太失望了 يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 09:24 PM
تىمىنى ئوقۇمايلا جاۋاپ-----------------ياق
بىز ئۇيغۇرلارنى ...
ئۆزباش ئەپەندىمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى قوللايمەن : ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش زادى نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ ھازىر بىزگە ئەڭ مۇھىمى مەۋجۇتلۇقىمىزنى ،مەدەنيىتىمىزنى ،مىللى خاسلىق ۋە ئۆزلۈكىمىزنى ساقلاش ! نوقۇل ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئېسىلىۋالماسلىق!
تېمىغا كەلسەك ، مەن بىر گەپكە ئىشىنىمەن: سەنئەتكە ھەددىدىن زىيادە بېرىلگەن مىللەت ھالاك بولىدۇ، لايىقىدا بولغىنى ياخشى!
ھازىر تەڭرىتاغ كۈيلىرى،سەنئەت گۈلزارى ،تەلەي يۇلتۇزى ،ھەتتا قار لەيلىسى پروگراممىلىرىمۇ سەنئەتچىنى داڭلايدىغان ،سەنئەتنى تەشۋىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى ،شۇ پروگراممىلارنىڭ بىرەرسىدە تەبىئي پەن ئالىملىرىمىزنى تونۇشتۇرغان بولسا ، بالىلىرىمىزمۇ، ھە ،ئەسلىي مۇنداق ئادەملىرىمىز بەك ھۆرمەتلىنىدىكەن دەپ سەنئەتچىدىن بەكرەك ئالىملارغا ھەۋەس قىلاتتى، بۇ ئارقىلىق ئۇلاردا تەبىئي پەنگە قىزىقىدىغان ،ئالىملىرىمىزنى سەنئەتچىدىن بەكرەك چوڭ بىلىدىغان بىر خىل خاراكتېرنى يېتىلدۈرگىلى بولاتتى!