مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazila998

ئېھ، توپىلىق يول [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29863
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2766
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 2793 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 04:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نازىلە خانىم،بەك ياخشى تىما يوللاپسىز،بۇ ھىكايىڭىزنىڭ ئىچىگە شۇنداق چۆكۈپ تەپسىلى ئوقۇپ خۇددى 80-يىللاردىكىدەك ھېس قىپ  كىتىپتىمەن،سىزگە ئامەت ،ئۇتۇق تىلەيمەن،ئەسەرنىڭ داۋامىنى تىزراق يېزىش بىلەن بىرگە تېخىمۇ ياخشى نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرشىڭىزغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،بىر قىسىم ناچار كورەلمەس كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا پىسەنت قىلمىغايسىز.

ئەسقەر  تۇراپ

ئادەملەرنىڭ شەخ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60479
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1290
تۆھپە نۇمۇرى: 595
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 05:56:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمراھى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 08:52 PM
نىمانداق تېتىقسىز بىر نەرسە يوللايدىغاندۇ ما خەق نىما ...

كاللىڭىزنىڭ دەردى بارما سىزنىڭ ؟
ئۇقۇغۇڭىز  كەلمىسە ئۇقۇماڭ ،بىر كىشى سىزگە زورلىمىغاندىكىن،سىز ئۇقىمىسڭىزمۇ ئۇقۇۋاتقانلار كەملىك قىلمايدۇ ماۋۇ ئەسەرگە.....
يەنە باشقلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگۈنۈۋېلىڭ ........

ئاللا ھەر بىرىمزنىڭ ئنسابىنى بەرسۇن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6567
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4351
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 8569 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 01:07:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى چىقىرۋېتىڭ.

ئاغزىدا كۇلكە-چاقچاق،قوينىدا پالتا-پىچاق.

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14470
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 4776 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىسىل ئەسەرنى مەن ئۇقۇپ باقماپتىكەنمەن، رەھمەت جانىم ئەجرىڭىزگە!  ئۇقۇپ شۇنداق قىزىقىپ كەتتىم ، ئاخىرىغا تەشنامەن!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21145
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2847 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 09:46:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى

                                                               ( 3 )

   
   خوجايىن بولۇش ئىنساننىڭ روھىدىلا ئەمەس ، بەدىنىدىمۇ يىڭىلىق پەيدا قىلىدىكەن ، قاراڭلار ، گۇلئايشەم مۇنۇ ئويدىكى توققۇز ئەمگەكچىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىۋىدى ، بىر ئايدىن كىيىن يۈزىدىكى داغ ئىزلىرى بىلەن ئىنچىكە قورۇقلىرى تۈگەپ ، خۇددى ئەزىمەت بىلەن بەخىتلىك سائەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ۋاختىدىكىدەك ، چىرايىدىن نۇر ۋە كۈلكە يىغىپ تۇردىغان بولۇپ قالدى ، ئۇ ھاۋانىڭ سالقىن چاغلىرىدا ، كىۋەزمۇ ئوتىدى ، قوغۇننىڭ ئوتىنى چاپتى ، قول تىراكتۇرى بىلەن بۇغداي تىپىۋاتقان خامانغا بىرىپ ، ئارا تۇتۇپ ئاياق سالدى ، كىلىن بىلەن سەھەر - كەچلىكى كالا ساغدى ، لىكىن ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ھەممىگە يارايدىغان «خوجايىن» ئىكەنلىگىنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن قىلدى ،ئۇ ئىشلاردىن ئەيىبمۇ تاپاتتى ، ئۇنىڭ تاپقان ئەيىبى ، چوڭ ئوغۇلنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان بولسا روزەكنىڭ زوقىنى قوزغايتى .
     _ ئاناڭلارنىڭ دىگىنىدەك قىلىڭلار  _ دەيتتى ئۇ تاماق ۋاختىدا بالىلىرىنى جۆنۈپ _ ئۇنىڭ قولى تەككەن يەردىن گۈل ئۈنىدۇ ، كۆردۈڭلامۇ . ئاناڭلارنىڭ قولى تەككەچكە كىيگەن كۆڭلىكىڭلارنىڭ رەڭگى ئىچىلدى ، ئاناڭلار كەلمەستە ئاق كۆڭلەك ، قارا كۆڭلەك ، كۆك كۆڭلەك ھەممىسى لاي رەڭ ئىدى .
        گۇلئايشەم بۇ ئۆيگە خۇشاللىق ، يىشىللىق ئىلىپ كەلدى ، ئۇنىڭ قولى بىلەن يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ كىرى ، ئۆينىڭ توپىسى تۈگىدى ، ئۇلارنىڭ غىساسىغا تەم كىرىپ ، بالىلارنىڭ باش-كۆزى تازلىنىپ ، چىرايىغا قان يۈگۈردى ، مانا بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئاشتى ، مەرتىۋىسى چوڭايدى ، ئۆز ئانىسىدىن كىچىك قىلىپ ، يىتىمچىلىك ۋە غورىگىلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتىپ ، تۇرمۇش _ ئەمگەك ، يىيىش ، ئۇخلاش دىگەن تۇرمۇش چۈشەنچىسى بىلەن چەكلەنگەن بالىلار ، «ئايالنىڭ ۋەزىپىسى _ خامنى پىششىق قىلىش»دەپلا قارايدىغان كىلىن ، بىقىش تىپىپ سەمرىپ پاقىراۋاتقان كالىدەك كۈندىن - كۈنگە گۈزەللىشىۋاتقان ئائىلىسىنى كۆرشۈپ ، گۈلئايشەمنى چىن دىلى بىلەن «ئانا» دىيىشتى .
       لىكىن گۈلئايشەمنىڭ يەنىلا توققۇزى تەل ئەمەس ئىدى ، قورسىقى توق ، غىمى يوق ئادەمنىڭ ھامان روھى ۋە جىسمانى تەلىۋى ئۆرلەۋىردىكەن ، گۇلئايشەم ئەمدى ئۆزىنىڭ ھاياتىدا نىمىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىگىنى سەزدى ، ئۇنىڭغا مۇھاببەت لازىم ئىدى ، ئۇ ئىرىدىن رازى ، چۈنكى ئېرى تاپقان پۇللارنى گۇلئايشەمنىڭ قولى بىلەن ساندۇققا سالىدۇ ، ساندۇقنىڭ ئاچقۇسىنى چوڭ ئوغۇل باشقۇرغان بىلەن ھامان بىر كۈنى ئۇنى قولغا چۈشۈرۈشكە گۇلئايشەمنىڭ كۆزى يەتتى ، ئېرىدىن رازى بولۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ، ئېرى ئىشتىن ھېرىپ كىلىدۇ-دە ، كەچكى تاماقتىن كىيىنلا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا كىرىپ ئۇيقۇغا كىتىدۇ ، ئۇ گۇلئايشەمنىڭ رازىمەنلىكىگە ئاشۇ ھاردۇق ئۇيقۇسى بىلەن ئىرىشكەن ، گۇلئايشەم خالىغانچە خىيال قىلالايدۇ .
     بۇ رازىمەنلىك ھىسابىغا ئۇ بۇ ئۆيدە نىمىگە ئىرىشەلەيدۇ ؟پۇل ۋە ھۆكۈمرانلىق ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىمۇ ؟ ئۇنىڭ ھاياتتىن تەلەپ قىلدىغىنى مۇشۇلا ئەمەسقۇ ؟ ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىنچە ياشىشى ، يەنى مۇھاببەت ئۈچۈن يەنە بىر قۇربان بىرىشى ، ئەنە شۇ قۇربان بىرىشتىن ھەقىقى لەززەت ۋە خۇشاللىق تىپىشى لازىم ، لىكىن قىنى ئۇ مۇھاببەت ؟ كىم ئۇنى ۋە ئۇ كىمنى ياخشى كۆردۇ ؟ ئەزىمەنى ئۇنتۇمۇغىنى بىلەن ، ئەزىمەت ئۇنى ئۇنتىغان ، ئەمسە ئۇنىڭ قەلبى يەنە نىمىگە تەلپۈنىدۇ ؟ نىمىشقا ئىچى پۇشىدۇ ؟ كىچىلىرى نىمىشقا ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ ؟ ئۇنى بىئارام قىلغان بوغالتىرنىڭ قوڭۇر كۆزلىرىمۇ ؟ بوغالتىر گۇلئايشەمنى ئەگىپ كەلدىمۇ ؟ ئۇنداق بولسا گۇلئايشەمنىڭ ئۆيدە يالغۇزلۇغىنى بىلىپ تۇرۇپ نىمشقا ئاتتى چۈشمىدى ؟ ھىسابلاش ماشىنسى بىلەن توختامنامە قەغەزلىرىدىكى  رەقەملەرنى ھىسابلاۋاتقاندا ، نىمىشقا گۇلئايشەم ئەتەيلەپ گەپ قىستۇرسىمۇ قاراپ قويمىدى ؟ گۇلئايشەم ئۇنىڭ چىشىغا تىگىش ئۈچۈن توختامنامىدىكى ساپ پاختا ماھسۇلاتىنى بىر يۈز يىگىرمە جىڭغا چۈشۈرۈپ بەرمىسەڭلار بولمايدۇ دىگەندە بوغالتىر سوغۇقلۇق بىلەن ئۇنىڭ پىكرىنى قىقىپ «سىلى ئارلاشمىسىلا» دەپ نىمشقا ئالىيدۇ ؟ ئالايغان كۆزلەردىن مۇھاببەت ئىزدەش ئەخماقلىق ئەمەسمۇ ؟ ئەمىسە كىم نىمە ئۈچۈن ئۇخلاتمايۋاتىدۇ ؟ ئاۋۇ قويچىنىڭ ناخشىسىمۇ ؟ ياق ، گۇلئايشەم نىمىلا بولمىسۇن قويچىغا قاپاق ئاچمايدۇ ، ئۆزىنىڭ خوجايىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇردىغان قويچىغا ھەرگىزمۇ مۇھاببەت ئىزھار قىلمايدۇ ، ياق ، كىتىش كىرەك ، گۇلئايشەم  بۇ يالغۇز كۆزلەككە مۇھاببەت ئىزلەپ كەلگىنى يوق ، ئۇ يوقسۇزچىلىق ، سارغىيىش ئازاۋىدىن كەلگەن ، ئۇ ۋىژدانىنى نەپسىگە بوي سۇندۇرۇپ ، ئاز-تولا پۇلغا ئىگە بولىۋالماقچى ، بۇ مەخسىدى ئەمەلگە ئاشسىلا  بۇ كۆزلەكتىن كىتىدۇ ، ئۇ يانپاشلاپ يىتىپ شۇلارنى ئويلاۋىتىپ توساتتىنلا چوڭ ئوغۇل بىلەن روزەكنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدى ،
       _ ئوتتۇز مىڭ جىڭ بۇغداي ساتتۇق ، _ دىدى ئوغلى دادىسىغا پىچىرلاپ _ پۇلنى ھېلىقى ئالتە مڭ ئىككى يۈز كويلۇق چەكنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئون مىڭ كويغا توغۇرلاپ قويايلىمۇ ؟
      _ ئوسمان بانكىچىغا ئېيىت ، توغۇرلاپ بېرىدۇ ،
     گۇلئايشەم ئۆيدىن ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقتى :
     _ مەنچۇ ؟ نىمىشقا توغۇرلىيالمايدىكەنمەن ؟ پۇلنى ئەكىلىپ ماڭا بەرسىلە .
     ئوغۇل دادىسىغا قارىدى ، روزەك ساپسىرىق چىشلىرىنى كۆسۈتۈپ ھىجايدى :
     _ سىلە ئاۋارە بولماڭلا خوتۇن ،
     _ گىپىمنى يىرمىسىلا دەيمەن ، مەن پۇلنى ھاممامغا ئاپىرىپ بەرمەيمەن ، چۆنتەكلىرىگە سالىمەن .
    _ بولىدۇ  خوتۇن ، بولىدۇ  _ روزەك كۈلۈپ قويۇپ ئوغلىغا مەنىلىك قاراپ قويدى ،
     كەچتە ئوغۇل گۇلئايشەمگە ئون مىڭ كوينىڭ چىكىنى ئەكىلىپ بەردى ، ئون مىڭ كوي _ بىر پارچە قەغەز ، لىكىن بۇ بىر پارچە قەغەز چوڭ بايلىق ، گۇلئايشەم  ئۆز ھاياتىدا بۇنچىلىك بايلىقنى ئالقىنىدا كۆرۈشنى ئويلاپمۇ باقمىغان تۇرسا ، قانداقمۇ ھاياجانلانمىسۇن ؟ ئۇ چەكنى ئاۋال يانچۇقىغا  كىيىن ھىچكىم يوق ۋاختىدا تامبالغا تىكىۋالغان مەخسۇس يانچۇقىغا سالدى ئەمدى ئۇ ئۆينىڭ تولۇق خوجايىنى ئىكەنلىكىگە ئىشەندى ، ئۇنىڭ ئەمدى ھېلىقى ئىچ - پۇشۇقى ، نامەلۇم بىرىنى سىغىنىشلىرى ۋاختىنچە تۈگۈدى .

  داۋام بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazila998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 09:47 AM  


كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21145
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2847 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:32:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
   گۇلئايشەم ئۈچ كۈندىن كىيىن بۇ كۆزلەككە يول ئىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە چاي بەردى ، چۈشلۈك چاي ۋاختىدا ئۇلارنىڭ بىغى بۆلەكچىلا ئاۋاتلاشتى ، ياشلار ناخشا ئۇسۇل بىلەن گۇلئايشەمنىڭ ياشلىقىنى بۇرنىغا پۇراتتى ،
    _ روزاخۇن باينىڭ ئۆيىنىمۇ خىشتىن ياساپ بەرسەك ، ئاستى - ئۈستىگە تاختاي قىقىپ گۇلئايشەمگە ساراي سىلىپ بەرسەك بولغۇدەك ،
    _ نىمىلا قىلسا يارشىدۇ ، ھاي روزاخۇن ئاكا ، نىمىشقا قوڭغۇراقلىق پوچتا ھارۋىسى قىلمايسەن ؟ خىنىمىڭنى يىنىڭغا ئولتۇرغۇزۇپ ، غوجەك بايدەك يەكشەنبە بازاردا تاماششە قىلساڭ بولمامدۇ ؟
     _ روزەك باي ماشىنا ئالارسەن - ھە ؟.............
    مانا شۇنىڭدىن كىيىن « روزەك بەز » دىگەن ئىسىم « روزەك باي » غا ئالماشتى ،بۇ  ماختاشلار  ۋە خوشامەتلىك سۆزلەر گۇلئايشەمگە يىقىن كەلگۈسىدە ئىشقا  ئاشىدىغان يىڭىلىقلار بولۇپ تۇيۇلدى ،
   كۈز پەسلى يىڭىلىىق پەسلى ، باياشاتچىلىق  _ توي پەسلى ئىكەن ،
    بىر مۇخپىر كىلىپ ئۇلارنى سۈرەتكە تارىتتى ، گۇلئايشەم بىلەن روزەك باينىڭ يوغان قوغۇنلارنى تۇتۇشۇپ چۈشكەن بۇ سۈرىتى « ئەمگەك بىلەن بىيىغان ئائىلە » دىگەن خەت بىلەن گىزىتكە چىقتى ،
    تۈنۈگۈن ئىكىسكۇرسىيەچىلەر كەلدى ، ئۇلارغا گۈللىنىۋاتقان ئىگىلىكنىڭ خوجايىنلىرى روزەك بىلەن گۇلئايشەم ئۆز ئىشلىرىنى تونۇشتۇردى ، ئاخشىمى گۇلئايشەمنىڭ مىڭىسىدە يىڭى بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى ، مۇھاببەتسىزمۇ ھاياتتىن خۇشاللىق تاپقلى بولىدىكەنغۇ ، يىڭىلىقلار  ئەجەپ كۆپ ، ئىتىزدا ، ئۆيدە ، مەھەللىدە ، ھەممىلا جايدا شۇلارنىڭ لەززىتىمۇ گۇلئايشەمگە يىتىدىكەنغۇ ؟
     گۇلئايشەم بۈگۈن كىچە روزەككە يىقىنراق ياتتى ،ئۇ بوۋايغا  ، پۇل خەجلەش يەنى زامانغا لايىق ئۆي سىلىش ، ئۈستەل ئورۇندۇق ، ئىشكاپ ، سافا ياسىتىش ، ئىلاج قىلىپ توك ئەكىلىش ، تىلىۋىزور ئىلىش ئۆيدىكىلەرگە زامانغا لايىق كىيىم قىلىش ، گىلەم سىلىنغان ھارۋىغا چۈشۈپ مىھمانغا بىرىش قاتارلىق ئىشلار توغۇرسىدا ئۇزاق ۋە قىزغىن سۆزلىدى ، روزەك تاكى خورىكى باشلانغۇچە ھەممىسىگىلا « ھە » دەپ ياتتى .
       شۇنداق قىلىپ گۇلئايشەم ھېلىقى بىكارچىلىقتا پەيدا بولغان مۇھاببەت ھىسسىياتىنى بىسىش ، ئۆزىنى يىڭىلىقلارنىڭ قاتناشچىسى قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن  ئەتتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرۇپلا ئىشقا تۇتۇش قىلىدىغان بولىۋالدى ،
      گۇلئايشەم بۇ ئۆيگە كىلىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن روزەكباينىڭ  ياخشى مەسلاھاتچىسى ۋە غەمخورچىسى بولۇپ قالدى ، ئۇ ئىشقا ھەۋەس بىلەن كىرىشتى ، ئۇنىڭ قوللىرى قايتىدىن ئىشقا پىشتى ، تاتىراڭغۇ يۈزى ، دىھقان ئاياللىرىغا خاس رەڭ بىلەن گۈزەللەشتى ، ئۇ ئەمدى غەم قايغۇنىلا ئۇنتۇپ قالماستىن مۇھاببەتنىمۇ ئۇنتىدى ، « نىمىشقا بۇرۇنراق شۇنداق قىلمىدىم - ھە ؟ ئەخمەق ئىكەنمەن ، نادان ئىكەنمەن ، بولمىسا نىمىشقا بەختىمنى يىگىتلەردىن ئىزدەيتتىم »
    گۇلئايشەم  قاقاھلاپ كۈلۈپ ، ياكى ئۈن سىلىپ ناخشا ئىيتىپ ھويلىغا كىرىپ كەلگەندە روزەك باينىڭ قەلبىدە بىر خىل خۇشاللىق ئوتى يالقۇنلايتتى ، بۇ ئوت گۇلئايشەم ئۇنتۇپ كەتكەن ھېلىقى مۇھاببەتنىڭ ئوتى ، گۇلئايشەمنىڭ ئەكسىچە ئەمدى روزەكباي دۇنيادا مۇھاببەتسىز ياشاش مەنىسىزلىك دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى ، ئۇ كۈندىن - كۈنگە ئۇلغۇيۋاتقان مۇھاببىتىنى قەدىرلەيتتى ، شۇنۇڭ ئۈچۈن ئايالىنىڭ دىگىنىنى قىلاتتى ، ئايالى ئۈچۈن ھەر نىمە قىلىشقا رازى ئىدى مانا بۇمۇ روزەكباينىڭ ھاياتىدىكى يىڭىلىق بۇ يىڭىلىقلارنى ئۇلارغا ھايات تەقدىم قىلغان شۇنۇڭ ئۈچۈن ئۇلار ھاياتقا چىن قەلبىدىن رەخمەت ئىيىتماقتا .
   مانا قاراڭ ، يەكشەنبە كۈنى گۇلئايشەمنىڭ ئاللاقاچان يىراقلىشىپ كەتكەن دوسلىرى ئەر - ئايال بولۇپ بىر يىراكتۇردا ئۇنى ئىزدەپ كەپتۇ ، روزەكباي ئايالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇلارغا قوي سويدى ،
       روزەكباي ئەزەلدىن توي-تۆكۈن ، ئويۇن - تاماششاغا بارمايتتى ، لىكىن  گۇلئايشەمنىڭ دوسلىرى ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن كۈنى ، ياش چوكانلار بىلەن يىگىتلەر روزەكباينى ئارسىغا ئىلىۋىلىپ چاخچاق ۋە ئۇسۇللىرىغا ئارلاشتۇردى ، ياش ئەر-خوتۇنلار ئارسىدا ئارانلا قورۇنۇپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە گۇلئايشەمنىڭ شوخلۇقى تۇتۇپ ئۇنى ئۇسۇلغا تارىتتى ، چاۋاك - قىقاسلار روزەكباينى مىدىرلىتالمايتتى ، لىكىن گۇلئايشەمنىڭ دومسىيىشى ئۇنى ئىختىيارسىز ئوتتۇرغا ئىلىپ چىقتى ، ئۇ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ قوللىرىنى قوتازنىڭ قۇيرىقىدەك ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ئۇسۇلمۇ ئوينىدى .
    روزەكبايغا مۇھاببەت ، خۇشاللىق تەقدىم قىلغان بۇ تۇرمۇش ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىشلارنى قايتىدىن ئۈگەتتى ، ئۇ پۇتىغا ئۆتۈك ، ئۇچىسىغا دىكادىن شىم - تۇجۇركا ، بىشىغا چىمەن دوپپا كىيدى ، بۇ نەرسىلەرنى كىيىش ئۇنىڭغا قانچىلىك يات ، نومۇسلۇق بولسىمۇ ، ئايالىنىڭ كۆڭلى ئۇنى كىيىشكە مەجبۇر قىلدى ، ئۇنى ئاز دەپ يۈزىنى سوپۇنداپ يۇيدىغان ، ئاخشىمى پۇتىنى يۇيدىغان ، ئىشتىن كىلىپ كىيىم يۆتكەيدىغان « قاملاشمىغان » قىلىقلىرىنىمۇ چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى ، ياخشى كۆرگەن ئايالىنىڭ بۇ ئىشلاردىن كۆڭلى خوش بولغاچقىلا روزەكباي دىلى تارتمىسىمۇ ئۆزىنى زورلىدى ، چۈنكى بۇ كۈنلەردە گيلئايشەمنى خۇش قىلىش بىردىن-بىر ئارزۇسى ئىدى .
    لىكىن گۇلئايشەم دوسلىرى بىلەن ئارلاشقانسىرى ھاياتىدىكى كەم نەرسىنى قايتىدىن يادىغا ئالدى ، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يىرىدە كىمگىدۇر بىرىگە بىر يوشۇرۇن چوغ ساقلاغلىق ئىكەن ، گەرچە بۇ چوغ ياسالما جىمجىتلىقنىڭ كۈلى بىلەن بىر مەھەل كۆمۈلۈپ ياتقان بولسىمۇ ، ئەمدى دوسلىرىدىن كەلگەن ياشلىق ، مۇھاببەت شامىلىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن قايتىدىن ياڭىلاچلىنىپ ۋالىلداپ يالقۇنجاشقا باشلىماقتا ئىدى ،
       ئۇ شىرىن مۇرادى ، ھاسىل بولمىغان بىر چۈشنىڭ تۈرىتكىسى بىلەن تۈندە ئويغاندى ، ئۇ يىنىدا ياتقان ئېرىنىڭ خورىكىدىن بىزار بولۇپ كوڭلەكچان ، يالاڭ ئاياغ مىڭىپ تالاغا چىقتى ، تالا ئايدىڭ ، قارامتۇل دەرەخلەر گويا قىنىق كۆك تاۋاردىن لىباس تارىتقاندەك ، يىراقلاردىكى قارىيىپ تۇرغان مەھەللىلەرنىڭ ئۈستىگە ئاق داكا تارتىلغاندەك ، گىرىمسەن ئىتىزلار ئاشۇ داكا ئاستىدا ئۇخلاۋاتقاندەك ، بۇ سىرلىق كىچىدە يالغۇز گۇلئايشەمنىڭ يۈرۈگىلا بىر خىل ئەندىكىش ، سىغىنىش بىلەن تىپىرلاۋاتقاندەك قىلاتتى ، گۇلئايشەم ئوڭ ياڭىغىنى ئالقىنىغا  قويۇپ كىچىنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن لەززەتلىنىپ كۆتەك ئۈستىگە ئولتۇردى ، شۇ چاغدا دەرەخلەر ئارسىدىكى قوي قوتىنى تەرەپتىن ئاستا ، يىقىملىق ناخشا ئاڭلاندى ، ناخشا مۇڭلۇق ئىدى ، گۇلئايشەم ناخشىچىنىڭ يىنىغا كىتىپ بىرىپ « سەمەت قويچى ، سەن بەلكىم مىنى دەپ ئۇخلىمىغانسەن ، يەر ئاستىدىن قاراشلىرىڭ باشقىچە ئىدى ، ئېيتقان ناخشىلىرىڭ ماڭا ئاتالغان بولسا مەن سىنى مۇرادىڭغا يەتكۈزەي » دىدى
    قويچى بىمەھەل كەلگەن خوجايىنىنى كۆرۈپ قاتلىما كارۋات ئۈستىدىن چاچراپ تۇرۇپ گەدىنىنى سىلىدى :
    _ كىم سىنى ئۇخلاتمايۋاتقان ، سەمەتباي _ ئايال ئۇنىڭغا يىقىنلاشتى .
    _ قويلار ئاچا ، قويلار _ سەمەت داجىدى ، گۇلئايشەم ئۇنىڭ قولىدىن تۇتتى .
    _ ساراڭ ،قورىقما ، خوجايىنىڭ قىرى ئىتتەك مەلەق ئۇيقىدا
    _ كىرىپ كەتسىلە ئاچا _ دىدى سەمەت تىترەپ _ ئۇنداق قىلمىسىلا ، نامەھرەم بولىدۇ ، خوجايىننىڭ تۇزىنى ھالاللاپ يىگىلى قويسىلا
     _ ساراڭ !- دىدى گۇلئايشەم كاسىلداپ تىترەۋاتقان يىگىتنىڭ قولىنى سىلكىپ قويۋىتىپ _ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ نىمىگە كاكىرايسەن ئەمىسە ؟
     _ بايىلا بىر قوي قوزىلىدى ، شۇنىڭ خۇشاللىقى ئاچا ،
     _ ئۆل ئىلاھىم _ گۇلئايشەمنىڭ قويچىغا غەزىپى كەلدى _ ھايۋاننىڭ كەينىدە يۈرۈپ يۈرۈكىڭمۇ بۇلغۇنۇپتۇ
     گۇلئايشەم ئەمدى ھۆكۈم قىلدى : ئۇ ئەزىمەتنى ئۇنتالمايدىكەن .

      داۋامى بار     

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21145
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2847 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:02:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى

                                                        ( 4 )

   يىڭى ياسالغان يول بىلەن بىر كىچىك ماشىنا چىقىپ كەلدى ، ماشىنىدىن رايون كاتىپى چۈشتى _ دە ، روزەك باي بىلەن كۆرشۈپ بولۇپ ئۆيگىمۇ كىرمەستىن روزەكباينى ئالدىراتقىلى تۇردى :
   _ ناھىيىگە ، ۋىلايەتكە باردىكەنسىلەر ، زاغرا تۈگۈپ يۇرمىسىلە ، ئاز - تولا پۇل ، بىلەت ئالسىلا بولدى .
     _ كىيىم يۆتكىسىلە _ دىدى گۇلئايشەم ئىش كىيىملىرى بىلەن ماڭماقچى بولغان روزەكباينىڭ پىشىدىن تارتىپ .
    _ ئوبدانراق كىيىنسىلە _ دىدى كاتىپ كۈلۈپ _ ئىكىسكۇرسىيە ، مەجلىس بولغاندىكىن ، دۆلەتكە پاختا سىتىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر قاتارىدا ئولتۇرلا ، سۆزلەيلا .
    _ سۆزلەيدىغان ئىش بولسا خوتۇننى ئىلىۋالساقمىكىن ؟ _ روزەكباي كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ كاتىپقا قاردى .
     كاتىپ ساددا بوۋاينىڭ گىپىدىن كۈلۈپ ، گۇلئايشەمگە قارىدى ، گۇلئايشەم مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ ئېرىغا :
    _ مىنى ئىلىۋالمىسىلىمۇ بۇيرۇتمامنى ئىلىۋالسىلا ، ياخشى گىلەمدىن بىر جۈپ ئالغاچ كەلسىلە ، يادىلىرىدا تۇتسىلا ، تۆت گەزلىك ، بىرى ئانار گۈللۈك ، يەنە بىرى لوڭقا گۈللۈك  بولسۇن ، يەنە بىر دانە تىكىش ماشىنىسى ، گۈللۈك دىچۆلىياڭدىن ئون ئىككى ، ياق ، ئون سەككىز مىتىر ئەترەڭ سارجىدىن .........
    ئۇ بىر توقاي سودا بۇيرىدى ، روزەكباينىڭ ئاغزى ئىچىلىپ بىشى گىڭىلداپ تۇراتتى ، گۇلئايشەم نىمىلا دىسە ئۇ باش ئىرغىتىپ ماقۇللايتتى ، گۇلئايشەم ئۇنىڭ قولىغا بىر كاللەك پۇلنى تۇتقۇزغاندىن كىيىن بوۋاي ھالال ئەمگىكىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى خۇددى بىرى ئىچ ئاغىرتىپ بىرۋاتقاندەك ئەندىكىپ قولىغا ئالدى ، مانا بۇلار روزەك باينىڭ ھاياتىدىكى ھېلىقى يىڭىلىقنىڭ كۈچى ، مۇھاببەت بوۋاينى قانچىلىك يۇمشاتقان _ ھە ؟ ناۋادا بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى گۇلئايشەم بىر كويلۇق سودا بۇيرىغاندا ئىدى ، بوۋاينىڭ قول ۋە لەۋلىرى تىترەپ بىشى « ياق » قا  گىلدىڭلىغان بولاتتى ،
    مۇھاببەتكە ئاپىرىن ، بارلىق بىخىللارنىڭ دىل خەزىنىسى مۇھاببەت بىلەن تولغان بولسا ، بۇ جاھاندا كۆڭۈلسىزلىكلەر خىلى ئازايغان بولاتتىكەن - ھە ؟ لىكىن ياخشى ئادەملەرمۇ ئەيىبتىن خالى بولالمىغىنىغا ئوخشاش ، ياخشى نەرسىلەرمۇ كىشىلەرنى غەم ۋە ئازابقا سالىدىغان چاغلارمۇ بولدىكەن ،
   بۇ خىل ئىشتىن بىرى مۇشۇ يىل يەنى 1983-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇشۇ يىزىدا سادىر بولدى ،
     گۇلئايشەم بۆلەكچىلا ياسىنىدىغان ، كۈلىدىغان ، كۈلگەندە ، سۆزلىگەندە ئاۋازىنى تىترىتىدىغان بولۇپ قالدى ، ئېرى كىتىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن ئايالدا يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگۈرۈش بالىلارنى قىزىقتۇرغىنى بىلەن كىلىنىنى غەملىك ، چوڭ ئوغۇل بىلەن قويچىنى غەزەپ - نەپرەتلىك قىلىپ قويدى ،
     چوڭ ئوغۇل بىلەن قويچى چىشلىرىنى غۇچۇرلۇتۇپ ئۇلارنىڭ بىغىدىن ياغاچ توشۇشقا كەلگەن شوپۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ، بىخەستەلىك قىلىپ ئۆزى يوق ۋاختىدا ياغاچ كىسىش بىلەن توشۇشنى  ئورۇنلاشتۇرغان دادىسىنى ، ئۈژمە كۆڭۈل ئانىنى ئىچىدە تىللاشتى ، لىكىن پالاكەتنى تىل بىلەن توسۇۋالغىلى بولمىغىنىدەك ، تالاي گۇناھلارنى قوينىدا يوشۇردىغان قاراڭغۇ تۈننىمۇ تىل ۋە نارازىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋالغىلى بولمايدىكەن ،
    كىتابخان ، بۇ ھىكايىدە تۈن نىمانچە تولا دەپ قالماڭ ، ئەپۇ قىلىڭ ، يەنە بىر قىتىم ، يەنى ئاخىرقى قىتىم بىز گۇلئايشەمنى تۈن قوينىغا يالغۇز قويۇپ كۆرەيلى .
      تۈن ، ئايسىز تۈن ، يۇلتۇزلار يەر يۈزىدىكى قىزىقچىلىقلارغا قاراشماقتا ، ئۇلا جىمىرلىشىپ خۇددى يەرگە يىقىنلاۋاتقاندەك ،  ئۇلارنىڭ بىرلىرى يەرگە سەكرەپ چۈشىۋاتقاندەك ، يەنە بىرلىرى نومۇسچان قىزغا ئوخشاش كۆزىنى قاچۇرۋاتقاندەك قىلماقتا ،  
     گۇلئايشەم ھويلىدىكى كات ئۈستىدە يۇلتۇزلارغا قاراپ ئوڭدا ياتماقتا ، ئۇنىڭ شوخ يۈرۈگى  كۆكرەك قەپىزىنى دوكۇلدىتىپ يوشۇرۇن سىرلارنى ئاشكارلاپ قويدىغاندەك تىنىقى تىزلەپ ئىچىگە پاتمايۋاتقان خۇشاللىقى بىلەن ھاياجىنىنى سىرىتقا چىقىرىپ قويۋاتقاندەك ، كۆزلىرى يۇلتۇزلارغا سىر ئىچىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە .
      ئۇ ھاياجان ۋە ۋەھىمە ئىچىدە تولغانماقتا ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ۋىژدان بىلەن خاھىش قاتتىق ئىلىشماقتا ، ئۇنىڭ بىر سەزگۈسى ئۆزىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلگەن لىكىن ئايالىنىڭ مۇھاببىتتىگە ئىرىشەلمىگەن ئېرى _ روزەكبايغا خىيانەت قىلىشنى ۋىژدانسىزلىق دەپ قارسا ، ئۇنىڭ يەنە بىر سەزگۈسى ياق ، سەن ۋىژدان دىگەننى بىلمەيدىكەنسەن ، كۆڭلۈڭ تارىتمىغان ئادەمنىڭ ئايالى بولۇش ۋىژدانسىزلىق ، خاھىشىڭ سىنى بەخىتلىك قىلىدۇ ، ۋۇجۇدۇڭنى تىترەتكەن يگىت بىلەن كەت ، ئۇنىڭ يولىدا قۇربان بولساڭمۇ سەن بەخىتلىك دىمەكتە .
   ئۇ ئازاب ۋە ھاياجان بىلەن تولغۇنۇپ ئەتراپقا قۇلاق سالدى ، قويلار پىشقىرىدۇ ، ياۋا ئۆردەكلەر ، قۇشلار سەگەك ، لىكىن سەگەك ئىتلارمۇ جىمىغان ، بىردىنلا ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى ، مانا ئۇنىڭ يىنىغا يالاڭ ئاياغ يىگىت كەلدى ، ۋە ئۇنى خۇددى بالىنى كۆتەرگەندەك كۆتۈرۈپ ماڭدى ، گۇلئايشەمنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن ھالسىز پۇت- قوللىرى يىگىتنىڭ بىلەكلىرىدىن ساڭگىلاپ چۈشۈپ تۇراتتى ،
     _ پۇلنى ئۇنتىمىغانسەن ؟
     _ ياق ، ئۇ مانا ،
     گۇلئايشەم ئون مىڭ كويلۇق چەك تىكىلگەن تامبالنىڭ يانچۇقىنى سىلاپ قويدى .
     ئۇلار قاراڭغۇ باققا ئەگىگەند يىگىتنىڭ گەجگىسىدىن بىر كۈچلۈك قول سىلكىپ تۇتتى ،
     گۇلئايشەم چۆچۈپ يەرگە چۈشتى ، ئۇ ئۈنسىز دومىلاقلىشىۋاتقان ئۈچ گەۋدىگە ئۆزىنى ئاتتى ،
       _ ئۇنى ئۇرماڭلار ، مىنى ئۇرۇڭلار ، ئەزىمەتتە گۇناھ يوق ،
       _ قورىقمىسىلا ئانا _ گۇلئايشەم تونۇدى ، بۇ چوڭ ئوغۇل ،
       دىمەك ئەزىمەتنى يەرگە باسقان ، ، قاراڭغۇ  باققا ئىلىپ كەتكەن قويچى بىلەن چوڭ ئوغۇل ئىكەن ، ئۇلار ياش شوپۇرنىڭ  گۇلئايشەم بىلەن كۇسۇرلاشقانلىرىغا دىققەت قلىشقان ، ئۇلارنىڭ پىيگە چۈشكەن ، ئاتىغا سادىق بۇ ئىككى كۈچۈك ، روزەك باينىڭ نىسىۋىسىگە چىۋىن قوندۇرماسلىق ئۈچۈن سەگەك يىتىشقان ئىكەن

  
                داۋامى بار   

  

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 240
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 10:30:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىلەر توپلىمى مەندىمۇ بار. دادام ساقلاپ قويۇپتىكەن... بەتلىرى سارغىيىپ كەتكەن، ئۆزىمۇ ئازراق بوشاپ قالغان، بەك ئاۋايلاپ ساقلاۋاتىمەن. شۇ دەسلەپكى نۇسخسى بولسا كېرەك... ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئەسەرلەر ئىدى.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21145
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2847 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 10:42:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى

   گۇلئايشەم ئەتىگەنلىكى كىلىنىدىن سورىدى :
    _ شوپۇرنى نىمە قىلدى ، ئەجەپ يامان نىمىكەن ، ئۇخلاپ قاپتىمەن ، كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى تۇيماپتىمەن ، ھىلىمۇ ياخشى ...................
    _ ھەيدىۋەتتى ئۇ ئوغرىنى .
   گۇلئايشەم ئەتىگەنلىك چايدىن كىيىن دومىلىنىپ زارلاندى ، ئۇنى ئوتتۇرانچى ئوغۇل مەھەللە دوختۇرىغا ئىلىپ ماڭدى ، ئۇ دوختۇردىن چىقىپ بالىنى كەتكۈزىۋەتتى - دە ھاممىسىنىڭكىگە كىردى ، چۈشتىن كىيىن ئۇ بانكىغا كىردى ، ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي پۇكەي ئالدىدا ئۇزاق تۇردى ، ئاخىر ياش قىزنىڭ ئالدىغا چەكنى قويدى :
    _ ھەممىسىنى ئالماقچى ، توي ئىشىمىز بار .
    _ قىز كۈلۈپ قويۇپ يان ئۆيگە كىرىپ كەتتى ، بىر دەمدىن كىيىن ھېلىقى بانكىچى بىلەن ساقچى بىللە چىقتى ،
     _ ئوغرى ، بۇزۇق  _ دىدى بانكىچى گۇلئايشەمگە قوللىرىنى شىلتىپ _ بۇرۇنقى ئېرىڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئون مىڭ كوينى ئوغۇرلاپ شاڭخەي ، گۇاڭجۇلارغا بېرىپ سودىگەرچىلىك قىلماقچى ، راسىتمۇ ؟
     گۇلئايشەم لاغىلداپ تىترىدى :
     _ راست
    _ جىنايەت ئۈستىدە قولغا چۈشتۈڭ ، _ دىدى  ساقچى _ سىنىڭ شېرىكىڭ ئەزىمەتنى ئاخشاملا روزاخۇن ئاكىنىڭ باللىرى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ، ئۇ ھەممىنى ئقرار قىلدى ، سەن ئۇنى يىڭىلدۇرغانسەن ، راسىتمۇ ؟
    _ ياق ، ياق ، مەن ئۇنى يىڭىلدۈرمىدىم _ دىدى گۇلئايشەم كاسىلداپ تىترەپ _ ئۇ مىنى يىڭىلدۈردى ،
    _ كىم ؟
   _ كىم بولاتتى ...... كۆڭلۈم
   _ ئايال يۈزىنى تۇتۇپ ئۆپكىدەپ يىغلىدى ، ئۇنىڭ ئەپسۇس ۋە پۇشايمان بىلەن تولغان ياشلىرى ئۇنى قوغداپ قالالارمىكىن ؟
     گۇلئايشەم يەتتە كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدى ، يەتتە كۈنگىچە ئۇنىڭ كۆز يىشى قۇرمىدى ، ئۇنىڭ خىيالىدىن ئاتا _ ئانىسى ، ھاممىسى ، بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇنىدا بولغان ئىشلار بىرمۇبىر ئۆتتى ، ئۇ ھاياتىدىكى خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرىنى تۈگۈنلەپمۇ كۆردى ، تارىتقان خاپىلىقى كىچىك ، خۇشاللىقى چوڭ تۈگۈن بولۇپ تۈگۈلدى .
    خاپىلىقى تۈگۈلگەن تۈگۈنچىنى ئاختۇرۇپ كۆرۋىدى ، خاپىلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە ئىشىق _ مۇھاببەت ، يىشىنىڭ داغلىرى چۈشۈپتۇ ، يەنە كىلىپ بۇ داغلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئەزىمەتنىڭ نامى يىزىلغان ئىكەن ، ئۇ يىقىنقى سوراقنى ئەسلىدى :
    _ روزاخۇننىڭ ئون مىڭ كوي پۇلىنى ئىلىپ قىچىشنى سەن گۇلئايشەمگە دىدىڭمۇ ياكى گۇلئايشەم ساڭا دىدىمۇ ؟
    _ مەن روزاخۇننىڭ پۇلىنى نەدىن بىلەتتىم _ دىدى ئەزىمەت سوغۇق كۈلۈپ _ گۇلئايشەم ماڭا يالۋۇردى ، ئىچ ئاغرىتقان يىرىم بار .
     گۇلئايشەم ئۇنىڭ يالغان سۆزلاۋاتقىنىنى ئاڭلاپ تىترىدى ، « ئىت _ دەپ ئويلىدى ئۇ _ ئۇنىڭ چىرايلىق سۆزلىرىگە ئالدىنىپتىمەن »
     گۇلئايشەم ھېلىقى ئۇچۇرشىشنى ئەسلىدى  ، ئەزىمەت تۇيۇقسىزلا ئۇلارنىڭكىگە ماشىنا ھەيدەپ كەلدى ، ئۇنى كۆرۈپ گۇلئايشەم ئۆيىگە مۆكۈندى ، ئەزىمەت مايلىق شەپكىسىنى گەجگىسىگە كىيىپ ئىشىكنى گىرەدەپ تۇرۇۋىلىپ :
    _ گۇلئايشەم ، سېنى دەپ كەلدىم ، بىلەمسەن ، ئايالىمنى بالىسى بىلەن قويۋەتتىم ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق ، توۋا قىلدىم .
    _ ۋالاقلىماي چىقىڭ .
   _ مىنى كەچۈرۈڭ گۇلئايشەم ، سىزنى دەپ ياش ئايالىم بىلەن ئوغلۇمنى تاشلىدىم ، سىز قېرىنى تاشلىيالمامسىز ؟ ھاممىڭىز ئېيتتى ، ئازابتا ئىكەنسىز .
    گۇلئايشەم ئۇنىڭغا ئىشەندى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىچىشقا ماقۇل بولدى .............
    سوراقچى گۇلئايشەمگە قارىدى :
   _  ئۇنىڭغا يالۋۇرغىنىڭىز راسىتمۇ ؟
   _ راسىت.......
   ئەزىمەت قويۇپ بىرىلدى راستىنى ئېيىتقاندا ، گۇلئايشەم ئەزىمەتتىن شۇ كۈنى قاتتىق يىرگەندى ، ئۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قىتىم يۈزلۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈنلا ھەممىلا سوراققا « راسىت » دەپ جاۋاپ بەردى ،
    يەتتىنچى كۈنى ئۇنى سىلىق مۇئامىلە بىلەن باشلىق ئىشخانىسىغا باشلاپ چىقتى ، ئۇنى تاشقىرقى ئۆيگە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى ، ئىچكىركى ئۆيدە تالاش بولۇۋاتاتتى ، گۇلئايشەم تالاشقۇچىلارنى تونۇدى ، بۇلار روزەك باي بىلەن بانكىچى ئىدى ، . بانكىچى :
    _ ئۇ ئوغرى ، بۇزۇق ، ساڭا قىلچە كۆڭلى يوق بولسىمۇ  يەنە ئۇنى خوتۇن قىلىمەن دەيسىنا ! _ دەيىتتى .
    _ ئۇ ئوغرى ئەمەس ، مىنى ياخشى كۆرمىگىنى بىلەن بالىلىرىمغا كۆينىدۇ ، ئۆيۈمگە كۆيۈنىدۇ ، ئۇنى ھېلىقى ئازدۇردى ، بىر ئادەم ئازسىلا بۇزۇق بولاتتىمۇ _ دەيىتتى روزەكباي .
    _ چەكنى ئوغۇرلىغان تۇرسا ،
   _ ئۆزىنىڭ چىكىنى ئۆزى ئوغۇرلامدۇ ؟
    شۇ چاغدا ئۆيگە تاشقىرىدىن بىر كىشى كىرىپ كەلدى ، ئۇ مۇشۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ گۇلئايشەمگە :
   _ ئەپۇ قىلىڭ ، گۇلئايشەم ، سىزنى ئۇقۇشماستىن يەتتە كۈن تۇتۇپ تۇرۇپتىمىز  ، ئۆيىڭىزگە قايتىڭ ، يولدىشىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ ، سىزنى روزاخۇن ئاكا ئاقلاپ چىقتى _ دىدى
    _ ياق ، مەن ئوغرى ، بەرىبىر ئۇنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلىماقچى ئىدىم _ گۇلئايشەم ئورنىدىن تۇرۇپ ، يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىدى .
   _ گۇلئايشەم _ ئىچكىردىن روزاخۇن يۈگرەپ چىقتى ، _ كىچىكىپ قالدىم ، بالىلارنىڭ سەۋەنلىكى ، يۈرسىلە ، ھارۋا ئەكەلدىم ،
       گۇلئايشەم روزەكباينىڭ سېغىنىش ، مۇھاببەت يالقۇنجاپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدى ، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يىرىدە ساددا دىھقانغا بىر خىل يىڭى تۇيغۇ پەيدا بولدى ، گۇلئايشەم تۇنجى قىتىم كۆرۈۋاتقاندەك بوۋايغا قارىدى ، بوۋاينىڭ يالغۇز بۇرنىلا ئەمەس ، ھەممىلا يىرى گۇلئايشەمگە چىرايلىق كۆرۈندى .
     _ سىزنى دەپ ئات ھارۋىسى قىلدىم ، سودىلىرىڭىزنى تولۇق ئالدىم ، توك چىقىردىغان ماشىنا ئالدىم ، ئەكىلىشكە ئوغۇل قەشقەرگە كەتتى ، قىنى ھارۋىغا چىقىڭ ،
   گۇلئايشەم يەرگە قارىدى ، ئۇ ھازىر يالاڭ ئاياغ ئىدى ،
    _ پىيادە كىتىلى .
    _ نىمىشقا ؟
    _ مۇڭداشقاچ
    گۇلئايشەم شۇنداق دىدى - دە يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى بىلەن يىزا يولىنىڭ يۇمشاق توپىسىنى دەسسىدى ، ئېھ ، توپۇلۇق يول ، گۇلئايشەمگە پايانداز بول  

              
                         تۈگۈدى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش