مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bozqir

[بوزقىر] ۋاپاغا ۋاپا قىلايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3864
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:26:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاراڭ قىلسام كىچىك چېغىم بوۋامغا .
ھاجىتىمىز چۈشمەس ئىدى دادامغا .
ئۆتە ئۆتمەي 20يىل، بوپ قالدىم-
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا ....

بالام كۆنگەچ "شۇزى "دەپلا   تاغاقنى ،
ئوقالمىغاچ  ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ،
ئايرىيالماي پىياز بىلەن سامساقنى ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

تۇغۇلغان كۈن، بالام "خەپپى تۇيۇ" دەپ ،
لەغمەن يېمەي قەغەز كېيىپ  شام پۈۋلەپ ،
دادام قايناپ  كەتسە ئۇنى بەز-بەزلەپ ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دۇئا قىلساق دۇئا قىلماي ،بەزىدە
-بۇرۇنىنى تاشلاپ قويسا  قەغەزگە ،
دادام قاقشاپ ئۇرۇپ كەتكەچ ئۈستەلگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام يىغلاپ  نەۋرىسىنىڭ ئەپتىگە ،
دۇئا قىلسا ئانا تىلنىڭ بەختىگە ،
يېتەلمىگەچ بالام گەپنىڭ تەكتىگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام تىت تىت بولۇپ كەتسە بەزىبىر ،
بالام ئۈچۈن بۇ تەنبىھلەر  بەرىبىر ،
دەپ قويىدۇ:  بوۋام  جىنتىيەن بۇدۈيجىر ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام دېدى كۆنگەن يامان كۆيگەندىن ،
مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن ،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن ،
دادام تەنبىھ قىلدى ماڭا ،بالامغا!

-خەت يازمايلا،  رەسىم چاپلا قەبرەمگە ،
ئانا تىلنى ئۆگەتمىسەڭ نەۋرەمگە  ،
ئىزنا بولسۇن "رەسىملىك تاش"ئەۋرەمگە ،
يىغلاپ كەتتى دادام قاراپ بالامغا ....


ئوغلۇم دېدى ،دادام توختاپ پاراڭدىن ،
قورقۇپ قالدىم بۇ ئەپتىدە  بالاڭدىن ،
قىيامەتتە سوراق   باردۇر   پاداڭدىن ،
تارىخنى پۈتۈن ئۆگەت  بالاڭغا !

تۇغ ئاستىغا بىزنى يىغقان  ئوغوزخان،
پانتېكىن ھەم كۆلتېكىن ،بىلگە قاغان  .
نىجاتلىققا باشلاپ ساتۇق  بۇغراخان ،
ھاياجاندا سۆزلەپ كەتتى بالامغا !

بىز ئۇيغۇرمىز!ئۇيغۇر تىلنى سۆيەيلى ،
تاشلىمايلى ،ئىشلىتەيلى ،كۆيەيلى ،
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا ئۆلەيلى ،
خىيانەتلەر  ئېغىر كەپتۇ دادامغا .


كۆپ تىل بىلىش ئېلىپ كېلۇر كامالەت ،
ئانا تىلنى بۇزۇش ،ئۇنتۇش جىنايەت ،
بىز قىلمايلى ئانا تىلغا ھاقارەت ،
چۈشەندۈردۈم بۇ گەپلەرنى  بالامغا .


ئۆگىتىمەن ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى ،
قوشۇش- ئېلىش، كۆپەيتىشنى، كەسىرنى ،
ياد ئالغۇسى "يەر-ئانام  "دەپ نەسىرنى ،
ۋەدە بەردىم ،يىغلاپ تۇرۇپ دادامغا .


جىق ئويلاندىم ،بارچە  گۇناھ  ئۆزۈمدە ،
نۇر چاقنىدى ئۇيغۇر دېسەم كۆزۈمدە  ،
بۇرادىرىم چىن پۈتسەڭلا  سۆزۈمگە ،
ئانا تىلنى چوقۇم ئۆگەت بالاڭغا !

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يېزىلىپ بېقىلدى


قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3864
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:29:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن يوللىغان يۇقارقى يازمىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىز بىلەت تاشلىغان ۋە سىلەرنىڭ بىلەت تاشلىشىڭلارغا چاقىرىق قىلىۋاتقان ئەيساجان نېزامىدىن -يەنى ۋاپادارىمنىڭ يازمىلىرى بولۇپ،ھازىر پەقەت بىر كۈن قالدى.شۇڭا بارچە قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ ئەزىز ئۈچۈن بىلەت تاشلاپ قويىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۈندە تاشلاتىمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1740
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5155 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلەت تاشلاپ قۇيدۇك،ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي.

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق..

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8998
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6836
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 7798 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:21:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقىرىققا ئاۋاز قوشايلى،ھازىرچە بىرىنچى ئورۇندىكەن،لىكىن يولداشلارنىڭمۇ بىلەت سانى ئانچە پەرق قىلمايدىكەن،بىرىمىز بىردىن تاشلىساقمۇ مىسرانىمدىكىلەردىنلا نۇرغۇن بىلەت چۇشەتتىكەن،قىنى بۇ ئەزالار؟

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:32:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە كەتتى، ھازىر 5767 بولدى!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:50:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5818-نى تاشلىدىم،ھېلىھەم بىرىنچى ئورۇندا...............

★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:50:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5818-نى تاشلىدىم،ھېلىھەم بىرىنچى ئورۇندا...............

★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27426
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6912 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 03:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ماۋۇ روھىڭلار بولىدۇ، مىسرانىملىقلار. بىز ئۇلۇغۋار غايىدىكى ئەشۇنداق ياشلىرىمىزنى چوقۇم قوللىشىمىز كېرەك. بۇ مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق.

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11637
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 1164 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 06:57:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كۈندە بىرنىلام  تاشلىيالايمەن دەپ ئولتۇرۇپتىمەنغۇ...

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش