بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى ۋە ھوقۇق
当代中国知识分子与权力
«سۇمۇرغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى»2012-يىل11-سانىدىن
(جېڭيوڭ نىيەن)
تىرىشچان(مەقسۇت ئەمىن ئەركيار) تەرجىمىسى
جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇلاھىزە قىلغاندا،كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى،ئەنئەنىنىڭ يىلتىزى ئىنتايىن چۇڭقۇر ۋە كۈچلۈك. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قوزغىغان شىنخەي ئىنقىلابىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بولدى،زىيالىيلار بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتىدە تۈپ ماھىيتىدىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.
ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىۋى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا ھازىرقى زىيالىيلارنىمۇ تۈزۈلمە ئىچىدە ۋە تۈزۈلمە سىرتىدا دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلار يەنىلا جۇڭگو زىيالىيلار تۈركۈمىنىڭ ئاساسىگەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تۈركۈم ئەنئەنە جەھەتتىن كۇڭزى ئېقىمى تەرەپدارلىرى،ئەمما ھازىر نىسبەتەن مۇرەككەپ. بۇيەردە بىرقانچە ئۆزگىرىش بار. بىرىنچى چوڭ ئۆزگىرىش—ئەنئەنىۋى كوڭزىچىلار ئېقىمىدىكى«ئۆلچەم»،«ھەقىقەتچى»مەزھەپلىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. چىن شىخۇاڭنىڭ«كىتاب كۆيدۈرۈپ كۇڭزىچىلارنى بابلاش»ىدىن،ماۋزېدوڭنىڭ «ئوڭچىللىققا قارشى»غىچە نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپمۇ كوڭزىچىلارنىڭ ھەقىقەتكە سادىق بولۇش روھى يوقالمىغان ئىدى. ئەمما،بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى سىرتقى دۇنيانىڭ مىسلىسىز بېسىمى ۋە ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىماقتا. جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى نەچچە مىڭ يىللىق يېزا ئىگىلىك جەمئىيتىدە ئەخلاق-پەزىلەت روھىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنىدى، سودا ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىدە ناھايىتى تېزلا پارچىلاندى. ھەقىقەتكەسادىق توپ يوقىلىپ، تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلارلا ئېشىپ قالدى. ئۇلار ياكى ھوقۇققا بېقىندار ياكى مەنپەئەتكە!
تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇرەككەپ. ئەنئەنىدە كوڭزىچىلار ئېقىمىلا ئىدى. ھازىر بولسا ئېقىملار بەك تولا. بېقىندى تىپنىڭ كۆپ خىللىشىدا كەم دېگەندىمۇ مۇنداق ئىككى شەرت بار: ئالدى بىلەن بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى مەنپەئەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى. ھوقۇقدارلار مۇناسىپ ھالدا كۆپ خىللاشقان قوللىغۇچىلار ۋە بېقىندارلارغا ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭدىن باشقا،ھوقۇق جەھەتتىن ئادەتلەنگەن ئاڭ فورماتسىيسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى چۈشەندۈرىدۇ. كوڭزىچىلىق ئېقىمى ئەنئەنىۋى خانلىق ھوقۇقنىڭ ئاڭ فورماتسىيسى، بۇنەچچە مىڭ يىل ئۆزگەرمەي داۋام قىلىپ كەلگەن. ئەمما، بۈگۈنكى ھوقۇقنىڭ ئۇنىڭدەك كۈچلۈك ئاڭفورماتسىيسى بولمىدى. بۇخىل ئەھۋالدا، ھوقۇقدارلار ھەرتەرەپتىن كۆپ خىللاشقان بىلىمنىڭ قوللىشىنى ئىزدەيدۇ. نېمىدىن پايدىلانغىلى بولسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. شۇڭا، بېقىندى زىيالىيلار تۈركۈمى ئىچىدە ۋە ئۇنىڭ ئىككىلەمچى تۈركۈملىرى ئىچىدە،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز-ئارا زىددىيەت ھەتتا تۇقۇنۇش بار.
ھەرقايسى ئىككىلەمچى تۈركۈم ھوقۇققا نېمىگە تاينىپ بېقىنىدۇ ھەم ھىمايە قىلىدۇ؟ ئاددىي ئېيتقاندا،مۇنداق ئىككى خىل:بىرى،غەربتىن كىرگۈزۈلگەن بىلىم.ئىككىنچىسى،جۇڭگو ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق ئاساسىدائېرىشكەن بىلىم. كىرگۈزۈلگەن بىلىم—ماركىسىزم ۋە ھەرخىل يېڭى نۇسخىدىكى ماركىسىزم،لېنىنىزىم،ناتسىئونالىزم(مىللەتچىلىك)قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
تۈزۈلمە سىرتىدىكى ھوقۇققا قارشىلار نېمەدەيدۇ؟ شۇنى قايتا تەكىتلەش زۆرۈركى،ھوقۇققا قارشىلارنىڭ قارشىلىقىمۇ ھوقۇق ئۈچۈن. مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇ تۈركۈم ھوقۇققا نېمىگە تاينىپ قارشى تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بېقىندى تۈركۈمگە ئوخشاشلا، بۇ تۈركۈم ئىچىدىمۇ ئىككى ئىككىلەمچى تۈركۈم بار: بىرى،غەربنىڭ بىلىملىرىگە تاينىپ ھوقۇققا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى ئارقىلىق، ئاساسلىقى كوڭچىزىلىق ئەنئەنىسى بويىچە ھازىرقى ھوقۇققا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىككىلەمچى تۈركۈم ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئېنىقكى، بېقىندى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا ھوقۇققا قارشى زىيالىيلارنىڭمۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنچى،يۇقىرىداتەكىتلىگەندەك ھەر ئىككىلىسىلا ھوقۇق ئۈچۈن. بۇ تەرىپى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيگە ئوخشاپ قالىدۇ. ھوقۇققا قارشى نىشان ئاخىرقى ھېسابتا ھامان بىر كۈنى ئۆزى ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن. ئىككىنچى، قارشى تۇرغۇچىلار ئوخشاشلا شەيئىنىڭ بىلىم سېستىمىسىنى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئۇلار دۇنيانى ئىزاھلاشقا قىزىقمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى دۇنيانى ئۆزگەرتىش. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئۇلار بىلىم ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئەمەس، بىلىمگە خوجايىن بولۇشنى كۆزلىگەنلەر،شۇنداقلا بىلىمنى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە قوللانغۇچىلاردۇر.ئۈچىنچى،ئادىللىق بىلەن ئېيتقاندا، بېقىندى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا، قارشى تۇرغۇچىلارمۇ غايىپەرەسلەردۇر.ئۇلارنىڭ نىشانىمۇ ئۆزلىرىنىڭ غايىسىدىكى دۆلەتنى قۇرۇش. ئەمما،ئۇلارنىڭ بىلىم-تەسەۋۋۇرى ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىققا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشى ئاساسىدا بولماستىن، ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىلىم-تەسەۋۋۇرلاردۇر. تۆتىنچىدىن، بېقىندى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا قارشى تۇرغۇچىلار ئىچىدىمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ئۇلار غەربنىڭ ھەرخىل قىممەت قارىشى،ئېتىكا چۈشەنچىسى بويىچە شەخىسنى،تۈزۈمنى،مەدەنىيەتنى تەنقىدلەيدۇ. ئۇلار «ئۇلۇغ» غەرەزلەر بىلەن رېئاللىقنى سۆكۈشكە قادىركى، دۇنيانى ماھىيتىدىن چىقىپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشقا قابىل ئەمەس!
يۇقىرىقى مۇنازىرە بۈگۈنكى جۇڭگوزىيالىيلىرىغا نېمە دېمەكچى؟
بىرىنچى،رېئال ئېيتقاندا،كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇش-ياقتۇرماسلىقىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى يەنە داۋاملىشىدۇ. بۇئەنئەنىنىڭ چۇڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپلا قالماي،يەنە ئۇنىڭ تېخىمۇچۇڭقور قاتلامدىكى بىرخىل مەدەنىيەتكە ئايلانغانلىقىدىن،شۇنداقلا بېقىندى زىيالىيلارتۈركۈمىنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان مەنپەئەت ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر. بېقىندى زىيالىيلارلا بولىدىكەن،قارشى تۇرغۇچى زىيالىيلارمۇ بولىدۇ.ئۇلارئورگانىك بىر گەۋدە . بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، مۇشۇنداق بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى،زىيالىيلار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگە قارىتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مەدەنىيتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ سىنىقى سودائىنقىلابى. ھازىرقىدەك سودا مەدەنىيتى ئالدىدا جۇڭگو مەدەنىيتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كىشىلەر ئويلىنىشقا تېگىشلىك چوڭ مەسىلە. مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىيالىيلارمۇ سودا مەدەنىيتىنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى، بىلىم ئەسلىدىنمۇ كۈچ ۋە ھوقۇق.كىم يېڭى بىلىمنى بارلىققا كەلتۈرسە شۇنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولىدۇ.
تۆتىنچى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋەجەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مۇستەقىل بولغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان، جۇڭگو جەمئىيتىگە چۇڭقور چۆكەلەيدىغان،ھوقۇق مەنپەئەتنى قايرىپ قويۇپ جۇڭگو جەمئىيتىنى چۈشىنىدىغان ۋە چۈشەندۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ زىيالىيلارغا مۆھتاج.
بەشىنچى،ھەرقانداق بىر زىيالىي ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ چەكسىزلىكىنى،بىلىم سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشتا ھەممىلا نورمال ئادەمدە يۇشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىشى زۆرۈر. ناۋادا،تەپەككۇر ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ بۇغۇچلىشىغا ئۇچرىسا،ئۇ ھالدا تەپەككۇرنىڭ چېكىمۇ شۇ بولىدۇ، بىلىم تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ئايرىلىدۇ. جۇڭگو جەمئىيتىنىڭ ئالغابېسىشى مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان زىيالىيلار سېستىمىسىنىڭ بارلىققا كېلىش-كەلمەسلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ سىرتىغا ھالقىش—جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىلىم قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ تۆۋەن شەرت.
مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9712&page=1&extra=#pid29192
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-24 05:46 PM