مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مارشال

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76301
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3699
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 06:26:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئەپەندىم، مەن سىزنى بۇ سۈرىتىڭىز ئارقىلىق تونۇۋالدىم.نىسىپ قىلسا دىدارىڭىزغا مۇلاقات بولارمىز.

ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ،باشلارنى يىغلىتىپ كىتدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76572
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 12:18:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:23:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى سوھبەت بوپتۇ تىنىڭلارغا سالاماتلىك ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

بىز كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6475
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 08:02:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجى ئۆسكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.ئەمما ، شۇكىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يازغان ئاپتور ئۇچرىغان مۇئامىلە ۋە قىسمەتلەر دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مالىيە جەھەتتىن بىر تىيىنلىق قوللىشى،مەنىۋى جەھەتتىن بىرەر ئېغىز  رىغبىتىگە ئېرىشىش ئەمەس ئەكسىچە يەكلىشى،سۈرگۈن قىلىشى، خورلىشىغا ئۇچرىدى.بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتوردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى بېلەن شۇغۇللىنىشى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشمەكتە يوق چەكلەنگەنمۇ-قانداق ؟ چەكلەنمىگەن ھالەتتىمۇ بۇ جەھەتتە قوش ئۆلچەم تۈزۈمى يولغاقويۇلغانمۇ قانداق ؟دېگەندەك گۇمانىي سۇئاللارنىڭ تۇغۇلىشىغا  سەۋەب بولماي قالمىدى

    بۇخىل ئەھۋال كىشىنى تۇلىمۇ بىسەرەمجان قىلىدۇ، 13يىل قان تەر سىڭدۈرۈپسىز رەخمەت سىزگە، ھارمىغايسىز ‹‹بوزقىر›› ئاكا .

گۈل ئۈزسەم قولۇمغا سانجىلدى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.

مەن 365 كۈن ياشايمەن،ھەرگىزمۇ بىر كۈن ياشاپ 365كۈن تەكرارلىمايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72214
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3390
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 09:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مىسرانىم تورى» ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدە ئەزا سانى 100مىڭدىن ئاشقان، تېخنىكا سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقۇرى ، ئۇنۋېرسال ئىقتىدار جەھەتتىن باشلامچى مۇنبەرگە ئايلاندى. ئەمما تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، تېما مەزمۇنلىرى جەھەتتىن ئانچە خاسلىق يوق.تېما تەكرارلىقى مەۋجۇت، باشقا مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلارنىمۇ قوبۇل قىلىۋېرىدۇ. تېما كۆپ . ئەمما نادىر تېمىلار ، سەرخىل تېمىلارئاز. ئەتراپلىق ، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان، كۆپ قىرلىق بىلىم قۇرۇلمىسىغائىگە ئىنكاسچىلار « ئىزدىنىش» ، « ئەلكۈيى» دىكىدەك كۆپ ئەمەس. تېما تەشكىللەش پوزىتسىيىسى سۇس. دەل مۇشۇ ئاجىزلىق تور دۇنياسىدا خېلى مۇنازىرە قوزغىغان گۈلەن،ئۇيغۇرزادىلەرگە ئوخشاش قابىللارنى مەزكۇر مۇنبەرگە جەلىپ قىلالمىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.‹‹ مىسرانىم تورى»تېخنىكا ئاساسى،ئەزالار كۆلىمى جەھەتتىن مۇئەييەن سەۋىيىگە يەتتى. ئەمدى سۈپەتكە كۈچەپ بېقىشى كېرەكتەك قىلىدۇ.ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ،مۇنبەرداشلارپائالىيىتى ۋە مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق مۇنبەر مۇھىتىنى جانلاندۇرۇپ،تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش. نۇقتۇلۇق قىلىپ بىر تۈركۈم قابىل يازارمەن، تەرجىمان، ئىنكاسچىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە جەلىپ قىلىش.تېما كۈتۈپ ياتماي بەزى تەخىرسىز تېمىلارنىيېزىشقا تەشكىللەش ياكى سېتىۋېلىش.چەتئەلدىكى ئەزالارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تېلېۋىزىيىدىكى « جاھاندىكى ئىشلار پىروگراممىسى»دەك بىرەر سەھىپە تەسىس قىلىش ۋە ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش؛ قارشى قۇتۇپتىكى رەقىپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ مۇنازىرىگە سېلىش ئارقىلىق ئوتتۇردىكى ئۇقۇشماسلىق ۋە تۈگۈننى يېشىپ بىرلىك ھاسىل قىلىش؛ مۇنازىرە ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان، غەيرى نىيەتتىكى ئوت قۇيرۇقلىرىنى مۇنبەردىن ۋاقتىدا تازىلاش. « مىسرانىم خاتىرە بويۇمى»ئىشلەپ مۇنبەر پۇلى مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەن ئەزالارغا  تارقىتىپ بېرىش؛مىسرانىمدا ئېلان قىلىنغان ئەڭنادىر تېمىلاردىن يىلدا بىرەر كىتاب ئىشلەپ بازارغا سېلىپ مىسرانىمنىڭ ئىقتىسادىيكىرىمىنى ئاشۇرۇش؛مىسرانىم ئەزالىرىدىن پاي يىغىپ ئۇنى مىسرانىمنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش.

ئالاھىدە قوللايمەن!

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36260
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3076
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1458 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقر ئاكمزنڭ تنگەسالامەتلك تلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36260
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3076
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1458 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:57:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز ھارمىغاي بوزقىركا  ئاللاھ ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلغاي سىز بىلەن قېرنداش بولغىنىمدىن پەخرلىنىمەن .

غالىپلارچە ياشا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 419
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11794
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 2498 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 01:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى بەكمۇ كىچىكىپ كۆرىپتىمەن. بوزقىر ئەپەندى سىزگىمۇ رەخمەت، كىچىككىنە ئىشلارنى تىلغا ئالمىسىڭىزمۇ بولاتتى. سەمىمىلىكىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlgaNazar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 01:34 PM  


غالىپلارچە ياشاشنى بىلمىسەڭ، ئەسىرلەرچە ياشايسەن.

ۋاقىت ھەممىگە ھۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21672
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2220
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-12-10
ئاخىرقى: 2012-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 12:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئەپەندىنىڭ قەلىمىنىڭ تېخىمۇ كۈشلىك بولىشىنى ئىجادىيەت سېپىدىكى سەپىرىنىڭ تېخىمۇ بەركەتلىك مول مەزمۇنلارغا تولىشىنى ئۈمۈت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا سالامەت خاتىرجەملىك تىلەيمەن .قەلەم  تۇلپارىڭىزنىڭ ھەقنى ياقىلاش يولىدا تېخىمۇ ئۆتكۈر كۈشلىك مەزمۇنلارنى كىشىلەرگە ئاتا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن !

تەختىرىڭدىن زارلانما ئۇ گۇناسىز ...

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35311
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:15:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بوزقىرنىڭ ئاخباراتچىلىقتىن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن مۇساپىلىرىنىڭ شاھىدى بولالىشىم مۇمكىن. مەن ئىلگىرىكى چاغلاردا مەتبۇئاتتىن، كېيىنكى مەزگىللەردە توردىن ئارىلاپ يۈرۈپ ئۇنىڭ يازمىلىرىنى ئىزچىل كۆرۈپ كەلدىم. تەجرىبە جەھەتتىن بۇنداق بىر سەۋىيەگە يەتمەك ئوڭاي ئەمەس. ئۇنىڭ مارشال ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم. بوزقىرنىڭ پىكىرلىرى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق، مۇنبەر تەرەققىياتى، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى قاراشلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇ مەن ھۈرمەتلەيدىغان زىيالىيلارنىڭ بىرى.
   بوزقىرنىڭ مائارىپ تەربىيە ئېلىش باسقۇچى ۋە ئاساسلىق ئىجادىيەت مۇساپىسى ئالدىنقى ئەسىردە قالغان بولغاچقا، بەزى پىكىرلىرىدە دەۋرنىڭ چەكلىمىلىكى باردەك. ئەلۋەتتە مۇشۇ سۆھبەتتىكى شېئىرىيەت ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى سەل ئارتۇقچە بولغان دەپ قارايمەن. مارشال:شېئىرىيەت -ھازىر مۇنبەر يۈزىنى ئەڭ كۆپ ئىگەللىۋالغان ئەدەبىيات ژانىرلىرىنىڭ بىرى،سىزنىڭ ھازىر مۇنبەر يۈزىگە چىقىپ تۇرغان شېئىرلارنىڭ سان ۋە سۈپەت مەسىلسى توغۇرسىدا ئازراق پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولساق؟
  بوزقىر :مەنچە، ئۇيغۇرلار يېزىشقا تېگىشلىك شېئىرنىڭ ھەممىسىنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يېزىپ بولغان ، ئۇندىن باشقا شېئىر يازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئۇرۇنۇۋاتقانلارمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.ئەمما ،مۇنبەر ئاممىۋى پىكىر سورۇنى بولغاچقا بەزى ھەۋەسكارلار قەلىمىنى چېنىقتۇرۇش ياكى پايدىلىق پىكىر ئېلىش ئۈچۈن مۇنبەرگە شېئىر يوللىسا ئۇنىمۇ توغرا چۈشەنمەي بولمايدۇ.شېئىر يازمىغاندىن يازغان ياخشى .يازمىغان ئادەمگە قارىغاندا يازغان ئادەمدە ھېچ بولمىسا تەپەككۇر قىزغىنلىقى بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ، مەن مۇنبەردىكى شېئىرلارنى ئانچە كۆپ ئوقۇمايمەن. يامان ئەمەس يېزىلغان بەزى ساتېرىك شېئىرلاربۇنىڭ سىرتىدا.مەسىلەن ئالدىنقى يىللاردىكى « ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن» دېگەندەك شېئىرلار.
  يۇقىرىقى سۆھبەت مەزمۇنى ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىيلىقىنى ئىنكار قىلغان. تۇرمۇش مەۋجۇت بولىدىكەن، ھامان ئۇنى مەنبە قىلغان ئەدەبىيات مەۋجۇت بولىدۇ. ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مەنبە قىلغان شېئىرلارنى بۇرۇنقى ئا. ئۇيغۇرنىڭ يېزىپ بولۇشى قانداق مۇمكىن؟! كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىپ كەتكەنسېرى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشقا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشىدۇ. شېئىر ئالدى بىلەن بىر سەنئەت، ئۇنىڭ كىشىلەرگە ھوزۇر بېغىشلاش رولى بار. ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇنبەردىكى شېئىرلار نېمىشقا كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مىسرانىمدا شېئىر يازىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقان تىلى بىلەن قوشاق توقۇيدۇ-دە، ئۇنىڭدا شېئىرنىڭ جېنى بولغان ھېسسىيات كەم بولىدۇ. سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتى كەم بولغان، كۋادرات شەكلىگە كىرگۈزۈلگەن سۆز ئويۇنلىرى كىشىلەرگە قېلىپنىڭ ئىچىدىكى بىئاراملىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ خالاس. يەنە بىرى تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى تومتاقلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە ئەدەبىيات ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرىمەن دېگەن كىشى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇشى كېرەك، مول بولغان لىكسىك تەركىب ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان، ئەسەرنى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلالايدىغان سۆزلەرلا باشقىلارغا يېتەرلىك تەسىر قىلالايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولدۇكى، باشقىلارنىڭ تىل سەۋىيەسىدىن تۆۋەن سەۋىيەدە ئېيتىلغان سۆز قانداقمۇ ئوقۇرمەننى تىلنىڭ نۇقسانىدىن ئاتلىتىپ ئەسەر ئىچىگە سۆرەپ كىرەلىسۇن؟! ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى مېنىڭچە كىچىك مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ، قايسى ئەدەبىيات ھادىسىسى ئەلكۈيىدىكى مۇنازىرىدەك مۇنازىرە قوزغىدى؟ رومانمۇ، ھېكايىمۇ؟ شېئىر. گەرچە شېئىرىيەتنى باشقىلار نېمىلەرنى دەپ باقسۇن، ئەمما ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھامان كىشىلەرنىڭ بوشاپ قلغان مەنىۋىيىتىگە مەلۇم مەنىلەرنى يۈكلىيەلىشى مۇمكىن.
   ئاخىرىدا مۇشۇ سۆھبەتنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان مارشال ئەپەندىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روھزاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 11:20 PM  


جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش