elijan يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 07:59 PM
ئاللا. 1
[ئەرەپ] ‹دىن› پۈتۈن مەۋجۇداتنى، جۈملىدىن ئادە ...
ئېزىپ چۈشەندۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت!
ئەلۋەتتە بۇ پەقەت سىزنىڭلا قارىشىڭىز خالاس! بۇ تېمىنى يوللىغۇچى قانداقتۇر ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماپتۇ، مۇستەقىل كۆز قارىشى يوقلار بۇنى جەزمەن قوبۇل قىلىۋېلىشى مۇمكىن، ئۇلارغا ئامال يوق! ئەمما، نېمىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەي، قارا قويۇقلا داپقا چۈشكەن پۇرچاقتەك سەكرەپ، خەقنى ئىمانى سۇس دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان بەزىبىر ماڭقۇرتلارغىمۇ ئامال يوق!
«ئاللاقانداق، ئاللىقاچان ...» قاتارلىق ئالماشلارغا كەلسەك، ئۇ ئالماشلار ئىسلامىيەتتىن كېيىن پەيدا بولغان. يەنى، «ئاللاھ » سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، قوللىنىشىدىن چىققان يېڭىچە ئىستېمال شەكلى. يەنە بىرى، «ئاللا-توۋا... » قاتارلىق ئىملىقلارمۇ دەل مۇشۇ ئۇسۇلدا بارلىققا كەلگەن. يەنە كېلىپ، شامان، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرلەردە، ھېچكىم ئۇنداق ئىملىقلارنى ئىشلەتكەنلىكى ھېچقانداق تارىخىي مەلۇماتلاردا ئۇچرىمايدۇ!
ئۇيغۇر تىل تارىخىمىزنى بىر ۋاراقلاپ باققان بولسىڭىز بۇ مەسىلىنى چۈشىنىپ قالاتتىڭىز! ھازىرقى لۇغەتلەرنى چالا-پۇلا ئاقتۇرۇپلا خەققە رەددىيە بەرگەن بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.
ھېچكىم، بۇ توردا بىركىمنى غاجاپ غەيۋەت قىلىپ تىللىشىپ بەرمىدى، بۇ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان! سىز دېگەندەك، بۇ فىلىمدا، رولغا چىققانلارنى، ناخشا ئوقۇغانلارنى بوغۇۋېتىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ، كەلگەن بولسا، نى-نى باتۇرلىرىمىزدىن ئاشمايتتى. نېمىشقا دېمەمسىز؟ تاماقلاردىن شۈبھىلىنىپ يېيەلمەيۋاتقىنىمىز يەتمەيۋاتقاندەك، ئىسلام ئەجدادلىرىمىزدىن باشلاپ چوشقىدىن يىرگىنىپ كېلىۋاتقان بىزلەر بۈگۈنكى كۈندە بىر بەتبەشىرە چوشقا بىلەن ياندىشىپ، رول ئوينىساق، چوشقا گۆشى يېمەيدىغانلىقىمىزغا خەقنى ئىشەندۈرەلەرمىزمۇ؟ ئىشىنەمدۇ-ئىشەنمەمدۇ، نېمە چاتىقىم دېمەيدىغانسىز؟ ئۇلار دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ كۆپ، ئاساسىي مىللەت!
بۇ خۇددى، جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان تۇرپان ئىمىن ۋاڭ مۇنارىنى ھاراققا ماركا قىلغىنىدەكلا بىر ئىش!
كىچىكىمدە ياشىغان ئەتراپىمدىكى مۇھىت تەسىرىدىنمۇ ئىشقىلىپ، مەن چوشقا نامىنى ئېغىزغا ئېلىشتىنمۇ شۈركىنىمەن! بىزنىڭ يۇرتتا ھېچكىم بىۋاسىتە «چوشقا» دېمەيدۇ، ئاتىسا يامان بولىدۇ دەپ «ئاتىماس» دېگەن نام بىلەن ئىپادىلەيدۇ!
مەنىسىنى بىلمەي «ئاللاھ» مەنىسىدىكى «ۋاي ئاللا» نەقراتىنى قوشۇۋالمىسىمۇ، باشقا ناخشىمىزمۇ جىق تۇرۇپتىغۇ، ئۆزىمىز ھەرخىل ئېيتىپمۇ، «ئويناسۇن» دەك خەقلەر كېلىپ بۇزۇپ ئېيتىپ بەرسىمۇ چاۋاك چالغان ناخشىلىرىمىز جىققۇ؟! بىز سېخى بولغاندىكىن بېرىۋېرىمىز! ئەمما، مىللىي پىسخىكىمىزغا، دىنىي ئېڭىمىزغا چېتىلىدىغان بۇنداق ئىشلارغا ھوشىيار بولۇشىمىز زۆرۈر!
ھەممە ئىشنىڭ ئۆز جايىدا بولغىنى ياخشى! تارىخنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال كاللىنى سىلكىۋېتىپ، ئازغۇنلۇقتىن ساقلانغۇلۇق! چۈنكى، يېرىم بوتۇلكا سۇ شالاقشىيدۇ!