مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bozqir

[بوزقىر] ۋاپاغا ۋاپا قىلايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

www.Xj529.com كىنولار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3491
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12673
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:22:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تاشلاپ قويدۇم

مۇھەببەت يىكايسى بۇيەردىن كۆرۈڭ  http://www.xj529.com/kino_play.asp?mid=688

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37852
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2011-4-17
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 02:28:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4998-بېلەتنى تاشلاپتىمەن، قالغىنىنى بىر ئۇخلاپ قۇپۇپ داۋاملاشتۇرارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8625
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5171
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 06:49:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5042-بېلەتنى تاشلىۋەتتىم سەھەردە تۇرۇپ .
بېلەت تاشلاش 17-چىسىلا 0دە  ئاخىرلىشىدىكەن ،ھەر ئىككى سائەتتە بىر بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن ...غەيرەت قىلايلى تورداشلار ،بىزدىن كەتسە بىر بېلەت ،چ چ دا بىر قېتىم بۇ ئادرىسنى ئەۋەتىپ  قويۇش .........بۈگۈن خۇدايىم بۇيرىسا يەنە 6بېلەت تاشلايمەن كام بولسا .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4357
تۆھپە نۇمۇرى: 888
توردا: 3845 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:31:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بوزقىر ئاكا!

چاقىرىقىڭىزغا ئاساسەن بىلەت تاشلىۋەتتىم. ساناپ باقسام بىلەت سانى جەھەتتە ئالدىنقى ئوننىڭ قاتارىغا كىرىپ بوپتۇ. بۇ دوستىمىزغا ئامەت تىلەيمەن.ياشلىرىمىزغا تىخىمۇ كۆپ ئۈلگە بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:37:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى قىتىم بىر بىلەت تاشلىغان ،كىىيىن ھەر كۈنى دىگۈدەك تاشلىسام سىز بىلەت تاشلاپ بولغان قايتاتاشلاش ھوقۇقىڭىزيوق دىگەندەك بىر خەتلەر چىقىۋىلىپ تاشلىيالمىدىم .

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4403
تۆھپە نۇمۇرى: 529
توردا: 2581 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:41:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمسە ئىككىلەنمەي تاشلىۋەتتىم ............

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3864
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:10:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئەسسالام قەدىردانلار ،بىر سوم پىلانى باشلىنىپ مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە قىلغان ياردەملىرىڭلارغا مىڭلارچە تەشەككۈر ئېيىتش بىلەن بىللە يەنە بىر خەۋەرنى سىلەرگە بىلدۈرەپ قويۇشنى لايىق تاپتىم .بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇغان ،ئوقۇش جەريانىدا ھەر ئايلىقى بىر سوم پىلانى نامىدا 300 سومدىن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن سىڭلىمىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقى ،ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان بۇ يىللىق ياردەم پۇلى بېرىلىپ بولغانلىقتىن يېقىندا شىئەن چەت تىللىرى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغان ،ئائىلە كۆڭۈلسىزلىكى ۋە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئىككىنچى مەۋسۈملۈك ئوقۇشقا مېڭىشتىن يالتايغان بىر قىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار تاپقاندىن كىيىن 7-8دوستۇم بىلەن بۇ قىزغا ھەر ئايدا 500 سومدىن تۇرمۇش پۇلى بېرىپ خۇدايىم بۇيرىسا ئۈچ يېرىم يىل(ئوقۇش پۇلىمۇ بولۇشى مۇمكىن )  ياردەم قىلىدىغان بولۇپ پۈتۈشۈپ ئىككى كۈنلەر ئالدىدا تۇنجى ئايلىقى دەپ 1210 سوم بىلەن يولغا سالدۇق  .بۇ قىزغا پۇل يىغىش داۋامىدا كۆپلىگەن دوسىتلار ۋە قېرىنداشلار بۇنداق ساخاۋەت ئىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ،ھەر ئايلىقى 10-20 سومدىن چىقىرىشنى قەتئىي داۋام ئېتىدىغانلىقلىرىنى دەپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتى .

ئۇ قىز يولغا چىقىشى بىلەن بىزمۇ شۇنچە خوشال بولدۇق ،ئىلاھىم ئوقۇش ھاياتىنى لاياقەتلىك داۋام ئېتىشىگە ساغلام تەن ،ساپ ئەقىل ئاتا قىلسۇن ،ۋە پۇل بېرىشنى خالىغان ۋا ئىزچىل بېرىۋاتقان ساخاۋەتچىلەرگىمۇ ئىزچىل كۆيۈمچانلىق ئاتا قىلسۇن ........



بىر سوم پىلانى شوئارى :بىرىمىزگە كۆپ بىلىنمەيدىغان 1 سوم پۇل نەچچە ئونىمىزنىڭ يانچۇقىدىن تەڭ چىقسا ئوقۇشتا تىرىشچان ،قىيىنچىلىقتا قالغان بىر بالىغا ياردەم قىلالىغان بولاتتۇق .....

خۇدا بۇيرىسا ئىككىنچى سىتۇدىنىتقا يا ردەم بېرىش باشلاندى !



قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3864
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:12:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىلىك مۇنبىرىنىڭ خەيىر ساخاۋەت سەھىپىسىنى كۆرىۋىتىپ تاساددىبىيلىق ئىچىدە 2006-يىلى 14-يانۋار كۈنى يازغان "بىر يۈەن  پىلانى تەستىقىڭلارنى كۈتمەكتە "دېگەن ،بۇندىن نەق ئالتە يىل بۇرۇن يازغان تېمامنى كۆرۈپ شۇنچە خۇشھال بولۇپ،يېزىلغان ئىنكاسلارنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىقتىم ،بۇ تېما يېزىلغانغا بۈگۈن مۇشۇ دەقىقىلەردە نەق ئالتە يىل بولۇپتۇ ، تېمىنى جەمىئىي 1مىلىيون 300مىڭدىن ئارتۇق تورداش كۆرۈپتۇ ..كىچىك چاغلاردا ل مۇتەللىپنىڭ "يىللارغا جاۋاب" دېگەن شئېرىدىكى "قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال" دېگەن مىسرالارنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىشكەن ئىدۇق ،2000-يىلى زامان ئاخىر بولىدىكەن دەپ 11-سىنىپقا چىقىشىمىزغىلا ھەممە تۈگەيدۇ دەپ بالىلار بىلەن تۈگىمەس خىياللارنى سۈرەتتۇق ،دەرھەقىقەت ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۆتۈپ مانا 30نىڭ بوسۇغىسىغا ئەكىلىپ قويدى پېقىرنى !
ۋاقىت ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن ئۆتىۋەردى ،تالايلار ئارىمىزدىن كەتتى ،تالايلار بۇ قوشۇنغا قېتىلدى ،بالا ئىدۇق بالىلىق بولدۇق ،تور دېگەن نېمە بولۇپ كەتتى دەپ يۈرگەن ئىدۇق بىر چاغلار ،سائىتىنى 4 سومدىن تورغا چىقىپ، ماكانىم تورىدا ئارىلاپ ،مانا ئەمدى ئالدى 10 يىللىق تورخۇمارلاردىن بولۇپ قاپتۇق ،تورغا ئىلىنىپتۇق ،توردا ئۆتكەن ۋاقىتىمىزدا شئېر قوشاق ئەبجەش چۈشلەرنى كۆرۈپ يېزىپتىكەنمىز ،مانا ئالتە يەتتە يىل بۇرۇنقى تېمىلارنى كۆرۈپ شۇ چاغلاردىكى دۇنيا قاراش ۋەھاكازالارنى ئويلاپ ئۆزىمىزنىڭ چوڭ بولغانلىقىمىزغا ،يىللارنىڭ بىزنى قېرىتىۋاتقانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدىغان بولۇپ تىمسىقلاپ يۈرۈپتۇق يەنە شۇ توردا ...
"بىر يۈەن پىلانى "توغرىسىدىكى تەسەۋۇرنى بىلىك تورىغا ئېلان قىلغاندىن كىيىن ئوت يۈرەكلەر قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ،چوقۇم قىلىشىمىز لازىملىقى توغرىسىدا ئىنكاسلار قالدۇرغان ئىكەن ،مانا ئەمدى 6يىللىق يىغىلغان پۇلنى ساناپ باقسام "بىر سوم پىلانى "پائالىيىتىگە 6يىلدا يىغىلغان پۇل 56مىڭ 288 سوم 91تىيىنغا يېتىپتۇ .
بۇ قۇرلارنى يازغانچە ھاياجانلىنىپ تارتمامنى ئېلىپ بۇ پىلاننىڭ ئىئانە تىزىم جەدىۋىلى ،ئىسپاتلار چاپلانغان خاتىرە ،رەھمەت خەتلىرى ۋە نەق مەيدان ئىسپات رەسىملەر سېلىنغا ن ئالبومنى ئېلىپ كۆرۈپ چىقتىم ،سەنەۋەر ،ئابلەت ئاقسۇ ،روسى، ھاماقەت ،مۇرادىل، ھەۋەسكار ،مەلىكىزات ،سەيپىدىن شاڭخەي ،شەمشىدىن شىنجىن ......تالاي تالايلىغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ نامى ئالتە يىلغا يېزىلغان ئالتە دانە ئىئانە پۇلى تىزىم دەپتىرىگە يېزىلىپ تۈپلىنىپتۇ ،2012-يىللىق تىزىملاش جەدىۋىلىمۇ ،مىننەتسىز ،ئەلسۆيەر ساخاۋەتچىلەرنىڭ قىلغان 1 سوم ،20،سوم 500 سومدىن قىلغان پۇللىرى بىلەن باشلىنىپ كېتىپتۇ ..ھەق گەپ شۇكى سىز،مەن  ۋە ئۇنىڭدەك تالايلارنىڭ بۇ ئىشنى كىچىك كۆرمەي ،تېرىكمەي  بانكىلاردا ئۆچرەت تۇرۇپ ،تور بانكىلىرىدا ياكى پۇل بەرگۈلەردە ئېرىنمەي پۇل يوللاپ بېرىشلىرى بىلەن 6يىلدا بىر سوم بىر سومدىن يىغقان پۇلىمىز 56مىڭ سومغا يېتىپ ئۇيغۇر ،مۇڭغۇل،خەنزۇ ،قازاق مىللىتىدىن بولغان تالايلىغان ياردەمگە مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارغا ،بىمارلارغا ،يوقسۇللارغا....مېھىر -مۇھەببەت يەتكۈزۈپتۇق ،خاتىرە دەپتىرىگە قارىدىم،مۇراجەتنامىلىرىگە پۇل يىغىپ بېرىلگەن كۆپ ساندىكى بىمارلار ئاللىقاچان بىزدىن ئايرىلدى ،لىكىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ مەدىتى ،بىلگەنلەرنىڭ دۇئاسى ھېلىھەم سىز ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدا چۆرگىلەپ يۈرەر ئەتىمالىم،بىز بۇ ئېغىر بىمارلارغا پۈتۈنلەي ساقايغۇدەك ياردەم قىلالمىدۇق ،لىكىن ئۇلارغا ئاز بولسىمۇ  ئۈمۈت ،ئارزۇ ئاتا قىلالىدۇق ،سۆيۈندۈرەلىدۇق ،كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرالىدۇق دەپ ئويلايمەن ..
6 يىللار بۇرۇن ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرگىنىدە ئازغىنە ياردەملەرنى قىلغان ئىدۇق بىر قىزغا ،ئۇ مۇشۇ تاپتا بېيجىڭدا دوكتورلۇققا  تەييارلىقتا ئوقۇپ بىزگە بىز ياردەم قىلغاندىن نەچچە ھەسسە ئوشۇقلاپ پۇل ئەۋەتمەكتە ،
-11سىنىپتا مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن بىر قىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان پۇلىنى تۆلەپ بەرگەن ئىدۇق ،بېيجىڭدا ئوقۇۋاتىدۇ ھازىر ،ھەر ئايلىقى 300 سوم  تۇرمۇش پۇلى بېرىۋاتىمىز ،پات ئارىدا ئوقۇشىمۇ پۈتىدۇ ....
چاپچالدىكى مەلۇ م بىر يېزا مەكتىپىگە كىيىم كېچەك ۋە پۇل ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم سىتۇدىنىتلار كەچلىك ئاپتوبوسلاردىن ئۆزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ،كىتاپلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشكەن ئىدى 6يىللار مۇقەددەم ،يۇيۇپ تارالغان ،ئامالنىڭ بارىچە قايتا پاكىزلانغان شۇ كىيىملەرنى كىيگەن بالىلار بىزنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ ئەتىمالىم، بورتالا شەھرىدىكى يىراق بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىتاپ ئىئانە قىلىشىپ بالىلار ئوقۇشلۇقى ۋە دەرسلىك پايدىلانما كىتاپلىرىدىن 400 پارچىدىن ئارتۇق راسلاپ كىچىك بىر قىرائەتخانا قۇرۇپ بېرىۋىدۇق ،باش بەتلىرىگە "بىر سوم مېھرىبانلىقى "ئىئانىسى دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئەشۇ كىتاپلارنى ئوقۇغان دېھقان بالىلىرى بىزنى چوقۇم ئۇنۇتمايدۇ ۋە پات يېقىندا بۇ ساخاۋەت سېپىگە قوشۇلغۇسى  ....
قايسى بىر كۈنى ئىشتىن ياناشىمدا تاكسى ساقلاپ خېلى ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەن ئىدىم ،ئارىدا بىر پىكاپ كېلىپ توختاپ چىقىڭ دېدى ،پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ،ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قارا تاكسى دەپ بىلىپ پۇل تەڭلىسەم،مەن سىزنى بىلىمەن ،سىزدىن قانداقمۇ پۇل ئالاي ،ئەسلى كىرا قىلمايتىم ،سىزنى تونۇپ ماشىنىنى توختاتتىم ،بولدى چۈشۈپ كېتىڭ دەپ كېتىپ قالدى ..قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى ئۆزۈم بىلىمەن ،ۋە شۇ دەقىقىلەردە "بىر سوم پىلانىنى "بىر ئۆزۈڭ بولسىمۇ داۋام ئەمىسەڭ ھەرگىز بولمايدۇ دەپ خىتاپ قىلىپ كەتتىم ....
ئىناق جەمىئەت بەرپا قىلىش ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاسراش ئۈچۈن قىلغان بۇ مىننەتسىز ئىئانىلەر،كارتىدا ئۇزۇنمۇ تۇرماستىن بارىدىغان يېرىگە بارماقتا ،پۇل ئاز بولسىمۇ لىكىن بۇ ئىشنى توختىتىپ قويمايلى تورداشلىرىم ،6يىل بۇرۇن بۇ مېھرىبانلىق پائالىيىتىنى باشلار ۋاقىتتا مۇراجەت قىلغىنىمدەك "بىرىمىزگە كۆپ بىلىنمەيدىغان 1 سوم ياكى 10 سوم پۇل 10مىزنىڭ يانچۇقىدىن بىرلا ۋاقىتتا چىقسا كۈنلىرى 3ۋاق ناق يەپ تۇرۇق يەنە ئاجايىپ تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان سىتۇدىنىتلىرىمىزنىڭ بىر ئايلىق تاماق پۇلىنى ھەل قىلىپ بېرەلەيمىز ،ھەر بىر سورۇنلىرىمىزدا ئىككى تەخسە قورۇمىنىڭ پۇلىدىن كېچىپ يىغىپ قويساق ھەر ئوقۇش مەۋسۇملىرى نەچچە ئون سوم پۇلنى تۆلەشكە قىينىلىۋاتقان ئونلىغان  باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ پۈكلەنگەن قەددىنى رۇسلىيالايمىز ،كېسەل كارۋاتلىرىدا ئىڭراپ ،قېنى ئىنسانلار ماڭا قىلىدىغان ياردىمىڭلار بارمۇ دەپ ھاياتقا بولغان ئوتتەك ئۈمۈت ئىستىكىدە خىرە يىلىنجاۋاتقان مىسكىن قەلىبلەرگە يالقۇن بېرەلمىسەكمۇ ئىللىق سېزىم بېرەلەيمىز .
سىز ۋە مەن مىڭ سوملاپ كېيىملەردىن يىلىغا  نەچچىنى يىرتىپ،قېپى 10 سوملۇق تاماكىلاردىن كۈنىگە قاپلاپ چېكىپ 200 گىرامى 30-40- سوملۇق  ھاراقلارنى ئىچىپ يۈرگەنلىرىمىزدە ئۇنۇتمايلىكى ئەتراپىمىزدا ئېيىغا 200 گىرام گۆش يېيەلمەي ئۆتىۋاتقان يوقسۇل قوشنا قۇلۇملىرىمىزنى ،ئۆيلىرىدىن ئايلىقىغا 50 سوملاردىن كەلگەن تۇرمۇش پۇلىغا 3ۋاق نان بىلەن تىرىشىپ ئاجايىپ نەتىجىلەر يارىتىۋاتقان ئۈمۈتۋار سىتۇدىنىتلىرىمىزنى ،مەۋسۈملۈكى 100يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ئوقۇش ۋە پارچە خىراجەتلەرنى تۆلەلمەي سىنىپلاردا بويۇن قىسىپ قېلىۋاتقان ناتىۋان بالىلىرىمىزنى .........
ئۇلار پۇرسەت يارىتىپ بېرىلسە دوكتور ،ماگىستىر بولىدىغان سىتۇدىنىتلار ، ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولىدىغان ئوقۇغۇچىلار ،ئۇلارغا ياردەمنى كىم تەمىنلەيدۇ ،مانا سىز ۋە مەن،ئۇنىڭدەك ،بىر سوم پۇلنى ئاز بىلمەيدىغان ،كۆپ تۈكەرسە كۆل بولۇر دەيدىغان  ،ياخشى ئىشنى ئۈزۈپ قويمايدىغان ،بىر سوم پىلانىنىڭ 16 ياشلارغا 60 ياشلارغا كىرىشنى ئۈمۈت قىلىدىغان تالايلىغان ئوت يۈرەكلەر .............



2012-يىل 14-يانىۋار ،شەھرى بورتالا

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1310
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 5835 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:22:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىلايلى دوسلار.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3864
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:22:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۇرنا كۈن ،
قىززىق ئىىشتىن بىرگە يولۇقتۇم .
ئەشۇ ئىشنىڭ «شاپائەت»ىدىن ،
تورداشلارغا بىر شېئىر  سۇندۇم .

يىغىن ئورنى بولغاچ، ئامالسىز ،
شىياۋشىمىندىن ياتاقنى ئاچتىم  .
قورسىقىمنى  ئەستەرلەش ئۈچۈن  ،
دۆڭكۆۋرۈككە قاراپ يول ئالدىم .

بىرىنچى يول ئاپتۇبۇسىدا ،
روھىم ئۈستۈن كېتىپ باراتتىم .
چوڭ  شەھەرنىڭ مەنزىرلىرىگە،
دېرىزىدىن تويماي قارايتىم .

ئاپتۇبۇستا ئۇيغۇر قىز -يىگىت ،
قۇچاقلىشىپ، خىجىل بولۇشماي .
يۆگىمەچتەك يۆگىشىپ كەتتى   ،
ئادەم بار دەپ ئويلاپمۇ قويماي .

غودۇڭشىدى «توۋا!» دېيىشىپ  ،
ئارقا رەتتە تۇرغان بوۋايلار .
«نومۇس» دېدى ياڭراق ئاۋازدا ،
سەھرا چىراي تۇرغان ئۇيغۇرلار .

ئىرماش چىرماش بولۇپ خىرامان ،
خىجىل قىلدى بارچىمىزنى بەك .
خۇيۇم تۇتۇپ دېدىم ئۇلارغا:
«قۇچاقلىشىڭ يەنە بەكەرەك.

بولسا سېلىپ كىيىم كېچەكنى .
مۇشۇ يەردە يېتىۋىلىڭلار ،
سەندۇڭبىيغا يېتىپ بارغىچە ،
بىرەر بالا تېپىۋىلىڭلار !»

« ئوخخو » دېدى بالاڭزا چەيدو ،
يىگىت دەھشەت ئاچچىقى تۇتۇپ .
«نېمە كارىڭ، ئاناڭنى...» دېدى ،
قىز بالىمۇ قولىنى نوقۇپ .

پەيلىرىڭنى قىرقىۋىتەي دەپ .
يىگىت ماڭا قاراپ ئېتىلدى .
گەپلىرىمگە  قاقاقلاپ كۈلۈپ ،
مەن تەرەپكە چوڭلار قېتىلدى .

ئەڭ سەت گەپتە مېنى تىللىشىپ .
چۈشۈپ قالدى ئۇلار بېكەتتە .
مېنى بەلكىم ئۇرالمىغانغا ،
يىگىت قالدى داغدا ھەسرەتتە .

تىللىساڭمۇ تىللا  تۇغقىنىم ،
كارى چاغلىق سەندىن مۇشىت يېسەم .
نېمە كارىم ئوبدان ئويلاپ باق ،
سېنى ئۇيغۇر ئىكەن دېمىسەم .

2011- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى بۆرتالا شەھىرىدە يېزىلدى
ئاپتۇرى؛ۋاپادارىم

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش