مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: arzuumut

جانابى ئاللاھ نىڭ ھۈكۈمىدە قانداق ئادەملەر زالىملاردۇر . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 12:55:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاننىڭ نەچچە يىرىدە كېسىپ ھۈكۈم چىقىرىلماي «مومكىن» دېگەندەك مومكىنچىلىكى بار بولغان ئىشلارمۇ بايان قىلىنىدىكەن. مەسىلەن: ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھ  نىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار(ئاللاھ  نىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، باشقىلارنىڭ دىنىنى مەھسخىرە قىلماڭلار ئەمما تەبلىق قىلىپ ياخشى يولغا يىتەكلىسەڭلار ئۇلار يامان يولدىن يېنىشى مومكىن دېگەندەك. قۇرئان ھەممىگە قادىر ئاللاھنى سۈزى تۇرۇقلۇق نېمىشقا كەسكىن ھالدا بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دېيىلمەيدۇ؟ مومكىنچىلىك بولغاندىكىن ئاللاھمۇ بىر ئىشقا كەسكىن ھۆكۈم چىقىرالمامدىغاندۇ دېگەندەك شېرىك بولىدىغان خىياللارنى بىلىپ بىلمەي قىپ سالىدىكەن. چۈشەنمىگەنلىكتىن نۇرغۇنلىغان قارىي ئۆلىمالاردىن سورىسام ھەممىسى دىگۈدەك  مېنى كاپىر ،يەھۇدىيغا چىقىرۋەتتى، بىلمەسلىكنى سوراش ئەيىپ ئەمەس، بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-22 03:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58220
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 01:20:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق 99قا:
بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ياخشىسىمۇ بار،يامىنىمۇ بار.يەنە بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئىچىدىمۇ ياخشىسى ھەم يامىنى بار.سىز بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرالامسىز؟ بۇ بىر توپ ئادەملەر يەنە بىر توپ ئادەملەرگە نىسبەتەن ياكى چۇقۇم ياخشى ياكى چۇقۇم يامان دېيەلمەيمىزدە!
بەلكىم بەك ئاددى چۈشىنىپ قالغاندىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4700
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7292
تۆھپە نۇمۇرى: 723
توردا: 901 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 01:26:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەززەپ تۆغۇرلۇق نىم دەيسىز. بىرئاڭلاپباقسام؟

نۇرمۇھەممەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 02:18:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kizzik99 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-22 12:55 PM
قۇرئاننىڭ نەچچە يىرىدە كېسىپ ھۈكۈم چىقىرىلماي «مومكىن ...

قېرىندىشىم، خىيالنى چەكلەش ،ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەش، ۋە كۆپ سۇئال سورىماسلىقنى پەيغەمبىرىمىز ئەسكەرتكەن، ئەمما ئاۋۇ قارىم داداشلارنىڭ سىزگە توغرا چۈشەنچە بەرمىگىنى بولماپتۇ.
         ھەقىقەتەنمۇ مومكىن سۆزى بار، بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرالمىغىنىدىن ئەمەس(ئەستەغفۇرۇللاھ....)دەل ئەكىسىچە ، بۇنداق دىيىشتە ئاللاھنىڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى ،ئىنسانلارنىڭ بولسا نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيدىغىنىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان روشەن دەلىللەر باردۇر. بۇ يەردىكى مەسىلە ئاللاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرالماسلىقى ئەمەس، ئىنسان بولغۇچىنىڭ ئەقلىي قابىلىيتىنىڭ مەسىلىنىڭ تۈپ مەنبەسى ۋە ھەقىقىتىنى تونۇپ يىتىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىدىندۇر.
مەسىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئەرەپلەرنى تىللايدىغان قېرىنداشلار بار، بەلكىم ئەرەپلەر بىزدىن تەقۋادار بىزدىن ياخشىراق بولىشى مومكىن، بۇنى پەقەت بىزلا ئايرىشقا ئامالسىز، ئەمما ئاللاھ كىمنىڭ ياخشى كىمنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. يەنە ئالايلۇق، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم(ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن،ئامىن) كىشىلەر تەرىپىدىن بۇزۇق ئايالغا چىقىرىلىپ ئاھانەت قىلىنغان، ئەمما ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پاك قۇلى ئىكەنلىكىنى ، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بولسا ئۆزى ياراتقان مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇ سەۋەپ، بىرسىدە ئېنىق كاپىرلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي تۇرۇپ كاپىر دىيىش، باشقىلارنى ئىسپاتسىز تىللاش، سەۋەبىنى، ماھىيتىنى چۈشەنمەي تەنقىدلەش ياخشى ئىش ئەمەس.ئەگەر كېسىپلا مەسخىرە قىلىنغۇچنى  مەسخىرە قىلغۇچىدىن ياخشى دىسە، ئۇنداقتا ھەقىقەتەن چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەن ،ھەددىدىن ئاشقانلار بىزدىن ياخشى بولۇپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا ، ئەڭ ئادىل مۇكەممەل ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھ ،قۇرئان كەرىمدە ،ئەڭ ياخشى ،ئەڭ مۇكەممەل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.ئاللاھ ئۇلۇغدۇر! خاتا چۈشەندۈرۈش بولۇپ قالغان بولسا ئاللاھ مېنى كەچۈرگەي،ئامىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-22 02:20 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xamxar111 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

يا ئىمان ئۈچۈن ياشايسەن؛يا نەپسىڭ ئۈچۈن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41802
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 02:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kizzik99 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-22 12:55 PM
قۇرئاننىڭ نەچچە يىرىدە كېسىپ ھۈكۈم چىقىرىلماي «مومكىن ...

خۇددى ئىبلىسنى كۆرگەندەك بولدۇما .............

           

                                   ئاخىردا سۆزىڭىزگە شىكەر يالىتىپ قويغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئىبلىسلىقىڭىز مانا مەن دەپ تۇرىدۇ ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 02:37:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamxar111 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-22 02:31 PM
خۇددى ئىبلىسنى كۆرگەندەك بولدۇما .............

           


قانداقتۇر ئېتىقادىمغا شىرىك كەلتۈرۈش ياكى قۇرئاننى مەسخىرە قىلىش مەقسىدىم مېنىڭمۇ  يوق ئىدى،  چۈشىنەلمەسلىك  سەۋەبلىك  كۆڭۈلدە بولىدىغان  غەيرى خىياللاردىن خالىي بولۇش   ئۈچۈن ئادەم چوقۇم قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشىش كېرەك ئىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-22 03:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 02:43:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ ئىككىسى ئىككى ئۇقۇمدەك

xamxar111 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-22 02:31 PM
خۇددى ئىبلىسنى كۆرگەندەك بولدۇما .............

           


يەھۇدى ناسارامۇ بوپ بولغان ئەمدى بىردەم  ئىبلىس بولساممۇ بولاي، سىلەر ئېيىتقاندەك چۈشەنسەك نېمىشقا ياخشىلىرىمۇ بار، يامانلىرىمۇ بار دەپ كېسىپ ئېيتىلمايدۇ. مومكىنچلىكنى ئېيىتىشتىكى ھېكمەت زادى قانداق ئىلىم؟ سىلەر ئېيىتقان ئۇقۇم بىلەن مومكىنچىلىك ئۇقۇمى ئوخشاش ئۇقۇممۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-22 02:59 PM  


ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1106
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 5611 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 02:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ،ئاللاھ سزگە رەھمەت قىلسۇن!

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 03:47:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kizzik99 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-22 12:55 PM
قۇرئاننىڭ نەچچە يىرىدە كېسىپ ھۈكۈم چىقىرىلماي «مومكىن ...

كىشى ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسىمۇ ؟ ( كۆزنەك )
   


توغرا ، كىشى ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسىمۇ ؟ ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى بولسا قانداق تۆمۈرچىسى ؟ Cmc3k,t  
بۇ سۆزنىڭ ئېيتىلىشى پەقەت بىر دىنغىلا مەنسۈپ ئەمەس بەلكى بارلىق دىنىي ئىگىلىرىگە خاس بولغان ۋە ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭ ياخشى - يامان بولىشىنى تىلىشىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ تىلىگىنى ياكى ئۇلارنى ھەقىقەتكە ئېلىپ چىقىدۇ ۋە ياكى ھەققە قارشى قېلىپقا سېلىپ قويىدۇ . چۈنكى ، كىشىنىڭ تىلىشى - يەنى بىر ئىشقا نىيەت قىلىشى + تىگىشلىك ئەمەل قىلىشى + ئاقىۋەتتە ئىشلىگەنلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتىشى = ئۇنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى تىلىگەنلىكلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، جىمى بەندىلەر مەيلى نېمە ئىشلارنى قىلىشىنى چۈشەنسۇن - چۈشەنمىسۇن ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرادە - مەقسەتلىرىگە ئىشەنسۇن - ئىشەنمىسۇن ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ تىلىگىنىنىڭ نەتىجىسىنى ھامان كۆرىدۇ . چۈنكى بىر كىمنىڭ ياكى جىم تۇرىشى ياكى بىرەر ئەمەل ئۈستىدە بولىشى ئۇنىڭ مەلۇم بىر نەرسىنى تىلىگەنلىكى قورغىنىدا ئىكەنلىكى ھېسابلىنىدۇ ! ئەمما كىشى نوقتىلىق ئىشلاردا بىردەك تىلەشكە ئۆتەلمەيدۇ . چۈنكى تىلەشتە مەيلى شۇ نوقتىغا قارىتا ئىلىملەرنى ، ئىش يولىنى بىلىسۇن - بىلمىسۇن مەلۇم جەھەتتە ئەمەلدە ئۈستىدە بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ . مەلۇم بىر نەرسىنى تىلەش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس . چۈنكى ھەممىلا ئەمەللەر پۇلسىز ، بەدەلسىز ، جاپاسىز پۈتمەيدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر نەپسىنىڭ پىخىسسىقلىقىدىن ياكى ئىرادىسى بوشلىقىدىن ، ئۆزىگە ، ئۆزىدىكى ئىلىملەرگە ، چۈشەنچىلىرىگە قارىتا ھەقىقىي چىن ئىشىنىشتە بولمىغانلىقتىن ياكى تىلەشتىن باش تارتىدۇ ۋە ياكى يېرىم يولدا ئارقىغا چېكىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى قايسى بىر كىشىلەرگە قارىتا ئۇنىڭ ئەقلى ، تەپەككۇرى ، ئېتىقادى ، ئىمانى ، ئىمانىغا ئىشەنچىسى ، تىگىشلىك ئىلمىسى ، ئىرادىلىك ، مەردانلىق ۋە سۇباتلىق خۇسۇسىيىتى ، روھىيىتىنىڭ شەيئىلەرگە قارىتا باي بولىشى ، چۈپرەندە ، نەپسىگە بويسۇنۇپ كېتىدىغان ۋە چىدامچانلىقى بوش ئەبگالاردىن بولماسلىقى بىردەك مۇكەممەللىككە يەتمىگى زۆرۈردۇر ! ئەمما ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ تىلىگىنى يېرىم يولدا توختايدۇ . پەقەت نىيەت قىلىدىغان + ئەمەل قىلىش روھىي يوق + ئۆزلىرى تۇنىغان نەتىجىنىڭ قولىغا كېلىشىنى كۈتكەن = ھاللاردا ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولغۇسىدۇر . بۇنچىلىكمۇ قىممىتى بولمىسا نىيەتمۇ قىلمايدىغان + ئەمەلمۇ قىلمايدىغان + پەقەت كىيىن كىشىلەرنىڭ قولىدىكىگە قاراپ شۇنىڭدەك بىر نېمەتنىڭ قولىغا ، ئۆزىگە كېلىشىنى تاما قىلغان ھاللاردا = ئارزۇ قىلىش ئىچىدىكى زەئىپلىك قىممەتكە چۆكۈپ قالغۇسىدۇر ! p\bDY  
شۇنىڭدەك ، تىلەشكە ئۆتىدىغان شەخىسلەر ئاز بولغاندەك ، ھەم يەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىن ھەقىقەي بولغان قىممەتنى تىلەيدىغانلار ئىنتايىن ئازدۇر ! چۈنكى ، ھەقىقەتنى تىلەش شۇ كىشىنىڭ ئەڭ بۈيۈك قىممەت بولغان ئىنسانىي ، ئىمانىي قىممىتى يۇقىرى پەللىگە يەتمىگى لازىم بولغۇسىدۇر ! ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قىممىتىنى كۈچەيتمەي تۇرۇپ ، ئىمانىي قۇۋۋىتىگە يەتمەي تۇرۇپ ۋە ئۆزلىرىدىكى شۇ خىل قىممەتتىن توغرا رەۋىشتە پايدىلىنىپ ئىبادەتتە ، ئەمەللەردە بولىشى ئىنتايىن بەسى مۈشكۈل بولۇپ ، ئۇنىڭ روھىيىتى پەقەت ۋە پەقەت ھەقىقەت ئىلىمگە ۋە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە زىچ باغلانغان ھاللاردا ھەر بىر ئىزىدا توغرىلىقنى بېسىپ ماڭمىقى لازىم بولۇپ ، ئىنساننىڭ ھەقىقەتكە قانچىكى يېتىپ ماڭىدىكەن ، ئۇنىڭ بىر ھالىتىدىن يەنە بىر ھالىتىدىگە قارىتا كېلىدىغان مۈشكۈلاتلىرى ، تەقدىر - قىسمەتلىرى بىر - بىرلىرىگە ئوخشىمىغان ھاللاردا ئۆزگىچە سىنىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئاۋال بەندىسىنى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ، تەڭرى - خۇدالىق سۈپىتىنى تۇنۇشقا ، ئاندىن ئۆزىگە ئۆزلىرىنىڭ كۆتۈرۈشچان ۋە چۈشىنىشچان ھالىتىدە تىگىشلىك بولغان ئەمىرلىرىدە بولۇشقا ، ئاندىن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تۇنىشى - ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ئىبادەت قىلىشىغا ، ئۇنىڭدىن ئاشقاندا بولسا ئۆزىنىڭ ئىلاھلىقىنى چۈشىنىشكە ۋە ئىلاھلىق سۈپىتىگە چىن ئىشىنىش ۋە پەقەت ھەممىدە ئۆزىگىلار تىۋىنىشكە قىستاشتەك ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ۋە مۇھەممەد ( س ، ئە ، ۋ ) نىڭ يولىغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە بۇ خىل قىممەتلەرنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنۇتىپ چىقىرىدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا تىگىشلىك قىسمەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ . بۇ ماقام پەقەت شۇ كىشىنى دىنىي پاك دەريانى بويلاپ ۋە ئىسلامدىن ئىبارەت دېڭىزغا چۆكۈشىنى ۋە دېڭىزدىكى تىگىشلىك بولغان نېمەتلەرنى دېڭىزغا چۆكۈپ تۇرۇپ دەريا مىسالى ئۇنىڭ ئىچىدىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ پەقەت ۋە پەقەت ھەقىقەتنىلا ئىزدەشتىن كېلىدۇ . ھەقىقەت ھەر ۋاقىت شۇ كىشىنى توغرىلىققا ، ئۆز نۆۋىتىدىكى سۆز - ھەركەتلىرىگە سىڭىشىپ كېتىش بىلەن تەڭ شۇ كىشىنى پەقەت ھەقىقەتنى مەيلى قانداق بەدەل تۆلىمىسۇن ، ئۆزىنىڭ تىگىشلىك كۈچى يىتىدىغان نۆۋىتىدىكى ئەمەللەردە چىن ئاللاھىغا بويسۇنۇشقا ، سېغىنىشقا ، ئىلگىركى ئېيتقان ، تەستىقلىغان ئىمانىغا چىن پۈتۈشكە ۋە ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىشقىلا قىستايدۇ ۋە ھەر ۋاقىت شۇ كىشىگە ھەمراھ بولىدۇ . ئىسلام بارلىق ئىلىملەرنى توغرا رەۋىشتە بايان قىلىدىغان ۋە چۈشەندۈرىدىغان قورغان بولۇپ ، ئۇ ھېچ كىشىنى ھېچ بىر ئىشتا ھېچقانداق دەلىلگە ، ئىلىمگە ، بىرەر يىپ ئۇچىغا ئاساسلانماي تۇرۇپلا دەتتىكاملىققا تەكلىپ قىلمايدۇ - قىستىمايدۇ . ۋە ئاللاھمۇ ھېچ بىر بەندىسىنى بۇ خىل دەتتىكاملىققا تەكلىپ قىلغىنى يوق . بەلكى ھەر بەندىلەرگە ھەقىقەتكە ، دەلىلگە ، بىرەر يىپ ئۇچىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قالغىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ تەۋەككۇل قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ . چۈنكى تەۋەككۇلنىڭ نەتىجىسى بار ، ئاقىۋېتى چىقىدىغان نەتىجىلىك قىممەتتۇر . ئەمما دەتتىكام دېگەن ياكى بولار ياكى بولماس دېگەندەك ، ياكى توغرىدۇ ياكى خاتادۇ دېگەندەك باتىل كۆز قاراشتۇر ، گۇماندۇر ! كۆپىنچە كىشىلەر سۆز بىرلىك مەنىسى ، لوغىتىنى چۈشەنمەستىن ۋە ئىلىملەرنى تەكتىگە يەتمەستىن بىراقلا ئۆز چۈشەنچىسىگە قاراپلا تەۋەككۇللۇق مەيدانىغا چىقىۋالىدۇ - دە ، ئاقىۋەتتە ئىلىمى ، ئىمانىي ، ئىشەنچىسى ، ئېتىقادى ، ئەقلى ئىقتىدارى ھېچ كۈچىسز بولغانلىقتىن يېرىم يولدا توختاپ قېلىشقا ، ياكى باشتىلا ۋە ياكى نەتىجىگە ئاز قالغاندا بىراقلا ۋاز كېچىشكە ، ئىلگىركى ئىمانىدىن يېنىلۋېلىشقا ئۆزىنى ئۆزى قىستاپ قويىدۇ . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا ئېيتىدۇكى : [ تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ، ( تاقەتنىڭ يېتىشىچە دىندا بولۇش ۋە تىلەشكە ئۆتۈش بولسا ) ئۆزەڭلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر ، ( كۆپىنچە كىشىلەر تاقىتىنىڭ يەتمەيدىغان تەرەپلىرىگە ئۆتىۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىنى بىلمىگەن ، چۈشەنمىگەن يەرلەرگە ئېسىلىۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشىۋالىدۇ ) كىمكى ( تەقۋالىق قىلىشتا ) نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن ( يەنى نەپسىگە بېرىلمەي ھەقىقەتكە قارايدىكەن ۋە ھەقىقەتكە قارىتا تۆلەيدىغان بەدەللەرگە نەپسىنى ئارلاشتۇرىۋالمايدىكەن ، ئەنە ) ئۇ ( شۇنداق كىشىلەر ھەقىقەتەن ) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر ( 16 ) تەغابۇن ) ] ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھاللاردا نەپسىنىڭ ۋە شۇ ۋاقىتتىكى قىزىق قانلىقى بىلەنلا تەرسالىق قىلىپ ئۆزىگە بەد دۇئا قىلىپمۇ قويىدۇ . ئاللاھتائالا بۇ توغرىسىدا ئېيتىدۇكى : [ ياخشىلىق قىلماسلىققا ، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەدەم قىلىش شەكلى بىلەن ئاللاھنى توسالغۇ قىلماڭلار ، ئاللاھ ( ھەر ۋاقىت بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ، ( دىللىرىڭلاردىكى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ( 224 بەقەر ) ] ئېيتىلغاندەك ، ۋە ئاللاھ ئېيتقاندەك ، ئىنسان ھەقىقەتەن ئالدىراڭغۇدۇر ! ئاللاھ گاھ بەزى كىشىلەردىن قېچىشقا ، يۈز ئۆرۈپ تۇرۇشقا قارىتا ئۆلىرىنىڭ ئىمانىي ، دىنىي چۈشەنچىسى مۇكەممەل بولغۇچە تەكلىپمۇ قىلىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە ئۇلار ئازدۇرالمىغۇدەك ۋە چوڭ بىلگۈدەك بىر ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان سېغىنىشلىق مەۋقەسىگە قارىتا كەچۈرۈشى ئۈچۈن قىسمەت - تەقدىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە كىشىلەردىكى جودانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ۋە شۇ جودانىڭ مەنبىيىنى توسقۇچى ماددى - مەنىۋى جەھەتتىكى ئىلىملەرنى بېرىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ بىر - بىرلىرىنى ئەپلەشتۈرۈشكا ئالاقىدار خىزمەتتە بولۇشنى قىستايدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بەزى كىشىلەرنىڭ ، بولۇپمۇ نادانلىقتىن ، ئىلاجىسىزلىقتىن ، باشقىلارنىڭ قۇتىراتقۇلىقىغا بېرىلىپ كېتىشلەر بىلەن ئازغۇچىلارنى كىيىن كەچۈرىشىنى ، ئەپۇ قىلىشىنى ھەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ پۈتۈن خاتالىقلىرىنى يوققا چىقىرىپ مەغپىرەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ شۇنىڭدەك قىسمەت ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇ نۆۋىتىدىمۇ بۇ خىل قىممەتتە بولالماسلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ شۇ خىل قىممەتكە قارىتا خاسلىق ئىمتىيازىنىڭ پۈتۈنلىكىنى ئاللاھ ئېيتقاندەك ، ئاغزدكى ياكى دىلدا بولسىمۇ قەسەم قىلىۋېتىش بىلەن ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان قىممەتنى ئاللاھنىڭ خاسلاشتۇرۇپ بىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىدۇ . ئاللاھقا خاسلانماي تۇرۇپ ھەر قانچە قول كۆتۈرۈپ ، يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان بىلەن ئۇنىڭ دۇئايى ئىجاۋەت بولمايدىغان بىر ۋاقتمۇ بولىدۇ . تەقۋالىق قانچە ئاشقانچە ھەتتە قول كۆتۈرمەي تۇرۇپمۇ ئىچكى دۇنياسىدا ئاللاھقا شىۋىرلاپ ئېيتقىنى ۋە ئۇنىڭدىن كۈچلىنىپ تەقۋالىقتا ھالقىپ بىرەر ئىش ئۈستىدە شۇنداقلا بىر خىيال قىلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ ئۆزىلا ھەم ئاللاھدىن تەلەپ قىلغانلىق بولۇپمۇ كېتىدۇ . چۈنكى شۇ كىشىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە مۇنداقكا بىر نىيىتى دۇئا بولۇپ كەتكەن بولىدۇ . مانا مۇشۇ ئىلىملەرگە ھەقىقىي رەۋىشتە ئاساسلانماي تۇرۇپلا دىنىي جەھەتتە يول ئېلىش ۋە تىلشكە ، ئۈمىد قىلىشقا ئۆتۈش شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ زۇلۇم قىلىپ قويىشىدىن يىراق ئەمەستۇر ! چۈنكى ئاللاھ ئىنساننى ئۇنىڭ ئۆزىگە قانچىكى يېقىنلىشىش ۋە يىراقلىشىشلار بىلەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ . ھەر بىر شەكىللەرنىڭ ئۆز ئىمتىيازى قورغىنى قىممىتى بولىدۇ . مەيلى بېشىغا نېمە ئىشلار كەلمىسۇن ، ھەر ۋاقىت [ ............كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن ( يەنى ھەر ۋاقىت ئاللاھقىلا تىۋىنىدىكەن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيدىكەن ) ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ( مەيلى قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن ) چىقىش يولى بېرىدۇ ( 2 ) ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن ( ماددى - مەنىۋى جەھەتلەردىن ھاياتلىقىغا ، نىشانىغا قارىتا تىگىشلىك بولغان ) رىزىق بېرىدۇ ، كىمكى ( ھەر ئىشىدا مۇشىنىڭدەك ئاللاھنىڭ ئايىتىگە ، ۋەدىسىگە ئىشىنىپ پەقەت ) ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسا ( يەنى ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرسا ۋە پەقەت ئاللاھدىنلا كۈتسە ) ، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ ( يەنى ھەممە ئاللاھنىڭ باشقۇرىشىدا بولغانلىقتىن ھەم كىملەركى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن ، ئاللاھ ئەنە شۇ نىشانىي پەللىسىگە ئۆزىگە تىۋىنگەن بەندىسىنى يىتەكلەيدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇ خىل ئىشىنىشلەردە ئۇنىڭ جاۋابىي چىققۇچە مۇنتىزىم تۇرالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى ئورۇنلاشتۇرىشىغا ۋە ۋەدىسىگە چىن پۈتمەيدۇ ۋە شەك كەلتۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ . چۈنكى ) ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن ( يەنى ھەممىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى چىقىدىغان ، پۈتىدىغان ) مۇئەييەن مىقدار ، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى ( 3 تەلەق ) ] شۇنىڭدەك ، ھەر قانداق نەرسىنىڭ تىگىشلىك پۈتۈشلاردا ۋاقتى ۋە ئورنى باردۇر . ئاللاھ ئەنە شۇ ۋاقىت ، ئورنىغا نۇرغۇنلىغان قىسمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشتە بولغۇسىدۇركى ، چۈنكى ئاللاھ قانداقلا بىر ئىشنى قىلسا ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر . ئەنە شۇ ھېكمىتىدە كۆپلىگەن قىسمەتلەر بىر - بىرلىرىگە چىرمىشىپ كېلىدۇ . شۇنىڭدەك ھەر بىر بەندىنىڭ ئالدىدا كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ، قىسىنچىلىق قاپلايدىغان ۋە دىشۋارچىقلارغا قالىدىغان ۋاقىتلىرى باردۇر . كىشىنىڭ شۇ ۋاقتىدا قايسى رەۋىشتە بولىشى ، دەل ئۇنىڭ شۇ كۈندىن ئىلگىركى تاللىشىنىڭ سەۋەبىدىدۇر . ئىلگىركى ۋاقتىدا ئۇيۇن بىلەن ، غاپىللىق بىلەن ، بىكارچىلىق بىلەن ئۆتكەنلەر توغرىسىدا ئاللاھ ئېيتىدۇكى : [ شۈبھىسىزكى ، بۇلار دۇنيانى ئارتۇق بىلىدۇ ، كەلگۈسىدىكى قىيىن كۈنگە سەل قارايدۇ ( 27 ) بىز ئۇلارنى ( قانداق ) ياراتتۇق ( ئۇلار پىكىر قىلمامدۇ ؟ ) ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق ( ئۇلار پىكىر قىلمامدۇكى ، ئۇلارنى بىز شۇنىڭدەك مەزمۇت قىلغاندەك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىنى ، ئىمانىنى ، ئىلمىسىنى ، تەقۋالىقىنى ۋە ئادىمىيلىكىنى مەزمۇت قىلىشقا تىرىشمامدۇ ؟ ) ئەگەر بىز خالىساق ، ئپرنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەملەرنى ( ئۇلارنىڭ ئورنىدىكى شەكلىگە ، ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي ئىمتىيازىغا ) دەسسىتەتتۇق ( ئۇلار ئىلگىرى مۇسۇلمان بولۇپ كىيىن دىندىن يېنىۋالغان ياكى كېسەللىك ، مېيىپلىقلاردا بولۇپ ، ئاللاھنىڭ جازاسىغا مۇپتىلا بولۇپ خۇددى يۇنۇش پەيغەمبەر بېلىقنىڭ قارنىغا چۈشكەندەك ، ھەر قايسى شۇنىڭدەك تۈرمىلەرگە قاماققا ئېلىنىشلار ئارقىلىق كىشىلەر توپىدىن ئايرىلغانغا ئوخشاش بۇلارنىڭ ھەم ئىلگىركى تۆۋەن ھالىتىدىكىلەرنى كۆتۈرۈپ بۇلارنىڭ ئورنىغا قوياتتۇق . ئەمما ھەممىلەرنىڭ سىنىلىدىغان ۋاقىتلىرى باردۇركى ، شۇنىڭدەك بىر ۋاقىت كەلگەندە ھەر كىشى ناگاھان ، ياكى ياخشىغا ، ياكى يامانغا ۋە ياكى ئارلىقتا قېلىشلارغا قالغۇسىدۇر 28 ) شۈبھىسىزكى ، بۇ ( ئايەتلەر ) ۋەز - نەسىھەتتۇر ( بۇ ۋەز نەسىھەتلەردىن پايدىلىنىشنى ) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن ( 29 ) ( ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ، ھەر قانداق ئىش ) پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا ، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر ( يەنى مەيلى ياخشى - يامانلىقتا بولۇش - بولماسلىقىڭلار ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئىمتىيازىڭلاردىن پايدىلىنىپ قانداق ئىشلارنى قىلىشلاردا ئاللاھقا قايسى رەۋىشتە مۇلاقات بولۇشۇڭلاردا . يەنە ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر ) . ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ، ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ( 30 ) ئاللاھ ( ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ياخشى ئەمەل قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىشىنى خالىغان ، ئاندىن ئاللاھمۇ ھەم ) خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ . ئاللاھ ( بۇ خىل ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ۋەدىسىنى يالغانغا چىقارغان ) زالىملارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى ( 31 ئىنسان ) ] ھامان بىر بۆلۈك كىشىلەر ئاللاھنىڭ بۇ خىل تەقدىرى ھۆكمىگە قارشى مۇجادىلە قىلىشىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ھالى شۇكى ، ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا جان بېقىشنى ۋە غاپىللىقنى تىلەپ ئۆزىنى ئۆزلىرى ئەرمەك قىلىپ ئوينىشىپ ۋە بىر - بىرلىرىنى ئالدىشىپ ، قىلغان يامان ئەمەللىرىنى كۆرمەسكە سېلىشىپ قاغىدىن ئاق ، سېغىزخاندىن ساق قىلىشىپ كەلدى . ئۇلار يامان ئەمەللەردىن بىر - بىرلىرىنى تۇسىمايتتى . ئاقىۋەتتە ھەقىقەت دەلىلى بىلەن ئالدىدا ھازىرلانغاندا بولسا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن : [ ئۇلار : ‹‹ دىللىرىمىز پەردىلەنگەن ›› دېدى . ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ( ئىلگىركى ) كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى ، ئۇلاردىن ( قىلمىشىنى تۇنۇپ ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ ، ئۆزىنى ئۆزى سوتلاپ ھەقىقەتكە قايتىپ ) ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايتتى ئاز ( 88 ) ( بەقەر ) ] شۇنىڭدەك ئىپتىدائىيلىقنى ، نادانلىقنى ۋە ھاماقەتلىكنى ، كۇفرىلىقلارنى تەشۋىق قىلغۇچىلارنىڭ بازىرى ئەلۋەتتە بۇ ئايەت بىلەن ھەقىقىي رەۋىشتە كاسات بولغان ئىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ھەقىقەتنى تۇنۇپ تۇرسىمۇ زالىم پادىشاھ ئالدىدا دەس تۇرالماي ياكى ‹‹ يۈزى چوڭتى ›› دېگەندەك ھەقىقەتنى ئالدىدا ئېيتالماي ۋە ياكى ئۇنىڭدەك كىشىلەر بىر بۆلۈك ھارام تاماقلارنى ئەتىراپىغا يىغىۋېلىپ غاپىللىقنى تىلەشكە ئۆتكەن ۋە ياكى ھەقىقەت كەلگەن ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي ، ئىچىدە ئېتىراپ قىلسىمۇ ئاشكارا ئىنكار قىلىشلار بىلەن ناگاھان ئۇلاردىكى جەننەتنىڭ كىيىملىرى سېلىنىپ كەتتى ۋە داۋۋاملىق سېلىنىپ كېتىۋاتىدۇ . بۇلار دەل دىننى مەبۇد قىلىۋالغانلىق ، شەرىئەتنىڭ تەكلىپلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغانلىقلاردىن قۇرئاننى قىرائەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ ، تىلاۋىتىگە قۇلاق سالماستىن ئىنكار قىلىشىپ ھامان ئىنسانىي نەپسىگە ، ھاۋايى ھەۋىسىگە بېرىلىش بىلەن ھەقىقەتتىن باشقا تەرەپكە چوقۇنۇشتا چۆكۈپ كەتكەنلىكتىن بولدى . ئۇلار بىلمەمدۇكى ۋە ئاڭلىمىغانمىكى ‹‹ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلامدۇر ›› دېگەنكى ھۆكمىنى ۋە ئەزەللىسى پۈتىۋېتىلگىنىنى ؟! ئۇلار دىننى سىياقتا ، ئىسلامنى ئاتاقتا قىلىۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئالدىدى ۋە ئاقىۋەتتە ھەقىقەتكە قارشى ئىسيانكارلىق قىلىش بىلەن كاپىر بولماقنى ئىختىيار قىلىشتى . [ شۈبھىسىزكى ، كاپىر بولۇپ ، كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر بار ، ئەنە شۇلار چوقۇم ئاللاھنىڭ ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچىرايدۇ ( 161 بەقەر ) شۇنىڭدەك [ ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ ( 177 بەقەر ) ] [ بۇ ( ئازابقا قېلىشىڭلار ) سىلەرنىڭ ( شۇنىڭدەك يامان ) قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر ، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر ( 182 ئال ئىمران ) ] تولىمۇ ئەپسۇسكى ، كۆپىنچە كىشىلەر ھېچقانداق ئىلىمسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھاللاردا ئاللاھنىڭ كالامى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارغا سىڭىشىپ كەتتى . چۈنكى ئۇلار كۆپىنچە ئىنسانىي ئەقىلگە ۋە ئۆز گۇمانلىرىغا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىسلامدىن يات بولغان شەيئىلەرگە چوقۇندى ۋە كۇفرىلىقلارنى ئۆزلىرىچە توغرا تاپتى ۋە شۇنى باشقىلارغا ھەم تەشۋىق قىلىشتى . گەرچە بىر ئىلىم ئىگىسى تىلىدا دېمىگەن بىلەن ، ئەمەللىرىدە ئۆز نۆۋىتىدە كۇفرىلىققا مايىل بولغان بولسا ، باشقىلارغا تىلدا دېگەندىنمۇ كۈچلۈك يەتكۈزۈشتە بولغان بولىدۇ . ‹‹ قاغا بىلەن ئارلاشساڭ ، يېيىشىڭ پوق ›› دەپ ، تەقۋالىققا ئالاقىدار ئىلىمگە ۋە تەقۋالىقلارغا قارىتا ئىنچىكە بولالمايدىغان ئالىملار ، موللىلار ، كىشىلەر ....... كۇپپارلارنىڭ تۈزگەن قانۇنىيەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىدىكى كۇفرىلىقلارغا ، ھەقىقەتكە قارشىلارغا قارىتا سۆز - ھەركەتلىرى - قىلمىشلىرىغا قاراپ ئەسلى قەغەزدىكى ، تىلىدىكى ، يادقا ئالغاندىكى ھەقىقەتلەرنى ئەمەلىيىەتلىرىدە جارى قىلالماسلىقلار بىلەن شەيئىلەرنى ئىلاھلىقتا ، مەبۇدلىقتا تونۇپ قېلىشلار بىلەن ھەقىقەتتىن قانچىلىك چەتنەپ كەتكەنلىكلىرىنى تۇيمىدى ۋە ئۆزلىرىنى ھامان توغرا دەيتتى . بەزىلىرى ‹‹ ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى ›› دىيىشەتتى ئەمما ، تەقدىرىگە قارىتا قايسى رەۋىشتە تۆمۈرچى بولۇشتىن غاپىل ئىدى . +w+} b^4  
ئاللاھ بىزلەرگە تەقدىرنى يارىتىدۇ . بىز شۇ تەقدىرگە ئالاقىدار كىرىشتۈرۈلگەن قىسمەتلەردىن ئاللاھنىڭ ئۆزىمىزگە قارىتا كىيىنكى تەقدىرىمىزنى قانداق پۈتىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئېيتقانكى : ‹‹ بىر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگىچە ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ ›› . شۇنداق ! بەندە ياكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارىتا ياكى توغرا يۆنىلىشكە ياكى خاتا يۆنىلىشكە شۇ بەندىنىڭ ئۆزىنىڭ پەيلىگە قارىتا بەندە ئۆزى تاللايدۇ . بەندىنىڭ ياخشى - يامانلىقى ، ئىتائەتمەن - كۇفرىلىقى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ پەيلىدە ! پەيلى ئۇنىڭ روھىيىتىدە . روھىيىتى ئىنساننى باشقۇرىدىغان رولى بولۇپ ، بۈگۈنكى دىنىي ۋە ئىسلام تەكلىپ قىلغانكى قوغانغا كىرىش - كىرمەسلىكى شۇ رولنىڭ توغرىلىقتا كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىق بولىشىدا ! چۈنكى ئىنساننى مەيلى قايسى قورغانغا بۇرىغۇچى كۈچ ئۇنىڭ رولى بولۇپ ، رول روھىيەتنى تىزگىنلەيدۇ . روھىيەت دىنىي ۋە ئىنسانىي ، ئىمانىي جەھەتلەردىكى توغرا - خاتالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كىمكى روھىيىتىنى بۇزۇق ئەقىدىلەر بىلەن بۇلغىۋالغان بولسا ئۇنىڭ ھامان ھەقىقەتتىن ، ئىسلامنڭ زاماندىكى ئورنىدىن قالغۇسىدۇر ! '2[albxSc  
ئىسلام دىننى پاكلايدۇ . دىن ئىسلامنى كۈچەيتىدۇ . كىملەركى بۇ خىل ئىككى قوشكېزەكنى ئايرىيدىكەن ، ئۇ ھامان ئازغۇنلۇقنى ۋە گۇمراھلىقنى تىلىگەن بولىدۇ . زامان - زاماندىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تىگىشلىك ئىلىمگە ئاساسلانماي تۇرۇپلا گۇمانىي قىياسىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارغا كىرىشىپ قالغان ۋە شۇ خاتالىقلارنى ھامان توغرا دەپ ئېتىقاد قىلغان . ئاقىۋەتتە ئىسلامدىن چەتنەپ چىقىپ كەتكەن ۋە باتىل دىنغا يۈرۈش قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تونىشىدىكى توغرىلىقنى ھەم باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن ۋە شۇنى تىلىگەن . شۇنىڭ بىلەن ھالا بۈگۈنكى كۈندە ‹‹ ھەر كىشى ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى ›› دېگەنكى تونۇشلاردا ئۆزگىچە يوللار ، كۆز - قاراشلار روياپقا چىققان . چۈنكى ، كىملەركى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقىدا نېمىلەرگە ئىگە بولسا ۋە نېمىلەرنى توغرا تاپسا بۇ مەيدانغا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئېيتقان . چۈنكى بۇ جۈملە قايسى تەرەپكە بۇرمىلىسا شۇينىغا چۆگىلەيدىغان ‹‹ لەغمەنتىي ›› بولغاچقا ، بۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ھامان ئەسلى ئورنى ، تۇرغۇنى بولماي كەلگەن . چۈنكى ھەممە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىسىنى ھامان توغرا دىيىشكەنلىكتىن بولدى . \ cUC9/ b  
ناسارالار ئەزەلدىنلا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆز ئەقلى ، تۇنىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئەقىدىسىنى قولىغا ئېلىۋالغاچقا ، ئاللاھ ھامان ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىگە رايىشلاندى . چۈنكى ئاللاھنىڭ بۇ خىل قىسمەتلەرگە قارىتا ھۆكمى ئەزەلدىنلا بېكىتىپ كېتىلگەن ئىدى . يەنى ‹‹ قايسى بىر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگىچە ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ ›› لىق ھۆكۈم پۈتۈلۈپ كەتكەچكە ، كىمكى ئاللاھقا قايسى رەۋىشتە مۇلاقات بولىدىكەن ، ئاللاھمۇ ئۇلارغا شۇ خىل رەۋىشتە مۇلاقات بولۇنۇپ كەلدى . گەپ ، شۇ بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ سۈپىتىنى ، ئەزەللىي ھۆكمىسىنى ئۆز ئورنىدا ، توغرا رەۋىشتە تۇنىشىدا قالدى . قۇرئان كېرىمنىڭ ھەق ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىگە ھەقىقىي چىن پۈتكەن كىشى ۋە ھەر بىر ئايەتلەرنىڭ ھەق توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىغا چىن ئىشەنگەن ۋە قۇرئان ئارقىلىق ھەر ۋاقىت توغرىلىقنى ، ھەقىقەتنى ۋە ئاخىرەتكە يېتىشنى ئۈمىد قىلغان ۋە قەتئى ئىرادە قىلىپ شۇ خىل پەللىگە يەتمەكنى تىلىگەن كىشىلەر ، ئاندىن ئاللاھنىڭ كالامىغا ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق ۋەدىسى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتۈپ تەستىق قىلىدۇ ۋە قەتئى ئىشىنەلەيدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەرلا قۇرئاننى ئۆزلىرىگە يىتەكچى قىلالايدۇ ۋە قانچىكى تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن پەقەت ۋە پەقەت شۇنچىلىكلا نەپ ئالالايدۇ ، ئەڭ توغرا دىنغا ۋە ئىسلامغا يېتىشەلەيدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان خاتا ئەقىدىلەر ، خاتا كۆز قاراشلار بولغان بولىدۇ . كىمكى ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە پاك ئىبادەتتە بولىمەن دەيدىكەن ، ئۇ چوقۇمكى قۇرئانغا - قۇرئاندىكى ئىسلامغا چوقۇنىشى كېرەك بولىدۇ . بۇ چوقۇنۇشتا ھەقىقىي ھېكمىتىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەن ، ئۇ چوقۇمكى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىشى كېرەك بولىدۇ . ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەن كىشىنىڭ كۆكسى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ ، قايسى ئىلىم ھەق بولسا ، ئۇنىڭ كۆكسى شۇنى ئىختىيار قىلىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولىدۇ . بۇ خىل ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇمكى ئۇ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان توغرا يوللۇق ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشى كېرەك بولىدۇ ۋە پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلغان بولىشى كېرەكتۇر . ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان كىشى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىشى لازىمدۇر . تەقۋالىق قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ، ھۆكمىسىگە بويسۇنۇشتىن كېلىدۇ . مانا مۇشۇ بويسۇنۇشتىن ئاللاھ شۇ بەندىنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا ، تۆۋەنلىكتىن يۇقىرىلىققا ، نادانلىقتىن ئالىملىققا ، پۇقرالىقتىن پادىشاھلىققا كۆتۈرىدۇ ، شۇ خىل ماقامغا يىتەكلەيدۇ . ئاللاھ ئۆزىگە تەقۋالىق قىلغۇچى بەندىسىنى ئۆزىنىڭ شۇ خىل يىتەكلىشىگە تەكلىپ قىلىدۇكى : [ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلەر ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان ، بۇ ( خىل تەقدىرلەرنى ئالدىن پۈتۈش ) ، شۈبھىسىزكى ، ئاللاھقا ئاساندۇر ( چۈنكى ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ھالى - ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ) ( 22 ) ( ئاللاھنىڭ بۇ خىل تەقدىرىنى بايان قىلىشى - پۈتىشى ۋە ئاشكارلىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىلەرگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر ، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ ( يەنى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى ئىچىدىن بىر تەرەپ قىلىپ بەرمەيدۇ بەلكى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قاياشىغا قويۇپ بېرىدۇكى ، ئۇلار ئاقىۋەتتە خۇددى ناسارالاردەك كۆپلىگەن باتىل كۆز - قاراشلارغا چۆكۈشۈپ كېتىدۇ ۋە خاتالىقلارغا سىڭىشىپ كېتىدۇ ئاقىۋەتتە ئاتاقتا مۇسۇلمان ، ئەمما ئېتىقادى ، ئەقىدە مەسىلىلەردە يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ ) ( 23 ھەدىد ) ] شۇڭا ئاللاھ بىزلەرنىڭ تاشقى سۈپىتىمىزگە ، تىلىمىزدىكى گەپ - سۆزلەرگە ، ئالغان ئۇنۋانىمىزغا قارىمايدۇ بەلكى بىزنىڭ شۇ خىل ئىچكى دۇنيارىمىزغا قارايدۇ . بىز ئەنە شۇ خىل ئىچكى قۇرۇلمىمىز بىلەن ئاندىن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ، رەھمىتىگە ئېرىشالايمىز . بۇ دېگىنىمىز ، ئىمانىڭنى ئىچىڭدە بىلىپ ، تاشقى قىياپەتكە ئېتىبار بەرمىسەڭمۇ بولىدۇ - دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە . ئەمەلىيەتتە دىنىي جەھەتتە ھەقىقىي قىممەت شۇ بەندىدە بولىدىكەن ، ئەسلى قىممەتنىڭ كۈچى تاشاينىغا تەپكۈسىدۇر . جەمىيەتتە ۋە ئۇنىڭ ھاياتىدا مادامىكى ، بىلگەنلىرىگە قارىتا روشەن ھاللاردا ئەمەل قىلىشقا ئىمتىياز بېرىلگەن ئىكەن ، ئۇنىڭ چوقۇمكى ئۆز قىممىتىنى تولۇق رەۋىشتە ئورۇنلىشى شەرتتۇر ! ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇ يەنىلا سۆزىدە يالغانچىلاردىن ياكى غاپىللاردىن ئىكەنلىكىدە شەك يوق . 0iwZT&O  
دېمەككى ، بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ياخشى - يامان بولىشىمىز ، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ياكى شەقى بولىشىمىز ، نېمەتلەرگە شۈكرى ئېيتىشىمىز ياكى كۇفرىلىق قىلىشىمىز ، دەل بىزنىڭ ئاللاھنى قانداق تۇنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا قايسى رەۋىشتە ئىبادەتتە بولىشىمىز ۋە ئۇنىڭقا قايسى رەۋىشتە مۇلاقات بولىشىمىزغا باغلىقتۇر ! ئاللاھنىڭ ‹‹ قايسى قەۋم ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ؛ ئۆزلىرى ئۆزلىرىگە تەقدىر - قىسمەتلەندۈرىلگەن ئىشلاردا روھىيىتىنى ، پەيلىنى قايسى تەرەپكە كەلتۈرىشىدىن ياخشىلىققا ياكى يامانلىقلارغا قارىتا يۈز تۇتۇپ ئۆزگەرتمىگىچە ، ئاللاھ ھەر كىمنىڭ ھالىنى ئۆز خاھىشى بىلەن ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ . بىر بەندىنىڭ دىندا قايسى ھالەتتە بولىشى ئاللاھ بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئىككىسىدىكى ئورتاقچىلىقتۇر . چۈنكى ئاللاھ بارلىق بەندىلەرنىڭ ، شەيئىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر . ئەمما ئاللاھ ھەر بىر بەندىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بىرلىكى ھەمدۇر . ھەتتاكى ئۇ بىر تەندە ئىككى ئادەم بولسىمۇ ، مادامىكى ، ئۇنىڭ يۈرىگى ، بېشى بولسىلا ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەم يەككىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنى ھەركىمنىڭ تۇنىشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاسى باشقا - باشقا بولىدۇ . دىن ھېچقاچان بىرەر ئالىمغا چوقۇنۇۋېلىشقا ، ئۇنىڭ سۈپىتىگە ئورىنىۋېلىپلا بولدى قىلىشقا چاقىرىق قىلمايدۇ بەلكى ھەر بەندىنىڭ خۇددى پەيغەمبەرلەردەك چىن ئىبادەتتە بولىشىنى ، پەقەت ئاللاھقىلا خاس تەقۋالىق قىلىشىنى ، ئۆز يۈرىكىدىن سۈيىشىنى ، ئىتائەت قىلىشىنى تەكىتلەيدۇ . ئاللاھ ۋە ئاللاھقا دائىم ئۇلاشتۇرۇپ تۇرغۇچى دىن بولسا بىزنى ھەر ۋاقىت ئىلىم ئېلىشقا ۋە ئالغان بىلىملىرىمىزنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزگە جەۋھەرلەشتۈرۈپ مۇستەھكەم ئېتىقاد قىلىشىمىزغا چاقىرىق قىلىدۇ . مەيلى قانچىلىك ئىلىم تاپمايلى ، ئالغان ئىلمىمىزگە ھەقىقىي چىن ئىشىنىشىمىزگە ۋە شۇ ئىشىنىشتە ئىبادەتتە بولىشىمىزغا ھەمدە ھەر ۋاقىت شۇ خىل ئىشىنىشىمىز ئىمانىمىزدا مۇنتىزىم تۇرىشىمىزغا قىستايدۇ . ئاللاھنىڭ بىزدىن يەنە كۈتىدىغىنى شۇكى : [ ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرىلىشىنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ ، بۇنىڭدىن باشقىنى ( ئاللاھ ئۆزى ) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ ، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتەن ئازغان بولىدۇ ( 16 نىسا ) ] قارىماققا پۈتۈن ياخشىلىق - يامانلىق شەيئىلەر ، بەندىلەر تەرىپىدىن كېلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەسلى پادىشاھى ، ئىگىسى ، ئۇرۇنلاشتۇرغۇچىسى پەقەت بىرلا ئاللاھدۇر ! ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ! ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد يوقتۇر ! ئۇ پەقەت ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ! [.S#rGYk  
|d*&y#kV  
ئۇيغۇر قەلىمى ! ئۇيغۇرلارنىڭ قەلىمى  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzumtal + 200 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ھايا ئىنساننىڭ ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 413
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 03:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاللاھ ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ .

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش