kizzik99 يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 12:55 PM
قۇرئاننىڭ نەچچە يىرىدە كېسىپ ھۈكۈم چىقىرىلماي «مومكىن ...
ئەمما تەبلىق قىلىپ ياخشى يولغا يىتەكلىسەڭلار ئۇلار يامان يولدىن يېنىشى مومكىن دېگەندەك. قۇرئان ھەممىگە قادىر ئاللاھنى سۈزى تۇرۇقلۇق نېمىشقا كەسكىن ھالدا بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دېيىلمەيدۇ؟
ج : چۈنكى بەندىنىڭ يۇقىرىقى بايانىمدا ئېيتقاندەك ، مەلۇم تاللاش ئىمتىيازى بولىدۇ . ئەنە شۇ ئىمتىياز ئىچىدە بەزى بىلمىگەن نەرسىلىرى ئۈستىدە مۇنازىرىدە جاڭجاللىشىپ ، ياكى تەرسالىشىپ ھۆكۈم چىقىرىپ قالىدۇ . ئاقىۋەتتە قارشى تەرەپ بىلمەستىن ئېزىپ قالىدۇ . دىندا زورلاش يوقتۇر . كۆپىنچە زالىملىق ۋە باشقىلارغا زۇلۇم سېلىش دىنغا مەجبۇرلاپ قويۇشتىن ، ئاچچىقلاردا ھەقنى ئىنكار قىلىپ قويۇشتىن كېلىدۇ . شۇڭا باشقىلارغا ياخشى بولسۇن - دېگەن كىشى ، مۇنازىرىدە بەك جاڭجاللاشمايدۇ ۋە سەل چېڭىغا چىقىۋاتقان سۇرۇندىن تۇرۇپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مۇشىنىڭدەك تاللاش ئىختىيارلىقىدىكى سۇرۇنلاردا ۋە باشقىلاردا كىشىلەرنى ئۆزلىرى بىلمىگەن نەرسىلەرگە قىستاپ قويغۇچى ۋە شۇ جەمىيەتكە ، ۋەزىيەتكە قارشى سۆزنى قىلىشقا قىستاپ قويغۇچى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار ئارىسىدىكى شەيتانلاردۇر ! چۈنكى كىمكى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە بېىلىرىدكەن ، بويسۇنىدىكەن ، ئۇ شەيتاننىڭ ئۆزى بولىدۇ . چۈنكى پادىشاھنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزگۈچىنىڭ شۇ خىل قىممىتى پادىشاھنىڭ سۈپىتى ، ئەسلىسى بولغىنىدەك ، كىمكى كىم ئۈچۈن كەتمەن چاپىدىكەن ، ئۇنىڭ شۇ خىل قىممىتى بولىدۇ !
مومكىنچىلىك بولغاندىكىن ئاللاھمۇ بىر ئىشقا كەسكىن ھۆكۈم چىقىرالمامدىغاندۇ دېگەندەك شېرىك بولىدىغان خىياللارنى بىلىپ بىلمەي قىپ سالىدىكەن. چۈشەنمىگەنلىكتىن نۇرغۇنلىغان قارىي ئۆلىمالاردىن سورىسام ھەممىسى دىگۈدەك مېنى كاپىر ،يەھۇدىيغا چىقىرۋەتتى، بىلمەسلىكنى سوراش ئەيىپ ئەمەس، بىلىدىغانلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن.
ج : ئېيتىلغاندەك ، سىز بەزى يۇچۇن مەنالارنى كۆرگەنلا كىشىلەردىن سورالىۋەرمەي تىگىشلىك بولغان كىشىلەرنى ئىزدىگەيسىز . بولمىسا نا ئۇستىنىڭ يېنىغا بېرىپ قالسىڭىز سىزنى شۇنىڭدەك يەھۇدىيغا چىقىرىپ قويۇش بىلەن قارشى تەرەپنى بىر مۇنچە گۇناھقا قىستاپ قويىسىز . چۈنكى بىراۋ بىراۋدا بولمىغان سۈپەتنى چاپلايدىكەن ، مەگەر ئۇنىڭدا شۇ سۈپەت تېپىلمايدىكەن ، شۇ سۈپەت ئۇنىڭغا قايتىپ قالىدۇ .
ئاللاھنىڭ شۇ خىل ئايەتلەردە كەسكىن بولمىقى بەندىلىرىگە قىسمەت تاللاش ئىمتىيازىنى بەرگىنىدە ! قىسمەتتىن تەقدىر تۇرغۇزىلىدۇ . تەقدىرگە ھەم بىر مۇنچە قىسمەت ھېكمەتلەندۈرىلىدۇ .
سىز باشقىلارنى تەڭلىكتە قويماي ، ماڭىلا دسەرسىزياكى دەپ بولۇپ مۇشىنىڭدەك قىسقا ئۇچۇر يوللىۋېتەرسىز . سىزنىڭ مۇشۇ خىل ئىزدىنىشىڭىزگە ، پىكىر قىلىشىڭىزغا مەن ئامراق . چۈنكى مەن مۇشۇ خىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى مۇشىنىڭدەك ئەجىردىن مېۋە چىقىدۇ .