nawa يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 01:26 PM
ماۋۇ گەپ بەك ھەددىن ئىشىپ كىتىپتۇ، نەدە شۇنداق بىر گە ...
قارىم ، ‹‹ بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس ، سورىماسلىق ئەيىب ›› ھەددىمدىن ئېشىپ
نىمە دەپتىمەن ؟ مەن بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن سورىدىم . بۇنداق سورىشىم _ ئاللاھنىڭ كىتابىغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىم ئۈچۈندۈر . مۇشۇ ھەقتە بىلمىڭىز بولسا ئۇرۇنسىز
چېچىلماي دىنى ، ئىلمىي يۇسۇندا چۈشەنچە بەرسىڭىز بولىدۇ . ھېلىمۇ سىزدەك
قۇرسىقىدا ئۇماچنىڭ تايىنى يوق ، چېچىلغاق قۇلاق كەستى مۇللىلارنىڭ كاساپىتى
تۈپەيلى بولۇۋاتقان ئىشلار ئازمۇ ؟
ئۆتكەن جۈمەدە ، مەزىننىڭ ياشلار تېزىلغان سەپكە بېرىپ ، مىھرىبانلىق ، ياش
ئارىلاش چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى بىزگە ئۈمىد بىلەن تىككەنچە __
باللىرىم ، دىنى سورۇنلىرىدا مىللىتىمىز ياشلىرىنى كۆپلەپ كۆرۈش مەن ئۈچۈن
خۇشاللىنارلىق ئىش .
ناۋادا يېڭىدىن نامازغا قۇشۇلغان بولساڭلار ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ پۇتۇڭلار
ئاغرىپ كەتسە كۆنۈپ بولغۇچە باشقا ئوسۇلدا ئولتۇرساڭلارمۇ بولىدۇ . ئاللاھ
ھەقىقەتەن مىھرىباندۇر.
دېگەن سۆزلىرىنى كىشنى قايىل قىلارلىق ، ۋەزنىلىك ئېيتىلغان ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 02:15 PM