kizzik99 يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 12:55 PM
قۇرئاننىڭ نەچچە يىرىدە كېسىپ ھۈكۈم چىقىرىلماي «مومكىن ...
شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق سوئال سورايدىكەن:-ئى ئىنسان سىنى كىم ياراتتى؟ئىنسان:-مىنى ھەممىگە قادىر جانابىي ھەق تائالا ياراتتى!شەيتان:-ئى ئىنسان ئەمسە ئاللاھنى كىم ياراتتى؟ دىللىرىدا شەك بار كىشىلەر دەمەللىق تۇرۇپ قالىدىكەن،ھەقىيقى تەقۋا كىشىلەر بولسا شەيتانغا مۇنداق جاۋاب بىرىدىكەن:-ئاللاھ پەقەت ياراتقۇچى،ئۇ يارتىلغان ئەمەس،تۇغۇلغانمۇ ئەمەس،تۇغقان مۇ ئەمەس،ئۇنىڭ ھىچ بىر شىرىكى يوق! شۇڭا قىرىندىشىم كۆڭلىڭىزدىكى شىرىك چۈپ قالغان نەرسىلەردىن يىراق بولۇڭ،شەك چۈشۈپ قالغان ھامان تەسبىھ ئىيتىڭ،ھەر قانداق بىر تەقۋا كىشىنىڭ كۆڭلىگە شەيتان شەك چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ،يەنى پاسىقلاردىن بەكرەك مۆئمىن كىشىلەر شەيتاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ،دىننى ھەقىيقى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز تەپەككۇر قىلىڭ،باشقا كىشىلەردىن پەتىۋا سورىماڭ،ئامال بار ئۆزىڭىز چۈشىنىڭ چۈنكى ئۇنى ئۆزىڭىز چۈشىەنسىڭىز ھەقيقى ئەمەل قىلالايسىز،لىكىن بىلىپ تۇرۇپ قىلسىڭىز يەھۇدىلاردىن پەرقلەنمەي قالمايسىز!ئاللاھنىڭ ھەر بىر سۆزى مۇتلەق ھۆكۈمدۇر،لىكىن بەزى ھۆكۈملەرنى چۈشەندۈرشتە ئىنسان ئەقلى يەتمەيدۇ،شۇڭا بىلىپ بىلمەي قىلغان سۆزىڭىز باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدۇ!ئاخىرىدا سىزگە 27-قەۋەتتىكى ئىنكاسنى تەۋسىيە قىلىمەن،ھەم بۇ تىمىنى ئوقۇپ تەپەككۇر قىلغايسىز،ئىنسانغا ئىلىمدىن بەكرەك ئەسقاتىدىغان بىر نەرسە بار ئۇ بولسىمۇ ئەقىل!شۇڭا مەن يەھۇدى ۋە ناسارا ۋە باشقىللىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىمايمەن!