مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

قاسىم سىدىق:مىنىڭ ئىلتىجاھىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 01:43:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇنبەرلىدە تىك ئۇرۇشى قىلىپ ، قۇرۇق داۋراڭ قىلىپ نوبېل مۇكاپاتى ئالالايدۇ دىسە ئىشەنمەيمەن، 29- تيورمىنىڭ ئىسپات تەجرىبىسى قانداق تەجرىبە؟ پەقەت ئىگىز بىنادىن تاش تاشلاپ ئويناش خالاس ،   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 02:03:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇنبەرلىدە تىك ئۇرۇشى قىلىپ ، قۇرۇق داۋراڭ قىلىپ نوبېل مۇكاپاتى ئالالايدۇ دىسە ئىشەنمەيمەن، 29- تيورمىنىڭ ئىسپات تەجرىبىسى قانداق تەجرىبە؟ پەقەت ئىگىز بىنادىن تاش تاشلاپ ئويناش خالاس ،   
ــــــــــــــــــــــــــــــــ
گالىلى پىسا قىيسىق مۇنارىدىن نىمە تاشلاپ ئۇيناپتىكەن،ئۆنچە،مارجان تاشلاپتىمىكەن.؟،ئىگىزدىن تاشلىغاندا سىلى تۆۋەندە قاراپ تورغانما؟!.

نوبىل مۇكاپاتى ۋىرۇسىنى  كىم تارقانلىغىنى ماۋۇ تېمىدىن كۆرۆۋالسىلا:

ئەركىن سىدىق ئەپەندى نىمە دەپتۇ؟


قاسىم سىدىق

..........
1. جىك ئەپەندى2006-يىلى 8-ئاينىڭ 24–كۈنى ئۇزبىلوگىدا «زىيالى،قىلغان ئىشى خىيالى»ناملىق يازمىنى ئىلان قىلغان.بۇ يازمىدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس»دىگەن ئەدەبى ئاخباراتى ئۇستىدە توختۇلۇپ «مەمتىمىن ھوشۇر... ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯜﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳۆﺯﻟﻪﭖ ﺋۆﺗﻜﻪﻥ» دەپ خاتا ئۇچۇر تارقاتقان. بۇ ئۇچۇر مىنى،شەكىل نەزريىسىنى ۋە مەمتىمىن ھوشۇرنى سېسىتىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋىلىندى.

2. 2011- يىلى مەن ئۇ ئەدەبى ئاخباراتتا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ گىپى ئەسلا يوقلىغىنى ،بو گەپنى جىك ئەپەندى ئۇزىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن،جىكنىڭ ئىنكاسى تۇۋەندىكىچە:

...  نوبىل مۇكاپاتىنىڭ گەپلىرىگە كەلسەك، بۇ ماقالىدا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ گىپى يوقكەن،.، «ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرى، مېنىڭچە، چوڭ قانۇنىيەتلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ» دىگەن.،،. «چوڭ قانۇنيەتلەرگە تاقاشقان نەزىرىيەلەرنى ئوتتۇرغان قويغان» ئادەم ئەمەس بەلكى فىزىكىدىكى كىچىك نەزىرىيەلەر ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان ئالىملارمۇ ئادەتتە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ.

ئازراق نومۇس قىلىش ئېقتىدارى بارلىكى ئادەم ئۇچۇن،مۇشۇ شەرمەندىلىكمۇ يىتىپ ئاشاتتى ۋە نوبىلنىڭ گىپىنى ئىككىنجى تىلغا ئالماس بولار ئىدى ،لىكن جىك 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۇنى نومۇس قىلماي يەنە تۇۋەندىكىچە ئىنكاس يىزىپ ئوتقۇيروقلۇق قىلدى:

6-قەۋەت                                                                               2011-10-6 14:15:45
jeck
تۈنۈگۈن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ئىلان قىپتىكەن قاسىمكام ئىرىشپ قالغېيدى دەپ شۇنچە ئۈمىت بىلەن خەۋەر ئوقۇسام ئىرىشەلمەي قاپتۇ. قاسىمكام ئۈچۈن قايغۇرۇپ قويدۇم.

http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=42709


جىك «نوبىل مۇكاپاتى»ۋېرۇسىنى ئەڭ دەسلەپ تورغا تارقاتقان ۋە ئۇنىڭدىن ئىزچىل پايدىلىنىپ كىلىۋاتقان ئادەم.
بۇ ۋېرۇس نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇردى.ئەلبەتتە خاتا ئۇچۇر تارقاتقان «نامسىز»ئەپەندىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە!.
........
تولۇق تېكسىتنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۆۋالسىلا:

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2558

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-7 02:29 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 02:10:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ قاسىمكا، بالدۇرراق نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ كەتسىڭىزغۇ بىزدىلى بۇ مۇنبەر تالاش تارتىشى تۈگەيتى، نىمە تۈگۈمىگەن داۋراڭ ، جىدەل بۇ ،
ــــــــــــــــــــــــــــــــ
قاسىمكىڭىز بۇ پەريادىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ،سىز چامىڭىز يەتمىگەن ئىشقا زۇرۇقماڭ.
نوبىلنىڭ ئېغىۋاسىنى كىم تارقاتقانلىغىنى بىلەرسىز ھە قاچان؟ ئەمدى بۇنداق نەيرەڭ ئاقمايدۇ.

ماۋۇ تېمىلارنى ئۇقۇسىڭىز بايقاپ گەپ قىلىدىغان بولىسىز.

قاسىم سىدىق ھەققىدە راست ـ يالغان گەپلەر

جېكنىڭ خاتالىقى نەدە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-7 02:13 AM  


مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7823
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3239 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 10:39:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى چۇشىنىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ كۆپرەك كۇچ چىقىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13284
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 3719 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 10:54:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىمىزدا نومۇسسىز ئادەملەر بار،ئەمما ئۆزىمىزنىڭ كەينىدىن پىچاق سالىدىغان شەرمەندە،ئاپپاق خوجىنىڭ پۇشتىلىرىدىن بولغان ئادەملەرنىڭ يەنىلا مەۋجۈتلىغىدىن غەزەپلەندىم.شۇنچىلىك مەسئۇلىيەتسىز،نادان بولىشىغا قارىماي يەنىلا كۆرەلمەس،پاسىقلىغىنى مۇشۇ ئىلىم ساھەسىگىچە كۆتۈرۈپ،ھەممە يەرنى سېسىتىشقا ئورۇنۇۋاتقان بۇ پەسلەرنىڭ ھالى ئۆزلىرىگە ئايان.

كەڭ قورساق بولۇش مەدىنيەت جۈملىسىدىندۇر!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13284
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 3719 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 11:05:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ ئىلتىجاسى ۋە ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ تىلىگى تولىمۇ ئورۇنلۇق.ئىلىم ساھەسىدە ئاقىللار بىلەن نادانلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت خۇددى شەيتان بىلەن مۆئمىننىڭ چىقىشالمىغىنىدەك،ئوت بىلەن سۇنىڭ چىقىشالمىغىنىدەك ئەزەلدىن مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مەۋجۈت.مۇشۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلاردىن،مەسخىرە قىلغانلار كۆپ،ئاقىلدىن نادان كۆپ،مانا بۇ بىزنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قېلىشىمىز،بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى.مەيلى جېك بولامدۇ ياكى باشقا ھەرقاندىغى بولامدۇ،ھەرگىزمۇ ئىلمى نۇقتىدىن قاسىم سىدىقنىڭ دېگىنى ئاساسسىز دەپ ئىسپاتلىيالمايدۇ،ئەگەر ئىسپاتلىغان بولسا ئەھۋال باشقىچە بولار ئىدى،بىزدىمۇ پەن-تېخنىكىدا رىقابەت ئىچىدە ئىلگىرلەش روياپقا چىققان بولاتتى.ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس،يەنى بىرى ئىزدەنگۈچى بىرى مەسخىرە قىلغۇچى،مەسخىرە قىلغۇچىدا ھىچقانداق مەسئۇلىيەت بولمايدۇ،پەس،پاسىق بولىدۇ،خۇددى مەرەزدەك،ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنى مازاق قىلىۋالغانلىقتىن چەكسىز ھوزۇر تاپىدۇ،خۇددى ئاشلىققا چۈشكەن مېتىدەك.

كەڭ قورساق بولۇش مەدىنيەت جۈملىسىدىندۇر!

دەۋر رېتىملىرى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66226
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2112
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 11:09:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە بۇنداق تەجىربە ئىشلەپ شۇنداق يېڭى ئۇقۇملارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولارمۇ ، مېنىڭچە تولۇمۇ تەس .

قاتتىق نەپرەت ، چوڭقۇر مۇھەببەتتىن كېلىدۇ .

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13284
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 3719 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 11:45:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭىچە پىكىرنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى،تەجرىبە جەريانى،ئىسپاتلىنىش خۇلاسىسى ۋە دۇنيانىڭ قوبۇل قىلىشى،بۇ جەريانلار بەكمۇ مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈلدۇر.بىزدە يېڭى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلار بار،ئەمما تەجرىبە جەريانىنى تاماملاش بەسى مۈشكۈل،ئىقىتىساد،شارائىت مەسىلىسى بىزنى بوغۇپ قويىدۇ.مۇكەممەل تەجرىبىخانا بولۇشتىن باشقا شۇ تەجرىبىخانىنى يۈرگۈزەلەيدىغان نۇرغۇن كەسپى خادىم،ۋە فىزىكا ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ ھەمكارلىشىشى،دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادى قوللىشى،دۇنيادىكى داڭلىق پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى،ئالى مەكتەپ،تەجرىبىخانىلار بىلەن بولغان ئۇچۇر-تەتقىقات ھەمبەھىرلىگى بولىشى ۋە مۇشۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى ئادەم ۋە ئورگانلارنىڭ خىزمىتىنىڭ نورمال،جايىدا،ئۈزلۈكسىز يۈرۈشۈپ تۇرىشىنى ئىشقا ئاشۇردىغان،تەڭشەش رولىنى ئۆتەيدىغان كونترول ئاپپاراتى بولىشى كېرەك.چۈنكى بىز دەۋاتقان بۇ تېما ئادەتتىكى تەتقىقات تېمىسى ئەمەس،بەلكى فىزىكا ساھەسىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغۋار تېما.بۇ تېمىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي قېلىنىشمۇ،تەجرىبىنىڭ روياپقا چىقىشغا ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.
مېنىڭ تەكلىۋىم(ئەمەلىيەتتە قاسىم ئاكىمىزمۇ ئويلىغاندۇ):1،بىزنىڭ تورلىرىمزدا داۋراڭنى چوڭ سالغاننىڭ ئەھمىيىتى تازا ئۈنۈملۈك بولمايدۇ،كۆرگەنسىلەر،ئۆمرىدە فىزىكا دەرسى ئاڭلاپ باقمىغانلارمۇ بۇ تېمىغا ئۆزى بىلگەنچە چالۋاقاپ،نادانلارچە پىكىر تاشلاۋاتىدۇ،بىر ئوبدان ئىلمى كەيپىياتنى بۇزۇپ،پاخال قىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا ئامال يوق،ئىچىمىز ئاچچىق بولۇپ،ھەسرەت چېكىپلا قالىمىز شۇ.2.دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئالى مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ بېقىشنى تاللاشمۇ خاتا ئەمەس.بىزنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدە نۇرغۇن مۇرەككەپ مەسىلىلەر ھىساپلاش يولى بىلەن ھەل بولمايدۇ،پەقەتلا مودېل ئىشلەپ،مودېل بىلەن ھىساۋاتنى بىرلەشتۈرگەندە ئاندىن ئەمەلىيەتكە يېقىن خۇلاسە كالامنى چىقىرالايمىز،شىنجاڭدا ھېلىغىۇ فىزىكىكەن،سۇ ئامبىرى،سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى لايىھەلەشتىكى نۇرغۇن ئىنچىكە ھىساۋات،يەكۈن خۇلاسىنى بىز قىلالمايمىز،چىڭخۇا،بېيجىڭ،ۋۇخەن،شىئەن ئۇنۋېرسىتېتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىمىز.بۇ يەردە بىزنىڭ كاللىمىز ئاددى كەپ قالغان ئىش ئەمەس،بىزدە خەقتە بولغان مۇكەممەل تەجرىبىخانا،كېرەكلىك ئۈسكۈنە سايمان ۋە يۇمشاق دېتال يوق،تۈركۈملەپ دوكتۇر،ئاسپىرانت يوق،ئامېرىكا،ياۋروپادىكى داڭلىق تەجرىبىخانىلەر بىلەن ئالاقە يوق،داۋاملىق قىلىپ تۇرىدىغان ھاۋالە ئىشمۇ يوق.دىمەك بىزنىڭ قۇربىمىز يەتمەيدۇ.خۇددى شىنجاڭ تەۋەسىدە  تىببى ئۇنۋېرسىتېتى ھەممە ۋىلايەت ناھىيەدە بولماي پەقەتلا ئۈرۈمچىدىلا بولغاندەك.
3.ئسپاتلانماقچى بولغان تېئورما توغرىسىدىكى بارلىق چۈشەنچە،كۆزقاراش،دەلىك-ئىسپات،پەرەز ۋە يەكۈنلەر تولىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىنىپ،خەلقارا ئىلمى تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە  توغرا تەرجىمە قىلىنىپ (ئېنگىلىزچە،خەنزۇچە)نوپۇزلۇق ئورگان،كەسپى مەتبۇئاتلارغا يوللىنىشى كېرەك.دۆلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە غۇلغۇلا پەيدا قىلىش كېرەك.ئاندىن نەتىجىسىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراش كېرەك.مەيلى نەتىجە قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر،بۇنى قاسىم سىدىقنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرغا قويغىنىنى ئىسپاتلاش كېرەك.
4-ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە داۋراڭ قىلىپ،نادانلارنىڭ بىلمەي قىلغان مەسخىرىسىنى ئاڭلاپ ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىپ يۈرگەندىن،بۇنداق ئەھمىيەتسىز تەشۋىقاتتىن ۋاختىنچە ۋاز كېچىش كېرەك.نەچچە يۈز مۇنبەرگە ئېلان قىلىپ جاپا تارتقاندىن،پەقەتلا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى مۇنبىرىگە ئېلان قىلساق يېتەرلىك دەپ قارايمەن.

كەڭ قورساق بولۇش مەدىنيەت جۈملىسىدىندۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6101
تۆھپە نۇمۇرى: 465
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 11:47:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur-biz يوللىغان ۋاقتى  2012-3-6 05:16 PM
ئەجەپ تولا داۋراڭ سالىدىغان ئادەمكەنسىز قاسىمجان، خەق ...

كوپىرنىك برونو قاتارلىقلارنىڭ يەر مەركەز تەلىماتىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دىننىي ئەمەلدارلار ۋە نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تەلىمات دەپ قارالغان ئىدى ، كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئېتراپ قىلدى ...
ئارستوتىلنىڭ ‹ئېغىر جىسىم يىنىك جىسىمدىن تىز يەرگە چۈشىدۇ› دېگەن خاتا تەلىماتىمۇ نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن ، كېيىن گالىلىي پىسا قىيسىق مۇنارىدا تەجرىبە ئىشلەپ بۇ تەلىماتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ، تارىختىن بۇيان شۇنداق بۇلۇپ كەلگەن بىر نەرسە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا پاسسىپ ، چۈشكۈن ، كونىلىقنى ياقلىغۇچى ، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىچى تار بىرقىسىم كىشىلەر بۇ قائىدە قانون نەزىيىلەرنى بۆشىكىدە ئۇجۇقتۇرۋەتمەكچى بولىدۇ ، ئەمما ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت ، ئۇ بىر نەچچە يىل ، بىر قانچە ئون يىل ، ياكى بىر نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن ھامان  باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىدۇ .
بىز كاللىمىزنى سەگىتىپ مۇشۇنداق بىر تىنىمسىز ئىزدەنگۈچى ئۈچۈن ئاكتىپ پۇزۇتسىيىدە بۇلۇپ ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن ...
ئەگەر سىز ھەقىقىي يوسۇندا يېتەرلىك ئاساسلار بىلەن ‹ شەكىل نەزىريىسىنىڭ › خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلىسىڭىز  ئاندىن كىشىگە رەددىيە بېرىڭ ، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز  توردا تۇترۇقسىز  گەپ قىلىپ مۇنبەر مۇھىتىنى لاۋزىلاشتۇرماڭ ، ئەڭ ياخشىسى تېگىشلىك يېرىڭىزنى غىت قىسىڭ...

ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 12:08:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە بۇنداق تەجىربە ئىشلەپ شۇنداق يېڭى ئۇقۇملارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولارمۇ ، مېنىڭچە تولۇمۇ تەس .
____________________________
تامامەن بولىدۇ،بۇ بەك ئاسان تەجىرىبە.شۇنى ئىشلەپ باقسىلا بولىدۇ.ئىلمى ئادەم قول سىلىپ ئىشلەپ كۆرمەي تۇرۇپ  خاتا-توغرا  دىمەيدۇ.قالايمىقان باھامۇ بەرمەيدۇ.تەجىرىبە ئىشلىمىگەنلەرپەقەت راسىت ئەشۇنداق نەتىجە چىقسا فىزىكىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغى ياكى ھازىر بار بۇلغان فىزىكا ئىدىيىلىرى مەيدانىدا تۇرۇپ چۆشەندۆرگىلى بولىدىغان-بۇلمايدىغانلىغى ئۆستىدىلا گەپ قىلالايدۇ.بۇ گەپلەرنىڭمۇ ئەلۋەتتە دەلىللىرى بولىشى،گىپىنى ئۆزى ئىسپاتلىشى كىرەك.ئىلمى نۇقتىدىن ئىتقاندابۇ يەردە پەقەت ئىككى خىللا تاللاش بار:
1.تەجىربە نەتىجسىگە ئىشەنمەسلىك.بۇنى تەجىرىبىنى قايتا ئىشلەش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ.
2.تەجىرىبە نەتىجىسىنى نىيوتۇن مىخانىكىسى،نىسبىلىك نەزەريىسى،كىۋانىت مىخانىكىسى مەيدانىدا تۇرۇپ چۆشەندۆرۆش.بۇنداق قىلغىلى بولسا يەنىلا ئۆزىگە چۇشلۇق نەتىجە بولىدۇ.
  قالغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ.بەزىلەر بۇ ئىككى يولنىڭ بىرىنىمۇ تاللىماي بۇ تەجىرىبىنى ۋە شەكىل نەزەريىسىنى سېستىش يولىنى تاللىۋاپتۇ. بۇ ھالدا ئاقىۋەت ئۇنداقلارنىڭ ئۆزى سېسىپ كىتىشى ئېنىق.
ھەتتا ئۇتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ فىزىكا ئۇقۇتقۇچىلىرى بۇ تەجىربىنى ئۇقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىشلىيەلەيدۇ.تەجىرىبە ئۆسكۆنىلىرىگە 1000يىۋەنمۇ كەتمەيدۇ.نۇپۇسى 8-10مىليۇنچە كىلىدىغان،بىر مۇنچە دۇكتۇر،پىراپىسۇرلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بىر مىللەتنىڭ مۇشۇنچىلىك بىر ئىشنىمۇ ئىلمى بىر تەرەپ قىلالماسلىغى نۇمۇس ئەمەسمۇ؟!.
ئادەمنىڭ قورققىسى كەلگىدەك ھەيۋەتلىك ئىلمى قالپاقلارنى كىيىۋىلىپ، ئۆزلىرى مەكتەپلەردە يادا ئالمىغان مۇشۇنداق يىڭى بىرمەسىلىگە يولوققاندا ئۇنى ئىلمى بىر تەرەپ قىلالماي غەيۋەتخورلارغا،ھەسەتخۇرلارغا،تۆھمەتخۇرلارغا،يىڭى ئىدىيەلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغائايلىنىپ كىتىۋاتقانلارنىڭ زادى نىمە مەقسىدى باردۇ؟!.
كۆرۆنۆپ تۇرۇپتىكى بۇ ئىشتا قۇرۇق ۋەز-نەسىھەت كىرەك ئەمەس،قول سىلىپ ئەمىلى ئىشلەش روھى كىرەك!.
قالپىغى يوغان،ئۆزىنىلا نامايىش قىلىشقا ئامىراق ،نىيىتى دۇرۇس بولمىغان كىشىلەر كىرەك ئەمەس.ئوتتۇرا-ئالى مەكتەپلەردىكى جاسارەتلىك، خالىس،شەخسىيەتسىز،پەزىلەتلىك كەسىپ ئىگىلىرى كىرەك!.ئۇلار بۇ تەجىرىبىنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ!.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-7 12:45 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش