مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: روھزاد

يېڭى «غەربكە ساياھەت» ئېتىقاد مەسىلىسىگە سەل قارىدىمۇ؟    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆزۈم ئۈچۈن ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70494
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4065
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-12-16
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 11:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى غەربكە ساياھەتتە جۇباجېينىڭ رولىغا چىققان مادېخۇا خۇيزۇ ئىكەن

...؟...!!!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 11:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرىدىغانلار .... ئارتۇق گېپىم يوق .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 11:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن بۇ يەردە پەقەتلا مۇناسىۋىتى يوق تۆت تال خەنزۇچە خەت يېزىپ قۇيۇپ سەۋىيەڭنى نامايەن قىلماقچىما ؟ ئەجىبا ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلغانلىقى يالغانمىدى ؟
ئۇ يېزىپ قويغان خېتىڭنى غېرىچقا ئېرىشىپ غۇلاچقا كۆز تىكمەك، ئاچكۆزلىك قىلماق دەپ چۈشىنىمەن، سەن باشقىچە چۈشىنەمسە يا ؟
رولغا چىققان شۇنچىۋىلا خەقنىڭ سەنچىلىك كاللىسى يوقكەن ھە ؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كۆز قارىشىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم، ئىمانى كۈچلۈك خەلقنىڭ ئۇنداق توك - توك كىنوغا ئىمانى تەۋرەپ قالمايدۇ.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 11:57:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن بۇ يەردە پەقەتلا مۇناسىۋىتى يوق تۆت تال خەنزۇچە خەت يېزىپ قۇيۇپ سەۋىيەڭنى نامايەن قىلماقچىما ؟ ئەجىبا ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلغانلىقى يالغانمىدى ؟
ئۇ يېزىپ قويغان خېتىڭنى غېرىچقا ئېرىشىپ غۇلاچقا كۆز تىكمەك، ئاچكۆزلىك قىلماق دەپ چۈشىنىمەن، سەن باشقىچە چۈشىنەمسە يا ؟
رولغا چىققان شۇنچىۋىلا خەقنىڭ سەنچىلىك كاللىسى يوقكەن ھە ؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كۆز قارىشىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم، ئىمانى كۈچلۈك خەلقنىڭ ئۇنداق توك - توك كىنوغا ئىمانى تەۋرەپ قالمايدۇ.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38649
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3808
تۆھپە نۇمۇرى: 147
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:08:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elijan يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 07:59 PM
ئاللا. 1
[ئەرەپ] ‹دىن›  پۈتۈن مەۋجۇداتنى، جۈملىدىن ئادە ...

ئەستايىدىلكەنسىز ئەمما ئىلمىي ئەمەسكەنسىز ، ئۆزىڭىز دېگەندەك «قاۋىماڭ» بولدى. ئىزاھنىغۇ لۇغەتتىن ئالغانسىز،خىلى ئىلمىي ئوخشايدۇ دېسە قاۋاپ تالاشنىڭلا گىپىنى قىپسىز، مۇنبەردىكىلەر ئىنسان نەسلىدىن ئۆزىڭىز باشقا بولسىڭىزمۇ ئەمما قوشۇپ باشقىلارغىمۇ ھاقارەت قىلماڭ!
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تېمىغا ئۇنداقەي، مۇنداقەي دەپ «قاۋاپ» كېسىپ تون پىچىپ بەرمەڭ. باشقىلارنىڭمۇ پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار ھۆرمەت قىلىپ قوياسىز!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:22:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەۋقى يوللىغان ۋاقتى  2012-2-3 12:08 AM
ئەستايىدىلكەنسىز ئەمما ئىلمىي ئەمەسكەنسىز ، ئۆزىڭىز  ...

تەكرار يوللاۋرگەننىڭ نېمە پايدىسى دەيمە؟ بىرى يوللىغاندىكىن بولدى قىلسا بولمامدۇ ؟ بۇنداق تىمىلارغا ئەزەلدىن ئىككى خىل پىكىر بۇلىدۇ.  نېمە پايدىسى تالاش - تارتىش قىلغاننىڭ ؟ . ئاللاھ دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنى يېزىپ قۇيىشىم بەزىلەر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامىنى بۇددا دىنى فىلىمىگە قىستۇرىۋاپتۇ دەپتىكەن، باشقا مەنىلىرىنىمۇ يېزىپ قويدۇم. ئۇ توردىكىلەرنىڭ ئەقلى يوق ساراڭمىكەن دەپتۇ، ئەلۋەتتە كىنوغا چىققانلارنىڭغۇ ئىمانىدىن سۆز ئاچقىلى بولماس، بىراق ئۇلارنى ھاقارەت قىلغاننىڭمۇ پايدىسى يوق، ئاساسلىق سەۋەب ئوخشاش مەزمۇندىكى بىر تىمىنى يەنە يوللىغانلىقى، يەنە كىلىپ مەن ئىنكاسىمنىڭ مەزمۇنى  قانداقتۇر تىما ئىگىسىگە ئەمەس، بەزى ئىنكاسلارغا قارىتىلغان، بۇ كىشى ‹‹گەپ ئىگىسىنى تاپار›› دىگەندەك ئۆزىگە ئېلىۋاپتۇ. ۋاقتىڭىز بولسا مۇشۇ مەزمۇندىكى يەنە بىر تىمىنىمۇ كۈرۈپ باقارسىز .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24053
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 3965 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:33:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا،دەھشەت قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ.

قېرىنداشلىرىم،ئۆز تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنى پىششىق ئۆگىنەيلى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51040
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9859 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:33:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ۋە ئىنكاسلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،شەۋقىي مۇنبىرىگە كىرىپ،بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسقا فىلىمدىكى ناخشىنىمۇ نەچچە رەت ئاڭلىدىم.ھېس-تۇيغۇلار چاڭقاپ تۇرغان مۇشۇ پەيتتە،مۇشۇ تېمىدىكى خاتا قارىلىپ،ئۆز ھېسسىي تەپەككۇر ئىتىدارىغا تايىنىپ،ئۆز كۆز قارىشىنى تەپسىلىي ئىپادىلىمەي،مۇنبەردە نۇرغۇن جېدەل،ئۇرۇش سەۋەبى بولغان ماھىيەتلىك نۇقتىلارنىڭ ئەسلى كۆرۈنىشى بۇنچىۋالا زىدىيەتلىك،كەسكىن بولماسلىق كېرەك ئىدى.
تېمىدا ئەسلى ئىلمىي پىكىرلەر،ئالدىن بىز بېلىۋىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى سەزگۈر  نۇقتىلار ھېسىيات تۇيغۇمىزنى بىرخىل سۇلغۇن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ،ئاكىتىپلىق بىلەن قېزىش ئىلىپ بېرىپ،يىراق ئۆتمۈشىمىزنى شۇ دەۋردىكى‹‹غەربكە ساياھەت››ناملىق ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ۋە كىنو قىلىپ ئىشلىنىشى،يېقىنقى 20يىل مابەينىدىكى ئۆزگىرىش،كىنو ئىشلەشتىكى تەرەقىيات ۋە يېتەرسىزلەكلەر ئۈسىتدە مۇنازىرە قىلىپ،بۇ ئېيتىلىپ قويغان ناخشىنىڭ بىزنىڭ مىللىي ھېسىياتىمىزغا قانداق ئەكس تەسىر بەرگەنلىكى،قانداق قىلساق بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولدىغانلىقى توغۇرسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارساق بولاتتى.
مۇنبەر ھەر كىشىنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلەيدىغان ئەركىن پىكىر قىلىدىغان ياخشى بىر سۇرۇن،مەن بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىشكاسلارنىڭ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيمەن،نۇرغۇن ياخشى ئىنكاسلارمۇ چۈشۈپتۇ.بەزى ئىنكاسلار ھەقىقەتەن ماھىيەتلىك نۇقتىلارنى چىقىش قىلغان ئاساستا،ناھايىتى ئىلمىي يېزىلىپتۇ.
ئەمدى،گەپنىڭ ئورامىغا كەلسەم،بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان گەپنىڭ ھەقىقىي يادرۇسى شۇ فىلىمدىكى ناخشىنىڭ بېشىدا چىققان ئۇيغۇرچە ئېلىنىپ توۋلانغان ناخشىدۇر.
تېلىۋىزىيە ۋاستىسى -يېقىنقى زاماندىن بۇيان تېز سۈرەتتە تەرەقىي قىلدى،ھەممە ئائىلىدە ئۇمۇملىشىپ بولغان،ئائىلىۋى تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم ۋاستىگە ئايلاندى،غەربكە ساياھەت فىلىمى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، زور ئالقىشقا ئېرىشتى،ئەلۋەتتە،ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام،بۇ كىنو قۇيۇلغان چاغلاردا،مەن ۋاقىتنى توغۇرلاپ قۇيۇپ،ئېتىزدىن ناھايىتى بالدۇر قايتىپ كېلەتتىم ۋە قىزىقىش بىلەن بۇ كىنۇنى كۆرۈپ چىقاتتىم.بۇ كىنو ئىشلەنگەندىن كېيىن،چەتئەللەردىمۇ ھەرخىل ئىشلىنىپ باقتى،نۇرغۇن دۆلەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ،بۇ كىنونى ئىشلەپ چىقتى.
گەپنىڭ پوسكالىسىغا كەلسەك،بۇ ناخشىنىڭ ئارىسىدا چىقىدىغان ئۇيغۇرچە ئاھاڭ ھەممىمىزگە سەلبىي تەسىرلەرنى بېرىپ قويىدۇ،بۇ بىزنىڭ مىللەتكە قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس،تارىخ دەۋر روھىنىڭ ئالدىدا،شۇنداق بىر سىياقتا بۇ ياسالما كىرىشتۈرۈلگەن ئاھاڭنى كۆرسە،تېرىكىش،ھۇدۇقۇش،ئاچچىقلىنىش ھەممە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا كېلىدىغان ئەجەللىك زەربىدۇر.چۈنكى،ھەربىر مىللەتنىڭ تارىخىي دەۋر روھىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،سىرتتىن كىرگەن،تېز تارقىلىدىغان،مىللىي ھېسىياتىمىزغا قىلىنغان بۇ ھاقارەت ھەر قانداق ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدىغان ئىشلارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ‹‹قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا››دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
ھەر قانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى،ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.بۇ تولىمۇ ئىنسانپەنۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھوقۇق قارىشىدۇر.ھەر قانداق ۋاستىلەر بىلەن بۇ ھوقۇقنى بوغماق،ھاقارەتلىمەك ۋە بۇرمىلماق زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزىم ئالامىتى بۇلۇ،ئۇمۇملۇق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە زىت زوراۋانلىقتۇر.مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر-بىرىگە قارشى قۇيۇش بىلەن مىللەتلەرنى،ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈم ئالاھىدىلىكلىرىنى،بۇلاردىن تەبىئي يۇسۇندا كېلىپ چىقىدىغان ھوقۇقىي مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق،ئادەلەتسىزلىك ۋە قەستكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم.بۇ قائىدىلەر ئۇچۇق -يۇرۇق كۈچكە ئىگە بولمىغان جايدا سۆزلەنگەن مۇقەددەس ئىبارىلەر سۈنئىي ياساندۇرۇلغان ساختىلىقتىن ۋە بۇ ساختىلىقنىڭ  ئۆز-ئۆزىنى ئاشكارلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.خەلقلەر ئارىسىغا مەلۇم قىسمى بىلەن بىرلىشۋىلىپ،ئۇنىڭ يەنە بىر مەلۇم قىسمىغا قارشى تۇرۇشنى ئىدىيە،دېپلۇماتىك سىياسەت قىلىۋىلىش،ئاتالمىش‹‹يىراقتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ،يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى››دۇر.بۇنداق قىلمىش ئىنسانىيەتنىڭ جاھالەت دەۋرىگە خاس بۇلۇپ،بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى زامان جاھالىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بەلكىم،بۇ سۆزلەر بۇ تېما بىلەن زەنجىرسىمان باغلىندىغان،ھەقىقىي بىر كىرىزىسقا يۇلۇققاندىكى ھەقىقىي ماھىيەتنى كەسكىن ئېچىپ بېرىدىغان قىسقا،ئەمما،دەل جايىدا ئېيتىلغان ھەقىقەت سۆزىدۇر.
بىز ئەتراپتىكى ئىشلارغا بەك نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ كەتمەيمىز،ئەمما،ئوي-تۇيغۇمىزنى چۇلغىۋالدىغان،چوقۇم بىر تەرەپ قىلىنمىسا بولمايدىغان ئىشلار توغۇرلۇق ھەرخىل پىكىر،ئەرز-شىكايەتلر بىلەن بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنىمىز.
بۇددا دىنى بىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئېتىقاد قىلغان،نۇرغۇن ئىپتىخارلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان دىندۇر،شۇ چاغدىمۇ بۇددا دىننىڭ دىيارىمىز(ئۇيغۇرلار ئارىسىدا)كەڭ تارقىلىپ،شانلىق تارىخمىزنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆز تارىختىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە،‹‹مىڭئۆي››لەردىكى تاشكېمىرلەر بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا قارىشىمىز،ياشاش پەلسەپەسى،شۇ دەۋرنىڭ ئۆتمۈشىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان نۇرلۇق ماياكتۇر.
خەنزۇ ئالىملىرى بۇ بۇددا مەدەنىيىتمىزنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ،نۇرغۇن خەلقئارا شان-شۆھرەتكە ئىگە دەپ قارالغان بەزى خەنزۇ ئالىملار بىزنىڭ شۇ چاغدىكى مەدەنىيىتىمىزنى:
‹‹غەربىي يۇرتتا ئەسلىدىن مەدەنىيەت بولمىغان››
‹‹بۇ يەردىكى مەدەنىيەت ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئېشىندىلىرىدىن ھاسىل بولغان››دەپ نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئالاجوقا سۆزلەپ قىلغان ئىشلىرىنى تولا ئاڭلىغان ئىدىم،ئەمدى بۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە قالماشتۇرۇپ،بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشى مېنىمۇ بىرخىل قىلىپ قويدى.
ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت،لېكىن،بايىقى كىتابتىن ئالغان نەقىلدەك زوراۋانلىق بىلەن قىلىنغان مىللىي مەدەنىيەتكە قىلىنغان ھاقارەتنىڭ كېيىن قانچىلىك ئۆچ-ئادەۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئويلاپ بولغۇسىز ئاقىۋەتلەرنىڭ باش سەۋەبچىسى بۇلۇپ قالىدۇ.
تاڭ شۈەنزاڭ(602-644)پۈتكۈل جوڭگۇ بۇدنىزىم مەدەنىيەت تارىخىدا كۇماراجىۋا،جىڭ تى قاتالىق بۇددا ئالىملىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئالىملارنىڭ بىرى،ئۇنىڭ شۆھرەت نامى ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن تارقىلىپ،كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىدا مەلۇم دەرىجىدە تۇنۇش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈردى،
تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق،بىزنىڭ ھەرخىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان،ئاخىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئاتۇش مەشھەدتە ‹‹ئاللاھۇ ئەكبەر كەلىمىسى››بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنغا باشلاپ كىرگەن،ئەلۋەتتە،ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلىش نۇرغۇن ئەسىرلىك تارىخىي بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى،1000يىلدىن بېرى بىزنىڭ مۇھىم بولغان ئېتىقاد سېستىمىزغا ئايلاندى،كۆپ يىللاردىن بېرى،ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت تارىخىدا بىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى بەك زور،ھازىرمۇ ئۆز ئېتىقادىمىز،ياشاش ئۇسلۇبىمىز بويىنچە ئۇيغۇر دېگەن ئىسىم بىلەن بۇ جاھاندا ياشاۋاتىمىز.
بۇ ناخشىنىڭ توۋلىنىشى بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا،مىللىي غورۇرىمىزغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتۇر،بۇ مەسىللەرنى قاقشاپ،ۋايساپ،بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇرۇشۇپ ھەل قىلىپ كېتىشىمىز ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس،چۈنكى،تور دۇنياسىدەك بۇ مەۋھۇم دۇنيادا ئۆزىمىزنىڭ پىكىردە چىڭ تۇرۇپ،قۇبۇل قىلالماي ۋايساپ يۈرۈش ئەخمىقانىلىكتۇر.
ئىلگىرى،سەنئەتچىلىرىمىزنى توردا تىللاشنى مودا قىلىۋالدۇق،تەنقىدنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى توغرا تاللىماي،قارغۇلارچە تەنقىدلەپ،قاقشاپ،زارلىنىش بىلەن نۇرغۇن سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇك قىلىشقا ئۇرۇندۇق.بىرمۇ بەندە چىقىپ،ئايرىم خەت يېزىپ،شۇ كىشىگە ئايرىم خەت يېزىپ قىلالمىدى.
ئەمدى بۇ مەسىلىنى كونكىرىت ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك:
1.تېما مىسرانىمغا يوللاندى،پىكىر يۆلىنىشىدە ئېغىش يۈز بەرمىسە،جېدەل چىقىردىغان ئىشلاردىن ساقلانساق،ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ،بىز چوقۇم بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك بولغان نۇقتىلارنى چۈشىنۋالساق.
2.بۇ كىنو ھامان قويۇلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ياخشى چارە -تەدبىرلەرنى ئويلاپ چىقساق،بۇ كىنو قۇيۇلسا،تەسىرى ياخشى بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئېتىقاد سېستىمىزغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتنىڭ توغرا يول بىلەن ئالدىنى ئېلىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.
3.بۇ ئىش توغۇرلۇق جەمىيەتتە نۇپۇزلۇق ماقالىلەر بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى تۇلۇقلاپ كەلگەن،قەلەم ئىقتىدارى كۈچلۈك،چارە-تەدبىر بەلگۈلەشتە،قاتتىق تەنقىد بېرىشكە قۇربى يېتىدىغانلار بىر كۆرۈپ ئۆز پىكىر-مۇدىئاسىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتسە.
4.دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق تور بەتلىرى بولغان چىياڭگۇ،(强国)،تىيانيا天涯قاتارلىق ئادەم سانى كۆپ بولغان مۇنبەردە يېزىشقا قۇربى يېتىدىغان،شۇ مۇنبەردىكى كىشىلەرنى توغرا ئۇسۇل بىلەن قايىل قىلىپ،بۇ ئىشنى ئۆزگەرتىش توغۇرلۇق بىر خەنزۇچە ئوبزۇر ئېلان قىلىنسا.شۇ ئارقىلىق بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى چوقۇم ئالغىلى بولىدۇ.
ھېسىياتقا مايىل كەلمەيلى قېرىنداشلار،بارلىق ئىشنىڭ،زىدىيەتلەتنىڭ ھەل بولىدىغان ياخشى يەرلىرىنى ئويلاپ چىقايلى،قاقشاپ،ۋايساش بىلەن بىر ئىشنى ھە قىلغىلى بولمايدۇ.
ئاخىرىدا دەيدىغان سۆزۈم،بۇ ئىنكاسىم پەقەتلا ئۆزەمنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى بويىنچە يېزىلدى،قىممەت قارىشى جەھەتتە زور پەرق،ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ،بۇ ئىشتا سىلەردىن ئۆزرە سورايمەن.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۆتۈكەن + 100 مەن ئەڭ قايىل بولغان ب.
toxkanjan + 100 ھەق گەپ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72289
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:51:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مارشال ئەپەندىم! بۇتوغرىسىدا بىز دېمەكچى بولغان ئەمما، تۈزۈك ئوڭشاپ دېيەلمەيۋاتقان ئېسىل پىكىر قىلدىڭىز!  ئەستايىدىللىقىڭىزغا تەشەككۈر!
   رۇخسەت قىلسىڭىز بۇ ئىنكاسىڭىزنى شەۋقىي تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە كۆچۈرۈپ قويسام بولارمۇ؟!
   چۈنكى، ئۇ مۇنبەر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر قايسى جايلاردىكى ئىلمىي مۇنازىرىچىلەر توپلاشقان ئىلمىي تەتقىقات مۇنبىرى، بۇ يازمىڭىزنى ئۇلارنىڭمۇ كۆرۈشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم!  
  خالىسىڭىز قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز!
   شەۋقىي تورى: http://www.shewqiy.com/forum.php
  

قەھرىمانغا تەييار ھامان كەڭ سورۇن،
ھېچ بەيگىدە ئۇتقان ئەمەس بىر ھورۇن.

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24053
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 3965 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:53:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
情癫大圣 دىگەن كىنونى كۆرسىڭىز،ئوتتۇرسىغا كەلگەندە،ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ يەكەنگە بېرىپ،يەكەندىكى ئۇيغۇرلارنى جىن-ئالۋاستىلاردىن قۇتقۇزىدىغان،يەكەن خەلقى خۇشاللىقتىن ئۇلارنى قارشى ئېلىپ،ئەرەپچىمۇ،ھىندىچىمۇ ئىشقىلىپ غەيرلا بىر ئۇسۇلنى ئويناپ كېتىدىغان بىر يېرى بار.كۆرۈنۈش يەكەننىڭ ئەمەس،ئارتىسلارمۇ ئۇيغۇر ئەمەس لېكىن ئاستىدىكى خەتكە ئېنىق قىلىپ زەرەپشان (زەرەپشانننىڭ خەنزۇچە ئىسمى).بۇنى كۆرۈپ ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تاس قاپتىمەن.
قايسى كۈنى بىر كۆپ قىسىملىق فىلىمغا كۆزۈم چېلىقىپ قالدى.تارىخي فىلىم ئىكەن.ئۇيغۇرلارنى شۇنداق دۆت چىقىرىپتۇ ئەمدى.سەككىزىنچى ئارمىيە قورالىنى چىقىرىپ بولغىچە ئۆلۈپ كېتىدىغان ياپون ئارمىيىسىدەكلا.
يېقىندىن بۇيان بۇنداق بۇرمىلانغان فىلىملار ئەدەپ قالدى.مەلىكە خۇەنجۇدىمۇ شۇ.ئىپارخان توغرىسىدىكى ۋەقەلىك خالىغانچە توقۇلغان.

قېرىنداشلىرىم،ئۆز تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنى پىششىق ئۆگىنەيلى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش