مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 12:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(4)
دادام ئىشەك ھارۋىسى بىلەن كىراكەشلىك قىلاتتى، ئانام بولسا، ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ، مەھەللىمىزدىكى چوڭ ئاياللارنىڭ كۆينەكىرىنى تىكىپ بېرەتتى. مەن ئۆينىڭ چوڭ ئوغلى ئىدىم. مەندىن باشقا يەنە ئىككى سىڭلىم، بىر ئېنىم بار ئىدى. ئىنىم ھەممىدىن كىچىك بولۇپ، ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن ئىدى. ئانام-دادام ھەر ئىككىسى ئوقۇمىغاننىڭ دەردىنى تارتقانلاردىن بولغاچقا، دائىم بىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ھەرقانداق جاپاغا چىدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇراتتى.
ئەمدى مېھرىگۈلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغات تەييارلاش ئىشى بېشىمنى قاتۇردى، پۇلنى نەدىن تېپىش كېرەك، بىرەر يەردە ئىشلىسەممۇ ئاران ئون كۈن ئىچىدە ئۆزەمگە يارىغۇدەك سوۋغات ئالغۇدەك پۇل تاپقىلى كەلمەيدۇ، مانا ئامال تاپالماي ئۆتكۈزىۋەتكەن بىر كۈننى چىقىرىۋەتسەم يەنە توققۇز كۈن قالدى دېگەن گەپ.
ۋاقىت يېرىم كىچىدىن ئاشتى،مەن  ئىسسىقتىن قېچىپ ھويلىدا يېتىۋالغاچقا ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ ئويغاق ياتىمەن،  مېھرىگۈلنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۇئالغا جاۋاپ بېرىۋاتقاندىكى ئۇماق ھالىتى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئۆيىگە قايىتماي، رومان ئوقۇشلىرى، قايسىبىر ۋاقىتتا، مەن بىلەن كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسىنى قانداق يېزىش توغرىسىدا ئۇزاق پاراڭلاشقانلىرى خىيالىمدىن كەتمەيتى. قىزلارنىڭ ئۇنى مەردانغا چاپلاشلىرى، ئۇرايىمجاننىڭ ئۆيىگە بارغۇچە مەردانغا ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئەركىلەشلىرى ئىسىمگە كېلىپ قالسا، يىلاندەك تولغىنىپ، زەھەر يۇتقاندەك ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتەتتى.
ئامال تېپىلدى! ئامال تېپىلدى!!
مەن ئەتىسى سەھەردە ئويغىنىپ دادامغا مەسىلىھەت سالدىم.
-دادا مەن پۇل تاپاي دېگەن، دەسمى ئۈچۈن 50 يۇھن بېرىپ تۇرساڭ.
-قانداق پۇل تاپماقچى بولۇۋاتىسەن؟
- دادا لەنگەردە ئۇرايىمجان ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم بار، ئۇنىڭ دادىسى قوغۇن تېرىيدۇ، ئۇنىڭ بىشەكشىنلىرىنى بىر يېسەڭ ئىدىڭ، ئىلگىرى ئۇنىڭدىن تاتلىق قوغۇن يىگەنلىكىڭنى ئەسلىيەلمەيسەن. ئۇ ئادەم بازارغا كەلمەي،قوغۇنلىرىنى ئالدىغا بارغان باققاللارغا ئەرزان باھادىلا بېرىۋىتىدىكەن، سەن ماڭا 50 يۈەن بېرىپ تۇر، سەن بۈگۈن تاغامنىڭ ئۆي سېلىشىغا قارىشىپ بېرىمەن، كىراغا چىقمايمەن دېگەن ئەمەسمىدىڭ، مەن ئىشەك ھارۋا بىلەن  ھازىرلا يولغا چىقسام، ئەتىگەنلىك بازار تارقىماستا، كېلىپ بولالايدىكەنمەن.
-بالام، بىر پۇلنى ئىككى قىلماق ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇرۇن سودا قىلىپ باقمىغان، قانداق بولار، زىيان تارتىپ قالارسەنمۇ؟
-دادام ئىشەنچىم بولمىسا، ساڭا مەسىلىھەت سالمايتىم، بىر تەۋەككلۇل قىلىپ باقاي، بىر ماقۇل دېۋەتكىن، ئۆتۈنۈپ قالاي.
-بوپتۇ، ئىرادەڭ بۇنچە كۈچلۈك بولسا، مەن قارشى تۇرساممۇ بولماس، ئەگەر ساتالمىساڭ كەچتە ياندۇرۇپ كەل، قولۇم-قوشنىلار بىلەن يەۋىتەرمىز.
-رەھمەت،دادا! ئوغلۇڭنىڭ سودىسىغا بەركەت تىلە.
-ماقۇل، ئىشەككە بىدە ئېلىۋىلىشنى ئۇنۇتما، يولدا دىققەت قىل. ئىشەك سەل ياۋايى، ئالدىرىماي ماڭ.
-بۇ گەپلەرنى كۈندە دەيسەنغۇ.
مەن ھارۋىنى جىدەللەپ ھەيدەپ، كۈن چىقماستا ئۇرايىمجاننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدىم. ئۇنىڭ دادىسى مېنىڭ جۇرئىتىمگە قايىل بولدى.
-بالام غەيرىتىڭ بار ئىكەن. بىشەكىشننىڭمۇ يەنە بىر ھەپتىلىك ۋاقتى قالغان. سەگەك تۇرساڭ بۇ بىر ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ يۈز يۈەنگە ئىشلىيەلەيسەن. ساڭا دەپ قوياي،  بازاردا رىقابەت كۈچلۈك، باشقىلار پوپۇزا قىلسا، قورقۇپ كەتمە، ئالدىسا، ئالدىنىپ قالما، مەن ساڭا ياخشى بىشەكشىندىن 25 دانە باردىم. 20 دانىسنى ساتتىم، بەش دانىسىنى ساڭا مۇكاپات قىلىپ بەردىم. ئەمما ئىسىڭدە بولسۇن، دانىسىنى بەش يۈەندىن كەم ساتما، ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ تۆت يۈەن سات. باققاللارنى دوراپ يەتتە-سەككىز يۈەن دەپمۇ تۇرىۋالما. يەنە بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قوياي، باشقا باققاللار قوغۇننى كەمسىتكۈدەك بولۇپ قالسا، بۇ قوغۇنلار لەڭگەردىكى قاسىم پۇچۇقنىڭ، دېسەڭ ئىشلىرىڭ ئاسانغا توختايدۇ.
  - رەخمەت تاغا، ئاللا خالىسا، ئەتە بۇنىڭدىنمۇ سەھەر كېلىمەن، بۇ ھارۋىدا  يەنە
دادام كىرا قىلىشى كېرەك.
-بولىدۇ، بالام، ئاللا ئاسانچىلىق بەرسۇن، ئىشەكنى سوكولدىتىپ ماڭما، بولمىسا بىشەكشىن بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، بەك ئالدىرىساڭ ئىشەكنى يورغىلىتىپ ماڭساڭ بولىدۇ.
كۈن نەيزە بويىدىن سەل ئۆتكەندە باققال بازىرىغا يېتىپ كەلدىم. بازارغا كېلىپلا قورقۇشقا باشلىدىم. چۈنكى پۈتۈن ئادەملەر باققالغا ئايلىنىپ كەتكەندەك بازاردا ئالامەندىن ساتامەن جىق تۇراتتى. تەرەكتۇر، ھارۋىلار قاتار تىزىلىپ كەتكەن بولۇپ، ماڭىمۇ بازارنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن ھارۋا قويغۇدەك يەر چىقتى. مەن بىدە قاچىلانغان خالتىنى ئىشەكنىڭ بېشىغا كەپلەپ ئېسىپ قويۇپ، ھارۋىنى بىر ئوبدان جايلاشتۇرىۋالدىم. بۇ ئارلىقتا يېنىمدىكى بىر بوۋاينىڭ ھارۋىسىدىكى بىشەكشىن ئۈستىدىن سودا قىلىۋاتقان پاراڭلار قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
- يەرلىك بىشەكشىن بۇ لەڭگەر بىشەكشىنلىرىدىن قالسىلا بىزنىڭ يۇرتنىڭ داڭلىق، سىز ھەممىنى ئالىمەن دەۋاتىسىز، بولىدىغان يېرىنى دەي. ئارتۇق ئەمەس، كەم ئەمەس بەش كويدىن بەرسىلە.
مەن بوۋاينىڭ قوغۇنلىرىغا قارىدىم. مېنىڭكىدەك خىل ئەمەس ئىدى. مەن ئارغامچىلارنى بوشۇتۇپ قوغۇنغا يېپىلغان كىگىزنى ئاچتىم. بىر بىرىدىن چىرايلىق، تورلاشقان قوغۇنلىرىم دەرھال خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
-بايام بوۋاينىڭ قوغۇننى سودا قىلغان، 40 ياشلاردىكى تەمبەل ئادەم مېنىڭ قوغۇنلىرىمغا خېرىدار بولدى.
-ئۇكاموي، بۇ سويمىلار، نەنىڭ؟
-لەنگەرنىڭ ئاكا.
-ئوبدان پىشۇردىڭمۇ، ياكى پۇل قوغلىشىپ، تېخى سۇ يۇگۇرىۋاتقان سويمىلارنى ئۈزۈپلا كەلدىڭمۇ؟
-زۇلۇم قىلماڭ ئاكا، بىشەكشىن يەپ باققان ئادەمدەك گەپ قىلىڭ، ئوبدانراق قاراپ بېقىڭە، ئارىسىدىن بىر سويما تېپىۋاسىڭىز، ھەممىنى بىكارغىلا بىرىۋىتىمەن.
تىزلا ھارۋامنى ئادەملەر ئوراۋالدى.
-ئەجەپ گەپدان بالىكىنا.
-راسىت ياخشى بڭشەكشىندەك تۇرىدۇ.
-بەزىلىرى يولدا كەلگۈچە بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ، ئىچى شالاقلشىپ كەتتىمۇ نېمە.
-بۇزۇلغانلىرى جىق ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ.
ھېلىقى ئادەم يەنە ئېغىز ئاچتى.
- ھە، بوپتۇ، سويمىلىرىڭغا قارىغاندا گېپىڭ پۇلغا يارايدىغان ئوخشايدۇ، باھا قويۇپ باقە، ئەركەكتەك بىرلا ئېغىز گەپ قىل، جۇما.
-مەيلى، دادام مېنى ئوغۇل بالا دەپ تېپىپتىكەن، ھەربىرىگە ئالتە كويدىن بىرىڭ.
- ئاسماندا گەپ قىلدىڭغۇ، ئۇكام، ھازىر ئالتە كويغا نەچچە بىشەكشىن ئالغىلى بولىدۇ.
شۇ ئارىدا ھېلىقى بوۋاي گەپ قىستۇردى.
-ئاق ئۇغۇتتا يوغانغان قوغۇنلار ئىكەن، تاتلىق پۇرىغاندەك قىلغان بىلەن لاۋزا چىقىدۇ.
بوۋاينىڭ گىپى بىلەن خېرىدارىم سەل ئىككىلىنىپ قالدى. مېنىڭ قوغۇنغا ئىشەنچىم بولغاچقا، يولدا كەلگۈچە ھارۋىنىڭ قىرى تېگىپ ئىزىلىپ كەتكەن، ئەڭ كۆرۈمسىز قوغۇننى قولۇمغا ئالدىم-دە، ئەتىگەن بىلىمگە باغلىۋالغان دادامنىڭ پىچىقىنى غىلىپىدىن چىقىرىپ، قوغۇننى تىلىپ، ئەتراپتىكىلەرگە تاقىتىۋەتتىم.
- قوغۇنۇنۇمنىڭ ئەڭ ناچىرىنى تېتىپ بېقىڭلار، قوغۇنلۇققا ئاق ئۇغۇت تۇگۇل، قىغمۇ تۆكمىگەن، ساپ ئاق يانتاق بىلەن كۆك يانتاقنى يىلتىزغا كۆمۈپ بېقىلغان قوغۇنلار بۇ؟
كۆپچىلىك ماختاپ تۇرۇپ قوغۇننى يىيىشتى، خېرىدارىم بىشەكشىنىڭ قولىغا ئاققان شەربەتلىرىنى تىلى بىلەن يالىۋىتىپ، رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتتى.
-قوغۇن ماڭا يارىدى، كىمنىڭ قوغۇنى بۇ؟
-لەڭگەردىكى قاسىم پۇچۇقنىڭ.
-مەن زادى شۇنىڭ قوغۇنىمىكىن دەپ پەرەز قىلغان، يەنە بىر گەپ قىلە، زادى نەچچە پۇلغا ساتىسەن؟
- بايام دىدىمغۇ، ئالتە كوي، تېخى سەھەردىلا ئۆزگەن.
-داداڭ ساڭا ئالتە كويدىن باشقا گەپنى ئۈگەتمىگەنمۇ؟ تۆت كويدىن بەرسەم نېمە دەيسەن، 24 تال دېدىڭمۇ، بوپتۇ، 100 كويلا بېرەي.
-ياق، ئاشۇ باھەدىن كەم ساتمايمەن.
كۆپچىلىك تېخىچە تاقالماي تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە پىچىرلاپ گەپ قىلىشلىرىدىن قوغۇنغا بولغان ئىشەنچىم تازا ئېشىۋاتاتتى.
ھېلىقى ئادەم بىر مو ئىككى مودىن ئۆسۈپ ئاخىرى بەش يۈەنگە چىقتى.  ئىچىمدە شۇنداق بەرگۈم بار بولسىمۇ، يەنە بىر شەيتىنىم، سەل ساقلا،يەنە ئازراق ئۆسسۇن، دەيتى. كۆپچىلىكنىڭ بىرقىسىمى مېنىڭ جاھىللىقىمدىن نەپرەتلەنسە، بىر قىسىمى، ماڭا ئاپىرىن ئېيتىۋاتاتتى. قوغۇننىڭ باھاسى بەش يېرىم كويغا چىقتى. مەن بىرىۋىتەي دەپ تۇرسام، باشقا بىر ئادەم پۇتىمنى دەسسەپ، ئۆزىنىڭ يەنە ئىككى مو قاتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق مېنىڭ يەنىلا بايامدىن بىرى سودا قىلىۋاتقان ئاكاشقا بەرگۈم كەلدى. مەن 132 يۈەننى تىترەپ تۇرۇپ تاپشۇرىۋالدىم. كېيىن بىلسەم، ئىككى مو قاتماقچى بولغان ئادەم مۇشۇ بازاردىكى بىر باققال بولۇپ، باشقىلارنىڭ دېيىشىچە، سودىنى بۇزۇش مەقسىتىدە قەستەن باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويىدىكەن، ئاندىن غىپپىدە قېچىپ كېتىپ، مال ئېگىسىنى ئارماندا قويىدىكەن. قانداقلا بولمىسۇن تۇنجى كۈنىلا زور پايدىغا ئېرىشىپ، ھاياجاندىن قېن-قېنىمغا پاتماي قالدىم. بۇ مېنىڭ مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە ئۆز ئەمگىكىمگە تايىنىپ تۇنجى تاپقان پۇلۇم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەردلىك بىلەن 20 نەچچە كويغا بىر كىلو كالا گۆشى ئېلىپ، ئۆيگە قاراپ ئاتلاندىم.
داۋامى بار.
-

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 07:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilgiya يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 10:30 AM
100 قىسىم دەيسىزغۇ ؟100 قىسىملىق ئەسەرنى كاللىڭزىنىڭ نەر ...

ھەممە ئادەمنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىنى سېغىنىپ ئەسلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ جەريان بىر ئادەمنىڭ پىشىپ-يېتىلىش جەريانىدىن ئىبارەت. مەن بۇ ئۇزۇن ھېكايىنى يېزىش ئارقىلىق دوستلارنى ئورتاق بىر ئەسلىمە دېڭىزىغا چۈمدۈرۈشنى ئويلاپ قالدىم...

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1737
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 03:23:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن چىقىدىغان قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇدە....ئەمدى بىر ئىڭەكنى يۆلەپ بولغۇچە............يېزا باللىرى جۈرئەتلىك جۇمۇ...تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاقتىمدا 2.14 گۈل ساتىمەن دەپ ئۆيدىكىلەردىن پۇل ئېلىپ،يەنە نەچچە دوستۇم بىلەن ھەمكارلىشىپ ساتسام،ئاران ئىزىغا دەسسەپتىكەن..پايدىسى قولۇمغا قالغان نەچچە تال گۈل.....كوچىدا يۈرۈپ،خەققە گۈل ساتماق ئاسانغا چۈشمىگەن..ئەمما ياخشى كۆرگەن قىزبالىغا سوۋغات ئالىمەن دەپ ساتمىغان.

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 11:51:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(5)
ئۆيگە كەلسەم. دادام يوق ئىكەن، ئانام چىرايىمنىڭ تېشىغا تىپىپ كەتكەن خۇشاللىقىىمنى دەرھال بايقىۋالدى. قولۇمدىكى گۆشنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران بولدى، ئەسىلىدە بۇ ئىشلاردىن ئانامنىڭ تېخىچە خەۋىرى يوق ئىكەن. مەن بۈگۈن قىلغان ئىشلىرىمنى ئانامغا دەپ بېرىۋىدىم، ئانام مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.
-تاتلىق بالام، ئەردەك بالام، مەن سېنى باققىنىمدىن، بەرگەن سۈتۈمدىن رازى بالام. كۆكلەپ كەت، ئايىغىڭدىن شامال ئۆتۈپ تۇرسۇن. ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنچە خۇشال بولمىغىلى.
ئانام مېنىڭ ھەققىمگە ئۇزۇنغىچە دۇئا قىلدى. كەچتە مەن ئېلىپ كەلگەن گۆشتە نېرىن چۆپ ئەتكەن ئىدى. ئۇ تاماق ماڭا شۇنداق تېتىپ كەتكەن ئىدىكى، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئاشۇ تاماقنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ يۈردۇم. ئەتسى تېخىمۇ بالدۇرراق مېڭىش ئۈچۈن تەييارلاندىم. دادام مېنى ئۇزۇتۇپ قويۇش ئالدىدا، ئوغلۇم، تۈنۈگۈن قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن، مەن سەندەك ئوغلۇمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن، ئەمما يېڭىدىن ئىش باشلىدىڭ، پۇلنى چىڭ تۇتۇشنى بىلىشىڭ كېرەك. بۇنىڭدىن كىيىن ئۆيگە بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كەلمە، قېنى يولغا چىق، ساڭا ئاق يول بولسۇن.
قاسىم تاغام بۇ قېتىم  ھارۋامغا ئاران 20 دانە قوغۇن بېسىپ بەردى.
-بالام، ئەسلىدە سەن دېگەندەك 100 كوي پۇلۇڭنىڭ ھەممىسىگە قوغۇن بېسىپ بەرسەم ياخشى بولاتتى. ئەمما، بىرىنچىدىن ئاز، ساز بولغىنى ياخشى، يەنە بىرى، ھارۋىغا  بەك جىق بېسىۋالساڭ، يولىدا بارغۇچە قوغۇنلار بىر-بىرى بىلەن تىگىشىپ، بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
مەن ئارتۇقچە گەپ قىلماي،رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ، بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. بازارغا بارغىنىمدا مېنىڭ قوغۇنۇمنى ئۇغۇت بىلەن باققان دەپ خېرىدارىمنى قاچۇرماقچى بولغان بوۋاي، خېرىدار بولدى. مەن ئوخشاشلا ئالتە يۈەن دەپ باھا قويدۇم.
-بالاموي، سەن تۈنۈگۈن خىزىرغا ئۇچرىدىڭ، ئۇ خېرىدار بەكلا بايۋەچچە، قولى ئوچۇق يىىگىت بولغاچقا، ئانچە باھا تالاشمايلا، قوغۇنىڭنى يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالدى، ئەمدى ئۇ يوق، مەن بۇ بازاردىلا ياشايدىغان ئادەم، قوغۇنلىرىڭغا تۆت كويدىن پۇل بېرەي، ھارۋاڭنى بوشۇتۇپ كەتكىن.
-بوۋا، ئۇغۇت بىلەن باققان سويمىلارنى نېمە قىلىسىز، سىزگە زىيان بولمىسۇن، ئۆزەملا ساتاي بولدى.
-ھا،ھا،ھا، تۈنۈگۈنكى گېپىمنى ئۇنتۇپ قالماپسەندە، بازار دېگەن شۇ، ئىگىز-پەس گەپلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنداق گەپلەرنى ئىچىڭگە ئېلىۋالساڭ، ئىچ پۇشۇقى تارتىپ قالىسەن. قانداق پۇل سانايمۇ؟
-تېخى بەك ئەتىگەن، سەل ساقلاپ باقاي.
-مەيلى ئەمسە، كېيىن مەن دېگەن باھادا ساتالماي پۇشايمان قىلىپ يۈرمە يەنە.
  بازار يەنىلا ئاۋات ئىدى، مەن ئەتراپتىكى سودىلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. راسىت دېگەندەك تۈنۈگۈنكى بازار يوق ئىدى، مېنىڭكىدىن يوغان، ھەم چىرايلىق قوغۇنلارنىڭ سودىسى بەش كويغىمۇ چىقمايۋاتاتتى. كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگىچە نەچچە خېرىدار كۈتۈۋالدىم، ئۇلار بوۋاي چىققان باھانىمۇ سورىمىدى. مەن سەل قورقۇشقا باشلىدىم.
ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە، قوغۇنلىرىمغا خېرىدار يوق، ئىچىمگە بىر تەشۋىش كىرىۋالدى، ئىچىمدە بىر نىمىلەرنى پىچىرلاپ، سودامغا بەركەت تىلەشكە باشلىدىم. كۆزلىرىمدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىم بىلىنىپ تۇراتتى، ھېلىقى بوۋاي يەنە كەلدى.
-قانداق، دېگىنىم راستمىكەن، بايامقى باھاسىم يەنە كۈچكە ئىگە، پۇلۇڭنى ئېلىۋالامسەن؟
بوۋاي سورىغان باھاغا ساتسام ئاران 30 كوي پايدا قالاتتى. ساتمىسامچۇ، بىردەمدىن كىيىن ئالىدىغان ئادەم چىقمىسا، بىر موچەن پايدىمۇ يوق دېگەن گەپ. ئىككىللىنىپ تۇرغاندا بىر خېرىدار كېلىپ قالدى.
-قوغۇنلىرىڭ قانچە تال؟
-20
-تەمى قانداق؟
-ئاللا خالىسا، تاتلىق، تاتلىق بولمىسا، پۇل ئالمايمەن.
-نەچچە پۇلدىن ساتىسەن؟
-نەچچە پۇل؟
-ھەربىىرى ئالتە كويدىن.
-بەك ئۆرە باھا قويدىڭغۇ، ساتقۇڭ يوقمۇ نېمە.
-بەك ئىشەنچىلىك قوغۇن ئاكا، بولمىسا، شۇنچە يۇقىرى باھا قويۇشقا جۇرئەت قىلالايتىممۇ.
-<سۆگەتزار ئارامگاھى>نى بىلەمسەن؟
-بىلىمەن، بىراق بەك يىراققۇ.
-مۇنداق بولسۇن، ھەربىر قوغۇنىڭغا بەش كويدىن بىرەي، كىراسى ئۈچۈن يەنە 10 كوي قېتىپ بېرىمەن، ساتامسەن؟
مېنىڭ بۇ باھاغا ساتقۇم بار ئىدى، بىراق بۇ خېرىدار دېگەن يەرگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى سائەتتىن جىق ۋاقىت كېتەتتى.
-مەن دېگەندەك پۇل بەرسىڭىز بىكارغا ئاپپىرىپ بىرىمەن.
-بولدى، شۇنداق بولسۇن، بالدۇرراق بار، مىھمانلىرىم بار.
مەن خېرىدارنىڭ قولىدىن 120 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم...
مۇشۇنداق قىلىپ، بىر ھەپتىگىچە قوغۇنچىلىق قىلىپ360 يۇھن پۇل تاپتىم. دادامغا 200 يۈەننى بىرىۋەتسەم، قولۇمغا يەنە چىقىملاردىن ئېشىپ 130 يۈەندەك پۇل ئاشتى. مەن ئەمدى مېھرىگۈل ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك سوۋغات ئالالايتىم.
بۈگۈن قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. مەن بازار ئايلىنىشقا باشلىدىم، ئەلبۇم، شارپا، قەلەم،.. نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۇم، بىراق بىرسىمۇ ماڭا يارىمىدى. مەن ئايلىنىپ يۈرۈپ، كىتاپخانىغا كېلىپ قالدىم، كىتاپخانىغا يېڭى كىتاپلار كەلگەن ئىدى، جالالىدىن بەھرام يازغان <لېيىغان بۇلاق> ناملىق تۆت قىسىملىق رومان مېنى بەكلا جەلىپ قىلىۋالدى، مەن بۇنىڭدىن كاتتا سوۋغاتنى تاپقىلى بولماس، دەپ، خۇرسەنلىك بىلەن بۇ كىتابلارنى سېتىۋالدىم ۋە كىتابنىڭ ئىچىگە ئاددىلا قىلىپ، مىھرىگۈل، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، دوستىڭىز ئەنۋەردىن دەپ بىلەرسىز، دېگەن  ئىككى جۈملە خەتنى ھۆسىنخەتچىلەپ يازدىم  ئاندىن سوۋغات بويۇملىرى دۇككىنىغا چىقىپ، كىتابنى چىرايلىق ئوراتقۇزۇپ، ئىشنى تۈگەتتىم. ئەمدىكى مەسىلە بۇ كىتابنى قىزنىڭ قولىغا قانداق يەتكۈزۈش مەسىلىسى بار ئىدى، مەن مېھرىگۈلنىڭ مەھەلىسىگە نەچچە قېتىم بارغان بولساممۇ ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلمەيتىم. مەن سوۋغىتىمنى ۋەلسىپىتىمنىڭ كەينىگە چىڭ تېڭىپ، مېھرىگۈلنىڭ مەھەلىسىگە قاراپ مېڭىپ كەتتىم. كۆڭلۈمدە،بۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلارمۇ، قىلماسمۇ،دېگەن ئەندىشە بولغاچقا،يۈرىكىم پوكىلداپ تۇراتتى. باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ قىزنىڭ ئۆيىنى تاپتىم، تەلىيىمگە مېھرىگۈل ئۆينىڭ ئالدىدىكى چوڭ رىدە دەرىخىنىڭ سايىسىدا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتى، مېھرىگۈل يىشىل پالاسنىڭ ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇچىسىغا قىزىل كۆڭلەك كىيىۋالغاچقا، كۆزۈمگە پورەكلەپ ئېچىلغان قىزىل ئەتىرگۈلدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. قىز مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى بايقاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلدى، مەنمۇ دۇدۇقلاپ سالام قايتۇردۇم.
-ئەنۋەر ئەجەپ بىزنىڭ مەھەللىگە كېلىپ قاپسىزغۇ؟
-تەتىل بولغاچقا قىلىدىغان ئىش يوق، شۇڭا ئايلىنىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قاپتىمەن.
-بالىلار سېزنى قوغۇن سېتىپ يۈرۈيدۇ، نۇرغۇن پۇل تاپقاننىڭ گېپى بار،دېيىشىپ يۈرەتتى، قانداق بىكار بولۇپ قالغانسىز.
- سىزمۇ ئاڭلاپسىزدە،  بىشەكشىنلەر تۈگەپ قالغاچقا، قوغۇن سېتىشنى توختاتتىم شۇ.
-بەك ياخشى ئىش قىپسىز، بەكلا غەيرىتىڭىز بار ئىكەن، مەن سىزنى پەقەتلا بىر كىتاب خالتىسى دەپ ئويلايتىم، بۇ ئىشىڭىز مېنى ھەيران قالدۇردى، ۋۇي، ۋېلسىپىتنىڭ كەينىدىكى نېمە ئۇ؟...
- بۇ، بۇ...
داۋامى بار

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 02:10:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(6)
مەن قىزنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ كەتتىم، شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى تەستە بېسىپ تۇرۇپ مېھرىگۈلگە يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىشقا باشلىدىم.
-مېھرىگۈل، راسىت گەپنى قىلغاندا مەن بۇ يەرگە مەخسۇس سىزنى ئىزدەپ كەلگەن، تەلىيىمگە يارىشا،سىز بىلەن ئوڭايلا كۆرۈشەلىدىم. مەن تەتىلگە ئاز قالغاندا تاسادىبى بىر پۇرسەتتە پات ئارىدا سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن تەتىل باشلانغاندىن بۈگۈنگە قەدەر جىق ئويلىنىشلار ئارقىلىق سىزگە ئاددى بىر سوۋغات تەييارلىدىم. ئاددى كۆرمەي قوبۇل قىلسىڭىز.
مېھرىگۈل مېنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشىمنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بولسا كېرەك، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈتۈپ جىم تۇردۇم، بىر ھازادىن كىيىن ئۇ ئېغىز ئاچقان ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى سەل تىترەپ چىقتى.
-نېمە ئۈچۈن، تۇيۇقسىز ماڭا سوۋغات بەرمەكچى بولۇپ قالدىڭىز، مەن چۈشىنەلمىدىم.
-تۇيۇقسىز ئەمەس، ئىلگىرى تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى بىلمەيتىم، سۈرۈشتۈرۈكىمۇ جۇرئەت قىلالمىغان ئىدىم، مەن سىزنى سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ياخشى قىزلارنىڭ بىرى دەپ بەك چوڭ بىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىمىزنىڭ ھەۋەسلىرىمىز ئوخشاپ كېتىدۇ، بەلكىم كەلگۈسىدە بىر مەكتەپ، بىر كەسىپتە ئوقۇشىمىز مۇمكىن، سىزگە بولغان ھۆرمىتىمنى، سىزگە بولغان قايىللىقىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم، بۇ ئاددى كۆڭلۈمنى قۇبۇل قىلسىكەن دەپ ئويلايمەن.
-ئەگەر قۇبۇل قىلمىسامچۇ؟
-سىزدىن رەنجىپ قالىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سوۋغاتنى تەييارلاش ئۈچۈن، بەك جىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كەلدى.
-سوۋغات تەييارلاش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟
-سىزدىن يۇشۇرمايمەن، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس، شۇڭا نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزەمگە تايىنىشىمغا توغرا كېلىدۇ، مەن بۇ تەتىلدە تۇنجى قېتىم ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ پۇل تاپتىم. كېيىن ئالى مەكتەپكە ئۆتسەم ئىقتىسادى تۈپەيلىدىن قىيلىنىشنى ئويلىسام، كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى، بۇ تەتىل مەن ئۈچۈن بىر سىناق بولدى، ئاللا خالىسا، ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيىنچىلىق تارتمايمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالىشىمغا كۆزۈم يەتتى. ئۆزەمنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىمنى بايقاشتا، يەنىلا سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز سەۋەپ بولدى. شۇڭا مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك.
-ئەنۋەر ياخشى كۆڭلىڭىز ماڭا تىگىل بولدى، مېنى يېقىن كۆرۈپ. تۇغۇلغان كۈنۈمدە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، تۇغۇلغان كۈنۈمدە سىز بىلەن پاراڭلىشىش ماڭا كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئاتا قىلدى. بىراق  سوۋغاتنى قوبۇل قىلالمايمەن، مېنى چۈشەنسىڭىز.
-بىز بىر سىنىپتا ئىككى يىل بلودى بىللە ئوقۇۋاتىمىز، شۇنداقتىمۇ مېنى يەنىلا يات كۆرۈۋاتىسىز، سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىسىڭىز ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدىن قانداقمۇ كېتەلەيمەن، بۇ تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزىمەن، مېنىمۇ چۈشىنىپ قويۇڭ، ھەراسىت سىز بىلمەيسىز، جالالىدىن بەھرامنىڭ تۆت توملۇق يېڭى رومانى چىقىپتۇ، شۇنى ئەكەلدىم.
-نېمە تۆت توم كىتاپ بىراقلا نەشىر قىلىنىپتۇمۇ، بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رومانچىلىقدىكى كاتتا ئىشقۇ، راسىتلا ھەيران قالغۇدەك ئىش بوپتۇ.
مەن كىتاپنى قىزغا تەڭلىدىم، مېھرىگۈل قىزىقىش ئىچىدە بولاقنى ئاچتى، ھەم زوقلانغان ھالدا كىتاپلارنى  سىلاپ كەتتى.
-ئەنۋەر سىز بەك يامان ئىكەنسىز، مېنىڭ ئاجىزلىق نوقتامنى تېپىۋالدىڭىز، ئەگەر كىتابتىن باشقا نەرسە بولسا راسىتىنلا قوبۇل قلىمايتىم، بۇ مەن ئۈچۈن تولىمۇ كاتتا سوۋغات بولدى، ئەمدى تەتىل ئىچى زىرىكمەيدىغان بولدۇم، ئەمسە سىزگە رەھمەت، ئەمما بىر شەرتىم بار.
-قېنى ئېيتىڭ، ئاڭلاشقا تەييارمەن.
-تەتىل يىغىلغان كۈنى سىز بىلەن بۇ كىتاپ توغرۇلۇق سۆھبەتلىشىمەن، سىزمۇ بۇ كىتابىنى ئوقۇپ چىقىپ، خاتىرە قالدۇرۇڭ.
-چۇقۇم، ئەمسە شۇنداق كىلىشتۇق.
-بەلىكم سىزمۇ بۇ كىتابنى ئوقۇشقا،سېتىۋىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنسىز، شۇڭا بىر ھەپتىدىن كېيىن كىلىڭ، مەن بىرتوم كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن سىزگە بىرىپ تۇراي، ھەر ھەپتىدە بىر تومدىن ئوقۇساق بىر ئايدا ئوقۇپ بولغۇدەكمىز.
-ماقۇل، ئەمسە، كىلەر ھەپتە مۇشۇ ۋاقىتتا، كىلىمەن.
-سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت، سوۋغىتىڭىز مېنى بەكلا خۇشال قىلدى.
مەن شۇنداق خۇشال بولدۇمكى، پۈتۈن ئالەم مەن ئۈچۈنلا ئايلىنىۋاتقاندەك، پۈتۈن قۇشلار مېنىڭ مۇۋەپىقيىتىمنى تەبىرىكلەپ، خۇش ئاۋازدا سايراۋاتقاندەك، جالالىدىن بەھرام بۇ كىتابىنى پەقەت مېھرىگۈلگە سوۋغا قىلىشىم ئۈچۈن يازغاندەك گۈزەل ھېسلارغا چۈمدۇم، شۇ تاپتا بۇ دۇنيادىن مەندىن ئارتۇق بەخىتلىك، مەندىن ئارتۇق خۇشال ئادەم يوق ئىدى. مەن خۇشاللىقىمنى باسالمايلا قالغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ،چالا-پۇچۇق بىلىدىغان ئاھاڭلارغا غىڭشىغاچ، بىر مو يەردىكى ئۈزۈملۈكنىڭ تېگىنى چاناشقا باشلىدىم، ئىلگىرى ئۈزۈملۈك تېگىنى چاناش ماڭا شۇنداق ئېغىر كېلەتتىكى، ، غودۇڭشىپ يۈرۈپ، نەچچە كۈن سەر پ قىلىپ ئاران چاناپ بولاتتىم. خۇشاللىقمۇ ئادەمگە كۈچ ئاتا قىلسا كېرەك، قىلچىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلماستىن يېرىم كۈن سەرپ قىلىپلا بىر يەردىكى ئۈزۈملۈكنىڭ ئاستىنى يۇمىشىتىپ بولدۇم. كەچقۇرۇنلىقى دادام مېنىڭ تېخىچە ئۆيگە قايتماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ، يېنىمغا كەلدى ھەم ئىشنى تۈگەتكەنلىكىمدىن ھەيران بولۇپ ماڭا ئاپرىن ئېيتتى.
بۇ بىر ھەپتە بەك تەستە توشتى،  قىز بىلەن كۈرۈشىدىغانلىقىمنى ئويلىسام، كەچلىرى كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيتى، تاڭ ئاتسا، كەچ بولۇشىنى كۈتۈپ جىلە بولاتتىم، نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللانسام، مېھرىگۈلنىڭ گۈزەل، ئۇماق سىماسى، تۇغۇلغان كۈنى مەن بىلەن ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلاشقان ۋاقىتتىكى ئوماق ھالىتى، مېنىڭ قوغۇن سېتىپ پۇل تاپقانلىقىمنى ماختاشلىرى خىيالىمدىن چىقمايتى، مانا ئاخىر مەن كۈتكەن كۈن يېتىپ كەلدى. مەن ھاياجان ئىلىكىدە مىھرىگۈل بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم...

داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 10:21:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە يوللانغان تېما ۋە ئىنكاسلارنى نېمىشىقا ئىككى سائەتتىن كېيىنلا تەھىرىرلىگىلى بولمايدىغاندۇ؟  ئۆزىنىڭ خاتاسىنى بايقاپ بولغۇچە ھەممە ئىش تۈگەپ بولىدىكەن، يا قايتا يوللاشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىسا...

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9378
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5563
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 01:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shoruq يوللىغان ۋاقتى  2012-4-27 09:41 AM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئال ...

سىزنىڭ ئەسىرىڭىزلا بولدىكەن ، ئىلىغۇ 100 قىسىمكەن، ئۇنىڭدىن كۆپ بولسىمۇ چاتاق يوق جۇمۇ. بۇرادەر.
ئەمدى دىزنى تازا ئىنىق بۈلمىگەندىكىن  بۇرادەر دەۋەدىم كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز.

دەۋر تەقەززاسى - سىزنىڭ تارىخ بۈلىشىڭىزنى ئەمەس ، بەلكى تارىخ يارىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ!!!!!!!1

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:59:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(7)
مەن كۈتكەن دەقىقىلەر تولىمۇ تەستە يېتىپ كەلدى. مەن پاكىز كىيىملىرىمنى كېيىپ، نەچچە رەت يۇيۇپ تەييار قىلىپ قويغان ۋېلسىپىتىمنى مېنىپ، مېھرىگۈلنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ ماڭدىم. سىنىپىمىزدىكى قىزلاردىن مېھرىگۈلنىڭ لازاناننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىۋالغاچقا، يۇرتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ناۋاي_ تۇداخۇن ناۋاينىڭ گىردىسىدىن ئىككىنى ئېلىپ، بازىرى ئەڭ ئىتتىك لەڭپۇڭخانىدا لازا نان ياسىتىپ ئېلىۋالغان ئىدىم. سائەت 11 بولغاندا قىزنىڭ مەھەللىسىگە يېتىپ كەلدىم. مېھرىگۈل ئۆتكەن ھەپتىگەئوخشاشلا، ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتاتتى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟
مېھرىگۈل مېنىڭ سالىمىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىلىك ئالدى ھەم يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشتىن ئەيمىنىپ قىز ئولتۇرغان يەردىن ئىككى مىتىر يىراقلىقتىكى بىر يوغان تاشتا ئولتۇردۇم.
-ئەنۋەر بۇ رومان بەك ياخشى ئىكەن، سەن كەلگۈچە بىرىنچى قىسىمنى ئوقۇپ بولۇشنى پىلان قىلغان ئىدىم، رومان ۋەقەلىكىگە قىزىقىپ كېتىپ، بىر ھەپتىدە ئىككىنچى قىسىمىنى تۈگىتىپ بولايلا دەپ قالدىم. يەنە يېرىم سائەتكە قالماي ئوقۇپ بولاتتىم، بىردەم ساقلاپ ئىككى تومىنى بىراقلا ئېلىپ كەتكىن.
-ماقۇل، بولمىسا، روماننىڭ بىرىنچى تومىنى مۇشۇ يەردىلا ئوقۇشنى باشلاي.
- مەيلى، مەن ئېلىپ چىقاي، سەن ئولتۇرۇپ تۇرغىن.
مەن مېھرىگۈل بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇشقا باشلىدىم. قىز پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىتاپقا كىرىشىپلا كەتكەن ئىدى، مەن بولسام دىققىتىمنى كىتاپقا يىغالماي، پات-پات ئوغۇرلۇقچە قىزغا قاراپ قوياتتىم. قىزنىڭ قاپقارا چاچلىرى سۇس شامالدا بوش يەلپۈنۈپ تۇراتتى، چىرايلىق كۆزلىرى كىتاب ۋاراقلىرى ئۈستىدە بىلىنە-بىنىلمەس يۆتكىلىپ، كىشىگە بىر خىل جىددى تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى، قىزنىڭ ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان كۆكسى، ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى سەل كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئادەمنى سىرلىق دۇنياغا باشلايتى. مەن قىزنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرغىنىمدا قىزنىڭ ئانىسى چىقىپ قالدى، مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ، سالام قىلدىم، مېھرىگۈل مېنى ئانىسىغا تونۇشتۇردى.
-ۋاي قىزىم، مېھماننى تالادا كۈتكەن نەدە بار، ئۆيگە باشلاپ، ئالدىغا داستىخان راسلا، بۇنچە ئىسسىقتا ئۇسساپمۇ كەتكەندۇ، مۇزدەك سۇ بىلەن دوغ ئەت. كىتابقا بىر قارىۋالساڭ پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇيدىكەنسەن.
-مانا ئانا، ئىككى بەت قالدى، ئوقۇۋىتىپ ئاندىن ئۆيگە باشلاي،سەن كىرىپ كېتىۋەر.
- باللىرىم، ئەمسە مەن ئۆيگە كىرىپ تەييارلىق قىلغاچ تۇراي.
مېھرىگۈل كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ،مېنى ئۆيگە تەكىلپ قىلدى، مەن بەك تارتىنچاق ئىدىم، شۇڭا، ئۆيدە قىلىدىغان جىددى ئىشىم بار ئىدى، قايىتمىسام بولمايدۇ،دەپ يالغان سۆزلەپ قايتىپ كېتىشتە چىڭ تۇردۇم، ئاخىرى مېھرىگۈل مېنى ئۇزۇتۇپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
-ھە راسىت مېھرىگۈل، ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، سىزنىڭ لازا ناننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەچكە بازاردىن ئىككى تال لازا نان ئالغاچ كەلگەن ئىدىم.
-ۋاي، نىمىشىقا ئاۋارە بولغانسىز، ئادەمنى خىجىل قىلىپ، ھەر كەلگەندە بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ.
-مەھەللىڭىزگە كەلگۈچە بازاردىن ئۆتىمەن ئەمەسمۇ، شۇڭا مۇنداقلا خىيالىمغا كېلىپ قالغان، ئالغاچ كەلدىم، ھەقاچان بازارغىمۇ ئانچە بارماي سېغىنىپ كەتكەنسىز، بەك بولمىسا، تەتىل توشقاندا مېنىمۇ لازا نان بىلەن مېھمان قىلىۋىتەرسىز، قانداق؟
-سىزگىغۇ گەپ توشاتقىلى بولمايدۇ، ئەمسە رەھمەت.
  تەتىل ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا قىزنىڭ ئۆيىگە ئىككى قېتىم باردىم، بىر قېتىم، ‹لېيىغان بۇلاق›نىڭ كېيىنكى ئىككى تومىنى ئالغىلى باردىم، يەنە بىر قېتىم ھەممە تومىنى قايتۇرۇپ بەرگىلى باردىم، كېيىنكى قېتىم بارغىنىمدا مېھرىگۈل ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مېنىڭ ئۇنىمىغىنمغا قارىماي، ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى ھەم ئالاھىدە تاماق ئېتىپ مېھمان قىلدى.
تەتىلمۇ توشتى، بىز مەكتەپكە يىغىلدۇق، مەردان تەتىلنىڭ بىرىنچى كۈنىلا دادىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇققىنىنىڭ يېنىغا كېتىپ، تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. بىز ساۋاقداشلار بىلەن تەتىل جەريانىدا قىلغان ئىشلىرىمىزنى دېيىشىپ، ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق، مېنىڭ ئاۋۋال قوغۇن سېتىپ پۇل تاپقىنىم، تەتىلگە يېقىن  دېھقانلار بازىرىغا بېرىپ دەپتەر، قەلەم قاتارلىق ئوقۇش ماتىرىياللىرى سېتىپ يۈرگىنىم پارىڭىمىزنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولدى.
-ئۇرايمجاننىڭ قوغۇنىنى ئەنۋەر سېتىپ نۇرغۇن پۇل تاپتى، دەيمەن، بىر قېتىم دادام بىلەن قوغۇن بازىرىغا بارغان ئىدىم، قارىسام ئەنۋەر بىر ھارۋىغا لىق قوغۇن بېسىۋىلىپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ، دادامغا، ئاۋۇ قوغۇن سېتىۋاتقان بالا مېنىڭ ساۋاقدىشىم دېسەم، دادام ھەيران قالدى ھەم ئەنۋەردىن بەش تال قوغۇن ئالدى.
-ھەي، ئەنۋەر، ئەخمەتتىنمۇ پۇل ئالدىڭمۇ؟
-مەنغۇ ئالغىلى ئۇنىمىغان، ئەخمەتنىڭ دادىسى ئۇنىمىغىنمغا قارىماي، پۇلنى تاشلاپ كېتىپ قالدى شۇ.
-دەپتەر-قەلەم سېتىش قانداق خىيالىڭغا كېلىپ قالدى.
-تەتىل توشۇشقا بىر ھەپتە قالغاندا دادام ماڭا پۇل بېرىپ، ئۆزەمگە ۋە ئۇكىلىرىمغا دەپتەر-قەلەم ئەكلىشىنى بۇيرىدى، قارىسام دەپتەر-قەلەم ساتىدىغان دۇككاندىكى ئادەم ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن يېتىشەلمەيلا قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە جىن كىرىپ، ئۆزەمنىڭ پۇلى بىلەن دادام بەرگەن پۇلنى قېتىپ، توپ تارقىتىش بازىرىغا بېرىپ، 100 نەچچە يۈەنلىك دەپتەر-قەلەم ئالدىم ھەم شۇ كۈنىلا مۇۋاپپىق بىر جايغا يايما ئېچىپ سېتىشقا باشلىدىم، قولۇمدىكى مالنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنىلا تۈگەپ كەتتى، قارىسام 20 يۈەندەك پايدا قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دادامدىن يەنە 200 كوي ئېلىپ تۇرۇپ ئەتىسىدىن باشلاپ يايمىنى چوڭراق ئاچتىم، مانا تەتىل توشقىچە 400 يۈەندەك پۇل تېپىپتىمەن.
-بەك قالتىسقۇ سەن، بىزنىمۇ باشلىۋالغان بولساڭ، ئازراق پۇل تېپىۋالغان بولاركەنمىز.
-ئەنۋەر باي بولۇپ كېتىپسىز، بۈگۈن بىزنى لازا نان بىلەن مېھمان قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.
-بۇنداق كاتتا لاۋبەن ئۈچۈن 30-40 لازا نان دېگەن قانچىلىك ئىدى.
-ناھايىتى شۇ 20 يۈەنغۇ.
ئەسلىدە مېنىڭ ساۋاقداشلىرىمنى مېھمان قىلىش خىيالىم يوق ئىدى، قارىسام، مېھرىگۈلمۇ مېنى مېھمان قىلغۇزىدىغانلار بىلەن بىر تەرەپ بولۇپ، مېنى يىقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. مېھرىگۈلنى مېھمان قىلمىغان پۇلنى، نېمە قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ، مەردلىك بىلەن ساۋاقداشلىرىمنى دۇككانغا باشلىدىم. ساۋاقداشلىرىم قىيا-چىيا قىلىشپ، مېنى ماختىشىپ، دۇككانغا قاراپ ماڭدى.
  دەرس باشلىنىپ كەتتى، بۇ يىل تولۇق 3-يىللىقا كۆچكەن ئىدۇق،  سىنىپىمىزدىن مېھرىگۈل قاتارلىق 10 دەك بالا ئىجتىمائىي پەن سىنىپىغا چىقىپ كەتتۇق، مەردان قاتارلىق كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىمىز تەبئىي پەنلەر بويىچە ئالى مەكتەپ ئىنتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەسلى سىنىپىمزدا قالدى. بىز بۆلۈنۈپ چىققان ئىجتىمائىي پەن سىنىپىغا ھەرقايسى سىنىپلاردىن بەشتىن-ئونغىچە بالىلار بۆلۈنۈپ چىققان ئىدى. مەردان بىلەن مېھرىگۈلنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىككى سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقى، مېنىڭ ئۇ قىز بىلەن بىر سىنىپقا بۆلۈنگەنلىكى مەن ئۈچۈن كاتتا خۇشاللىق بولدى، ئەمدى مېھرىگۈل بىلەن مەرداننىڭ بىللە يۈرۈش، پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتى ئازلاپ كەتكەن ئىدى. بىز بۇ يىل ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان بولغاچقا دەرسلىرىمىز جىق بولۇپ، ۋاقىتلىرىمىز بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن مېرىگۈل بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بولساممۇ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىم بەك جىق بولمايۋاتاتتى، پەقەت كۈندە ئۇنىڭغا يىرىقتىن تەلمۈرۈپ قويۇش، ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئۇچرىشىپ قالغاندا بىر قانچە ئېغىز ئەھۋال سورىشىپ قويۇش ئارقىلىقلا كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتىم. ئوقۇش باشلاپ بىر ئايدىن كېيىن دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزاق دەم ئالغان ئىدۇق، مەردان قاتارلىق بالىلار باش بولۇپ،تولۇق 2-يىللىقتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلارنىڭ بىر قېتىم  يىغىلىپ ئويناشنى ئورۇنلاشتۇردى، بىز ھەممىمىز خۇشال بولۇپ، بۇ يىغىلىشنى قوللىدۇق. مەن تەتىلدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچقا، كۆپچىلىك مېنى سودا ئىشلىرىدا ئىپى بار دەپ، ھەر بىر بالىدىن 10 يۈەندىن يىغىپ، لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋىلىشنى تاپشۇردى ھەم مەردان بىلەن مېھرىگۈلنى ياردەملىشىشكە ئورۇنلاشتۇردى.
داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9378
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5563
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 02:29:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا قىنى ئاخىرى !

دەۋر تەقەززاسى - سىزنىڭ تارىخ بۈلىشىڭىزنى ئەمەس ، بەلكى تارىخ يارىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ!!!!!!!1

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 03:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. ئاللا خالىسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسەرنىڭ داۋامى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش