arslanhan يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 02:35 AM
بىزنى سەنئەت بۇ كۇنگە قويمىدى . مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا ...
سىز ئەڭ ياخشىسى بۇنداق يەسىلى باللىرىدەك غۇدۇڭشىپ، تارىخ، ئۆتمىشتىن ئېغىز ئاچماڭ!
بولمىسا قايتا ماتېرىيال كۆرۈڭ! ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قانداق كۈنلەرنى كۆرگەنلىكىنى، يەنە تېخى مۇشۇ كۈنگە بىزنى ئۇلاشتۇرالغانلىقغا تەشەككۈر ئېيتسىڭىز بولىدۇ!
سىزنىڭچىچە ئاتا-بوۋىلىرىمىز تونۇتالمىغان ئۇيغۇرنى، ھېلقى 12 مۇقام تونۇتۇپتىدە؟!
بىلىپ قويۇڭ، ئۇيغۇرنى تونۇتقىنى:
1. تارىخى مىراسلار - قەشقەرگە بېرىپ باققانمۇ؟ ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ھېچقايسى 12 مۇقام ياكى چوڭ بازاردا كىندىكى ئۇچۇق يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينايدىغان قىزلارنى كۆرگىلى كەلمەيدۇ، تارىخى مىراسلارنى، مىللى مەدەنىيەتنى كۆرگىلى كىلىدۇ.
2. مەدەنىيەت - سىز بەلكىم ياۋرۇپا ۋە ئاۋسرالىيىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە تاماقخانىلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بەزىلىرىنى ئۇيغۇرلار ئاچقان، بەزىلىرى يەرلىكلەر ھەتتا بەزىلىرىنى خەنلەر. مانا بۇنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى رولىغا سەل قارىماڭ، شۇلارنىڭ تەسىرىدە بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەسلى جايلىرىغا قىززىقۋاتىدۇ، ھەرگىزمۇ تاماقخانىلاردا قويۇپ قويغان 12 مۇقام ئەمەس يەنە!
3. ئەخلاق - سىز چەتئەللەردە تۇرىۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقانلارنىڭ نىمىشقا يەرلىكلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كىتىدىغىننى بىلەمسىز؟ بۇمۇ ھەرگىز ئۇلارنىڭ ناخشا ئېيتىش بىلەن ئۇسۇل ئويناشنى بىلگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرغا خاس ئەخلاقى پەزىلىتى بولغانلىقىدىن. باشقىلارنى كۆرىۋاتقانسىز، خەنلەرنى دۇنيا داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى، ناخشىچىلىرى بار، لىكىن چەتئەلدىكى خەلقلىرى نەگە بارسا ھىلى بۇلىنىۋاتقان، قەستلىنىۋاتقان، پەس كۆرىلىۋاتقان! بۇلارنىڭ سەنئەتچىلىرى ھەجەپ كار قىلماپتىيا؟