ياغاچچى سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ماڭالايدىغان ماشىنا ياسىدى
-تېخنىكامغا پايچىك بولسىمۇ، پاتىنىتىمنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالسىمۇ مەيلى،مەن كەشيىپاتىمنىڭ تېزراق بازارغا سېلىنىشىنى ئويلايمەن،-دېدى لىيۇ شىنخۇا مۇخبىرغا.
ئۇ كەشىپ قىلغان سۇ ۋە قۇرۇقلۇق ماشىنىسى بۇ يىل 2-ئايدا دۆلەت پاتېنتىنى ئالدى، سۇدىكى ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 30 كىلومېتىرغا،قۇرۇقلۇقتىكى سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.لىيۇ بۇ يىل 2-ئايدا بۇ كەشپىياتى بىلەن دۆلەت پاتېنتىنى ئالمىغان بولسا يەنىلا ئاددىي بىر ياغاچچى سانىلاتتى.
مۇخبىر لىيۇ شىنخۇا كەشىپ قىلغان سۇ قۇرۇقلۇق ماشىنىسىنىڭ ھەممىلا يېرى تۆمۈر بىلەن قاپلانغانلىقىنى،،ئۈچ چاقى بارلىقىنى،قۇيرۇق قىسمىدا بۇرمىسىمان پالاق بارلىقىنى،يەنە ئارقىنى كۆزىتىش ئەينىكى،شامال توسۇش ئەينىكى قاتارلىقلار بارلىقىنى كۆردى.
ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي بەش مېتىر،كەڭلىكى 1.8 مېتىر بولۇپ،ئۈچ توننا ئېغىرلىقتا.سۇ ئىچىدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 30 كىلومېتىرغا،قۇرۇقلۇقتىكى سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.ئۇ ماشىنىنى 1998-يىلىدىن تارتىپ تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشكەن بولۇپ،14 يىلدا ئاندىن ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان.
http://www.nur.cn/news/2012/07/73949.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 10:59 PM