مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: akimarzigul

ئېينىشتىيىننىڭ لوگىكىلىق خاتالىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:38:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇرات يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 01:21 AM
ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، مۇنبەرگە نىسبەتەن بوشلۇق ئىسراپچ ...

  ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، مۇنبەرگە نىسبەتەن بوشلۇق ئىسراپچىلىقى...............
ئاۋۇ تىزىملىكتىكى شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشى يوقمكەن؟.............
ئىلىم پەندىكى خاتالىقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر قاتار ماركىسىزىمچە سەپسەتە كېرەك ئەمەس.--خوش ،مۇرات ئەپەندىم ،بۇ يەردىكى ماركىسىزىمنى باشقىلار تېخى كۇرمىگەن،ماركىسىزىم دىسە بۇرۇنقى ماركىسىزىم كۇزدە تۇتۇلىدۇ،بىز داۋاتقان بۇ يەردىكى ماركىسىزىم بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ،

شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

تامغان تامچة تاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 599
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 10144 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:40:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدۇق ئەمەس پايدىلاندۇق دەپ يازماقچى ئىدىم خاتا بۇلۇپ قاپتۇ!
مەن فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى!

ئىتتىپاقلىق كۈچ!

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:44:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بأرة يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 01:40 AM
پايدۇق ئەمەس پايدىلاندۇق دەپ يازماقچى ئىدىم خاتا بۇلۇ ...

  پايدۇق ئەمەس پايدىلاندۇق دەپ يازماقچى ئىدىم خاتا بۇلۇپ قاپتۇ!
مەن فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى! نىمىدىن پايدىلىنىمىز،بىز پايدىلانغان ماتىريال ناھايىتى كۇپ،يەنە كېلىپ كىتاپ ئۇقۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ،ئۇنى ھەزىم قىلىش زۇرۇر،سىزنىڭ نەزەردە تۇتقۇنىڭئىز قايسى نوختا،بۇرە ئەپەندىم،

شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13225
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8084 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:48:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە ئىجتىمائى پەن تەتقىقات ئۇسۇلىنى تەبىئى پەن تەتقىقاتىغا ئىشلىتىۋالىدىغان ئىشلار ناھايىتى ئېغىر .بىر قىتىممۇ ئىستاتىستىكا ئېلىپ بارماي ،ناھايىتى دەب-دەبىلىك ھۆكۈملەرنى چىقىرۋىتىمىز .نەتىجىدە چىقارغان يەكۈنىمىزگە ،يازغان ئىلمىي ماقالىمىزغا ئۆزىمىزدىن باشقا ھىچقانداق ئادەم ئىشەنمەيدۇ .تەبىئى پەندە بىرەر ھۆكۈملۈكنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن مىليون خەتلىك  قۇرۇق نەزىرىيە سۆزلىسىڭىز بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ .سىز ئاۋال مۇئەييەنلەنتۇرمەكچى بولغان ھۆكۈمىڭىزنىڭ ماتېماتىكىلىق مودىلىنى قۇرۇپ چىقىڭ ،ئاندىن ماتېماتىكىنىڭ بىلىملىرىدىن پايدىلنىپ ماتېماتىكىلىق مەسىلىنى (مودىلىڭىزنى )دەلىللەڭ ،ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمىڭىزنى جاكارلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز .بىز ئىينىشتىيننىڭ نىسبىلىك نەزىريەسىدىكى لوگىكىلىق خاتالىقلارنى ئىزدەشكە ۋاقىت ئىسراپ قىلماي ،ئۇيغۇرچە تەپەككۈرىمىزدە لوگىكىنىڭ (ئىنىغى ماتېماتىكىلىق لوگىكىنىڭ ) كەمچىللىگى ،ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىزدە  لوگىكىلىق خاتالىقلارنىڭ كۆپلىگى ھەم لوگىكىلىق پىكىر قىلىشنى قانداق يېتىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كۆپرەك ۋاقىت چىقارساق بولاتتى  .سەۋەبى ،بىز ھېسسىي تەپەككۈر مىللىتى .ئىينىشتىين ۋە ئۇنىڭ نەزىريەلىرىنى  بىز تەتقىق قىلمىساقمۇ جاھاندا ئۇنى تەتقىق قىلغۇچىلار ناھايىتى نۇرغۇن .ئۇلارنىڭ تەتقىقات شارائىتى (تەجىرىبە ئۇسكۈنلىرى ،ئالەم بوشلىغى پونكىتى ،سۇنئى ھەمراھ ئارقىلىق ئېرىشكەن فوتو سۇرەتلىرى ،تەتقىقات مەبلىغى ،تەتقىقات قوشۇنى....... )بىزدىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن .نىسبىلىك نەزىريەسىگە شۇلار بىر نېمە دېسۇن .ئالتوننى زەگا سوقسۇن ،قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:49:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akimarzigul يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 01:38 AM
ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، مۇنبەرگە نىسبەتەن بوشلۇق ئىسرا ...

ھاھاھا  ماركىسىزىم دېگەن نىمە ؟ سىزنىڭ دېگىنىڭىز ماركىسىزىمغا ئوخشىمىسا ئەمسە ئۇنى  ھاكىمسىزىم دېسەك بولغۇدەك........................

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13804
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 01:50:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى قىزىدىغان تىما بوپ قالدى بۇ ، بۇ توغۇرلۇق ئىزدىندىغانلار خېلى كۆپ ئوخشايدۇ ..

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

ئننە لىللەھى ۋەئ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6506 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 02:02:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 01:48 AM
بىزدە ئىجتىمائى پەن تەتقىقات ئۇسۇلىنى تەبىئى پەن تەتق ...

نەق گەپ مانا مۇشۇ

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 02:03:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 01:48 AM
بىزدە ئىجتىمائى پەن تەتقىقات ئۇسۇلىنى تەبىئى پەن تەتق ...

  .ئۇلارنىڭ تەتقىقات شارائىتى (تەجىرىبە ئۇسكۈنلىرى ،ئالەم بوشلىغى پونكىتى ،سۇنئى ھەمراھ ئارقىلىق ئېرىشكەن فوتو سۇرەتلىرى ،تەتقىقات مەبلىغى ،تەتقىقات قوشۇنى....... )بىزدىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن .نىسبىلىك نەزىريەسىگە شۇلار بىر نېمە دېسۇن .ئالتوننى زەگا سوقسۇن ،قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن. ---بۇ سۇز بۇرۇن بىزنى قۇل قىلىپ كەلگەن،چۇنكى بىزدە ھىچ بىر تەتقىقات شارىئىتى يوق دەيسىز،بۇنىسى توغرا،باشقىلارنىڭ كەينىدىن ماڭغانغا بىخەتەر بولىدۇ،بېيجىڭ نىسپىلىك نەزىريەسى جەمىيىتىنىڭ مۇنداق بىر پىرىنسىپى بار،چەتئەلنىڭ ئالىملىرى  تەڭرى ئەمەس، ئۇلار قىلغاننى بىزمۇ قالالايمىز،بۇ سۇزدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ،بىر نەرسىنى سوراي،قاسساپ تۇغۇلىشىدىنلا قاسساپمۇ،زەرگەرمۇ تۇغۇلۇشىدىنلا زەرگەرمۇ،بۇنى قايتا ئويلاپ باقسىڭئىز،                                                   

شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13225
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8084 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 03:06:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akimarzigul يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 02:03 AM
.ئۇلارنىڭ تەتقىقات شارائىتى (تەجىرىبە ئۇسكۈنلىرى ،ئ ...

سىز گېپىمنىڭ ئالدى قىسمىنى چۈشەنمەپسىز ؟ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ پەن -تېخنىكا سەۋىيىمىز تېخى دۇنيادىن كۆپ كىيىن ، بىزنىڭ ھازىرقى بىلىم قۇرۇلمىمىز  ئۇنداق زور تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بىرىشقا يار بەرمەيدۇ .بىزدىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقاتچى تەربىيەلەيدىغان ئورۇن دەل  شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ،بۇ ئونۋېرسىتىتنى 1935-يىلى قۇرۇلغان دېگەندىمۇ ،چەتئەلنىڭ ئىينىشتىيىن ئوقۇغان ۋە ئىشلىگەن ئونۋېرسىتىتلىرىنىڭ ئالدىدا تېخى بىر گۇدەك بالىغا ئوخشايدۇ ،بۇ ئونۋېرسىتېتنىڭ قانچىلىك تەجىرىبە شارائىتى باردۇ ؟بۇنى مەن دېمىسەممۇ سىز بىلىسىز .گەرچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بۇ  خىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغىدەك ئىقتىدار ئاساسىي جەھەتتىن يېتىلگىنى بىلەن ،بىزنىڭ شىنجاڭدا (ئۇيغۇردا) تېخى يوق .بۇ دېگىنىم ئۇيغۇردىن قاسساپ(داڭلىق ئالىم) چىقمايدۇ دېگىنىم ئەمەس ،ئۇيغۇر تىرىشسا يەنىمۇ يوقۇرى بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئالسا (ئەركىن سىدىقتەك)،داڭلىق ئالىملارنىڭ چىقىشىدىن ئۈمۈت زور(ئاڭلىىسام خارۋاتنى  پۈتتۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئۇرۇمچىگە قايتىپ كەپتۇ ) .بىزدىكى مەسىلە بىزدە ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى كامچىل ، ئىلمىي پوزىتسىيە مەسىلىسىمۇ تېخى تەل-توكۇس ھەل بولمىغان .بىزدە ئوقۇماي تۇرۇپ تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئالىم بولۇپ كېتىشنى ئويلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بەك كۆپ .شۇڭا ئىككى سۆزنىڭ بىرىدە تالانتقا بەك ئېسىلىۋالىمىز .تالانتقا چوقۇنۇش دەل توغرا بولمىغان ئىلمىي پوزىتسىيەنىڭ ئىپادىسى .مەن بىر ئوقۇتقۇچى،ئەلۋەتتە ئەۋلاتلارنىڭ ئىنتىلىش روھىغا پەقەت سوغۇق سۇ سېپىشنى ئۆزەممۇ خالىمايمەن .لىكىن ،ئىلىم-پەن  قىلچىلىك ساقتا نەرسىنى كۆتەرمەيدۇ .مانا بۇ ئالتوننى زەكا سوقسۇن ،قوچقاش بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دېگىنىمنىڭ سەۋەبى .   

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئىزدەنگۈچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4548
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 06:13:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپچىلىك بۇ خىلدىكى تېمىنىڭ يوللۇنىشىنى ئارتۇقچە ئىش ،دەپ قارىمايلى  . ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن بۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى بۇ بىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئىزدىنىش پۇرسىتى دەپ بىلىڭ ، ماقالىدىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزموننى خاتا دىگۈچىلەر توغرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار ، توغرا دىگۈچىلەر يەنىمۇ كۈچلۈك ، قايىل قىلىش كۈچى زور ئىسپاتلارنى كۆرسىتىڭلەر .  مۇشۇ جەرياندا بۇنداق قانۇنيەتلەرنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغانلار بىلىۋالسۇن ، بىلىدىغانلار بىلىمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۋالسۇن .

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ، ماقالىڭىزنى ئوقۇۋېتىش جەريانىدا تۈۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا مېنىڭ گۇمانىمنى قوزغاپ قويدى .

پىروتوننىڭ تېزلىگى نۇر تېزلىگىگە يېقىنلاشقاندا  ،ئۇنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكىدىن 100ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.  بۇ دىمەكلىك  تەجىربە نەتىجىسىدە پروتوننىڭ ھەجىمى بىلەن زىچلىغى ئەسلىدىكىدىن 100ھەسسىگە يېقىن ئاشقان بولىدۇ،  
  مۇشۇ يەكۈنىڭىزنىڭ ئۆزىدىلا خاتالىق باردەك قىلىدۇ   ،خاتالاشمىسام  ماددىنىڭ ماسسىسى = ماددا زىچلىقى * ھەجمى ، بولىدىغۇ دەيمەن ،ئۇنداقتا ماددىنىڭ زىچلىقى بىلەن ھەجمى تەڭلا 100 ھەسسە كۆپەيدى دىگەنلىك ماددىنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكى ماسسسنىنىڭ 10000 ھەسسىگە تەك بولدى دىگەن نەتىجە چىقىدۇ شۇنداقمۇ .   


ئالدى بىلەن ئۇزۇنلىغى 10مېتىرلىق ئالەم  راكىتاسىغا ئالەم راكىتاسى بىلان ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا بىر شىكالە باغلايمىز.ئادەم  ئالەم  راكىاسىغا ئۇلتۇرۇپ سىكىنوتىغا  260مىڭ كىلومېتىرلىق  سۇرئەت بىلەن ئۇچقاندا ئالدى بىلەن 10مېتىرلىق راكىتا ۋە شكالە   قىسقىراپ 5مېتىر بولۇپ قالىدۇ ،بىز بۇ يەردە پەقەت شكالە قىسقىرايدۇ،راكىتا قىسقارمايدۇ دەپلا قاراپ كەلدۇق.ماكان دىگەن مۇشۇ راكىتانىڭ ئۇزۇنلىغى،كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى بولۇپ ،شىكالىنىڭ قىسقارغانلىغى راكىتانىڭمۇ قىسقارغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ .بۇ راكىتا ئىگىزلىگى ۋە كەڭلىگىنىڭمۇ  كېمەيگەنلىگىنى كۇرسۇتۇدۇ.بۇ دەل ماكان قىسقاردى دىگەن سۇز.ھەم بۇ قاراش راكىتانىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغانلىغىنىمۇ ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ.سىز ئىچىگە لىق سۇ قاچىلانغان 10مېتىرلىق گۇەنزىنى سىقىپ قىسقارتىپ بېقىڭ،ئىچىدىكى سۇ نەگە ئاقىدۇ.
يوقۇرىدىكى بايانىڭىزدا ۋە ئادەم يۈرىكىنىڭ  80 ، 90 ھەسسە يۇغۇناپ كىتىدۇ دىگەن مىسالىڭىزدا بىتەرەپلىمىلىك بارمۇ قانداق ؟  
  سىز پەقەت ئادەم يۈرىكىنىڭ يوغۇنىشىنىلا كۆزدە تۇتسىڭىز توغرا بولمايدۇ . راكىتاغا سىز ئككىمىزنى ۋە بىر تەشتەك گۈلنى ئېلىپ چىقتۇق ھەم نۇر تىزلىكىدە ئۇچتۇق دەپ پەرەز قىلساق ، بىز بىر بىرىمىزگە قاراپ ئولتۇرۇپمۇ يا بېشىمىزنىڭ يۇغۇناپ قالغانلىقىنى ، يا بۇرنىمىزنىڭ يۇغۇناپ قالغانلىقىنى، ياكى بولمىسا يېنىمىزدىكى گۇلنىڭ ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقىنى  قىلچە ھىس قىلالمايمىز  ، چۇنكى ئېنىشتىيىن نەزىريىسى بويىچە ئېتقاندا ئادەم ياكى جىسىمنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىلا يوغانمايدۇ ، نۇر تىزلىكىدە ھەركەت قىلىۋاتقان شۇ جىسىمنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك بىرلىكتىن باشلاپ يۇغۇنايدۇ ، ۋە ماسسىسى ئاشىدۇ ، بۇ دىمەك راكىتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جىسىم ئوخشاش سۇرئەتتە ، ئوخشاش مىقتاردا چوڭلىدى دىگەن مەنا چىقىدۇ .  شۇنداق بولغاندا بىز ئۇ راكىتا ئىچىدىن ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك يۇغۇناپ قالغانلىقىنى سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان بىرەر بەلگە جىسىم تاپالمايمىز دىگەن گەپ .
    ئەمدى مېنى قىزىقتۇرۋاتقان مەسىلە  ئادەم بەدىنى ياكى جىسىم ئۆزىنى تۈزگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىكتىن باشلاپ تەكشى چوڭلاپ ، بىر پۈتۈن گەۋدە 50 سەسسە ياكى 100 ھەسسە چوڭلۇڭقا يەتكەندە ، ئەڭ كىچىك بىرلىكتىن باشلاپ چوڭ ئورگانىزىمغىچە بولغان بارلىق گەۋدە  ھەجىمى چوڭايغان ، ئامىلىي قۇۋىتى چوڭايغان ھالەتتە ئەسلى خۇسۇسيىتىنى ساقلاپ قالالامدۇ يوق ؟ دىگەن مەسىلە ، بۇنى خىمىيە ۋە تىپبىي ئىلىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا بەلكىم توغرا جاۋاپقا ئىرىشكىلى بولۇشى مومكىن .
   
قوش كېزەكنىڭ مىسالىدىكى ۋاقىت پەرقىدە مەسىلە باردەك قىلامدۇ نىمە ؟
  جىسىمنىڭ سۈرئىتى نۇر تىزلىكىگە ئوخشاش بولغاندا ، جىسىم ئىچىدىكى ۋاقىت توختاپ قالىدۇ دەپ چۈشەنگەن ..  مەسىلەن سىز بىلەن مەن تاڭ ياشتا دەپ پەرەز قىلساق ، بىر كۈنى مەن سىز بىلەن خوشلۇشۇپ ئالەم كىمىسى بىلەن ئالەمگە چىقىپ كەتتىم ،مەن نۇر تىزلىكى بىلەن ئۇچتۇم ، بۇ ۋاقىتتا ئالەم كىمىسى ۋە مەن ئۈچۈن ۋاقىت رولىنى يوقۇتىدۇ ، يەنى توختاپ قالىدۇ .
مەن يەر شارىدىكى ۋاقىت بويىچە ھىداپلىغاندا 30 يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ سىزنى ئىزدىسەم سىز قېرىلار ساناتورىيىسىدە بىر توپ قېرىلار بىلەن  مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىز ، .
  بۇ ئوتتۇز يىل مەن ئۇچۇن خۇددى بىر دەقىقە ياكى نەچچە سىكىنوتتەكلا بىلىنگەن ئىدى .

  يوقارقىي ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى نەزىريە جەھەتتىن شۇنداق بولىدۇ دىيىشكە بولىدۇ ، ھەم شۇنداق بولۇشىغا نۇرغۇن ئادەم ئىشىنىدۇ . لېكىن بۇنىڭ توغرا - خاتالىقىنى ئەمىلىي تەجىربە ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ھازىرقى تېخنىكا ئاجىزلىق قىلىدۇ .

سىتىۋىن خاۋكىڭنىڭ ماقالىلىرىدا مۇنداق بىر مەزمون تىلغا ئېلىنغان ؛
فىزىكىلق قانۇنلار ۋاقىتتا سىمىتىرىك بولىدۇ ،ناۋادا بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسە قېچىپ چىقالمايدىغان قارا ئۆڭكۈر دەپ ئاتالغان جىسىم بولسا ، بىر نەرسە چۈشۈپ كەتمەي قېچىپ چىقالايدىغان باشقا جىسىممۇ بولۇشى كېرەك . كىشىلەر بۇ جىسىمنى ئاق ئۆڭكۈر دەپ ئاتىسا بولىدۇ . بىر ئادەمنى مەلۇم بىر قارا ئۆڭكۈرگە سەكرەپ چۈشۈپ ، يەنە بىر جايدا بىر ئاق ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىقالايدۇ ، دەپ پەرەز قىلسا بولىدۇ .بۇ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماكاندا ئۇزاق ئارىلىققا سەپەر قىلىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋاستىسى .
  بۇنداق شەكىلدە ماكاندا سەپەر قىلىش دەسلەپتە مومكىندەك بىلىندى ، ئېنىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىدە مۇشۇنداق چۈشەنچە بار ئىدى . ئۇنىڭدا بىر ئادەمنىڭ بىر قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىپ ئاندىن يەنە بىر ئاق ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىقىشىغا روخسەت قىلىناتتى ، لېكىن كېيىنكى تەتقىقاتلاردىن بۇنداق چۈشەنچىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ئايان بولدى ........................ ...
...............  مېنىڭ ھازىرغىچە ئېتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى پەقەت ئېنىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھىساپتىن ئىبارەت .
  يوقارقى بۆلەكتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى ئېنىشتىيىننىڭ قاراشلىرىنىڭ ھەممىسىلا مۇتلەق توغرا دىگىلى بولمىسىمۇ  لېكىن ئۇنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى كېيىكىلەر ئۆزىگە يىتەكچى قىلىپ ، بۇ ئىدىيىنىڭ كەم يەرلىرىنى تۇلۇقلاپ ، خاتا جايلىرىنى ئوڭشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Xaparang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-15 07:15 AM  


يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش