مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazila998

ئېھ، توپىلىق يول [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77860
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 08:52:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق تېتىقسىز بىر نەرسە يوللايدىغاندۇ ما خەق نىمانداق تۈگمەيدىغان دامامى بار بۇ ،بولدىلا مەن يەنىلا ئۇيقۇمنى ئۇخلاي جۇمۇ

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21145
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2847 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 09:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
گۇلئايشەم ۋاراڭ - چۇرۇڭدىن ئويغاندى ، تاڭ ئىتىپتۇ ، ھويلىدا بالىلار ۋاقىراشماقتا ، ئۆزىدىن نىرىدا سامان تەكىيگە بىشىنى قويۇپ ، چەكمەن يەكتىكىنى غىرىپچە يىپىنىپ روزەك بەز يىتىپتۇ ، گۇلئايشەم ئورنىدىن تۇرۋىدى :
   _ ئوبدان ئۇخلىدىلىمۇ ؟ _ دىدى روزەك كۈلۈپ تۇرۇپ ،
   _ قوزا بارمىكەن ؟
   _ تاپتۇق
   _ بىر قوزىنى دەپ ھەممىڭلا باياۋانغا چاپتىڭلىمۇ ؟
   _ كۈزگە بىرىۋالسا ئاتمىش - يەتمىش كويلۇق قوي دىسىلە _ روزەك بەز ئورنىدىن تۇرۋىتىپ _ تۇرسىلا خىنىم ، ھىلى بالىلار سالام بەرگىلى كىرىدۇ .
     گۇلئايشەم ھىچنەدە كۆرمىگەن ھۆرمەتنى بۇ ئۆيدە كۆردى ، ئالتە بالا بىر كىلىن ئۇنى « ئانا » دىيىشتى ، گۇلئايشەم نومۇس قىلىپ روزەككە :
    _ ھىچ بولمىسا چوڭ ئوغۇل بىلەن كىلىن ئاچا دىسۇن ئانىسى نىمىسى !_ دەپ پىچىرلىدى .
   « ئانا » ئىغىزدىكىلا گەپ ئەمەسكەن ، بالىلار ۋە ئەرنەڭ ھۆرمىتىمۇ يىتەرلىك بولدى ،  بىرىنچى كۈنىلا ئۇنىڭ ئالدىغا قاتلىما ، قايماق ، پىششىق تۇخۇملار قويۇلدى ، باشقىلار بولسا زاغرا بىلەن غىزالىنىپ ئىشلىرىغا كىتىشتى ، چۈشكىچە گۇلئايشەم ، باغ ، ھويلا - ئاراملارنى  يەنە ئارلىدى ، باغ ئۇنىڭ زوقىنى تارىتتى ، ئۇ يەردە قويۇق دەرەخلەرنىڭ سايىسى ، مەي باغلاپ پىشقان شىرنىلىك چىقىر ئۈژمە ، جىگدىلەرنىڭ پۇرىقى ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى كۆڭۈلگە ئارام ، بولۇپمۇ نۇرغۇن ۋاقىتنى ھاممىسىنىڭ تار ئۆيىدە خىيال بىلەن ئۆتكۈزگەن مىسكىن ئايال ئۈچۈن بۇنداق سالقىن ، ھاۋالىق باغ جانغا راھەت تۇيلىدۇ ، ئۇنىڭ ۋاقىراپ ناخشا ئىيىتقۇسى ، دەرەخلەرگە ياماشقۇسى ، باغلاقتىن بوشانغان موزايدەك قىيغۇتقىسى كەلدى ، ئۇ باغدا يالغۇز يۈرۈپ يۇمران جىگدە كۆچەتلىرى ئارسىدىن بىردەمدىلا ئەللىك - ئاتمىش تۇخۇم يىغىۋالدى ، ئىچ پۇشۇغىدا باغنىڭ نىرىسىغىچە بىرىپ يىراقتىكى مەھەللىگە  ، كىۋەزلىكتە كەتمىنىنى يالىت-يۇلىت قىلىپ ئىشلەۋاتقان بالىلارغا زوقمەنلىك بىلەن قارىدى .
   چۈشتە ئۇ بالىلارنى پىششىق تۇخۇم بىلەن مىھمان قىلدى ، قارا قۇمچاق كىلىن ئۇنىڭغا ئىڭىشىپ پىچىرلىدى :
  _ ئاتام ئۇقسا تە بولىدۇ ، ھەر ئالتە كۈندە بەشيۈز تۇخۇم ساتىمىز ، تۇخۇم پۇلى يۈز كوي ، كىمىسە بوۋاي خاپا سالىدۇ ئانا ،
   _ يەنە ىنمە ساتىسىلەر ؟
  _ كۆكتات ، ئۈرۈك ، ئۆردەك ، بىلىق ، ياغاچ ، ئارلاپ قوي ، گۆش ، سۈت ، قايماقمۇ ساتىمىز ،
  _ يەكشەنبە بازاردا قانچىلىك پۇلغا ئىشلەيسىلەر ؟
   _ كۆپ بولغاندا بەش - ئالتە يۈز كوي ، بولمىسا ئۈچ - تۆت يۈز كويلۇق بىر نەسە ساتىمىز ئانا ،
    _ پۇلنى سىلى تۇتاملا ؟
    _ ياق ، ھىساپنى مەن چىقىرمەن ، پۇلنى ئاتام ئۆزى ساندۇققا سالىدۇ ، ئۈچ - تۆت ئايدا بىر  قىتىم بانكىچى كىلىپ پۇللارنى ئىلىپ كىتىدۇ ، بىزنىڭ بالىنىڭ دادىسى بىللە بىرىپ چەك  ئەكىلىدۇ .
    _ ئۇختىلىمۇ ، دادىلىرى پۇل يىغىپ نىمە قىلىدىكەن ، ؟
    _ تازا بىلەلمىدىم ئانا ، مەن قوغۇنلۇققا باراي ، قوغۇنلار بۇ يىل بەلەن ئوخشىدى ، قوغۇن پىشقاندا ،ھەپتىدە ئىككى - ئۈچ يۈز كوي كىرىم بولىدۇ ،
   _ يەنچۇ ؟
   _ كۈزلۈككە كىۋەز ئىچىلغاندا نەچچە مىڭ كويلاپ پۇل كىرىدۇ ،
    _ يەنە پۇل كىردىغان قانداق چاغلار بار ؟
    _ ئەتىيازدا باققان قويلارنى ساتقاندا ، يازدا ھۆكۈمەتكە بۇغداي ئۆتكۈزگەندە ، ھە راستىنلا ئۇنتۇپ قاپتىمەن بىزنىڭ بالىنىڭ دادىسىنىڭ دىيىشىچە مىڭ تال جەگە ياغاچ سىتىلىپتۇ ، يىقىندا ياغاچ كىسىدىغانلا كىلەرمىش ،
     _ بىر تال جەگە نەچچە كوي ؟
    _ كەم بولسا ئالتە - يەتتە كوي ، بولمىسا ئون كوي ،
    _ ۋاي ئاتام ، _ دىدى گۇلئايشەم پىشانىسىگە شاپىلاقلاپ ،_ پۇل دىگەننى كوچىنىڭ توپىسىدەك ئۇسىدىغان گەپكانغۇ ؟
     ئۇ شۇنچە پۇللۇق ئائىلىنىڭ ئەزاسى ، ياق ، ئەزاسى ئەمەس ، خوجايىنى ، ئۇ ئەلۋەتتە خۇشال بولۇشى ، ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە ، بىر كوي ئۈچۈن چىراي سارغايتقان كۈنلىرىنى ئۇنتىشى ،بوۋاينى ياخشى گەپ بىلەن ساندۇقنىڭ ئاچقۇسىنى بىرىشكە ، پۈتۈن ئائىلىنىڭ كىرىم - چىقىمىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بىرىشكە كۆندۈرۈش كىرەك ،
    كەچكى تاماقتا گۇلئايشەمنىڭ ئالدىغا پىششىق گۆش ، تارتىلدى ، گۇلئايشەم گۆشنى پارچىلاپ ئەڭ چوڭىنى روزەككە ، قالغانلىرىنى بالىلارغا بۆلۈپ بەردى ، روزەك خاپا بولۇپ :
   _ يامان ئۈگۈنۈپ قالىدۇ ، گۆشنىڭ تەمىنى تىتىپ قالسا بالىلار قوتاندىكى قوينى تۈگۈتىدۇ خىنىم ، _ دىدى
    _ قوتاندىكى تۈگۈسە ، ئىتىزدىكى باكەن ، ئىتىزدىكى تۈگىسە بانكىدىكى باكەن ، ۋاييەي ! _ دىدى گۇلئايشەم ، بالىلار خۇشال بولۇشتى ، ئەمما روزەك قولىنڭ كەينى بىلەن ئاغزىنى سۈرتۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ،
   كەچ كىرگىچە ئىغىر ئەمگەك بىلەن چارچىغان بالىلار كەچكى تاماقتىن كىيىنلا ئاشۇ تاماق يىيىلگەن ئۆيدە ئوڭغۇل - دوڭغۇل يىتىشىپ ئۇخلاپ قىلىشتى ، يالغۇز گۇلئايشەملا ئەشۇ يوغان مىھمانخانىسىغا قايتىپ كىلىپ ، كۆرپىلەر ئۈستىگە يانپاشلىدى ، سىرتتىن نەي ئاۋازى ئاڭلاندى ، گۇلئايشەم راھەتلىنىپ تىڭشىدى ، ئارقىدىن گۇلئايشەم ياخشى كۆردىغان «گۇل مەرەم » دىگەن ناخشا ئىيتىلدى ، گۇلئايشەم ناخشىغا ئەگەشتى :
        
                                    بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار ، گۈلمەرەن ،
                                    ئەگىمەي ماڭالاملا  گۈلمەرەم
                                    بىر پىيالە چاي تۇتۇپ گۈلمەرەم
                                    كۆڭلۈمنى ئالالاملا گۈلمەرەم

   ياش ئايالنىڭ ھىسسىياتچان قەلبى ناخشا بىلەن ئويغاندى ، «قويچى بولساڭمۇ يىگىت سەن_دىدى ئۇ ناخشىغا زوقلۇنۇپ _ شۇڭا ناخشاڭغا ئەگەشتىم ......... »
  ئۇ شۇ بىر كۈن ئىچىدە ھاياتتىن يەنە نۇرغۇن لەززەت ئىلىشقا بولدىغانلىقىغا ئىشەندى ، بىر يەردە قىقىلساڭ ، يەنە بىر يەردە كۈتۈلدىكەنسەن ، بىرنى يوقاتساڭ ، بىرنى تاپىدىكەنسن ، خاپىلىق ، خۇشاللىق دىگەنلەر يۈزگە چۈشكەن خالدەك ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇپ تۇرالمايدىكەن ، گۇلئايشەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلغان بۇ ھايات ، ئۇنىڭغا مۇھاببەتمۇ ئاتا قىلسۇن ، بىز ئۇنىڭغا خەيىرلىك تىلەيلى ، چۈنكى قاراڭغۇلۇقتىن ، ئەنە ئىككىنچى بىر قەلىب ئىگىسى چىقىپ كەلمەتتە ، ئۇنىڭ يۈرۈگى خۇددى بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇنقىدەك ھاياجان ، خۇشاللىق ۋە نومۇس كۈچى بىلەن تىپچەكلىمەكتە ،

     داۋامى بار   

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئالدىۋالغانغا س

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1563
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7823
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 09:39:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىللىرڭىز ئۇزلۇپ قالمىسۇن ؟

زۇلۇم قىلغۇچىلارنىنڭ زۇلىمى قىيامەت كۇنى ئوزى ئۇچۇن قاراڭغۇ زۇلمەت بۇلدۇ ‹

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4991
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48450
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 10:29:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئېھ ،توپىلىق يول››‹‹ئۇنتىمايمەن گۈلسارە››دېگەن ھېكايىلەرنى  90- يىللاردا ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم تارىم ژورنىلىدا..
ئەجرىڭىزگە  تەشەككۈر... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-3 10:30 PM  


مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 11:40:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمراھى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 08:52 PM
نىمانداق تېتىقسىز بىر نەرسە يوللايدىغاندۇ ما خەق نىما ...

شۇنداق داڭلىق بىر ئەسەر سىزگە تېتىقسىز بىلىنىپتۇدە ئۇكام ، بوپتۇ ، تېتىملىق ئەسەر ئۇچرىغۇچە ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭ

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1264
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 11:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇنى تارىم ژورنىلىدىن ئوقىغان ئىدىم ، زوردۇن سابىر بىلەن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى مەن تولىمۇ قىزىقىپ ئوقويمەن، ئۆلمەس ئەسەرلەردە بۇ، تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5632
تۆھپە نۇمۇرى: 1098
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 12:22:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
22-قەۋەتتىكى «ھەمراھى»گە:
تېتىقسىز دېسە سېنى دېسە بۇلىدىكەن. مۇشۇنداق دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى شۇنداق دىيىشكە قانداق تىلىڭ باردى؟ ماۋۇتېما ئاپتۇرى مىڭبىر جاپادا خەت ئۇرۇپ مۇنبەرگە يوللىسا، سەن خەقنىڭ قىلغان ئەجىرىگە ئىككى ئېغىز چىرايلىق گېپىڭ يوق، نېمە پوق يىگەن ئىتتەك ئېغىزىڭنى سېسىتىپ يۈرۈيسەن؟ مۇنداق لاۋزا ئىنكاسلار ماۋۇ ئەسەر ئاستىغا قايتا چۈشۈپ قالمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5632
تۆھپە نۇمۇرى: 1098
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 12:24:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپاتارتىپسىز.
«ئېھ تۇپىلىق يوق، نازىلەگە پايانداز بول»،       چاقچاق قىپ قويدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72361
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 01:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، ھازىر مەرھۇم زوردۇن سابىرنىڭ پوۋىستلار توپلىمىنى تاپقىلى بولمايدۇ  . بۇرۇن مەن پەقەت « ئارچا ياپرىقى» نىلا ئوقۇغان . « ئېھ توپىلىق يول » ،« ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە » ، « جىگدىلەر پىچىرلايدۇ » ، « ۋاپادارلار » ، « سۈبھى » قاتارلىق پوۋىستلىرىنىمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى . مۇشۇ ئەسەرلەر بولسا چىقىرىپ قويسىڭىز ھەممىمىز تولىمۇ خۇشال بولاتتۇق .
داۋامىنى كۆرۈشكە تولىمۇ تەشنامەن .

كىملەر بولۇر كىملەرگە خار ،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار .
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن ،
كىملەرنىڭ يولى كىملەرگە تار .        قارلىغاچ ......

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29863
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2766
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 2793 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 03:49:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
22-ھەمرايى،سەن بىر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ شۇنداق لاۋزا ئىنكاسنى يازمايسەن،سەن بۇ ھىكايىنىڭ داۋامىنى قانچىلىك ساقلاپ كەتتىڭ،بولسا سەن بىر پارچە خەۋەر ماقالىسى يوللاپ بېقىپ ئاندىن باشقىلارغا گەپ قىلارسەن ھە.

ئەسقەر  تۇراپ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش