ئاۋامنىڭ زىيالىيلارنى «ئاقارتىشى»
ۋاڭ شاۋيۈ
ئاۋام تور ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلەيدۇ، 10يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىتائەتچان ئاممىدىن
پۇقرالىق تىپىگە ئۆزگۈرۈش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، گەرچە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ جەريانى تېخى تاماملىنىشتىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك.
جەمئىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ جەمئىيەت ئەندىزىسى 2007- يىلىنىڭ ئاخىرى، 2008-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزگۈرۈشكە باشلاپ، شيامېندىكى pxۋەقەسى بىلەن «جۇ يولۋاس» ۋەقەسى، شەھەر ئاھالىلىرى ياكى تورمەنلەرنىڭ كوچا ياكى توردا ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بارغان جەمئىيەت ھەرىكىتىدە ئىپادىلەندى. بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەندىزىسى بولسا 2008- يىلىنىڭ ئاخىرى، 2009- يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزگۈرۈشكە باشلاپ، «草泥马»-(خەنزۇچە ئاناڭنى... دېگەن
ھاقارەتلەش مەنىسىدىكى«操你妈» سۆزىگە ئاھاڭداش بولغان باشقا بىر سۆز بولۇپ، جۇڭگو تورمەنلىرى بۇ سۆزنى باشقىلارنى ئۇستىلىق بىلەن تىللاشتا قوللىنىدۇ- تەرجىماندىن) نىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، قوپال، ھاياسىز گەپ بىلەن تىللىشىش كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئادەتتىكى ئىش ئىدى. ئىككى ئادەم ئۇرۇشىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلار كەمكۈتىسىز دوستلاردىن بولۇپ چىقاتتى. جەمئىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ مەدەنىيلىك ئۆستى، ئاۋام- خەلق تەدرىجى ھالدا ئەقىل- ئىدراك بىلەن قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە يۇمۇرلۇق سۆز بىلەن مەسخىرە قىلىپ، پۇقرالىق ئېڭىنى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەيدىغان بولدى.
2010- يىلى، ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋەقەلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئۇلىشىپ چىقىپ كۆزلەرنى ئالىچەكمەن قىلدى. «يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى» (俯卧撑نىڭ كونتىكىستتىكى مەنىسى يەر بېغىرلاش بولسىمۇ بۇ يەردە جىنسىي قىلمىشقا قارىتا ئېيتىلغان، بۇ خەنزۇ تورداشلار ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان ھەجۋى سۆز - تەرجىماندىن)، «مياۋمياۋنى يوشۇرۇش» (躲猫猫بۇ سۆزمۇ خەنزۇ تورداشلار ئارىسىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش مەنىسىدە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە- تەرجىماندىن) 2008-يىلى، 2009-يىلى ئايرىم- ئايرىم ھالدا يىللىق ھالقىلىق سۆزگە ئايلاندى، بىراق 2010-يىلى، بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ يۈز بېرىپ كەتكەچكە، بىرى-بىرىنى يېپىپ دىققەتنىڭ مەركىزىگە ئايلىنالمىدى. جەمئىيەت ھادىسىلىرىنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا، مەدەنىيەت ساھەسى يوشۇرۇن ئېقىمدا ئېقىپ، بەزىدە ئۇلغىيىپ دولقۇن ياسىدى. مو لو، ۋاڭ خۇي، تاڭ جۈن، لى يى، جۇ لىبو قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن بۇ دولقۇننىڭ باش قەھرىمانىغا ئايلاندى. تاڭ جۈن، لى يى، جۇ لىبو مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلاردىن ئەمەس ، سودا، تەننى پەرۋىشلەش، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىنىڭ ئادەملىرى بولسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى مەدەنىيەت قاتلىمىغا تەۋە ئىشلاردۇر. تاڭ جۈننىڭ ئوقۇش تارىخى، لى يىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، جۇ لىبونىڭ تور قارىشى يوقۇتۇش خارەكتىرلىك گۇمانغا ئايلاندى. لى يىنىڭ «ئۆرە باھالىق تەننى پەرۋىشلەش سىنىپى»نىڭ توختۇتۇپ قويۇلىشىدىن باشقا تاڭ جۈننىڭ «ئىشلەمچىلەرنىڭ شاھى»لىق سالاھىيىتىدە تەۋرىنىش بولمىغان، جۇ لىبونىڭ «خەيپەيچىڭكو»( 海派清口جۇ لىبو ئىجاد قىلغان بىر خىل يالغۇز كىشىلىك ھەزىلكەشلىك تىياتىرى بولۇپ شاڭخەينىڭ يالغۇز كىشىلىك ھەزىلكەشلىك تىياتىرى بىلەن بېيجىڭ ۋە شياڭگاڭنىڭ ھەزىلكەشلىك تىياتىرىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ بېيىتقان بىر خىل يېڭى تىياتىرى بولۇپ جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلەرنى ھەجۋى يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرىدۇ- تەرجىماندىن) تىياتىرىنىڭ بېلەت كىرىمى يەنىلا ياخشى بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ بەدەل تۆلىمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
80-يىللاردىكى زىيالىيلارنىڭ ئاۋام- خەلقنى «ئاقارتىش»قا ئوخشىمايدىغىنى، ھازىر ئاقارتىش زىيالىيلىرىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، زىيالىيلارنىڭ كەسپلىشىشى ئومۇملاشتى. نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭ ئۆز كەسپىدە ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، ئەمما كەسپىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى پەقەتلا ئۇقمايدۇ، ئاممىۋى مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىدا ساۋادى كەم. بىراق، سالاھىيەتنىڭ مونوپوللۇق كۈچىگە تايىنىپ سۆز قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولماقتا. تور دەۋرىدە، بولۇپمۇ، مىكرو بىلوگ دەۋرىدە، سۆز قىلىش ئىمتىيازى ھەل قىلغۇچ رولىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىممەت قارىشىنىڭ ئۆزگۈرۈشكە باشلىشى بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ قالدى. پۇقرالىق ئېڭى جۇڭگودا ئىنتايىن كەمچىل. ئاۋام- خەلقنىڭ پۇقرالىق ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن
يەنە زىيالىيلارنىڭ پۇقرالىق ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئوخشىمايدىغىنى، ئاۋام- خەلق تور ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەپ، 10يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىتائەتچان ئاممىدىن جېدەلخور ئاممىغا، ئاندىن پۇقرالىق تىپىگە ئۆزگۈرۈشنى باشتىن كەچۈردى. گەرچە بۇ تىپ ئۆزگۈرىشىنىڭ جەريانى تاماملىنىشتىن بەك يىراق بولسىمۇ، بىراق نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك. بىر قىسىم زىيالىيلار پۇقرالىق ئېڭىنى چەتكە قاقسىمۇ، لېكىن بۇنداق تەۋرىنىشنى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى دەپ قارايدۇ. ئاۋام- خەلقنىڭ ئۆز بېشىمچىلىققا ئېغىشىنى تەتۈر تەپەككۈر قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بىراق، بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ پۇقرالىق ئېڭىنى چەتكە قېقىشىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈشى تېخىمۇ ئەرزىيدۇ.
ئاۋامنىڭ بىر قىسىم زىيالىيلارنى تەنقىد قىلىشىدا «ئۆز بېشىمچىلىق» تەركىپ بارغانسېرى ئازىيىپ، «ئاقارتىش» تەركىبى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشى سەۋەپلىك، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش تەس ، زىيالىيلار ئارقا-ئارقىدىن كەسپىي ساھەسىدىن ھالقىپ چىقىپ ئاممىۋى مەسىلىلەرگە قارىتا پىكىر ئېلان قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گەپتە خاتالىشىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىنى «ئاقارتىش» پۇرسىتىنىمۇ ئاشۇردى. بەزى پۇقرالار زىيالىيلارغا بەك ئوخشىسا، بەزى سەركىلەر ئادەتتىكى ئاۋامغىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ. بەلكى، سالاھىيىتىگە ئاساسەن پۇقرا ۋە سەركە دەپ ئايرىۋالغاندۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈشىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەيلى پۇقرا بولسۇن، مەيلى زىيالىي بولسۇن، ھەممىسىدە پۇقرالىق ئېڭى بولۇش لازىم. كەسپلىشىش پۇقرالىق ئېڭىنى كەمسىتىدىغان سەۋەپ بولالمايدۇ.
«مۇۋەپپىقىيەت قازانغان زات»لارنىڭ ئوبراز كىرىزىسى
مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىغىچە كېڭىيىش، «مۇۋەپپىقىيەت قازانغان زات»لارنى ئارقا-ئارقىدىن ئوبراز كىرىزىسىگە دۇچار قىلدى.
يىلنىڭ بېشىدا، مولونىڭ «جۇڭگو قەد كۆتۈردى» ناملىق ئەسىرى ئۇنى بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە غەيرى تۇيۇلدى. پەقەت نۇقتىئىنەزىرى ئۈستىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ «جۇڭگو قەد كۆتۈردى» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئالاھىدە بىر يېرى يوق. 1996-يىلىدىكى «جۇڭگو ياق دېيەلەيتتى»، 2009- يىلىدىكى «جۇڭگو خۇشال ئەمەس» دېگەن ئەسىرىنىڭ يەر ئاستى باسمىسىدىكى يادرولۇق مەزمۇنى «جاھانگىرلىك ھالاك بولسا ياشايدۇ قەلبىم مېنىڭ»ئىدى. بۇ خىل سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۈرى بىر چاغلاردا دۆلىتىمىز ئىدىئولوگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىدى. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە تار مىللەتچىلىك يالغۇز ئىدىئولوگىيە بولۇپلا قالماستىن يەنە مەدەنىيەت ئىگىلىكىنىڭمۇ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. بۇ خىل مەيداندا چىڭ تۇرغۇچىلار «سىياسىيدا توغرا» بولۇپلا قالماي،يەنە بازاردىنمۇ نەپ ئېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، مولو مۇستەقىل زىيالىي ئوبرازىدا مەيدانغا چىققان ئىدى، «جۇڭگو قەد كۆتۈردى» دە پو ئاتقاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ دۆلىتىمىز ئىدىئولوگىيىسىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسىغا رۆشەنلا ئۆزگەرگىنىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە بايقىدى. مولونىڭ ئۆزگۈرىشى، «جۇڭگو قەد كۆتۈردى» دېگەن ئەسىرىدىكى كونا مۇقامغا دەسسىشىگە قارىغاندا كىشىنى تېخىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. بىراق، بۇ خىل تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ مەنىۋى يىلتىزى بار، ئېيتايلۇق، مولو تىراگىدىيىلىك تەسۋىرگە ماھىر، ئەينى دەۋردىكى تىراگىدىلىك تەسۋىرىنىڭ سوبېكتى
شەخس، ئىپادىلەنگىنى تۈزۈلمىنى تەنقىد قىلىش بولغان بولسا، ھازىرقى سوبېكىتى دۆلەت، ئىپادىلەنگىنى جاھانگىرلىكتىن شىكايەت قىلىش بولدى خالاس.
بۇ خىل شىكايەت يەرشارىلىشىۋاتقان دەۋردىكى پۇقرالارنىڭ مەيدانىغا قارشى ئېقىمدا ئۈزگەنلىك. گەرچە ئۇ بىر قىسىم ئىدىيىسى قاتمال ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلالىسىمۇ، ئەمما ناھىيىتى تېزلا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ، خۇددى مەن بىلەن قۇرداش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى «جۇڭگو ياق دېيەلەيتتى» دېگەن ئەسەرگە مەھلىيا بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ تار مىللەتچىلىكتىن قول ئۈزگىنىگە ئوخشاش.
ئۇندىن كېيىن ۋاڭ خۇي ئەسەر كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشىغا چېتىلىپ قېلىپ، زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەپچى بولدى. بۇ ئىشنى ئەسلىدە مۇنازىرە قىلىش كەتمەيتتى. چۈنكى ئوغۇرلىمىغان بولسا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ يەكۈن چىقارسىلا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولۇپ، ھەركىم ھەرنېمە دېيىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى. بىراق، ۋاڭ خۇينىڭ «يېڭى سولچىلار مەزھىپى» دىكى گۇپپاڭچىلىرى ئەسەر كۆچۈرمىكەشلىك ماجراسىنى مەزھەپلەر ئارىسىدىكى كۈرەش دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ۋاڭ خۇي ئۈستىدىن قىلىنغان ئەسەر كۆچۈرمىچىلىك ئەرزىنى رەت قىلىشنى مەزھەپلەر كۈرىشىدىن ھالقىتىۋېتىپ،
بولمايدىكەن بۇ مەزھەپلەر ئارىسىدىكى كۈرەشكە ئايلىنىپ كېتىدۇ دەپ داۋراڭ سېلىشتى. ئەپسۇسكى، بۇ غەلىتە مەنتىقە ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپقا ئېرىشەلمىدى. «يېڭى سولچىلار مەزھىپى»نىڭ پاكىتتىن ئۆزىدىن قاچۇرۇشى ياندىن كۆرگۈچىلەرنىڭ «يېڭى سولچىللار مەزھىپى»نىڭ قىممەت قارىشىدىن گۇمانلىنىشىنى كۈچەيتىۋەتتى. «يېڭى سولچىلار ئېقىمى»نىڭ دېمۇكراتىك تۈزۈمنى تەنقىد قىلىشى، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى بىلىم ساھەسىنىڭ ئاساسىي مىلودىيىسى بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا كونتېكېستىدا دېمۇكراتىك تۈزۈم نۇقتىلىق تەنقىد ئوبېكتىدۇر. «يېڭى سولچىلار مەزھىپى» بۇ خىل تەنقىدنى جۇڭگوغا ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنىڭ رېلىسىنى ئۇلاپلا قالماي،يەنە تېخى تۈزۈلمىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشى ۋە رىغبىتىگە ئېرىشتى. بىراق «يېڭى سولچىلار مەزھىپى»، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ «يېڭى سولچىلار مەزھىپى» بىر قىسىم ئەقەللى شەرتنىمۇ ئورۇنلىيالماي، دېمۇكراتىك تۈزۈمنى تەنقىد قىلىشنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق دېمۇكراتىيىنى رەت قىلىشقا باراۋەر بولالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
شىنلاڭ تورىنىڭ مىكرو بىلوگى 2009- يىلى پەيدا بولۇپ، 2010-يىلىنىڭ ئەتىياز، ياز پەسلىنىڭ ئارىلىقىغا كەلگەندە ئاندىن ئاممىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولدى. «جۇ يولۋاس ۋەقەسى»دە تورداشلارنىڭ ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا مىكروبىلوگ ئەڭ ماس كېلىپ، تاڭ جۈن بىلەن لى يى «بەختكە قارشى» مىكرو بىلوگ دەۋرىگە دۇچ كەلدى. 2002-يىلى، ياڭ لەننىڭ يولدىشى ۋۇ جېڭ ئوقۇش تارىخى سەتچىلىكىگە ئۇچرىغان ئىدى، ئەينى چاغدا، تور جۇڭگوغا تېخى كەڭرى ئومۇملاشمىغان بولغاچقا ۋۇ جېڭ ناھىيىتى تېزلا مېزىنى يوشۇرىۋالالىغان ئىدى. تاڭ جۈننىڭ ئۇنىڭدەك تەلىيى كەلمىدى، مىكرو بىلوگېرلارنىڭ ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشى ئاستىدا تاڭ جۈن ۋە ئۇنىڭ «ئانا مەكتىپى» غەربىي تېنچ ئوكيان ئۇنۋېرسىتىتىدا ھەقىقىي ئەھۋال تېز سۈرئەتتە ئاشكارىلاندى. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشتىن يەنە بىرسى جۇڭگو تەرىقەت دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يىدىن چىقتى. «جۇڭگو كارخانىچىلىرى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 2-سانىدا لى يى سۈرىتى بىلەن قوشۇپ خەۋەر قىلىنغان ئىدى، ئۇ چاغدا مىكروبىلوگ ئانچە ئومۇملاشمىغان بولغاچقا، بۇ خەۋەر كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىمىغان ئىدى. «جەنۇپ كىشىلىرى» ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى سانىدا لى يى يەنە بىر قېتىم سۈرىتى بىلەن قوشۇپ خەۋەر قىلىنىۋېدى، مىكرو بىلوگگېرلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ناھىيىتى تېزلا بۇ «ئەۋلىيا»نىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك «سىرلىق كارامەت»لىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
جۇ لىبو « خەيپەيچىڭكو» تىياتىرىدا رەھبەرلەرنى دوراپ چىقىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن مۇستەقىل روھقا ئىگە كۆڭۈل ئېچىش چولپىنى دەپ قارالغان ئىدى. بۇ خىل تونۇپ قېلىش پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، بۇ خىل ھۆكۈمنى چىقارغان تاماشىبىنلار پەقەت جۇ لىبونىڭ ئورۇنداش ماھارىتىگىلا مەھلىيا بولغان بولىشى مۈمكىن. ئەگەر جۇ لىبونىڭ مۇكەممەل ئورۇندىشىنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ رەھبەرلەرنى مەدھىيىلىشىدە مەسخىرىنىڭ زور سالماقنى ئىگەللىكىنى بايقايسىز، ئۇنىڭ خەلقئارالىق ئىشلارغا بولغان كۆز قارىشى «جۇڭگو ياق دېيەلەيتتى»دېگەن ئەسەرنىڭ سەۋىيىسىدىن تېخىمۇ ھالقىپ كېتەلمىگەن. سەھنىدە ياكى تېلېۋېزىيە ئېكرانىدا جۇ لىبو ئۆمەك ۋە ئورۇنداش ماھارىتىگە تايىنىپ پەردازلىنىپ، ئۆزىنى «پىكىر داھىسى»غا ئايلاندۇرالايدۇ.
ئەمما ئۆمەك باشقىچە بىر مەيدانغا ئۆزگەرگەندە، مىكرو بىلوگدا خالىغانچە گەپ قىلىدىغان «خەيپەيچىڭكو»سى ئارقىلىق ناھىيىتى تېزلا ئۆزگۈرۈپ، پۈتۈنلەي باشقا مەيداننى ئىپادىلەيدۇ. ھەتتا «فەنسەنگۇ» تىياتىرىدىكى ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈيدىغان گو دېگاڭدىنمۇ بەك ئاشۇرىۋېتىدۇ.
«جىمجىت سۇ ئۇزاققا ئاقىدۇ»نىڭ قىممىتىنى قايتىدىن قۇرۇش
مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى جەمئىيەت تىپىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە سېلىشتۇرغاندا ئاستا، سىلىق بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتالمايدۇ، بىراق ئۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چۇڭقۇر ۋە كەڭرى بولىدۇ. 2010-يىلى، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ « ئۆزىنى تازىلىشى» قىممەتنى قايتا قۇرۇش جەريانى بولۇپ، جىمجىت سۇدەك ئۇزاققا ئاقىدۇ.
بىرىنچىدىن، ھەق- ناھەق غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتتىن مۇھىم. ناھىيىتى ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئىچىدە،« غالىبلار شاھ بولۇر، مەغلۇپلار قاراقچى بولۇر»دەيدىغان قاراش
سىياسىي ساھەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدى. بىر شەخس پەقەتلا «مۇۋەققىيەت قازانغان زات» بولىمەن دەيدىكەن، ئەسەر كۆچۈردىمۇ- كۆچۈرمىدىمۇ، يالغان دېپلوم ياسىدىمۇ- ياسىمىدىمۇ بۇ ئەمدى مۇھىم ئەمەس دەيدىغان مەنتىقە بارا-بارا ئېتىراپ قىلىنىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ۋاڭ خۇينىڭ ئەسەر كۆچۈرمىكەشلىككە چېتىلىپ
قېلىشىدا، ۋاڭخۇينىڭ «يېڭى سولچىلار مەزھىپىى» دىكى مەسلەكداشلىرىدىن باشقا كۆز قارىشىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويغان زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋاڭ خۇينى تەنقىتلەشتە چىڭ تۇردى،ھەتتا لىبىرالىزمچىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. تاڭ جۈن، لى يى، جۇ لىبولارنىڭ سودا، تەننى پەرۋىش قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەغلۇبىيىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئەلۋەتتە، ھەق- ناھەق مۇۋەپپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ ئورنىغا ئۈزۈل- كېسىل دەسسىيەلمەيدۇ، تاڭ جۈن بىلەن جۇ لىبونىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى ھازىرقىدىن كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىسە، يەنىلا « غالىبلار شاھ بولۇر، مەغلۇپلار قاراقچى بولۇر» چۈشىنى كۆرگەن بولىدۇ-دە، ھامان بىر كۈنى تېخىمۇ زور بەدەل تۆلەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، پەرق بىلەن ئورتاق تونۇش بىللە مەۋجۇت. مەدەنىيەت بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا ئۆزگىرىۋىدى، سېلىشتۇرمىچىلىق يېڭى مىلودىيىگە ئايلىنىپ، قانداق بولسا بولىۋېرىدىغان بولدى. ھەتتا ئەسەر كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشى ۋە ساختىپەزلىك قىلىشنىڭ ھەممىسى كەڭ قورساقلىق بىلەن قاراش ئوبېكتىغا ئايلاندى. « مۇۋەپپىقىيەت قازانغان زات»لارنىڭ 2010-يىلىدىكى ئوبراز كىرىزىسى، بۇ خىل سېلىشتۇرمىچىلىقنىڭ كىرىزىسكە دۇچ كەلگىنىنى چۈشەندۈردى. تور مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئاۋام ئىككى تۈرگە يەنى تورمەنلەر ۋە تورسىز ئاممىغا ئايرىلىشى مۈمكىن. مىكرو بىلوگ مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن تورمەنلەرمۇ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: مىكرو بىلوگقا چىقىدىغان تورمەنلەر ۋە مىكرو بىلوگقا چىقمايدىغان تورمەنلەر. بۇ يالغۇز تېخنىكىدىكى مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قىممەت قارىشىدىكى مەسىلىدۇر. مىكرو بىلوگ دەۋرىدە، پۇقرالىق ئېڭى ئاساسى ساۋادقا ئايلانغۇسى، مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى جەمئىيەت ئەندىزىسىنى ئىلگىرىلەتكۈسى، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ھەمرالاردىن بولۇپ قالغۇسى.
南风窗دىن تەرجىمە قىلىندى.
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8862
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-10 12:56 AM