kizzik99 يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:50 PM
كۆزنەك ئەپەندى بىر سوئال بار ئىدى.
نېمىشقا قۇرئاندا پە ...
كۆزنەك ئەپەندى بىر سوئال بار ئىدى.
نېمىشقا قۇرئاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخى قايتا قايتا تەكرارلىنىدۇ؟
ج : ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى خەلىپە ، ئۆلىما ۋە باشقا يوللاردا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ شۇلارنىڭ مۇشۇ خىل قىسسەلىرىگە ئاساسلىنىپ نەق تۇنىشى ئۈچۈندۇر . بۇ تۇنۇشتا ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بۇ خىل قىممەتنى بىلدۈرىدۇ ، چۈشەندۈرىدۇ . بۇلارغا قارشىلىق قىلغانلار ھامان مەيلى قايسى موللا - ئۆلىما بولسۇن پىرئەۋنلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ . ھەدىس ئىلمىسىدىن چىقىپ بولالمىغانلار بۇ خىل قىممەتتىن بەكلا يىراقتا . ئۇلار بۇ خىل قىممەتكە مۇھتاجمۇ ئەمەس ۋە زامانغا خاس شەرىئەتنى بايان قىلىپ كەلسە ھەم ئۇلارنى ئېتىراپ قىلغانمۇ ئەمەس .
بەزى جايلاردا تاغلار بىلەن شاماللار بىلەن قەسەم دەيدىكەن، شۇ شەيئىلەرنى نەقىل قىلىپ قايسى خىل ھېكمەتنى ئالغا سۈرمەكچى؟
ج : ئاللاھ ئۆز نۆۋىتىدىكى شۇ خىل قەسەم قىلىش يولى ئارقىلىق بىزلەرنى شۇ خىل قىممەتكە ھەقىقىي چىن ئىشىنىشىمىزنى ۋە ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلىك تۈزۈلۈشلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ شۇڭغۇپ كىرىشىمىزنى تاپىلايدۇ .
يەنە بەزىدە تاغدىن باغدىن سۆزلىنىدىكەن. مۇشۇ توغرىسىدا بىر توختالسىڭىز. چۈشىنىپ مېڭىشىمغا ئۇل سېلىۋالسام.
ج : قارىماققا نۇرغۇن جايلار ھېچ باغلىنىشلىقى يوقتەك تاغدىن - باغدىنلىقتەك بىلىنىدۇ . ئەمما شۇ چۈشىنىكسىز ۋە توپپىتىلا چىقىپ قالغاندەك ئايەتلەر ئەمەلىيەتتە تەپسىردە ئالدىنقى ئايەت بىلەن كىيىنكى ئايەتنى تىلاۋەت قىلىش جەريانىدىكى ئۆزگىچە مەناغا ئىگە كۆۋرۈكتۇر ! بۇ كۆۋرۈككە ئىنسانىي ئەقىل قىلغانلىكى كىشى خاتالىققا سىڭىشىپ كېتىدۇ . چۈنكى بۇ مەنىسى ئېنىق بولمىغان مۇتەشابىھ ئايەتلەر . ئۇيغۇر جەمىيىتى يەنە مۇشۇ تىزلىكتە 5 يىل تىرىشىپ ئۆرلىسە ، شۇ ۋاقىتتا بۇ خىل ئايەت ئۈستىدە جاڭجاللىشالايدۇ . بەلكىم ئۇنچە ۋاقىتمۇ كەتمەس .
ئۆز نۆۋىتىدە ئالدىنقى ھېكمەتنى تېپىش ئۈچۈن ئايەت بىلەن ئايەت كىرىشتۈرىلىدۇ . ئەمما كىيىنچە سۈرە بىلەن سۈرە كىرىشتۈرىلىدۇ . مانا بۇ ۋاقىتقا يەتكەندە پىكىر قىلمايدىغان ، غاپىل قالغان ، نادانلار ، ھاماقەتلەر ۋە ھېچ شۇ زامانغا خاس مەۋقەگە يەتمەي تۇرۇپلا ئاتنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالغان ئالىم - موللىلار باياقى بىز تالىشىۋاتقان ئايەتنىڭ نەك ئۈستىگە چۈشۈپ ، شۇ ئايەتنىڭ قىممىتىنى رىئاللىققا چىقىرىدۇ .
ئۇ كۈنلەردە مانا مەن دېگەن كىشىلەر ۋاللەي توۋلاپ كېتىدۇ !