uyghur-biz يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 05:16 PM
ئەجەپ تولا داۋراڭ سالىدىغان ئادەمكەنسىز قاسىمجان، خەق ...
سىز قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» گە ئائىت بايانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟
ئىنسان- ئىدراكلىق جانلىق. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدراكلىقكى، ئۇ ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھادىسىلەرنى تەپەككۇر ئانالىزىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باغلىنىشلارغا ( سەۋەپ، جەريان، نەتىجە....دىگەندەك) ھۆكۈم قىلالايدۇ. كەشپىيات ۋە ئىجادىيەت ساھەسىدە بەزى بايقاشلار ئەمەلىي تەجرىبە (باشتىن ئۆتكۈزۈش )نەتىجىسىدىن يەكۈنلىنىشى مۆمكىن، يەنە بەزى بايقاشلار ئىنساننىڭ ئىدراكى بىلەن بايقىلىپ ۋە نەزەرىيە،قاراش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەينىدىن ئىسپاتلىنىشى مۆمكىن. پەن ساھەسىدىن يۇقارقى ھەرئىككى خىل ئەھۋالغا قارىتا يىتەرلىك دەلىللەر تېپىلىدۇ.
قاسىم ئەپەندىنىڭ نەزەرىيىسى يۇقارقى ئىككىنچى خىل ئەھۋالغا خاس بولۇپ، نەزەرىيىۋى قاراش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لىكىن تەپسىلى ئوقۇپ ئىدراكىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرگەنلەر بىلىدۇكى، قاسىم ئەپەندىنىڭ بۇ نەزەرىيە سېستىمىسى خۇددى ئۆزى ئېيىتقاندەك «پەلسەپە ۋە لوگىكا» نوقتىسىدىن خېلىلا مۇكەممەل بولۇپ، فىزىكا پەن ساھەسىدە ھەل بولماي كېلىۋاتقان خېلى كۆپ مۇجىمەل ياكى جاۋاپسىز مەسىلىلەرگە خېلىلا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرەلەيدۇ. لىكىن قاسىم ئەپەندىنىڭ «كەسپى»، «نوپۇزى»، «ئوقۇش تارىخى».......دىگەندەك نۇرغۇن سالاھىيەتكە مۇناسىۋەتلىك «سەۋەپ»لەر تۈپەيلىدىن مەزكۇرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىلمى تەتقىقاتى پەن ساھەسىدە يىتەرلىك نەزەرگە ئېلىنمايۋاتقان ۋە كۈنتەرتىپكە قويۇلمايۋاتقاندەك قىلىدۇ.
بىزمۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس. شۇڭا قاسىم ئەپەندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىغا كەسپى جەھەتتىن ھەمكارلىشىش ۋە قوللاشقا ئاجىز. لىكىن بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغان بىر ئىش شۇكى، بىر ئىشقا توغرا نوقتىدىن ئىجتىھات قىلىۋاتقان ۋە قان-تەر سىڭدۈرىۋاتقانلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش، ناۋادا خىزمەت شارائىتىمىز ياكى ئىجتىمائى ئالاقە شارائىتىمىز يار بەرسە قولىمىزدىن كېلىشىچە تەتقىقات شارائىتى، ھەمكارلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش، توغرا نوقتىدىن، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيەۋى بايانلىرىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش. ئەگەر قولىمىزدىن كەلمىسە ھېچ بولمىسا پىتنە-ئېغۋا تېرىماي، سوغۇق سۇ سەپمەي سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ قوللاش بولسا كېرەك. ئەگەر سىز كەسىپ ئەھلى بولۇپ، پەننى نوقتىدىن بۇ نەزەرىيەگە قايىل بولمىسىڭىز قاسىم ئەپەندىنىڭ مۇراجېتى بويىچە ئۇنىڭغا ئىلمى مەيداندا جەڭ ئىلان قىلىڭ ۋە قولىڭىزدىن كەلسە يېڭىۋىتىڭ. بۇمۇ قاسىم بوۋايغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ قوللاش بولىدۇ_ ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىغىغا قايىل بولۇپ قېرىغاندا ئارامىنى ئالسا بولىدۇ. لىكىن مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىرغا قەدەر بۇنداق قىلالايدىغان بىرەر ئادەم چىقىپ باقمىدى.
ئاخىرىدا گېپىمنى قىسقارىتسام، قاسىم ئەپەندىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە ئائىت تېمىلاردىن زېرىككەنلەر بۇ تېمىغا كىرمىسەڭلار، كىرىپ قالغان بولساڭلار قاراپ قويۇپ «يەنە ئاتام ئېيتقان بايىقى ئىكەنغۇ...»دەپ قويۇپلا (ئىنكاس قىلىپ يېزىپ ئەمەس بەلكى كۆڭلىڭىزدىلا) چىقىپ كەتسىڭىزلا كۇپايە، ئىنكاس يېزىپ، تۇتۇرۇقسىز بايانلار بىلەن قارشى تۇرۇپ يۈرسەك ھەم مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىدىكەنمىز ، ھەم ۋاقتىمىزنى زايە قىلىدىكەنمىز. نەچچە بەت ئىنكاسنى ئۆرۈسە بىر ئېغىز تۇتامىغا چىققۇدەك گەپ يوق.................