ھۆرمەتلىك گۇرزە ئەپەندى، ئويلىغانلىرىمىز بىر يەردىن چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ، (ھەمسۆھبەت دىگەن ئەنە شۇ) . سىز بىلەن ئاخىرى مۇشۇ تېما سەۋەپلىك دوست بولۇپ قالىدىغانلىقىم كۆڭلۈمگە ئايان، ئېھتىيات يۈزىسىدىن دەپ قوياي، يۇقۇرىدا دىگەنلىرىم بالامنى داڭلىغىنىم بولۇپ قالمىسۇن، لىكىن بۇ ئىشلار ھەقىقى بولغان ئىشلار.........
مەن تىلغا ئالغان يېلىقى «جىم ئولتۇ قوچاق» نى ئۇستىلىق بىلەن قىسقارتىپسىز، سىزگە ۋە ئەقلىڭىزگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم. (دوستنى يۈزىدە ماختاش ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلسەممۇ، بىز تېخى ئەمدىلا دوستلاشتۇق، ئەمەسمۇ، بۇ مېنىڭ مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلغان يەرلىرىم).
سۆھبىتىمىزنىڭ مەڭگۈ داۋام ئېتىشىنى تىلەيمەن.