...007 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:01 AM
فىزىكىدىكى نۇرغۇن قانۇنلارنىڭ بەلگىلىك شەرتى بار ( ئەل ...
فىزىكىدىكى نۇرغۇن قانۇنلارنىڭ بەلگىلىك شەرتى بار ( ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس). نىيۇتون قانۇنلىرىمۇ، ئېينىشتىيىنىڭ نىسپىلىك نەزىرىيىسىمۇ ھەم شۇنداق. يەنە كېلىپ سىلەرنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرىڭلار ماركىسىزىمنى ئاساس قىپتۇ.، ماركىسىزىمنىڭ نەزىرىيىلىرى شۇنداق نۇقسانسىزمۇ؟! فىزىكىدىكى قانۇنلارنى ماركىسىزىم نەزىرىيىلىرىگە ئاساسەن ئاغدۇرىۋەتكىلى بولامدۇ؟! بۇ تەبىى پەن روھىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەسقۇ؟! ياكى مەن تولۇق چۈشىنىپ بولالمىدىممۇ؟ ئەگەر ماقالاڭلارنىڭ سەۋىيىسى مەنمۇ چۈشىنەلمىگۈدەك دەرىجىە يۇقۇرى بولسا ئۇنداقتا بۇ ماقالىنى كەسپى تور بەت ياكى ژورنالدا ئېلان قىلماي مىسرانىمدەك بۇنداق ئۇنۋېرسال توربەتتە ئېلان قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق دىگەن گەپ! ئىزدىنىش روھىڭلار ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ،لېكىن ۋاقتىڭلارنى، قابىلىيىتىڭلارنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىغا سەرپ قىلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن
،شۇنداق ،نۇرغۇن قانۇنيەتلەرنىڭ بەلگۇلۇك شەرتى بار، بىزنىڭ بۇ ماقالە ماركىسىزىملىق لوگىكىنى ئاساس قىلىدۇ،بۇنى تېخى ئاشكارە ئېلان قىلمىدۇق،چۇنكى بۇنى چۇشۇنىدىغان ئادەم بەكلا ئاز،شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ تىمىنىڭ قىممىتىنى شەرھىلەپ بىرەلەسەك،ئاندىن كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۇزگۇرەيدۇ،بىز بۇ ماقالىنى پۇتۇن دۇنياغا ئەۋەتكەن،ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتى ئېلان قىلماقچى بولۇپ،كېيىن گېپىدىن يېنىۋالغان،بۇ ۋاقىتتا يۇننەن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىلمى ژورنىلى ئېلان قىلماقچىمۇ بولغان، بۇلارمۇ يالتىيىپ قالدى،چۇنكى بىز ئۇلارغا ئىككى يەردە تەڭ ئېلان قىلسا بولامدۇ دەپ خەت يوللۇغان،بىز ئەنگىلىيەدە چىقسا ئۇنىمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارىغان،يەنە كېلىپ خېلى كۇپ دۇلەتلەر 3يىل بۇرۇن ئېنگىلسچىسىنى ئېلان قىلدى،بۇ تىمىلارنى بىزنىڭ بۇ شىنجاڭدا ئېلان قىلغىلى بولمايدۇ،بىز ھازىر داۋاتقان 3
.5يىل بۇرۇنقى ئىشنى مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇچۇر قىلىش،پىكىرلىشىش،نيوتون ۋە ئېينىشتىيىنلارنىڭ نەزىريەسىنى ئۇشۇلارمۇ تازا تۇلۇق چۇشەنمىگەن بولغانلىغى ئۇچۇن ،بۇ مەسىلە ھەممىمىزگىلا تەس توختايدۇ.بۇ نورمال ئىش.