cholpan يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:21 PM
پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ئەمما پۈتۈنلەي شۈبىھەلەنمەي پ ...
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم،
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق..
بۇ يەردىكى ‹‹پاك بولغانلار›› مۆئمىن مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق. چۈنكى قۇرئاننى مۆئمەنلەرلا ياقتۇرۇپ، سۆيۈپ، ھىيقىپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ.
بىر مۆئمىن ئادەمدە ئىككى خىل تاھارەت بولىدۇ. بىرى چوڭ تاھارەت(غۇسلىنىپ پاكلانغان)، يەنە بىرى كىچىك تاھارەت.
بۇ يەردىكى پاك بولغانلار ئىمانى مۇستەھكەم مۆئمىن كىشىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹‹مۆئمىن ئادەم نىجىس بولمايدۇ›› دېگەن سۆزىمۇ بۇنىڭ دەلىلى بولايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنى ئەسلىيەلمىدم. خاتا كەتكەن يېرىم بولسا تۈزىتىشىڭىزنى سورايمەن. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنى تاپسام يوللاپ قويارمەن ئىنشائاللاھ...