مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72259
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 05:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇپ  چقتىم.ياخشى يېزىلىۋېتىپتۇ.مىھرىگۈل بىلەن ئەنۋەر زادى سەن دىيىشەمدۇ سىزمۇ؟؟؟  ۋەقەلىك ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن يېزىلىۋاتىدۇ،ئادەمنى ئىچىگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىپ كىتىدىكەن،ھازىرچە قۇسۇر تاپالمىدىم.  

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 08:12:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماپتىمەن، كېيىنكى قىسىمىنى يازغاندا ‹سىز› ياكى ‹سەن›دەپ ئاتاشتا دىققەت قىلاي

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 12:59:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(8)
بايرامغا نەچچە بىر نەچچە كۈن قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىزنىڭ ساياھەت خاراكتىرىنى ئالغان پائالىيىتىمىزگە تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم، ئاۋۋال پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىشنى خالايدىغان ساۋاقداشلاردىن 10 يۈەندىن پۇل يىغدىم، مېھرىگۈلمۇ 10 يۈەن بەرمەكچى بولغان ئىدى، مەن ئۇنىڭغا، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى مەن تۆلىۋەتتىم، دەپ ئالغىلى ئۇنىمىدىم. مەردانمۇ 20 يۈەن تەڭلەپ، بۇ پۇل مېھرىگۈل ئىككىمىزنىڭ بولسۇن دېدى، مەن مەردانغا، مېھرىگۈل پۇلنى بېرىپ بولغان دەپ ئالغىلى ئۇنىمىدىم.
  بايرام كۈنى ئەتىگەندە مەردان، مېھرىگۈل ئۈچىمىز بازاردا ئۇچرىشىپ، لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋىلىشقا باشلىدۇق، مەن ئالدىغان نەرسىلەرنى سودىلىشىپ ئېلىشقا، ئۇ ئىككەيلەن، كۆتۈرۈپ مېڭىشقا مەسئۇل بولدى، دىققەت بىلەن قارىسام، ئۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ بازاردا ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىپتۇ، بۇ ئىش مېنىڭ كەيپىياتىمغا بەكلا تەسىر كۆرسەتتى، ئۇلار شۇنچە ئېچىلىپ مۇڭداشقانسىرى، مېنىڭ قاپىقم تۇتۇلۇپ، كەم سۆز بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. مەردانمۇ، مېھرىگۈلمۇ ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىپ، مېنىڭ كەيپىياتىمغا دىققەت قىلىشمىدى. مەن چىشىمنى چىشلەپ سودىلىقنى ئاران پۈتتۈردۇم، مەردان ئالغان نەرسىلەرنى مېنىڭ ۋېلسىپىتىمنىڭ كەينىگە تېڭىپ مېڭىشمنى، ئۆزىنىڭ  ۋېلسىپىتىنىڭ كەينىگە مېھرىگۈلنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن كۆڭلۈمدە بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا نارازى بولساممۇ ئامالسىز قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدۇم ۋە ئۇلارنى كەينىمدە قالدۇرۇپ، بالىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان يەرگە ئالدىرىغىنمچە مېڭىپ كەتتىم.
بىز ئوينىماقچى بولغان يەر شەھرىمىزنىڭ شەرقى تەرىپىگە جايلاشقان چوڭ ئورمانلىق بولۇپ، بۇ يەر شۇنچە گۈزەل ئىدىكى، ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان قېرى دەرەخلەر، ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇلاقلار، كەڭ كۆللەر، يۇلغۇنزارلىقلار، قاتار-قاتار مىۋىلىك باغلار، قۇلاق-مىڭىنى يېگۈدەك ھەرخىل ئاۋازدا سايرىشىۋاتقان خىلمۇ-خىل قۇشلار... ئىشقىلىپ تەبىئەتنىڭ ھەممە گۈزەللىكلىرى مۇجەسسەملەشكەن كاتتا باغچا ئىدى. 30غا يېقىن بويىغا يېتەي دەپلا قالغان قىز-ئوغۇل بۇ كاتتا مەنزىرىنى كۆرۈپ، ھاياجىنىنى باسالماي، گاھى دەرەخلەرگە يامىشىپ، گاھى بۇلاق سۇلىرىنى بىر-بىرىگە چېچىشىپ، گاھى، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ خېلى ۋاقىتقىچە قىيا-چىيا قىلىشتى.
چۈشكە يېقىن ھەممىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ دالا تامىقى يىگەچ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ كەيپىياتىمىزنى جانلاندۇردۇق.مەردان بۇ يىغىلىشىمىزغا كۆرەش بىلەن مىنەۋۋەرنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ساۋاقداشلار، كۆرەشنىڭ نەخ مەيداندىلا تەييار قىلغان خام سەيلىرىنى ماختاپ تۇرۇپ يېيىشتى، ئاندىن  مىنەۋۋەر ئارىمىزدىكى تەمبۇر ماھىرى ئىلھام چالغان مۇڭلۇق كۈيلەرگە ناخشا ئېيتىپ، بىزنى ھاڭ -تاڭ قالدۇردى. مىنەۋۋەرنىڭ ناخشىسى ئەتىگەندىن بىرى ئېچىلمايۋاتقان قاپىقىمنى ئېچىپ مېنىمۇ باللار ئارىسىغا قايتۇرۇپ كەلدى. بىز مۇشۇنداققىزغىن كەيپىيات بىلەن بىر-ئىككى سائەت ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئىككى سائەت ئەركىن پائالىيەت قىلىشنى قارار قىلدۇق، مەردان مېھرىگۈلنى باشلاپ كېتىپ قالدى، مەن دەردىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ، بىچارىلارچە جايىمدىلا تۇرۇپ قالدىم. مۇنەۋۋەر كەينىگە كىرىۋالغان نەچچىلىگەن ئوغوللارنىڭ ئايلىنىپ كېلىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، مېنىڭ يېنىمدا قالدى. بىر چاغدا قارىسام، بۇ ئەتراپتا مۇنەۋۋەر ئىككىمىزدىن بۆلەك بىرمۇ ئادەم قالماپتۇ. مۇنەۋۋەر يېنىمغا كەلدى ۋە يىقىلىپ چۈشكەن بىر دەرەخنىڭ كۆتىكىدە ئولتۇردى.
- ئەنۋەر بۈگۈن نېمە بولدىڭىز، قارىسام كەيپىياتىڭىز شۇنداق تۆۋەن، يا تۈزۈكرەك بىر نەرسە يېمەيسىز، يا ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرغانلىقىڭىزنى كۆرگلى بولمايدۇ.
- ماڭا دىققەت قىپسىز،-دە، ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، كۆڭلۈم بەك يېرىم. باشقىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق غەمسىز، خۇشال، پەقەت مەنلا تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەللىكىدىن بەھىر ئالالمايۋاتىمەن.
- مەن بىر ئىشنى دىسەم ئاچچىقىڭىز كېلەرمۇ؟
-ياقەي، نېمىگە ئاچچىقىم كېلەتتى.
- مەردان بىلەن مېھرىگۈلنىڭ بىللە يۈرگىنىگە باشقىچە پىكىرىڭىز بارمۇ قانداق؟
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز، ئۇنداق ئىش يوق، ئۆزەمچە...
- بولدى، يۇشۇرماڭ، كۆزلىرىڭىزدىن بىر ھەسرەت يېغىپ تۇرىدۇ، ھەممە نەرسىدىن گۇمان قىلساممۇ ئۆزەمنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلمايمەن، مېنىڭچە سىز ئاشىق بوپسىز!
-نېمە، كىمگە؟
- خۇپسەنلىك قىلماڭ، سىز يۇشۇرغان بىلەن، روھى ھالىتڭىز، كۆزلىرىڭىز سىرلىرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ، سىز ئەتىگەندىن باشلاپ، كۆزىڭىزنى مېھرىگۈلدىن ئۈزمىدىڭىز، مەردان قىزغا يېقىنلاشسا، چىرايلىرىڭىز تاترىپ، لەۋلىرىڭىز تىترەپ كەتتى، قىز  نەدە بولسا، كۆزلىرىڭىز، پۈتۈن ئوي-خىياللىرىڭىز شۇ يەردە. قانداق بىلىۋاپتىمەنمۇ؟
-...
- جىم تۇرۇۋىلىش مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس.
مۇنەۋۋەر تېخى ئۆزەممۇ ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان كۆڭۈل سىرلىرىمنى بايقاپ قالغان ئىدى، بۇ قىزنىڭ سەزگۈرلىكى مېنى تەسلىم قىلدى.
-شۇنداق مۇنەۋۋەر قاچانلاردا بۇ قىزغا باغلىنىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن، مەن ھازىر ئىشىق دەردىدە دېۋانە بولدۇم، يېرىم يىلدىن ئاشتى، مېھرىگۈلنى خىيال قىلمايدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق، كۈندۈزلىرى مەكتەپلەردە ئۇ ماڭغان يوللاردا مېڭىپ، ئۇ ئولتۇرغان پارتىلاردا ئولتۇرۇپ، تەشنالىقىمنى باسىمەن. كېچىلىرى ئۇيقۇم كەلمەي، ئۆزەمچە ئۇنىڭ بىلەن پىچىرلىشىپ، مۇڭدىشىىپ كېتىمەن، تەلىيىمگە ئىككىمىز ئىجتىمائىي پەن سىنىپىغا كىردۇق، ئاللا خالىسا،  ئالى مەكتەپتە بىللە ئوقۇيمىز دېگەن ئارزۇيۇممۇ يوق ئەمەس.
- ئۇ قىز بىلەمدۇ؟
-بىلمەيدۇ، مېنى پەقەت ئادەتتىكى بىر دوستى دەپ قارايدۇ، ماڭا بولغان مۇئامىلسى يامان ئەمەس، ئەمما مەردانغا بەكلا قىزغىن. مەردانمۇ مېھرىگۈلنى بەك ۋاي دەيدۇ.
-مەن مەرداننى خېلى چۈشىنىمەن، ئۇ ھەممە قىزلارغا بىر خىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭ مېجەزىى ياقتۇرمايدىغان قىزلار ئاز. بەلكىم مەردان مۇنەۋۋەرنى ياخشى كۆرمىسە كېرەك.
- مەرداننىڭ ياخشى كۆرىدىغان باشقا ئادىمى بارمۇ؟
-ئۆتكەندە تاغقا بىللە چىققان ئاينۇر ئىسىملىك ئورۇق، ئىگىز، چىرايلىق قىز ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ مەردان شۇ قىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئاينۇر مەردانغا ھازىرغا كەلگۈچە ئۆزىنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلىندۈرمەي كېلىۋاتىدۇ، ئۆتكەندە تاغدىن يانغاندا مەردان ماڭا، ئالى مەكتەپكە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ئاينۇرغا  رەسمى تەلەپ قويىمەن، دېگەن.
- ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئوبدانراق مەسىلىھەتىڭىز بارمۇ؟
-مېنىڭچە سىز بالدۇرراق مېھرىگۈلگە كۆڭلىڭىزدىكى گەپلەرنى دەپ بېقىڭ. بىلىشمىچە ئۇ قىزمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق ئىكەن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ئامراق ئادەملەرنىڭ بەكلا ھېسىياتچان، ئۆزىنىڭ خىيالى دۇنياسىدا ياشاشقا ھېرىسمەن كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز، بەلىكم 17- 18 ياش ۋاقىتلىرىمىز مۇھەببەتنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان، ئۆزىمىزنىڭ شىرىن خىياللىرىمىزنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان پەسلىمىز بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر يەنە كىچىسىڭىز بەلكىم ئۇ قىز ئۆزىنىڭ قەلب دۇنياسىنى باشقىلارنىڭ سەيلە قىلىشىغا ئاتىۋىتىپ، سىزگە ئورۇن قالدۇرماسلىقى مۇمكىن.
- كۆڭلۈمنى قانداقمۇ ئىپادىلەرمەن، مەن مېھرىگۈلنى كۆرسەملا تىلىم كالۋالىشىپ، دەيدىغان گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ كىتىمەن، ئادەتتە سىنىپلاردا خالى قالساق، دەيدىغان گەپ تاپالماي، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىمەن.
-ئاشىق دېگەن جۇرئەتلىك بولۇشى كېرەك. قىزلار ئادەتتە كۆمسەم پىشارمىكى، ياپسام پىشارمىكى دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۇرىدىغان ئوغۇللارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
-ئەجەپ جىق ئىشلارنى بىلىدىكەنسىز، ھەيران بولۇۋاتىمەن.
-ھەيران قالماڭ، سىزدىمۇ يۇشۇرۇن ئىقتىدارلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن، مۇھىمى ئۇنى بايقاشتا. سىزگە تەكىلىپم، ۋاقتىنى سوزاپ يۈرمەي، ئىشىڭىزنى ھەل قىلىڭ، بىر قەدەم كېچىكسىڭىز ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان ئىشلار چىقىدۇ.
- مەن ئۆيگە بېرىپلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىمەن...
داۋامى بار.  

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 02:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(9)
مەن ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپلا، مۇنەۋۋەرنىڭ تەكلىپى بۇيىچە، مېھرىگۈلگە تەلەپ قويۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلىدىم. مەن راستىنلا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ، ياكى يات جىنىسلارغا قىزىقىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بىردەملىك ھېسىياتمۇ ۋەياكى مېھرىگۈلدەك ياخشى قىزلارنى باشقا ئوغوللاردىن قىزغىنىپ، ئۇنى قوغداش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئەركەكلەرچە غورۇرمۇ؟
مەن ئالدى بىلەن ئۆزەمنىڭ قەلبىمنى تەكشۈردۈم. دەرۋەقە يۈرىكىم ماڭا مېھرىگۈلنى ھەققىتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيىتپ بەردى، ئۇ قىز شۇ تاپتا مېنىڭ ئەمدىلا بىخلىنىشقا باشلىغان ياشلىق ھېسلىرىمنىڭ مەركىزىدە تۇراتتى، گەرچە بۇ ياشلىققا ئەمدىلا قەدەم قويۇۋاتقان گۈزەل مىنۇتلىرىم پەقەت مېھرىگۈل ئارقىلىقلا ئۆزىگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا ئىدى.
  مەن مەكتەپتىن يانغاندىن كېيىن، قىزنى بىر خالى جايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزەمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيىتماقچى؟ ئەگەر قىزنىڭ ئالدىدا دۇدۇقلاپ، دەيدىغان گەپلىرىمنى تاپالمىسامچۇ؟
  مەن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى قەلبىنۇر ئارقىلىق قەلىب سىرلىرىمنى قىزغا ئېيتماقچى؟ ئەگەر غورۇرلۇق قىز ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىنى دوستلىرىغا بىلدۈرۈشنى خالىمىسىچۇ؟
  مەن تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆيىگە بارغاندەك، قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قىز بىلەن كىتابلار توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، گەپنى ئاستا-ئاستا ئىككىمىزنىڭ ھېسىيات ئىشلىرىغا يۆتكەپ، قىزغا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دەۋالماقچى؟ قىز گەپنى باشقا تەرەپكە بۇراشنى خالىمىسىچۇ؟
مەن قىزغا تەسىرلىك قىلىپ خەت يېزىپ، ئۆزەمنىڭ لەيلى دەردىدە مەجنۇن بولغانلىقىنمنى ئىپادىلمەكچى، توغرا خەت يېزىپ، بىر ئاماللار بىلەن قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇش كېرەك، بىراق ھېسىياتلىق خەتلەرنى يازالامدىم-يوق؟
دادام مېنى ئۆزىگە ياردەملىشىپ، نەچچە كۈندىن بىرى ئوراپ قويغانكۆممە قۇناقنىڭ باشلىرىنى  ئۈزۈشۈشكە چاقىرغان ئىدى، ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم، تازا مىجەزىىم يوق تۇرىدۇ، دەپ دادامنى ئالداپ قويۇپ، قىزغا سۆيگۈ خېتى يېزىشقا تۇتۇندۇم، ئاخىرى نەچچە سائەت ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، تولىمۇ تەستە ئۆمرۈمدىكى تۇنجى سۆيگۈ خېتىنى پۈتتۈردۈم.
‹‹مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان، ئىسمى-جىسمىغا لايىق، مېھرى ئۆتتەك، ئۆزى گۈلدەك بولغان، جېنىمنىڭ پارىسى، قەلبىمنىڭ شادلىقى، خىياللىرىمنىڭ گۈلتاجىسى، چۈشلىرىمنىڭ ئەنقاسى، كەلگۈسۈمنىڭ نىجاتكارى، ھېسلىرىمنىڭ ئەڭ تاتلىقى مېھرىگۈلۈمگە مەلۇم بولسۇنكى، پېقىر ئەنۋەر ئۇزۇندىن بىرى كىچىلىرى ئىشىق ئوتىدا يىلاندەك تولغىنىپ ياتالماپتىمەن، يېگەن تاماقلىرىم زەھەر بولۇپ، چىرايلىرىمنى سارغايتىپ، مۇھەببەت دەردىدە خازان بوپتىمەن، قەلىب سارىيىمنىڭ ئاچقۇچى مېھرىگۈلگە چۈشلىرىمدىمۇ رەت-رەت تەلمۈرۈپ، ئاشىق كوچىسىدا سەرسان بوپتىمەن...
مېھرىگۈل بىز پات ئارىدا كەلگۈسىىمىزنى يارىتىش ئۈچۈن كاتتا سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرىمىز، مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىزدىنىش يولىدا بىر-بىرىمىزگە يولداش، قىينچىلىقلار ئالدىدا ھەمداش، مۇھەببەت گۇلزارىدا سىرداش بولساق دېگەن ئۈمىددىمەن. يۈرىكىمنى قاپتەك قىلىپ، ساڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ياق دېمسىەڭ سىنى ئۈمرۈم ئاخىرىغىچە قەلىب تۆرەمنىڭ مەڭگۈلۈك خوجايىنى قىلىشقا تەييارمەن. ( ئەسكەرتىش، بىز بىربىرىمىزنى بىردەم سىزلەپ، بىردەم سەنلەپ يۈرۈپ، بىرلىككە كېلەلمىدۇق، شۇڭا مەن بۇنىڭدىن كېيىن بىربىرىمىزنى سەن دەپ ئاتاشنى مۇۋاپپىق كۆردۈم)
سىزنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىقىم ئۈچۈن خەتنى قىسقا يازدىم، مەقسىتىمنى ئېنىق ئىپادىلىدىم دەپ ئويلايمەن، جاۋابىڭىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكۈچى، ئەنۋەردىن دەپ بىلەرسىز. 1998 - يىلى 5- ئۆكتەبىر،دۈشەنبە، ئۆز خانەمدە يازدىم.››
خەتنى چىرايلىق قىلىپ، يۈرەك شەكلىدە قاتلاپ، يۈرىكىمگە چىڭ باستىم، ئاندىن نەچچە لۈندىن كېيىنلا قىزنىڭ قولىدا ئوينايدىغان بۇ سۆيگۈ مەكتۈبىنى نەچچە رەت لەۋلىرىمگە بېسىپ سۆيدۈم. شۇنچە قىلساممۇ بەڭباش تۇيغۇلىرىم ماڭا بوي بەرمىدى، ئاخىر شەيتانلىرىم خەتنى بۈگۈنلا قىزنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن قۇتراتقۇلىق قىلدى، ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ ئۆزەمنى مېھرىگۈللارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا كۆردۈم. بۇ ئاي،بۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم كۈز قاتىلاڭچىلىقى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا كوچىلاردا ئادەم كۆرۈنمەيتى، مەن ئىچكى ھاياجانلىرىمنى تەستە بېسىپ، دەرۋازىنى بوش بوش ئۇردۇم، بىر ئازدىن كېيىن مېھرىگۈل دەرۋازا ئالدىدا پەيدا بولدى.
-ئەنۋەر بىمەھەللا كېلىپ قاپسەنغۇ،بەر ئىش بولمىغاندۇ؟
قىزنىڭ مېنى يەنە سەن دەپ ئاتىشى يۈرىكىمدە كۈچ پەيدا قىلدى.
-ياق، بىر ئىش بولغىنى يوق، شۇ سېنى كۆرگۈم كېلىپ...
قىز مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ، ئۆزىىنڭ ھەيرانلىقىنى باسالمىدى، مېنىڭ مۇھەببەتكە تەئەللۇق سۆزلىرىم ئۇنى خېلىلا گاڭگىرىتىپ قويدى.
- ئەنۋەر نېمە دەۋاتقىنىڭنى چۈشۈنەلمىدىم.
-مەن ساڭا بىر پارچە خەت يازدىم، ئەگەر قۇلايسىز بولمىسا، ئاۋۋال شۇ خەتنى كۆرۈپ باقساڭ، ئاندىن پاراڭلاشساق.
-ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىزغا كەتكەن، بىراق نېمە خەت ئۇ؟...
-كۆرسەڭ بىلىسەن.
مەن تىترەپ تۇرۇپ خەتنى قوينۇمدىن ئېلىپ قىزغا تەڭلىدىم، قىزمۇ سۇس تىترەۋاتقان قوللىرىنى خەتكە سۇندى، ۋە خەتىنى ئىتتىكلا ئالدى. مەن قىزنىڭ يېنىدىن سەل يىراققا كېتىپ، ئۇنىڭ خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈتتۈم.
قىز خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆز جايىدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان، قوشۇمىسى تۈرۈلگەن بولۇپ، خۇددى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان بىر ماتىماتلىكلىق مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
خېلى ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ ئۆزىگە كېلىپ ماڭا يۈزلەندى، مەن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن  خوشخەۋەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ چىقىشنى تەمە قىلىپ ئۇنىڭغا تىكلىپ قاراپ تۇردۇم.
- ئەنۋەر، راسىت گەپنى قىلسام، مەن سېنىڭ ماڭا باشقىچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىڭنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ماڭا سوۋغا بېرىش ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە كەلگەن چېغىڭدىلا ھېس قىلغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ سەن ھېسياتقا تەئەللۇق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ماڭا ئادەتتىكى دوستلاردەك مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشتىڭ، شۇڭا مەنمۇ ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق قىلماي، دەپ ھېچنىمىنى بىلمىگەن بولۇۋىلىپ، چاندۇرماي كاتتا سوۋغاڭنى قوبۇل قىلغان ئىدىم، مانا مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. سەن ئۆز كۆڭلىڭنى ئىزھار قىلىشقا جۇرئەت قىلدىڭ. مەن سېنىڭ تىرىشچانلىقڭىغا، چوڭقۇر پىكىرلىرىڭگە، ئۆزەڭگە تايىنىپ ئىش تەۋرىتىشتەك ئىرادەڭگەبەك قايىل، سەن مەن بىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئوغوللارنىڭ بىرى، بىراق ئىسىڭدە بولسۇن، بىز تېخى كىچىك، ئالدىمىزدىكى ھايات مەنزىلى بەك ئۇزۇن، بىز ئۈگىنىشكە، ئىزدىنىشكە ، باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك ئىشلار بەك جىق. مەن سېنىڭ مۇشۇنداق تەلەپ قويۇشىڭنى ئاللابۇرۇن مۆلچەرلەپ تىگىشلىك جاۋابنىمۇ تەييارلاپ بولغان. جاۋابىم شۇكى، بۇ ئىشلارغا تېخى بالدۇر. ئەگەر خالىساڭ شارائىت پىشىپ يىتىلگىچە يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتسەك، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقت-سائىتى بار. ھازىر بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىش- يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت. ئاتا-ئانامنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى ئاز قالدى، مەن تاماقنى تەييار قىلىشىم كېرەك...
مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، كەينىمگە بورۇلدىم، شۇنچە زور ئۈمىدلەر بىلەن كەلگەن قەدەملىرىم ئەمدىلىكتە ماڭا بويسۇنماي ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. قىزنىڭ زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان جاۋاپ بېرىشى خىيالىمغا كەلمىگەن ئىدى، مەن پەقەت ئۇنىڭ تەلىپمىگە قوشۇلۇشى ياكى رەت قىلىشىنىلا تەسەۋۋۇر قىلغان ئىكەنمەن. ھازىر بۇ قىز تەلىپمگە قوشۇلدىمۇ ياكى رىت قىلدىمۇ ئۆزەممۇ ئاڭقىرالمىدىم...
داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 03:34:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(10)
كېيىنكى كۈنلەردە ھەممىمىز بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، ھەتتا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمىز،دەپ قىشلىق تەتىلدىمۇ ئارام ئالماي، تەكرارغا قاتناشتۇق، بىز ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بىرىدىغان بولغاچقا  مېھرىگۈل باشچىلىقدىكى كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىمىز ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشتا كۆپرەك دەرسلىك كىتابلارغا تايىنىپ، كونسىپىك دەپتەرلەرنى يادىلاشقا كۈچ چىقىراتتى. مەن ئۇلاردىن باشقىچە يول تۇتۇپ، دەرسىلىك كىتابلارنى قوشۇمچە، تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىياتقا ئائىت دەرستىن سىرتقى كىتاپ،ژورنال، گىزىتلەرگە ئاساسلىق قىلىپ كۆرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتاتتىم.كونسىپىك يازماسلىقىم، دەرسلىك كىتابلارنى ئانچە كۆرمەسلىكىم، دەرسىلىك كىتابلارنى كۆرسەممۇ باشقىلاردەك قارىسىغا يادىلىماي، سېلىشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشنى ئاساس قىلىشلىرىم بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاساسي ئېقىمغا ئەگىشىپ كەتتى. مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئمتىھانغا بىر ئاي قالغاندا مەكتەپ ئىلمى بۆلۈمى بىزگە بىر قېتىملىق مانىۋىر ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، ئىمتىھان سۇئالى يېڭىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئىمتىھانلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتى.
  ئىمتىھاندىن كېيىن نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم كىتابنىڭ تېشىدىن چىقپتۇ، كونسىپىكتە يوق مەزمۇنلار جىق ئىكەن، ئۆمرىمىزدە كۆرۈپ باقمىغان تەھلىل سۇئاللىرى بار ئىكەن، دەپ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قۇلاق- مىڭىسىنى يەپلا كەتتى. ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ مانىۋىر ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى چىقتى، مەن 467 دىن ئىبارەت ئالاھىدە نومۇر بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە بىرنىچى بولدۇم، ئىككىنچى بولغان ئادەم مېھرىگۈل بولۇپ 382 نومۇر ئالغان ئىدى، ئەگەر ئۇ خەنزۇتىلى بىلەن ماتىماتكىدىن يۇقىرى نومۇر ئالمىغان بولسا، كەسپى پەنلەردىكى نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا ئىككىنچى بولالىشىمۇ تەسكە توختايتى. تەبئىي پەنلەر بويىچە مەردان 412 نومۇر ئېلىپ بىرىنچى بولغان ئىدى، مانۋىر ئىمتىھانى مەردان ئىككىمىزنىڭ نامىنى چىقىرىۋەتتى. مېھرىگۈلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىمىز مەن بىلەن بىللە تەكرار قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، مەنمۇ مەكتەپتىكى كۆپرەك ۋاقتىمنى مېھرىگۈل بىلەن بىللە دەرس تەكرارلاشقا بېرىدىغان بولدۇم.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىزنىڭ نەتىجىلەر چىقىپ، تۇنجى تۈركۈمنىڭ چاقىرىق قەغەزلىرى كېلىشكە باشلىدى، مەن مېھرىگۈل ئوخشاش قىلىپ بىر مەكتەپ، بىر كەسىپكە ئارزۇ يازغان ئىدىم، مەردان بولسا باشقا مەكتەپنى يازغان ئىدى، ئارزۇيۇمغا يارىشا، مېھرىگۈل ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىمغا ئايلاندى، ئويلىمىغان يەردىن مۇنەۋۋەرمۇ بىز بىلەن ساۋاقداش بولۇپ قالغان ئىدى.
بىز سەپەر تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتۇق. دادام ئوقۇش پۇلى تەييارلاپ بولالماي، باشقىلاردىن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولدى،  كۆڭلۈمگە پۈككەن پىلانلىرىم بولغاچقا دادامنىڭ قەرز ئېلىپ مېن ى يولغا سېلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم. سەپەرگە چىقىشقا ئىككى كۈن قالغاندا ئون نەچچە ساۋاقداش ئۆز-ئارا خوشلىشىش ئۈچۈن ئولتۇرۇش قىلدۇق. بىزنىڭ سورۇنىمىز، مەرداننىڭ چوڭ دادىسىنىڭ نەچچە ئون مو كىلىدىغان چوڭ بېغىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تاماقتىن كېيىن پۇرسەت تېپىپ مېھرىگۈل بىلەن پاراڭلاشماقچى بولدۇم، بىراق ئۇ، قالغان گەپلەرنى ئۈرۈمچىگە بارغاندا دېيىشەيلى دەپ، مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى رەت قىلدى. مەن ئىچىم سىقىلغان ھالدا باغنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، قىزنىڭ مەردان بىلەن  بىر ئەنجۇر دەرەخنىڭ ئاسىتىدا پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن خەۋىرىم چىققاندىن بىرى تۇنجى قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى. مېھرىگۈل بىلەن بىر مەكتەپ، بىر كەسىپكە ئۆتكەنلىكىمدىن خۇشال بولۇپ، كىچىلىرى ئۇخلىيالمىغانلىقىم نەدە قالدى؟  مەن تېخى ئىككى كۈن بۇرۇن مۇنەۋۋەردىن، مەرداننىڭ ئاينۇرغا تەلەپ قويغانلىقىنى، قىزنىڭمۇ مەرداننىڭ تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى، مەردان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگۈچە ساقلاشقا رازى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.  مانا ئەمدى يېقىن ئاغىنەم مەرداننىڭ مەن ياخشى كۆرىدىغان قىزنى خىلۋەت جايلاردا يىتىلەپ يۈرۈشى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى، ئەجىبا ئاغىنەم مەردان قوش قېيىققا دەسسەپ يۈرۈيدىغانلاردىن بولسا،-ھە؟
ئون نەچچە يىلدىن بىرى كۈتكەن مىنۇتلار رىئاللىققا ئايلىنىپ 30 نەچچە يېڭى سىتودىنت بىلەن تولغان ئاپتۇبۇس بىكەتتىن قوزغالدى،  پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قيمىغان، تولا يىغلاپ كۆزلىرى  ئىششىپ كەتكەن ئاتا-ئانىلار  كۆتۈرۈلگەن توپا-چاڭغا قارىماي، ئاپتۇبۇسقا ئەگىشىپ، نەچچە يۈز مىتىر مېڭىشتى. شۇنداقتىمۇ ئابتۇبۇسقا يېتىشەلمەي،  قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە باللىرىغا ئاق يول تىلەپ قېلىشتى.
مەن ئولتۇرغان ئابتۇبۇستا، مېھرىگۈل، مۇنەۋۋەرلەرمۇ بار ئىدى، بىز يول بويى ئوقۇغان كىتابلىرىمىز، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى قەھرىمانلار، سەپەر تەسىراتلىرى، ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىنكى پىلانلىرىمىز توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلىشىپ ماڭدۇق، يوللاردا تاماققا چۈشكەندە مەن قىزلارنى كايىتماي تاماق پۇللىرىنى تۆلەپ ماڭغاچقا، دادام ئۈرۈمچىگە بارساڭ بىر ئايغىچە تاماق يېيىشىڭگە يېتىدۇ، دەپ بەرگەن پۇللىرى تۈگەپ كەتتى. ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرىم قاتارىغا يەنە جىددى پۇل تېپىشمۇ قېتىلدى. مەھەللىمىزدە مەندىن بىر يىل بورۇن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىگە ئوتكەن بىر بالا بولۇپ، ئۇ  بىر يىلدىن بىرى توپ تارقىتىش بازارلىرىدىن پايپاق، سوپۇن قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئەكىلىپ سېتىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىغان ئىكەن، مەنمۇ ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەكتەپكە بارغان ھامان شۇ ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزەمنى سىناپ باقماقچى بولغان ئىدىم.
پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئىنتىلىپ تۇرىدىغان قوينى كەڭرى ئۈرۈمچى بىزگىمۇ يۈز ئېچىش ئالدىدا تۇراتتى.
داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72259
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 04:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئىچىگە كىرىپ كىتىۋاتىمەن دىسە،ھەي _بىراق مىھرىگۈلنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمەي يۈركىڭىزدە بىر ئوت قالىدىكەن دە.

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 06:10:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
umak315 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-2 04:02 PM
ئەجەپ ئىچىگە كىرىپ كىتىۋاتىمەن دىسە،ھەي _بىراق مىھرىگ ...

ئۇماق 315 ، بۇ ھېكايىنى قىزىقىپ ئوقۇۋاتقانلىقىڭىزدىن بەك خۇشال بولدۇم، تەكىلپ-پىكىرلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
ئەمما، ئاپتۇر بىلەن ‹مەن› بىر ئادەم ئەمەس، بۇ ئىش كاللىڭىزدا ئېنىق بولسۇن.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 240
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 06:53:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shoruq يوللىغان ۋاقتى  2012-5-2 06:10 PM
ئۇماق 315 ، بۇ ھېكايىنى قىزىقىپ ئوقۇۋاتقانلىقىڭىزدىن ب ...


بىزدە شۇ بىر كەمچىلىك بار. ئۇ بولسىمۇ ماقالە ئەسەرلەردىكى ۋەقەلىكنى شۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بىلەن باغلاش.
بەزى ئوقۇرمەنلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئەسەرلەردىكى ۋەقەلىكىنىڭ ئاپتۇرنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشى بولماستىن، بەلكى ئەتراپتىكى شەيئى ۋە ئىش- پائالىيەتلەردىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇنى بەدىئىليلىككە كۆتۈرۈپ بىزگە بايان قىلدىغانلىقىنى ئويلاشمايدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ۋاقتىلاردا ئەسەردىكى باش قەھرىمان بىلەن ئاپتۇرنى بىر ئادەم دەپ قالىدۇ. بوپتۇ ھىچقىسى يوق، ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئاخىرنى بالدۇرراق يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تۇرمۇشنى كۆزىتىش، ئىچكى ھىسياتنى جانلىق ئىپادىلەش كۈچىڭىزگە ئاپىرىن، غەيرەت قىلىڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 06:56 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:24:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغراق مەلىكىسى توغرا تەھىلىل قىپتۇ، ئەمەلىيەتتە، بىرىنچى شەخىس تىلى بىلەن ۋەقەلىكنى بايان قىلغاندا ئوقۇرمەنلەرگە ئاپتۇر بىلەن ‹مەن› بىر ئادەمدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ.  بۇ ھېكايە ۋەقەلىكى ئاخىرىغىچە ‹مەن›نى چۆرىدىگەن ئاساستا راۋاجلىنىدىغان بولغاچقا مۇشۇ بايان ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان ئىدىم.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72259
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 01:45:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوپـتۇ ،قارىغاندا مەن خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايمەن ،ئەسەردىكى ئەنۋەرنىڭ كىم بۇلشى مۇھىم ئەمەس، ئۇنداق تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ۋىسالىغا يىتەلماي يۈركىدە بىر ئوت قالغان ئەنۋەرلەر ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن.بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ ئاشۇلارغا ئۆتمىشىنى يەنە قايتا بىر ئەسلىتىدىغان ياخشى كارتىنا بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،قالايمىقان پىكىر بەرمەي داۋامىنى ئۇقۇۋىرەي....   سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش