ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 47قەۋەت uytag كە 2011-12-09 01:43 PMئەۋەتىلدى :
ھەر قېتىم مۇشۇ كىملىكتىكى سالاھىيەتنى پەش قىلىپ ، كەمسىتىش نەزىرىدە قارايدىغانلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ، بىز دۇچ كىلۋاتقان مىللى كىملىك مەسىلىسى ھەممەيلەننىڭ بېشىدا بار . بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىۋېلىپ قۇدۇقنى ئاسمان دەپ بىلگىنىڭىز بىلەن قوش تىل مائارىپىنىڭ تۆھپىسىدە باللىرىڭىزغا نىمدەپ تىل چىقىۋاتىدۇ؟ دىققەت قىلىپ بېقىڭ ~ ئەتە ئۆگۈن سىزنىمۇ بىز بىلەن تىلىڭ ئوخشاشكەن دەپ مەجبۇرلىسا نىمە دەيسىزكىن؟ ئۇنتۇپ قالماڭ كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن، موزاينىڭمۇ بېشىدا بار،،،،،،
ئۇكام سىز نىمە دىمەكچى؟ كىم كىمنى كەمسىتىپتۇ؟ مەن سىزنى كىملىكتىكى سالاھىيەت بويىچە كەمسىتمىگەندىمە تېخى؟ سىزنى ئەزەلدىن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادىدىن دەپلا قاراپ كەلگەن. ئۆتكەندە ئۇيغۇر ئەمەس، نوپۇسقا قىرغىز دەپ يىزىقلىق ئەمما بىز تۈركمەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلغىنىڭىزدىمۇ گەرچە گەپلىرىڭىزنىڭ تىگىگە تولۇق يىتىپ بولالمىغان بولساممۇ سىز ۋە سىلەرنىڭ قانداق مىللەتتىن بولىشىڭلاردىن قەتيئنەزەر مۇسۇلمان قېرىندىشىم دەپ قاراپ كىلىۋاتىمەن.
ئاندىن يەنە مىنى بېشىنى ئىچىغا تىقىپ يۈرۋاتقانلاردىنمۇ كۆرۈپ قالماڭ. ئۇنچە زەھەردەك يىلاندەك سانجىۋالمىسىڭىزمۇ ئۆزۈمنىڭ نىمە قىۋاتقانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان. بەلكىم سىز ئويلاۋاتقان مىللەت، تىل مەسىلىسىنى مەنمۇ ئويلاۋاتقاندىمەن؟! كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن،موزاينىڭمۇ بىشىدا بار دەپ كەتكۈدەك باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ تۈرلۈك كۈلپەتلەرگە دۇچار بولۇشىنى بەك خالايدىغان ئوخشىمامسىز؟! ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى جۇما؟!! يادىمىزدا ھەر ۋاقىت بولسۇنكى ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق، پەيخەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام ئاللاھنىڭ ھەق ئەلچىسىدۇر.› دىگەن مۇشۇ كەلىمىگە ئىمان ئىيتقان ھەرقانداق قېرىندىشىمىز بىزنىڭ مىللەتتىن. يەنى ‹مۇسۇلمان› مىللىتىدىندۇر.