ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر!
نۆۋەتتە، "شىنجاڭ 4-ماي ياشلار مېدالى مۇكاپاتى"نىڭ توردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ پائالىيەتكە ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان "بىر سوم پىلانى"نىڭ قۇرغۇچىسى ئەيساجان نىزامىدىنمۇ تاللانغان بولۇپ، ھازىرقى بېلەت سانى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەيساجان(تور ئىسمى wapadarim912) يىللاردىن بېرى "بىر سوم پىلانى"نى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قانات يايدۇرۇپ، نەچچە مىڭلىغان ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئازغىنە "بىر سوم"لىرىنى يىغىپ، بوينى قىسىلغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىنى سۇندى. "بىر سوم پىلانى"نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلار قاتارىدا ئىچكىرىدە جاپاغا چىداپ ئوقۇۋاتقان پەخىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىمىز، ھەريەرلەردە كېسەل ئازابىدا ئىڭراۋاتقان قولى قىسقا قېرىنداشلىرىمىز، رايونىمىز تەۋەسىدە ئوقۇشسىز قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، قىينىلىۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىمىز...بار!
ئەيساجان 1-لىكنى ئېلىشى كېرەك. ئۇ دەيدۇ: ئەگەر 1-لىكنى ئالالىسام، "بىر سوم پىلانى"نى قانۇنلاشتۇرۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلاتتى. بۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالايتتۇق...
بۇ بېلەت تاشلاش ئادرېسى:
http://chengxu.iyaxin.com/newx2/vote/poll.php?id=3
(ئەڭ ئوڭ قۇردىكى 2-ئورۇندىكى بۇرۇتلۇق يىگىت شۇ، 艾沙江·尼扎木丁 )
دوستلار، "بىر سوم پىلانى" ئەيساجاننىڭ يالغۇز ئىشى ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ بۇ پىلاندا ھەققىمىز ھەم مەجبۇرىيتىمىز بار. بەلكىم سىز تاشلىغان بىر تال بېلەت كەلگۈسىدىكى بىر سەبىينىڭ قولىدىكى بىر تال قەلەم، بىر پارچە كىتاب؛ يوقسۇزلۇقتىن كېسەل كارىۋاتىدا ئىڭراۋاتقان بىر قېرىندىشمىزنىڭ بىر قۇتا ئاسما ئوكۇلى؛ يەنە شۇ نامراتلىقتىن ئىچكىرىدە ياكى شىنجاڭدا قىينىلىپ ئوقۇۋاتقان پەخىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
بىز نۇرغۇن كىشىلەرگە بېلەت تاشلىدۇق، لېكىن بۇ قېتىملىق بېلەتنى چوقۇم تاشلىمىساق بولمايدۇ، تاشلىغاندىمۇ كۆپلەپ تاشلىمىساق بولمايدۇ.
ھەر ئىككى سائەتتە تەكرار بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن. دوستلىرىمىزغا، كيۇكيۇ توپلىرى، ئاۋام تورى(人人网) ۋە مىكرو بلوگلىرىمىزغا ئۈستىدىكى ئۇلىنىشنى تەۋسىيە قىلايلى.
دىققەت، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 16-چېسلا كەچ سائەت 12دە ئاخىرلىشىدۇ. بىزنىڭ پەقەت بىر كۈنلا ۋاقتىمىز قالدى. قېنى، دوستلار، "بىر سوم پىلانى" ھەممىزنىڭ قوللىشىغا موھتاج!
(مۇمكىن بولسا، دوستلارنىڭ بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممەيلەنگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Imkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-16 12:53 AM