مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مارشال

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 57754
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2987 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 01:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئاكىمىزنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن،يازغان يازمىلىرىدىن،مەيلى بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا» بىلەن « مىڭئۆيلەر ، سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز » ناملىق  كىتابىلىردىن بولسۇن،مەيلى <<ئالىمجان ساقىلىڭىزغا رەھمەت>>، <<خېشىننىڭ يەنە بىر يۈزى>>، <<دېپلۇم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرىزىسى>>، <<بۇلبۇل قوتاندا،ئېشەك بوستاندا>> دىكى مەزمۇن يارقىنلىقى،ئىپادە ۋاستىسى ۋە ئوي-پىكىرىدىكى چۇڭقۇرلۇقى ۋە ياكى  بىرتۇركۇم تەرجىمە ئەسەرلرىرىدە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە ھەم باشقا قەلەم ئىگلىرىگە قارىغاندا كۆرنەرلىك .... ئۆزىگە خاس ھەقىقىي مەيدانى بار، ‹‹بوزقىرچە مەيدان›› ياراتقان قەلەمكەش دەپ قارايمەن.
زاھىر ئاكىمىزيازمىلىرىدىن ھالالىق پەلسەپەلىرى تۆكۈلۈپ تۇرسا، بوزقىر ئاكىمىز يازمىلىرىدىن  ۋىجدان ئويغاقلىقى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ دەپ قارايمەن...

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 01:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    زامانى،(زاھىر ئاكىمىزيازمىلىرىدىن ھالالىق پەلسەپەلىرى تۆكۈلۈپ تۇرسا، بوزقىر ئاكىمىز يازمىلىرىدىن  ۋىجدان ئويغاقلىقى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ دەپ قارايمەن....)
    مەن سىز بىلەن بىر قاراشتا!

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

تامنى بۇزغان زەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3746
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41824
تۆھپە نۇمۇرى: 1138
توردا: 6419 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 02:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئادەملەر ھايات بولسىمۇ كىشىلەر نەزىرىدە ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن، يەنە بەزىلەر ئۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ كىشىلەر قەلبىدە يەنىلا ھايات. ياراتقان ئىگەم راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن. ئۇدۇنيادا بانكا يوق شۇ لەنىتىلەرمۇ ئۇ دۇنياغا قۇرۇق قول كىتىدىغانلىقىنى ئويلامدىغاندۇ. بىر يىل مۇئاش ئالماي قانداقمۇ كۈن ئۆتكۈزگەندۇ ھە! 20 كۈندە 1500 يۈەن ئاران يەتتى ماڭا.

ھەزەر قىل ئادەم سىياقى تۈلكىدىن، رەزىللىككە نىقاپ بولغان كۈلكىدىن. ھىجايسىلا كۈلدى دىمە ئۇ قاپقان، دەسسىدىڭلا قۇتۇلمىقىڭ تەس ئىلكىدىن.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2586
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21782
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 10021 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 03:29:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن ئىنىم مارشالنىڭ بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، بوز قىر ئەپەندىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى بىلەن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىغا چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمەن.

بوزقىر ئەپەندى يىللاردىن بۇيان مەتبۇئات ۋە تور دۇنياسىدا جەمىيىتىمىزدىكى ھەرخىل ناچار ئىشلارنى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەپچىللىك بىلەن پاش قىلىپ ۋە قامچىلاپ ئادەملىرىمىزنى ھۇشيارلىققا ۋە ئۆز - ئۆزىنى قوغداشنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشقا ئۈندەپ كىلىۋاتقان ئاز ساندىكى ئويغاق پىكىرلىك ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرى.
نادانلىق قانچە ئەۋج ئالغانسېرى بىلىملىكلەر شۇنچە چەتكە قېقىلىدۇ، بوزقىر ئەپەندىنىڭ خىزمەت ۋە ھەر تۈرلۈك ئىشلاردا چەتكە قېقىلىشى بەلكىم ئەسەرلىرىدىكى ھەقىقىي ئىشلارنىڭ چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تەككەنلىكى ۋە شۇلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتقانلىقىدىن  بولسا كېرەك. بۇ گەرچە بوزقىر ئەپەندىگە نۇرغۇن دىشۋارچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ بوزقىر ئەپەندىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالماستىن بەلكى غەلبىسىدۇر.
بوز قىر ئەپەندىنىڭ سۆھبەتتە ئېيتقان تور دۇنياسى ۋە بىزنىڭ تۇتقان يولىمىزدىكى خاتالىقلار ھەققىدىكى سۆزلەر ناھايىتى ئورۇنلۇق دىيىلگەن گەپلەر.

داۋامى يېزىلىدۇ......   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 11:47 AM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45610
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4472
تۆھپە نۇمۇرى: 586
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 09:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق سۆھبەت ئارقىلىق ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى يەنى تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىلى بۇلىدىكەن .....رەخمەت سىزگە مارشال

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7753 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 09:43:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوز قىر ئەپەندى تورمۇشنى ھەقىقەتەن تەپسىلى كۆزىتىدىكەن.ئەملىي ئىشلار توغرىلىق كۆپ توختىلىپتۇ.پىكىرى بەك جانلىق ئادەمگە ياقىدىكەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 10:12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەن كىلىپلا بۇ تىمىنى كۆرۈپ قىزىقىپ ئۇقۇۋاتقان ئىدىم ،ئەپسۇس بىجىردىغان ئىش چىقىپ يېرىمىغا كەلگەندە كۆزۈم ئارقامدا كۈڭلۈم مۇنبەردە قىلىپ چىقىپ كەتكەن، مانا  چۈشتىن كىيىن ئىشتىن چۈشۈدىغانغا ئاز قالغاندا ئاندىن تۇلۇق ئۇقۇپ بولدۇم، مارشال ئۇكىمىز ئەجەپمۇ ئىسىل ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز،  بورۇنلا ئويلىغانتىم مۇنبەردە نىمىشقا زىيارەت قىلمايدىغاندۇ دەپ ، مانا  بوزقىر ئاكىمىزنىڭ ئاساسى ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق ، ئالدىنقى تىمىڭىزدىن ئەھۋالىڭىزنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدىمۇ شۇنچىلىك ئىچىم ئاچچىق بولغان، بۇ تىمىنى ئۇقۇپمۇ يەنە شۇنداق بولدۇم، بولۇپمۇ بىر يىلغىچە مائاشىڭىزنى بەرمىگەن، ئۇيغۇر تۇلۇقسىز سىنىپلارنىڭ ئۇقۇشلۇقىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى  ئىتراپ قىلمىغان يەرلىرىنى ئۇقۇپ باشقىدىن جۇدۇنۇم ئۆرلىدى، ھەي نىمىشقا مەركەزگىچە ئەرز قىلمايسىز دەيمەن؟ سىز يا سەل يۇۋاشمۇ يا ھەددىدىن ئاشقان چىداملىقمۇ ؟ ئىسىت!  بۇ يا مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى بولمىسا ئوموميۈزلۈك بىلىملىكلەر خارلىندىغان،  سىزدەك بىر زىيالى بىلىم ئەھلىنى يەنە كىلىپ قانۇنلۇق دۆلەت خىزمەتچىسىنى خارلاپ مائاشىنى ۋاقتىدا بەرمىدى دىگەن قانداق گەپ؟ ئۇلاردا شۇنداق ھوقۇق بارمىدۇ؟ ئەگەر ئورنىڭىزدا ئىشلەمچى بولغان بولسىمۇ چۇقۇم ئەرز قىلغان بۇلاتتى مىنىڭچە،  سىز  چىدىغانسىرى ئۇ كىچىك ئەمەلدارلار سىزنى شۇنچە بوزەك قىپتۇ، ھەي!.....  بىر سىرلىق بول سەككىز قىرلىق بول دىگەن گەپنى سىزگە ھەدىيە قىلاي!

ئەمدى بۇ تىمىدىكى مەزمونلارغا كەلسەك، بوز قىر ئاكىمىزنىڭ مۇنبەرلەرگە بەرگەن باھاسى ھەم تەلەپلىرى خېلى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن!  تور دۇنياسى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە  ئۇيغۇر تور مۇنبەرچىلىگىدىمۇ خېلى ياخشى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە، بورۇن سەلكىندىكى ۋاقتىمىزدا ھەر خىل ژانىردىكى تىمىلاردىن ھۇزۇرلىناتتۇق، شۇنداق كۈڭۈللۈك ھىس قىلاتتۇق، قاراتمىلىقى كۈچلۈك ماقالىلارنىمۇ ئۇچرۇتۇپ قالاتتىم،  قۇمۇللۇق بىر ئاكىمىز بار ئىدى، ئابلەتخانمۇ ئىشقىلىپ  قەلىمى كۈچلۈك ماقالىلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇقۇغۇم كىلىدىغان، كىيىن يۇقاپ كەتتى . يىڭى تور ئىچىلغاندا  بىر مەزگىلگىچە كىرگۈم كەلمەي يۈردۈم، كىيىن مىسرانىمدا سەلكىنداشلارنى كۆرۈپ تىزىملىتىپ كىردىم، بىر مەزگىلگىچە مۇنبەرنى داغدۇغا قاپلىغۇدەك ماقالىلارنى كۆرمىگەن ھەم ھىكايە شىئىر ئۇقۇپلا يۈرگەن ئىدىم ، خالاستان بىلوگىدىنغۇ دەيمەن،  گۈلەن ئەپەندىنىڭ بىر ماقالىسىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك قىزىقىپ كەتتىم، بۇ بىلۇگدا مەخسۇس گۈلەن ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرى باركەن ھەممىسىنى ئۇقۇپ ساقلاپ قۇيۇپ يۈردۈم، كىيىن مىسرانىمدا تۇيۇقسىز بوز قىر ئاكىمىزنىڭ ماقالىسىنى ئۇقۇپ شۇنداق خوش بولدۇم، مەن ئاكىمىزنى بۇددا ئالىمى كومراجىۋانىڭ تەرجىمھالى دىگەن تۇنجى نەشىر كىتابىنى ئۇقۇپ تۇنۇغان ھەم بۇ مۇنبەردە كۆرۈپ شۇنداق خوش بولغان، خىيالىمدا ئاكىمىزنى  ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە قەۋەتلىك بىنالاردا  ئىسىل تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولۇپ ئىززەت ئىكرام بىلەن يېزىقچىلىق قىلىۋاتسا كېرەك دەپ تەسەۋۇر قىپتىكەنمەن! ئەپسۇس .....ئالتۇن تۇپا ئاستىدا قالسىمۇ ھامان ئۆزىنىڭ ساپلىقىنى يۇقاتمايدۇ....سىز ھامان بىر كۈنى چۇقۇم ئۆزىڭىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك ئۇتۇق قازىنىسىز ئاكا!
ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرزادە يەنى زۇلپىقار بارات ئۆز باش مۇئەللىم يوللىغان ھونۇلۇلۇ خىياللىرى دىگەن تىمىدا  ، گۈلەن ئەپەندى يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن قاتارلىق داڭلىق زىيالىلىرىمىزنىڭ سۆھبىتى ھەم پىكرى ئۇيغاق ئىنكاسچىلارنىڭ ئىنكاسلىرى مىنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان. بۇ كىتاپنى تۇنجى نەشرىدە سىتىۋىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.
ئويلاپ باقسام مۇنبەر ساھەسىدە خەۋەر، شىئىر ، ھىكايە  قىزىقارلىق يومۇر چاقچاقلاردىن بەكرەك بىزنىڭ ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسىمىز   مانا مۇشۇنداق دىللارنى ھاياجانغا سالىدىغان نادىر ماقالىلارنى  ئىسىل كىشىلىرىمىزنى ئىسىل ئىنكاسلارنى تور يۈزىدە پات پات ئۇچرۇتۇپ تۇرۇش ئىكەن . بۇ ھازىرقى مۇنبەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ناھايىتى پايدىلىق.
ئاخىرىدا بوز قىر ئاكىمىزغا سالامەتلىك، ھەممە ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
مارشال ئىنىمىزنىڭ مۇشۇنداق دادىل بولۇپ بىز بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن كىشىلەرنى ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىنى بىز بىلەن پات پات يۈز كۆرۈشتۈرۈپ قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرىدىن بىزنى خەۋەردار  قىلىشىنى  تىلەيمەن!
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭمۇ بۇندىن كىيىن ھەقىقەتنى ياقىلاپ سۈپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ ئالغا ئىلگىرلىشىنى تىلەيمەن!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 10:23 PM  


مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12757
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31774
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4671 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 11:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ئېسىل بىر سۆھبەت سورۇنىنى ھازىرلاپ ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ،قەلبى ئويغاق،ئۆتكۈر قەلەملىك،ئۆتكۈر پىكىرلىك،  ئىلغار كۆزقاراشقا ئىگە زىيالىمىز بوز قىر  ئەپەندى بىلەن بىزنى تور يۈزىدە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان ئىنىم مارشالغا كۆپتىن -كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.
سۆھبەت مەزمۇنى باشتىن -ئاياق تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم،مەزمۇنى سەرخىل،دائىرىسى كەڭ،پىكرى ئۆتكۈر،كۆزقارىشى ئېنىق،قايىل قىلارلىقى ،ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان سۆھبەت مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى....
ئارىمىزدىن بوزقىر ئەپەندىگە ئوخشاش بىلملىك .ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدىنغا كېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.....
بوز قىر ئەپەندى ئالدىنقى يىلى   ئۆزى يازغان ،  ‹‹سۇجۇۋا چاڭئەندە››دېگەن تارىخىي خارەكتىرلىك يازمىسىنى  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ  قايسى يىللىقىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى،مۇنبەرداشلارنىڭ شۇ دەرسلىكنى تېىپىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئۆتۈنۈپ ،ياردەم سوراپ يازغان تېمىسىغا ئاساسەن،  6-يىللىقنىڭ 1- قىسىم  تىل -ئەدەبىيات دەرسلىكىنى  تېپىپ  بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر رەت  ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە ئۇچراشقان ئىدىم،ھازىر كۆرۈشسەك بەلكىم بىر -بىرىمىزنى تونۇماسلىقىمىز مۈمكىن، بوز قىر ئەپەندىنىڭ ھەر بىر يازمىلىرىدىكى ھەققانىيلىق، دادىللىق،ئەمەلىيەتچانلىق..مەندە چوڭقۇر  تەسىر قوزغىغان شۇ سەۋەپتىن بوز قىر ئەپەندىگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار...
بوز قىر ئەپەندى ۋە ئىنىم مارشالنىڭ  بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپپەققىيەتلىك بولىشىنى ، تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4866
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 762 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 11:45:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىز ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى خاسلىققا ئىگە. ئەڭ دەسلەپ ئۇنىڭ بىر كىچىك كىتاپچىسىنى ئۇقۇپ ئۇنى ئاز- تۇلا تۇنۇغان ئىدىم. ئۇنىڭ مىڭ ئۆي ۋە كۇمراجىۋا قاتارلىق بىزنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئالمىلىرىمىز ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئاز ئەمەس، ئىجتىھات بىلەن بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى مەلۇم دەرىجىدە تولدۇرغان دىسەكمۇ بۇلىدۇ.  بۇ سۆھبەتتە مىسرانىم ئۈچۈن ئۇتتۇرغا قۇيغان قاراشلىرىنىمۇ دادىل، ئەمەلىي بولغان پىكىرلەر دىيىشكە بۇلىدۇ.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 09:49:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن! كۆز تەگمىسۇن! ئاللاھ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن!
بىزنى بۇ قىممەتلىك سۆھبەتتىن ۋاقىپلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش