arzuumut يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 10:24 PM
داۋامى : 4-تەرسا دىگەن نىمە ؟ تەرسا دىگىنىمىز شۇنداق كى ...
يەنى[ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جىدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى]11-سۈرە (59).
يەنى[پەيغەمبەرلەر اﷲ دىن مەدەت تىلىدى، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى اﷲ غا ئىتائەت قىلىشقا گەدەنكەشلىك قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتقۇچى) ھالاك بولدى]14-سۈرە (15).
تاقىتى يەتمەيدىغان كىشىلەرگە تاقەتسىز ئەمەللەرنى يۈكلەشنىڭ ئۆزى شەپقەتسىزلىك بولامدۇ - يوقمۇ ؟
سىلەرنىڭ يولۇڭلاردا ئادەم قىلالمايدىغان ئىش يوق دەيسىلەر . شۇ سەۋەبلىك كىشى سىلەر ئۈندىگەن ئەمەللەرنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنى تولۇق چۈشەنمىسىمۇ ھەممىنى قۇبۇل قىلىشى ۋە ئۇرۇندىشى كېرەك ديسىلەر . ئەمما ئۇلارنىڭ ئىمان جەھەتتە ، يەنى تىلىدا ئېيتقانلىرىغا ئورۇنداشقا لايىق تەقدىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، شۇ تەقدىرگە قارىتا ئىزچىل ئىماندار بولالمىسىمۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە يېنىۋېلىپ كىيىن يەنە تىلىدا سۆزلىۋالسىمۇ ، سىلەرنى ئۇنىڭدەكلەرنى يەنىلا قېرىندىشىم دەيسىلەر . ئەمما بىز ئۇنىڭدەكلەرنى مۇناپىق دەيمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كىشىلەرنى مۆئمىنلىكنىڭ مۇناپىقلىقىغا تەكلىپ قىلمايمىز ۋە كىشىلەرنى بۇ خىل ھالاكەت مەۋقەسىگە قىستاپ قويمايمىز . چۈنكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە چۇشلۇق ياشاشتىكى ئورنى ، چۈشەنچىسى شەكلى قىممىتى بار . بىز شۇ ھېكمەت بىلەن ئۈستۈنلۈكتىكى بارلىق چوڭلارنى ، يورۇقلۇقلارنى ، تۆۋەنلىكتىكى بارلىق ئۇششاقلارنى ، كىچىك تۆۋەنلىلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىمىز ۋە ئۇلارغا تىگىشلىك يول تەيىن قىلىمىز .
سىلەر سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسىمۇ ۋە سۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ دەرياغا تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىسىلەر ، ئەمما بىز ئاۋال شۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا سۇنى كەلتۈرۈش ، ئاندىن ئۇلارغا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىش ، ئاندىن ئۇلار يەنىلا دەرياغا چۈشۈشتىن قورقسا ئۇلارنى دەرياغا ئاتماقنى تەيىن قىلىمىز .
شۇنىڭدەك ، بىزلەرنىڭ تۇتقان يولىمىزدا پەرق بار .
سىلەر رۇسۇللاھنىڭ مەككىدىكى 13 يىللىق شەرىئەت قىممىتىنى قۇبۇل قىلمايسىلەر . ئەمما بىز شۇلارنى ھەم ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىركى رۇسۇللاھنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر باسقۇچنى ئېتىراپ قىلىمىز ۋە شۇ بۇيىچە كىشىلەرنى توغرىلىققا يىتەكلەش قىلىمىز . بىز ھەرگىزمۇ كىچىكلەرنى ، ئاجىزلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ترەكلىپ قىلمايمىز . ئەمما سىلەر نامراتلىقتىن ، نادانلىقتىن ، ھاماقەتلىكتىن قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتسىمۇ تىگىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىۋېلىشىدىن تۇسۇيسىلەر ۋە ئۇلارنى كەمسىندۈرۈپ تىگىشلىك ھەققىنىڭ ئۇلارغا يىتىشىنى تۇسۇيسىلەر .
بىز ئىلگىركى كىتابلارغا ئىمان ئېيتىمىز . ئەمما سىلەر پەقەت تەستىق قىلىسىلەر .
بىز ئىلگىركىدەك بىر جەمىيەت كەلگەن ۋە ئاللاھ شۇ جەمىيەتكە قارىتا تىگىشلىك شەرىئەت تەيىن قىلغان بولسا ، بىز ئۇلارنى ؛ خۇددى بىز ئۇلارنى ‹‹ ئەگەر بىز شۇ دەۋىردە بولغان بولساقمۇ ، شۇلارغا ئەگەشكەن بولاتتۇق ،›› دەپ ئۇلارنى ۋە شۇلاردىكى دىننى قۇبۇل قىلىمىز ۋە ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىمىز .
سىلەر ئۇلارنى جان باقتى ، ئىنسانلىق قىممىتى يوق ، دىنىي غورورى يوق دەپ بىر مۇنچە قۇرۇق تۆھمەت بىلەن شۇلارنىڭ چاپىنىغا يۆگىشىۋالغان ئەھلى جان باقتىلارغا قارىتا بەرگەن نىسبەتتە ئۇلارنى ھەم بىر تاياقتا ئۇرىۋېتىسىلەر . ئەمما بىز پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىمايمىز .
بىز ئىسلامنىڭ ھەر بىر زىر - زىۋىرى چاغلىق بولسۇن ھەممىنى قۇبۇل قىلغۇدەكلىرىنى قۇبۇل قىلىمىز ، قۇبۇل قىلمىغۇدەكلىرىنى قۇبۇلمۇ قىلمايمىز .
بىز ھەر بىرلەرنىڭ شەرھىيسى فورمىلاسىغا چۈشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز ۋە ھەر ۋاقىت شۇ خىل فورمىلارغا قارىتا ئىش كۆرىمىز .
سىز دىندا بۆلگۈنچىلىك يوق دەپسىز . ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىدا بۆلگۈچىلىك تازا بار . كىملەركى شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىكىلەرنى پىتلارنىڭ دەستىدىن بىراقلا ھەممىنى شەپقەتسىزلىكتىن ئىنكار قىلسا ، يەنە بىر كىشىلەر ئۇلارنى شەپقەتلىكتە يىتەكلەش قىلسا ، بۇ ئىككى پىرقە ئىچىدە ھەر ۋاقىت بۆلگۈچەلىك بار . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزنىڭ يولىڭىزدىمۇ ئەمەس ، سىزمۇ مېنىڭ يولۇمدا ئەمەس !