مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: gurza

مەخسۇس تىل-تەرجىمە سەھىپىسى ئېچىلسا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64306
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5473
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1576 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 01:02:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

26قەۋەتتىكى(dilbar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

«ياتقان ساقچى» دەپ ئېلىۋېرىڭ، كەسپچانلىق ۋە جانلىق چىقىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47818
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 02:35:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ياتقان ساقچى»دەپ ئاتاش خېلى ئوبرازلىق بوپتۇ.لېكىن بۇ سۆزنى مەلۇم سەۋەپتىن «يېتىش»ھالىتىدە بولۇۋاتقان ئادەم ساقچى بىلەن پەرقلەندۈرۈشتە قىيىنچىلىق چىقىشى مۈمكىن.يەنە مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،بۇ بىر سۆزبېرىكمىسى بولۇپ،ئىستېمالدا قىسقارتىپ سۆز ھالىتىگە كەلتۈرۈش قىيىنراق بوپ قېلىشى مۈمكىن.مەسىلەن:بۇ سۆز بېرىكمىسىدىكى ئىككى سۆزنىڭ تۈپ ياكى يىلتىزىدىن قارىغاندا،«يات»بىلەن«ساق»تىن تۈزۈلگەن.ئەگەر بىز ئۇنى قىسقارتىمىز دېسەك،ئۇھالدا«ياتساق»بوپ قالىدۇ ھەمدە خارەكتېر جەھەتتىن پېئىل بوپ قالىدۇ.ۋاھالەنكى،بىز ياسىماقچى بولغان سۆز ئىسىم بولۇشى كېرەك.ھېچ بولمىغاندا ھەركەتنامى بولۇش كېرەك.يەنە بىرى:بىز شۇ شەيئى ياكى ھەركەتنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر شەيئى ياكى ھەركەت (ھادىسە)دىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ماھىيەتلىك ياكى تىپىك تەرىپىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ.شۇڭا،يەنىمۇ ئىزدەنسەك بولغىدەك.(مەن دەۋاتقان «قاقما»مۇ بۇ تەلەپكە يەتمەيدۇ.چۈنكى،«قاقما»دىگەن كەڭ مەنىدىكى سۆز.ئۇ ھەرگىز يالغۇز减速带نىلا بىلدۈرمەيدۇ.

ھەممەيلەن بەختلىك بولغان بولسا،دۇنيادا ئەسكى ئادەم قالمايتتى.شۇڭا،ھەممەيلەنگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47818
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-3 02:50:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك دىلنىجات ئەپەندى،مەن سىزنىڭ راستىنلا مەن بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقىڭىزدىن بەك خۇشال بولدۇم.ئەلۋەتتە بىز بۇنچىلا تۈزۈت قىلىشىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.چۈنكى،سىزنىڭ تىلىمىز ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان بۇ ئىپادىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئىرادىداشلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.ماڭا مۇشۇلا كۇپايە.(مەن بىر ئۆمۈر تىل-يېزىقىمنى دەپ تىرىشىپ،ئەمدىگە كەلگەندە تىل-يېزىقىمنىڭ يۇقارقىدەك خەتەردە قالغىنىنى كۆرۈپ،ئېيتقۇسىز ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئادەممەن.يەنە كېلىپ مەن كىچىكىمدىنلا باشقا تىلدا تەربىيىلەنگەچكە،تىلىمنى ئۈگىنىش ئۈچۈن بەكمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىدىم.شۇڭا،مەن تىلىمنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن بەك چۈشەنسەم كېرەك دەپ ئويلايمەن.......)
مېنىڭ بۇ كىچىككىنە تەكلىۋىمنى قوللىغان قېرىنداشلارغا دىلىمدىن رەھمەت!
ئەمدى ماۋۇ مىسرانىمنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ بىزنى مەقسىدىمىزگە يەتكۈزگەن بولسا دەيمەن.

ھەممەيلەن بەختلىك بولغان بولسا،دۇنيادا ئەسكى ئادەم قالمايتتى.شۇڭا،ھەممەيلەنگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47818
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 12:55:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
透支نى «كۆچۈرمە چىقىم»«پۇل كۆچۈرۈش»«ئۆتكۈزۈپ ئېلىش»«ھالقىتىپ چىقىم قىلىش»دېگەن مەنىلەردە قوللانساق بولار دەيمەن.چۈنكى،بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدۇ.

ھەممەيلەن بەختلىك بولغان بولسا،دۇنيادا ئەسكى ئادەم قالمايتتى.شۇڭا،ھەممەيلەنگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47818
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 12:59:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
高消费نى «يوقۇرى سەۋىيىلىك ئىستېمال»«ئالىي ئىستېمال»دىسەك بولار.

ھەممەيلەن بەختلىك بولغان بولسا،دۇنيادا ئەسكى ئادەم قالمايتتى.شۇڭا،ھەممەيلەنگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47818
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-8 01:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
铐子نى «بوغۇشلىغۇچ»«تۆمۈر بوغۇچ»«كىشەن »(مەسىلەن :پۇت كىشەن ،قول كىشەن دىگەندەك)دېسەك بولاتتى.لېكىن ھازىر «كويزا»«كىشەن»سۆزلىرى ئومۇملىشىپ بولدى.ئەمدى ئۆزگەرتمەك قىيىن بولارمىكىن.

ھەممەيلەن بەختلىك بولغان بولسا،دۇنيادا ئەسكى ئادەم قالمايتتى.شۇڭا،ھەممەيلەنگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش