ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 30قەۋەت hontura كە 2011-12-08 02:31 PMئەۋەتىلدى :
توققۇز ئوغۇز بىلەن ئوغۇز دىگەن بىر بىرىدىن ئايرىم مىللەت ئەمەس توققۇز ئوغۇز دىگەن دىگەن سۆز توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ بىرلەشمىسى دىگەن گەپ تۈركمەنلەرنىڭ ئوغۇز دەپ ئاتىلىشى بۇلارنىڭ ئىتپاقىدا ئۇيغۇرلاردەك كۆپ ئوغۇز قەبىللىرى بولمىغانلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ئوغۇز لار دەپ ئاتىغان بۇ ھەرگىزمۇ ئايرىم مىللەت بولغانلىق ئەمەس بۇلار پەقەت سىياسىي ئاتالغۇ ئىلگىرى قارا قىتانلار ۋە چىڭگىزخانلار كىلىشتىن ئىلگىرى بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرسىدا تىل مەدەنىيەت تەرەپتە ھىچقانداق پەرق يوقتى ئۇزۇن مۇددەت سىياسىي ۋە تىررىتورىيەدە بۆلۈنۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى قىسمەن پەرقلەر كىلىپ چىقتى .بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ يىلتىزىنىڭ ئايرىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتىدىكى ئايرىم مىللىەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ بۇ ھەقىقەت كىمكى بۇ يەردە بۆلگنچىلىك قىلىپ مىللەت ئايرىغانلار ھەرگىزمۇ ياخشى ئادەم ئەمەس يەنە بىر گەپنى دەپ قوياي سەلجۇقلار خانلىقىنى قۇرغان سەلجۇقنىڭ ئەسلى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ قارلۇق
قەبىلىسىنىڭ بىر سەركەردىسى ئىدى ئۇخانلىق قۇرغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ مىللەت نامىنى بۇرۇنقى ئوغۇز نامى بىلەن ئاتىدى قارخانلار خانلىقىنى قۇرغان ئوغۇز قەبىللىرى ئۆزىنى بۇددىسىت ئوغۇزلاردىن پەرىقلەندۇرۇپ كۆك تۈرك ياكى تۈرك دەپ ئاتىدى .سەلجۇقلار بولسا ئۆزىنى قارخانلاردىن ئۆزىنى
پەرىقلىندۈرۈپ تۈركمەن دەپ ئاتىدى، سىلەر بىلىپ قىلىڭلا تارىختا تۈرك نامىنى ئەڭ بۇرۇن كۆك تۇركلەر قوللانغان ئۇنىڭدىن كىيىن قارىخانلار قوللانغان ھەرگىزمۇ سەلجۇق ئوغۇزلىرى ياكى تۈركىيە تۇركلىرى ئەمەس بۇنى ئوبدان بىلۋىلىڭلار
تۇرۇكمەنلەر ئوغۇز قەۋمىدىن ئايرىلغان ئايرىم مىللەت ، ئوغۇزلار بولسا 7~11-ئەسىرلەردە ياشىغان تۇركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىدۇر. شۇڭا ئۇ بەزىدە ئوغۇز تۇرۇكلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرقى جەنۇبىي روسىيە تەۋەسىگە كۆچۇپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان(11-ئەسىردە) ، بىر قىسمى سالجۇق باشچىلىقىدا غەربىي ئاسىياغا كىلىپ باشقا تۇرۇكلەر بىلە قوشۇلۇپ ئوسمان تۇرۇكلىرىنى شەكىللەندۇرگەن. ئوغۇزلار بۇگۇنكى تۇرۇكلەر ، تۇرۇكمەنلەر ، ئەزەربەيجانلىقلار گاگاۋۇزلار ، قاراقالپاقلارنىڭ مىللەت ئېتنىك تەركىۋىدۇر.