mihregiya يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 02:17 PM
بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم. بۇ ئىنكاسنى ...
شۇنداقتۇر بەلكىم .ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ناخشا مۇزىكا بولسا ئېنىق بولۇشى
كېرەك ئىدى .چۈنكى سەنئەتنىڭ تۈرى يۇقارقى ئىنكاستا دىيىلگەدەك تۈرى بەك كوپ . تېما ئىگىسى شۇنداق ياخشى پىكىرلەرنى چۈشەندۈرۈپ تۇرسا بەزى قاتمال كاللا قېرىنداشلىرىمىز سەنئەتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قارىسىغا سەنئەت يوقالسۇنەي دەپ شۇئارلا توۋلايدىكەن. شۇڭا ئۆزەمنىڭ بىلىشىچە چۈشەنچە بەردىم. ياقتۇرغۇنىڭىزغا رەخمەت.
تۇرمۇشىمىزدىكى ھەرقانداق بىر كەم بولسا بولمايدىغان ياخشى نەرسىلەرنىڭمۇ چىكىدىن ئاشسا ئاپەتكە ئايلىنىدىغىنى ئېنىق ئۇقۇم بۇ . ناخشا مۇزىكىمۇ شۇنداق . خۇراپىلىقمۇ شۇنداق . شۇڭا ھەممىسى نورمال داۋاملىشىشى كېرەك . سەنئەتكارلىق خالىسا بولۇۋالىدىغان شۇنداق ئاددى كەسىپمۇ ئەمەس . ئاللا شۇ تالانتنى بەرسە قىلالايدۇ. ھەۋەسكارلار ئۇ باشقا گەپ . ھەۋەسكارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇسلوبى ئىجادىيىتى بولمايدۇ قايسى ئۇدۇل كەلسە شۇنى دوراۋېرىدۇ .مانا بۇ ھەۋەسكارلار . سەنئەتكار ئۆز ئۇسلوبى بىلەن يېڭىلىق يارىتالايدۇ مانا بۇ سەنئەتكار. ھازىر مۇشۇ ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ چىكىدىن ئېشىپ كەتكىنى ھەقىقەتەن ئەمەلىيەت. لىكىن بۇ ھەۋەسكارلارغا بولغان نەپرىتىنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەل مىگەنلەرنىڭ بىر تاياق بىلەن سەنئەتكارلارغا ھاقارەت قىلىشىغا چىداپ تۇرالمىدىم.
ھەقىقى سەنئەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ سەنئەت توغۇرلۇق سۆز ئاچىمەن دىمىسە مۇشۇ پاراڭ مۇ يوق . رەخمەت سىزگە سىزنىڭ سەمىمى سورىغان سوئالىڭىزدىن ،ۋە بەرگەن چۈشەنچىڭىزدىن سۆيۈندۈم . باشقىلارمۇ سىزدەك ئايرىغان بولسا ھەممە ئىش ئۆز يولىدا ماڭاتتى .رەخمەت