەنسۇپتۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە :« كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا، بۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ». يەنى بۇ ھەدىستىن دىندا يوق بولغان ئىشنى كىم پەيدا قىلسا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە جىنايىتى شۇ كىشىگە قايتىدۇ دېگەن مەنا ئىپادىلەنگەنلىكتىن بۇ ئىش ئىسلام دىندا توغرا بولمىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن.
قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇيدىغان، ئۆلۈكنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرىدىغان ئىشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە كىيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ بىدئەت ئىشلاردىن، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، كىيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ماڭغان كىشىلەرگە ئەگىشىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلىشتىن ئىبارەت، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇ مەنانى ئىپادىلەيدۇ:«ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر( يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« سىلەر مىنىڭ سۈننىتىمنى ۋە ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەخۇتبىلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن: «سۆزنىڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، يولنىڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىدۇر، ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەسكى، ناچارلىرى دىندا  ئەسلى يوق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر، دىندا ئەسلى يوق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەتتۇر». بۇ توغرىدا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە مۇسۇلمان ئۆلگەندىن كىيىن پايدىسى بولىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« ئىنسان ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۈزۈلىدۇ، ئەمما ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلى داۋاملىشىدۇ، بىرىنچى: سەدىقە جارىي، (ئىنسان ھاياتلىقتا ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇسۇلمانلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولسا، ۋاپاتىدىن كىيىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ ئىشلارنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن مېيىتكىمۇ ساۋابى يىتىپ تۇرىدۇ) ئىككىنچى: مەنپەئەتلىك ئېلىم،( بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى مۇسۇلمان شەرئى ئىلىملارنى ئۇگۇنۇپ، مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئىلمى خىزمەت قىلغان بولسا، ۋە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەت ئىسلاھاتى ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۈستۈن قىلىدىغان يېڭىچە بىلىملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا) ئۈچىنچى: ئىنساپلىق پەرزەنت تەربىيىلەش،( يەنى ئىسلام ئىدىيىسى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئاللاھنىڭ ھەققى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققى قاتارلىقلارنى تونۇيدىغان ئاڭ-سەۋىيە بىلەن پەرزەنت تەربىيىلەش) ».
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:« ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاتا -ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىدىغان بىرەر ياخشى ئىش بارمۇ؟ دەپ سورىدى،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ھەئە- بار، ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش، ناماز ئوقۇش، ئاللاھدىن ئۇلارغا كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش، دوست بۇرادەرلىرىنى ئىززەت ئىكرام قىلىش، ئۇ ئىككىيلەننىڭ تەرىپىدىن بولغان ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت».  
"ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش" دېگەندىن ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە مۇۋاپىق كىلىدىغان تاپشۇرۇقلىرى بولسا ئورۇنداش ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئاتا ئانىسى ئۈچۈن سەدىقە قىلىش، كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىش، شارائىتى يار بەرسە ئۇلار ئۈچۈن ھەج -ئۆمرە قىلىشمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار توپلىمىنىڭ 9- توم  319-بەتتىن ئىلىندى
(دېمەك؛ قەبرىستاندا ئۆلۈك بېشىدا قۇرئان تامام قىلدۇرۇش، ئاتالمىش موللىلار ۋە يوقسۇللارغا قەبرە بېشىدا پۇل تارقىتىش، مېيىتقا ساۋابى يېتىدۇ دېگەن ئاساسسىز كۆز قاراش بىلەن، مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ ھالىغا قارىماستىن بەزى بىر ئالدىپەش نانتاپالارنىڭ قىستىشى ياكى سەت تۇرىدۇ، دادىلىرى، ئانىلىرى كېچىك كىشىلەر ئەمەسمىدى، ئاخۇنۇملارنىڭ ئالدىدا پۇل قويمىساق سەت تۇرىدۇ...دىگەندەك قېلىپلىشىپ كەتكەن سەپسەتەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مۇسىبەت ئىگىلىرى، ئۆلەپ-تىرىلىپ تاپقان پۇللىرىنى ئاتالمىش ساۋاپ ئۈچۈن بېغىشلاشقا مەجبۇر بولدى.ئۆلگۈچىنى بىر زىيان تارتقان بولسا، ئۇنىڭغا قوشۇپ پۇل-ماللىرىدىنمۇ ۋاقىتسىز نە دىن- شەرىئەتكە، نە ئەقىل -مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا ئىلىپ چىقىپ بازار تاپقۇزۇشقا تىرىشتى. شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ بەزى بىر يېزا-قىشلاقلىرىدا تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان  يەتتە كۈن، قىرىق كۈن، بىر يىل بولغاندا، مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى يەنىلام نەزىر قىلىش دىنىمىزدىن، ئۆلۈككە ساۋاپ بولىدۇ، نەزىر قىلمىسا مېيت خاتىرجەم ياتالمايدۇ، نەزىر قىلمىسا جەمئىيەتتە سەت تۇرىدۇ، تونۇش-پىلىش، خۇلۇم-خوشنىلار نېمە دەپ قالىدۇ... دىگەندەك بەزى بىر پوپ موللىلار ۋە سوپى ئىشانلارنىڭ شەرىئەتكە ئاساسلىنىپ ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان زاڭ پەتىۋالىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئانچە ئاز ئەمەس.ئاز-تولا قوۋۇرغىسىنىڭ مېيى بارلارغۇ جاھىللىقتىن شەرىئەت بىلەن ھېسابلاشماي نەزىرە قىلسۇن، يوقسۇل بىچارىلەرچۇ؟! نەزىر قىلسا ئۆلۈككە ساۋابى يېتىدۇ، قىلمىسا مېيتكە ۋە مۇسىبەت ئىگىلىرىگە ياخشى بولمايدۇ دېيىش ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن دىيارىمىزدا، يوقسۇللار نەزىرە قىلىش ئۈچۈن بار- يوقىنى سېتىپ ياكى قەرز قىلىپ يۇرۇپ قورسىقى توقلارغا زىياپەت بېرىپ، باتىل پەتىۋاچىلارنىڭ ھاڭدەك تويماس ئېغىزىغا شورىلىپ تۇگەيدۇ. دىنىمىزدا ھىچ قاچان ئۆلگەن كىشىنىڭ ئارقىسىدىن مىراسخورلار مال-دۇنيانى سورىۋىتىشكە بۇيرۇلمايدۇ، بەلكى، شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن ساغلام يول بىلەن ئېھسان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئىمكانىيىتى يار بەرسە نەزىرە قىلىشنىڭ ئورنىغا، يوقسۇل، يىتىم- يېسىر، تۇل-خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئىلىش، ئويلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىغا ياردەم قىلىش، ئۇندىن باشقا دىندا ئەسلى بار ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ساۋابىنى مېيتكە بېغىشلاش قاتارلىق ئىشلار شەرىئىتىمىزدە يولغا قويۇلغان. نەزىرە قىلىش، ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىدا كۆرسۇتۇلمىگەن ئىكەن، ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشىمىز لازىم. كىمىكى جەمئىيەتتە بىر بىدئەتنىڭ يوقىلىشىغا ھەسسە قوشۇدىكەن، بىر سۈننەتنىڭ ئەھيا بولىشىغا تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئۇ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھدىن ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى سورايمەن.- مۇھەررىر-)

  مەنبە: ئىسلام ئائىلىسى

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11531
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8676 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 11:05:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات (ھەرەم مەسچىتىدە ئىماملىق ۋە خاتىپلىق خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ.

2009- يىلى 12- ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ۋە رەسۇلۇللاھقا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا،"مۆمىن ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەرگە سەبرى قىلىش، ھەمدە ساۋاپ ئۈمىت قىلىش كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئى مۇسۇلمانلار! زاماننىڭ قاتتىقچىلىقلىرى، قاراڭغۇ كېچىلەر، ئىنسان بېشىغا ئىنساننىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر ھەممىسى ئىنساننى سىنايدىغان، مۆمىنلەر ئۈچۈن ئىمانىنى سىنايدىغان بۈيۈك سىناقلاردۇر.

بالا- قازا، مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلىش بىلەن بىرگە ساۋاپ ئۈمىت قىلىش مۆمىننىڭ پەخرىدۇر. مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلالمىغانلار ئۈچۈن  بالايى -ئاپەت ئاللاھنىڭ غەزىپىدۇر.

بەندىنىڭ ئىمانىغا بېقىپ ئاللاھنىڭ سىناقلىرى، بالا-مۇسىبەتلەر كېلىدۇ، بەزىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يېقىنلىرى، بالا-چاقىلىرى،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن سىنىلىدۇ. ئىنسانلار ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قىممەتلىك كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇنداق مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ بۈيۈك ئەجرى-ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ زىيانلىرى بەدىلىگە بۇرۇنقىدىن ياخشىراق بەدەل بېرىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ.

بەزى كىشىلەر پاراۋانلىق تۇرمۇشتىن كېيىن قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنىلىدۇ، توقلىقتىن كېيىن ئاچارچىلىقلار بىلەن سىنىلىدۇ، تىجارەتتە راۋانلىقتىن كېيىن بازار كاساتلىقى بىلەن سىنىلىدۇ، بەزىلەر ئۆيلىرىنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن سىنىلىدۇ، بەزىلەر ئائىلىسىنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ ناچارلىقى بىلەن سىنىلىنىدۇ، بەزىلەر بولسا ھەر تۈرلۈك ئېغىر كېسەللەر بىلەن سىنىلىنىدۇ. بۇنداق سىناقلار ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا سىنايدىغان سىناقلىرى بولۇپ، بەندە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە باياشات تۇرمۇشتا بولسۇن، قاتتىقچىلىقتا بولسۇن شۈكۈر قىلامدۇ ياكى نا شۈكۈرلۈك قىلامدۇ دېگەن ئاساستا سىنايدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنى سىنىمىسىمۇ ئەھۋالىنى ۋە قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئەتراپتىكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن سىنايدۇ.

ھەقىقىي سادىق مۇسۇلمان بېشىغا مۇسىبەت كەلگەندە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە سەبرى قىلىش بىلەن بېشىغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتكە سەبرى قىلىدۇ. مۆمىن بېشىغا كەلگەن ھەرخىل مۇسىبەتلەرگە قارىتا ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىدۇ، بالا-مۇسىبەتلەرگە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، بالاغا سەبرى قىلىش مۆمىنلەرنىڭ خىسلىتىدۇر. سەبرى قۇرئان كەرىمدە 90 ئورۇندا زىكىر قىلىنغان، ئاللاھ مۆمىنلەرنى سەبرى قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ سەبرى قىلغۇچىلارغا بىشارەت بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان- زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن». بەقەرە سۈرىسى 155-ئايەت.

بەندىنىڭ بېشىغا مۇسىبەت قانچە كۆپ كەلسە، گۇناھ-مەسىيەتلىرىنىڭ يۇيۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئاللاھ رەھىم قىلغان ئىنسانغا مۇسىبەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ. مۆمىن ئۈچۈن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ رەھمىتى سۈپىتىدە بولۇپ، بەندە ھېچقاچان ئاللاھدىن رەنجىمەيدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى سان ساناقسىز بولۇپ، ھەرقانچە كۆپ بالا-مۇسىبەتلەر كەلسىمۇ يەنىلا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. بەندە مۇسىبەتكە گىرىپتار بولغانىكەن، بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. سىناق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىكەن، سىناقتىن ياخشى ئۆتۈشكە تىرىشىشى لازىم. سىناقتىن ئۆتۈش؛ ئاللاھقا سەبرى قىلىش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن ھارماي-تالماي تىرىشىپ، ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.   
: مۇسىبەتكە سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى
مۇسىبەتنىڭ بۈيۈكلىكى ئەجرىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ دەلىلىدۇر
يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير (مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمام ۋە خاتىپى)




2009-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە سالام بېرىپ "ئاللاھتىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش، ئاللاھ مۇپتىلا قىلغان مۇسىبەتكە سەۋرى قىلىشنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بولىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! دۇنيا ئۆزگرىشچان، تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەر بىلەن سىنىلىدىغان، مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن ئۆزگىرىدىغان غۇربەتلىك دىيارى بولۇپ، دۇنيادا ئۇچرىغان ھەر تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەرگە چىرايلىق سەۋرى قىلىش كېرەك. دۇنيادا ئاللاھ تائالادىن باشقا مەڭگۈ قالىدىغان ھېچ نەرسە يوق. دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەر ئۇنتۇلىدۇ. دۇنيا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئاددى نەرسە بولۇپ، بۇنىڭغا بىئارام بولۇش ۋە غەم قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.

مۆمىنگە دۇنيادا بىرەر قىيىنچىلىق ۋە غەم-قايغۇ يەتسە بۇنىڭغا سەۋرى قىلىپ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىقلىرى ئاسان بولىدۇ. بارلىق قىيىنچىلىق ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش بىلەن ھەل بولىدۇ. مەنىۋى كېسەللىكلەر ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن شىپا تاپسا، دەرت-ئەلەملەر ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش بىلەن تۈگەيدۇ. مۇسىبەت مۇسۇلمان ھاياتتا دۇچ كىلىدىغان بىر كۆرەش بولۇپ،  بۇنىڭ باشلىنىشى ۋە بېكىتىلگەن تۈگەنچىسى بولىدۇ. بالا-مۇسىبەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى بۇنى ئۆچ كۆرۈش بولسا، سەۋىرسىزلىكتىن بۇنىڭغا كىلىدىغان ساۋابنى يوقۇتۇپ قويۇش ئەڭ رەزىللىكتۇر. قانائەتنى يوقاتقان كىشى ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«بىز سىلەرنى بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، بىر ئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان- زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 155-156-157-ئايەتلەر].
بىرەر مۇسۇلمانغا دەرت-ئەلەم ياكى بىرەر كېسەللىك يەتسە، كۆپ نالە پەرياد چېكىش ۋە باشقىلارغا شىكايەت قىلىش بىلەن ساۋابىنى يوق قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. مۇپتىلا بولغان مۇسىبەتنى باشقىلارغا دەرت توكۇش ئىنسانغا ھېچقانداق تەسەللى بولمايدۇ ۋە مۇسىبەت ئۇنىڭ بىلەن يەڭگىللەپ قالمايدۇ. تەسەللى ۋە قانائەتلىنىش، ئۆزىگە يەتكەن بارلىق كېسەللىك ۋە بالا-مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن، بارلىق خاتالىقلىرى ئۆچۈرۈلۈپ كەمچىلىكلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەپ كېسىلى بولۇپ قالغاندا يوقلاپ كېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىنى تۇتۇپ مۇنداق دېدىم: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلى قاتتىق تەپ كېسىلى بولۇپ قاپتىلا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھە-ئە، شۇنداق، مەن سىلەردىن ئىككى كىشى ئاغرىپ قالغاندەك ئاغرىپ قالدىم دېدى،  مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە بۇنىڭدا قوش ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟ دېسەم،  ھە-ئە دەپ بولۇپ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانغا بىرەر ئازار-كۈلپەت ۋە كېسەللىك يەتسە ئۇنىڭغا سەبرى قىلسا، ئاللاھ بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن خۇددى دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلگەندەك ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ». [ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئى مۇسۇلمانلار! پەرزەنت ئىنساننىڭ يۈرەك-پارىسى، كىشىلەر ئارىسىدىكى پەخرى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتىشى، ئېغىر مۇسىبەت ۋە قەلب يارىسى بولۇپ بۇنىڭ داۋاسى پەقەت سەبرى قىلىش ۋە ئاللاھدىن ئەجرى تىلەش بىلەن بولىدۇ. پەرزەنتلىرى كېسەللىك سەۋەبى، قاتناش ھادىسىسى ياكى ئوت ئاپىتى ياكى سۇغا غەرق بولۇپ كېتىپ ياكى يامغۇر ھادىسىلىرىدە ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن، كۆز قارچۇغىدىن ئايرىلغان، قەلبى ئۆرتەنگەن ئاتىلار ۋە كۆزى ياش بىلەن نەمدەلگەن ئانىلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى، كەچۈرۈم قىلىشى، رەھمىتى، كاتتا ساۋابى، خەير-ئېھسانى ۋە ئالى جەننەتلىرى بىلەن خۇرسەن بولۇڭلار. ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرەر كىشىنىڭ پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەرىشتىلىرىگە: مىنىڭ بەندەمنىڭ پەرزەنتنىڭ جېنىنى ئالدىڭلارمۇ؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: ھە-ئە  دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: بەندەمنىڭ يۈرەك پارىسىنىڭ جېنىنى ئالدىڭلارمۇ؟ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ھە-ئە دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: بەندەم پەرزەنتنىڭ جېنىنى ئالغان ۋاقتىڭلاردا نېمە دېدى؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: ئۇ كىشى سىلىگە ھەمدۇ-سانا ئېيتتى ۋە (بىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىمىز)دەپ سىلىدىن ياخشىلىق تىلىدى، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: مېنىڭ بۇ بەندەم ئۈچۈن جەننەتتە بىر قەسىر  ياساڭلار، بۇ قەسىرنى ھەمدۇ-سانا ئۆيى دەڭلار دېدى». [تىرمىزى رىۋايىتى].

مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇش يوق. ئۆلۈم شارابىنى ئىچمەيدىغان ۋە سەكراتتا يۈزبېرىدىغان قىيىن ئەھۋاللارنى كۆرمەيدىغان كىشى يوق. ئۆلۈم سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن دوستلار بىر-بىرىدىن ئايرىلدى، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئارىسى يىراق بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىس قۇدسىىيدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن بەندەمنىڭ دۇنيادىكى كۆز قارچىغۇسى ۋە يۈرەك پارىسى بولغان ئەڭ يېقىن كىشىسىنىڭ جېنىنى ئالسام، بەندەم بۇنىڭغا سەبرى قىلىپ، مەندىن ساۋاب ئۈمىت قىلسا، مەن ئۇ بەندەمنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمەن». [بۇخارى رىۋايىتى]. ئاللاھنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇسىبەتكە گىرىپتار بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرىنى پەسلىتىپ، روھىنى كۇچلاندۇرىدۇ.

كىمىكى قورساق ئاغرىقى، ۋابا كېسىلى، زەھەرلىك ھايۋانلار چىقىۋالغان، سۇدا غەرق بولۇپ كەتكەن ياكى ئۇلىغىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن، تام بېسىۋالغان ۋە تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەندەك قىيىن بىر ئۆلۈم بىلەن دۇنيادىن كەتسە، ئاللاھ بۇ ئۆلۈمنى ئۇ كىشىنى گۇناھتىن پاكلايدىغان، ئەجىر-ساۋابىنى زىيادە قىلىدىغان، ئالى مەرتىۋىگە ئېگە قىلىدىغان، نەتىجىدە شېھىتلەرنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدىغان بىر ۋەسىلە قىلدى.
مانا بۇ مۇسىبەت ئىگىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مېھرىبان، كۆيۈمچان، ئاتا-ئېھسانى ھېسابسىز ، كەچۈرۈم قىلغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان تەسەللى ۋە مەرھەمەتتۇر.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.  
مەنبە : تۇر دۇنياسى

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49579
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4387
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2494 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 11:06:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەبرىستانلىقتا ۋەز-نەسىھەت قىلىش توغرىمۇ؟

12833نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
قەبرىستانلىقتا ۋەز- نەسىھەت قىلىش توغرىمۇ؟ بىز بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھىچ قانداق ھەدىس بايان قىلىنمىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، بىر قىسىم كىشىلەر بۇنداق قىلشنى سۈننەت دەپ قارايدىكەن؟
جاۋاپ :
شۇنداق، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇتلەق ئەسەر يوق دېيىش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا بۇنداق قىلشنى سۈننەت دەپ قاراشمۇ توغرا ئەمەس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قەبرە يېنىدا ياكى قەبرىستانلىقتا ياكى جىنازا ھازىر بولغاندا جۈمە كۈنلۈكتە كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلىگەندەك ۋەز- نەسىھەت قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەسەر كەلمىگەن، بىزنىڭ ھازىر ئاڭلىغىنىمىز بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ كىيىنكى ئاقىۋىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، كىشىلەرگە ۋەز- نەسىھەت قىلغۇچى سۆز ئارىسىدا بۇ پاسىق ئادەم، ياكى بۇ كىشىگە قاراڭلار! تۈنۈگۈن ئويناپ كۈلۈپ كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىپ يۈرەتتى، مۇنداق سۆزلەرنى دېگەنتى، ھازىر قەبرىگە قويۇلۇۋاتىدۇ، ياكى ئۆلگۈچى تىجارەتچى بولسا، پالانى كىشىگە قاراڭلار! تۈنۈگۈن ئالى سارايلاردا ياشاپ، ئېسىل ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملىرى ئەتراپىدا يۈرەتتى، ھازىر قەبرىدە يېتىۋاتىدۇ دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئەيىپلىرىنى ئىچىۋىتىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قارىشىمىزچە كىشىلەرگە قەبرىستانلىقتا ۋەز-نەسىھەت قىلىش سۈننەت ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ياكى دەپنە قىلىش ئارىلىقىدا كىشىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلمىغان، سەلەپ ئالىملىرىدىنمۇ بۇنداق قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق، ياكى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) نىڭ زامانىسىدىمۇ بۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىغىنى ئاڭلىمىدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياشىغان دەۋرى بىزنىڭ ياشىغان دەۋرىمىزگە نىسبەتەن سۈننەتكە يېقىن. ھەققە ئەڭ مۇۋاپىق يول ئىلگىركى كىشىلەرنىڭ يولىدىن ئىبارەتتۇر.
ئەمما سورۇنلاردا ئادەتتە بولىنىدىغان ۋەز- نەسىھەتنى قىلسا بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەدىنە شەھىرىدىكى «بەقى ئەل غەرقەد» دېگەن قەبرىستانلىققا چىققاندا كىشىلەر ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن قەبرە كولاۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئولتۇردى، ساھابىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇلارغا خۇتبە سۆزلىگەندەك ئەمەس، بەلكى تىنىچ ئولتۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئۆلگەن ۋاقتىدىكى ۋە قەبرىگە قويۇلغاندىن كىيىنكى ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ بەردى.
شۇنداقلا ئىمام بۇخارى ۋە باشقا ئالىملار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:« سىلەردىن ھەر بىر كىشىنىڭ جەننەتتىن ياكى دوزاختىن بولغان ئورنى بەلگىلەنگەن» دېدى. ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ئەمەل قىلمىساقمۇ بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: « ياق! ئەمەل قىلىڭلار، ھەر بىر كىشىگە ئۆزىگە بېكىتىلگەن ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەمەل مۇۋەپپەق قىلىنىدۇ» دېدى.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى قەبرىستانلىقتا ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ياكى دەپنە قىلىش ئارىلىقىدا كىشىلەرگە ۋەز- نەسىھەت قىلىش سۈننەت ئەمەس، يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەندەك پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ (خۇتبە سۆزلىگەندەك ئەمەس) بەلكى سورۇنلارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان، ئادەتتە بولىنىدىغان ۋەز- نەسىھەتنى قىلسا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

مەنبە: ئىسلام ئائىلىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش