abdullajan2 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 01:55 PM
ئۇنداق بولسا سىز خەقنىڭ پوقىنى يەپ، جۇۋىسىدا تەرلەپ د ...
مەن باشتىكى ئارمان0903 دېگەننىڭ ئىنكاسىنى كۆرەلمىدىم، بەلكى ئۆچۈرۈلگەندۇ. مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتا ئۇ دېگەندەك ئىچى قوتۇرلۇق قىلغىنىم يوق. كاللىسى ئوچۇق، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئانچە-مۇنچە چۈشىنىدىغان ئادەم يۇقىرىقى بىرىنچى خىل پىكىر بىلەن ئىككىنچى خىل پىكىرنىڭ قايسىسىنىڭ توغرىلىقىنى بىلىۋالايدۇ. بىز ھەرگىزمۇ ئارتىسلىرىمىزنى پۇل تاپمىسۇن، دۇنياغا يۈزلەنمىسۇن دېمىدۇق. بۇ يەردە بىر ئەمەلىي ۋەقەنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىزدىن بىرى بولغان داڭلىق مەدەنىيەتشۇناس بىر ۋاقىتلاردا مەلۇم تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىپارخان چىقىدىغان بۆلىكىگە ئارتىست ۋە مەسلىھەتچى بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىپتۇ، لېكىن نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىنكى ئەھۋال باشقىچە بوپتۇ، ئەسلىي سىنارىيەدە مىللىي غورۇر ۋە كىملىك مەسىلىسىگە تاقىشىدىغان بەزى مەزمۇنلار بولغاچقا، ئۇلار رەت قىلىپ قايتىپ كەپتۇ. ئەمما بېيجىڭدىكى باشقا بىر قانچە كاۋاپچى ۋە پېنسىيىگە چىققان بىر قانچە پېشقەدەم ئىنقىلابىي يولداشلار بېرىپلا سائىتىگە 500سومدىن ئېلىپ، كىنونى تاراقشىتىپ ئارتىست بولۇپ قايتىپ كەپتۇ.
نۇرغۇن ئىشلار شۇنداق داۋراڭسىزلا ئۆتۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇ خىلدىكى كىنولارنى بىز كۆرۈپ بولۇشىمىز ناتايىن، لېكىن باشقىلار كۆرىدۇ. بىز بەزى مەسىلىلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى مەدەنىيەت بىزنىڭ، ئېتىقاد بىزنىڭ، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ خالىغانچە قۇراشتۇرۇشىغا ئانىسىنىڭ ھەققى يوق. ئەتە ئۆگۈن چيەنلوڭنى ئاچچىقسۇنىڭ ئېلانىغا چىقارغاندەك، ئامانننىساخان بىر قەدەھ ماۋتەينى ئابدۇرېشىتخانغا نازلىنىپ ئۇزىتىپ ئېلانغا چىقىرىپ قويسا ئاشۇ arman0903دەكلەر يەنە شۇ بۇ ھاراق پەچەت جۇمۇ. ئابدۇرېشىتخانمۇ ھاراقنىڭ مېھرى بىلەن ئاماننىساخانغا كۆيۈپتىكەن دەپ لاۋزا كۈلۈپ يېتىشىدۇ. نېمىشقا بىزنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورۇنلىرىمىزنىڭ تەستىقىسىزلا شۇنداق لاۋزىلىقلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. سەۋەبى بىز ئەزەلدىن شۇنداق «ئىچى قوتۇرلۇق»نى قىلماي، سىيلىقلىق قىلىپ كەلدۇق. ھالا بۇ كۈنلەردە ئىشلار بىزنىڭ مەدەنىيەت ئورۇنلىرىمىزنى، بىزنىڭ مىللىي ھېسسىياتىمىزنى ئويلىشىپمۇ قويمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. مەن بۇ يەردىلا ئەمەس، بۇ مەسىلىنى خەنزۇ پىكىر مەركەزچىلىرى توپلاشقان شىنلاڭ مىكرو بلوگلىرىدىمۇ خەنزۇچە ئېلان قىلىشىم مۇمكىن. تەكلىماكانىي ئېيتقاندەك، دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا ئېلىپ قويۇپ ئويلىنىپ باقايلى.