ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 14قەۋەت dilnijat كە 2011-12-01 07:40 AMئەۋەتىلدى :
ئۇ دايىم ئاشۇ نەرسىنى ئويناتقىلى ئاپار دەپ بەك غەلۋە قىلاتتى، ئىككىلىمىز ئىسمىنى بىلمىگەچكە مەن ئۇنىڭغا چېقىشىپ: «ئۇ نەرسىنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسەڭ ئاپىرىمەن» دەپتىمەن. ئۇ تۇيۇقسىزلا «جىم ئولتۇ قوچاق» دىمەسمۇ، چۈچۈپ كەتتىم. مەن تۇرۇپ ئويلاپ باقسام ئۇ قوچاق جىملا ئولتۇرىدىكەن، ئۆزى بىر قوچاقكەن، ۋۇي، ئەجەپ ئىزىغا چۈشتىيا ما گەپ دەپ ئويلۇدۇم، كېيىن بىز ئىككىلىمىز ئانا تىلىمىزدا ئۇ نەرسىنىڭ ئىسمىنى «جىم ئولتۇ قوچاق» دەپ ئۆزلەشتۈدۇق ۋە ئۇ ئوينىماس بولغىچىلىك ئاشۇ ئىسىمنى قوللاندۇق.
ھاھا... لىكىن
مۇشۇنداق تەرجىمە بولۇپتۇ. بالىڭىزنىڭ گەپدانلىقىنى قاراڭ، چاقماقتەك گەپ قىلىدىكەن.
مەنمۇ كۆرگەن ئاشۇ
«جىم ئولتۇ قوچاق» نى، لىكىن ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. قىسقىسى بۇ پىكىر بولىدىكەن. بولسا مۇشۇ ساھەدىكى رولچى زىيالىلىرىمىزنىڭ، تىل- يېزىق كومىتىتىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ، يەنە ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ ئىش باشلاش كىرەك. kolay gelsin!