cholpan يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:21 PM
پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ئەمما پۈتۈنلەي شۈبىھەلەنمەي پ ...
پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ئەمما پۈتۈنلەي شۈبىھەلەنمەي پايدىلىنىدىغان پەقەت قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ ھەدىسلەرلا بار.مەسىلەن، مەن شەخسەن مۇنۇ ئايەتكە ئاساسەن قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ دەپ قارىدىم:
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن:
شةك- شۈبىھسىزكى ظۇ ظۇلۇغ قۇرظاندۇر .كىتابتا (يةنى لةۋهۇلمةهفۇزدا) ساقلانغاندۇر.ظۇنى پةقةت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ. سۈرە ۋاقئە 77،78،79-ئايەتلەر
ئەمما ،تور بەتكە كەلسەك، بۇنىڭدىن ساقلانماق تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاھارەتسىزتىم دەپ ياخشى نەرسىلەرنى كەتكۈزۈپ قويۇپ،يامانغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىدىغان بوپقالماسلىقى ئۈچۈن ،ھەرۋاقىت ياخشى سۆز ھىكمەتلەرگە يېقىن تۇرغىنىمىز ياخشى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 11:23 PM
«لةۋهۇلمةهفۇز» دېگەن سۆزنى چۈشىنەلمىدىم.
يۇقارقى دەلىلىڭىز خاتا كەتكەندەك ھېس قىلدىم. سىز ئالغان «پاك بولغانلار» دېگەن دەلىل روھى پاكلىقنىى كۆرسىتىپ، پاسىقلاردىن بولمىغانلارلا قۇرئاننى تۇتۇپ، ئوقۇپ چىن تەستىقلاشتا بولىدۇ دېگەنلىك بولامدۇ قانداق؟ سىزنىڭ ھۆكمىڭىز خۇددى تاھارەتسىز ئادەمنى پاك ئەمەس، تاھارەت ئالسىلا پاك بولىدۇ دەپ چۈشىنىشكە يىتەكلەيدىكەن.
سۇ يوق يەردىكى جۇنۇپلۇق ياكى تاھارەتسىزلىكتىن تەيەممۇم قىلىپ ئىبادەت قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاياللار ئاغرىپ قالغاندا بىر ئورۇندا يېقىن يېتىشنىڭ، ئەتكەن تامىقىنى يېيىشنىڭ پاكلىقىنى ئېيىتتى. پەقەت ئاغرىق ۋاقىتتىدا ئەمەل ئىبادەتنى كېيىن قىلىشقا ئاسانلىق يارتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھېكىمتىنى چوڭقۇر تۇنۇتتى. ھەرگىزمۇ تاھارەتكە سۇ تاپالمىساڭ ئەمەل ئىبادەت قىلمىغىن، قۇرئان ئۇقۇمىغىن، ئاغرىق بوپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ دىلى، قۇلى پاك ئەمەس ئۇنىڭ بىلەن ھەم سۆبەتتە بولمىغىن ياكى ئەتكەن تامىقىنى يىمىگىن دېمىدى. دېمەك بۇ يەردە تاھارەت ئالمىسىمۇ ئۇنىڭ قۇلى، روھىي پاك بولغانغا ئوخشاش، ئاغرىق ۋاقتىدا قۇرئاننى تۇتۇپ ئۇ يەردىن بۇ يەرگە يۆتكىۋېتىش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ دىلى پاك بولغانلىقى ئۈچۈن ساق ۋاقتىدا تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇسا، ئاغرىق ۋاقتىدا قۇئان ئوقۇغاننى ئاڭلىشى ھېچ گۇناھ ئېلىپ كەلمەيدۇ. دەپ ھېس قىلدىم.
جاھىلىيەت دەۋىردىمۇ ھاراق چەكلەنمىگەن بولۇپ كەيىب تۇرۇپمۇ ئەمەل ئىبادەت قىلىشنى چەكلىمەي، كېيىن تەدرىجى ھاراقنى چەكلەپتىكەن. ھەممىنى بولمايدۇ دەپلا كېسىپ ھۆكۈم قىلىش ئاللاھنىڭ ھېكىمتىگە ئۇيغۇن كەلمەمدۇ قانداق؟
ھەر قانداق ئىش تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئىتىقاد قىلغۇچىنىڭ ئەمەل ئىبادىتىدە مۇكەممەللىكنى ۋە يۇقىرى ساۋابنى تېلىشى قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇسا تېخىمۇ كۆپ ساۋاب بولۇشتەك ئەمەل ئىبادەتلەرنى تەدرىجىي ھېس قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق ھوجۇتقا چىقىرىدۇ. بەزىلەردەك قورسىقىدىكى ئىلىمنى زىيادە قىلماستىنلا قۇرئان ھەدىستىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك ھۆكۈمنى پىچىپ، بەزىدە خۇددى كىچىك بالىغا ئىككى يۈز كىلولۇق ئېغىرلىقتىكى يۈكنى ئارتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن ياكى شۇ يۈكنى بىر ئۆمۈر تاشلاپ قويۇشقا سەۋەبچى بولۇپ بولۇپ يىغىپ ئەكىلىپ قۇرئاندا، ھەدىستە شۇنداق دېگەن، بۇ مېنىڭ سۈزۈم ئەمەس ياراتقۇچىنىڭ سۆزى دەپ ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى تۇلۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ گۇنايىغا ياراتقۇچىنى شېرىك قىلىپ قويىدىكەن. ئاللا ھىدايەت يولىغا باشلىمىغان بولسا مەنمۇ شۇ ياراتقۇچۇمغا شېرىك كەلتۈرۈپ قاچانغىچە ساۋاب تاپىمەن دەپ گۇناھقا ئىشلەر بولغۇيتتۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-31 03:33 PM