مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shoruq

يۈرىكىمدە باشقا ئوت بار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9378
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5563
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1787 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 06:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ.   بۇ ئەسەرنى قانچىلىك ساقلايمىز ئۇنىسى نامەلۇم ، لىكىن يەنىلا ساقلاشقا ئەرزىيدۇ.

دەۋر تەقەززاسى - سىزنىڭ تارىخ بۈلىشىڭىزنى ئەمەس ، بەلكى تارىخ يارىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ!!!!!!!1

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 09:17:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالىسا بۈگۈن بۇ ھېكايىنىڭ بىر نەچچە قىسىمىنى يوللايمەن.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78006
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنڭ ھەممىنى ئۇقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ھەرقانداق بىر ياشنىڭ مۇشۇ باسقۇچلانى باشتىن كەچۈردىغانلىقى راس مىنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن ھەم ئۈتىۋاتىدۇ . ياشلىق ھاياتىمىز ھەقىقەتەن ئېغىر سىناقلاغا دۇچ كىلىدىكەن ،ياشلىق ھاياتى ئاشىقلىق سەۋدالىقتىن مۇستەسنا ئەمەسكەن . ئەسەردىكى ‹مەن ›نىڭ ئىرادىسى ھەقىقەتە كۈچلۈككەن ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن  ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئارتۇقچە پەرەز قىلمىدىم  لىكىن مەردان بىلەن  مىھرىگۈلنىڭ قانداق مۇ نا سىۋىتى باردۇ ؟ شۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن. مىھرىگۈلنىڭ كۆڭلىدىكى ئادەم زادى كىم ؟ مىھرىگۈل زادى نىمىلەنى ئويلاۋاتىدۇ ؟مۇنەۋەر نىمىشقا ئۇلاربىلەن بىر مەكتەپتە بىر كەسىپتە ئۇقۇپ قالدى؟مۇنەۋەر ئەنۋەرنى ياخشى كۈرۈپقالامدۇ؟؟ ئەسىرىڭىزنى ئاخىرغىچە ئۇقۇپ چىقىمەن تىزراق يېزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن   بەك تەقەززا قىلمىغايسىز .......

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:41:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(11)
  ئۈرۈمچى.
  مەن ئۈرۈمچىنى ياقتۇرۇپ قالدىم،  ئاپتۇبۇس بىزنىتاڭ ئاتماستا  شىنجاڭ مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاشلىدى. كۆپلىگەن سەپەرداشلىرىمىز ئۈرۈمچىدىكى تۇققان ۋە تونۇشلىرىغا تىلىفۇن قىلىپ، نەلەرگىدۇ كېتىپ قېلىشتى. مېھرىگۈل ۋە مۇنەۋۋەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇ ئىككىسىنى ماڭا تاپشۇرۇپ، مەكتەپكە ساق-سالامەت ئېلىپ بېرىشنى تاپىلىغان ئىدى. مەن مەكتىپىمىزنىڭ ئورنىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ قىزلار ئالدىدا چاندۇرماستىن ئۇلارنى باشلاپ يول ئېغىزىغا چىقتىم، ھەم تاكسىدىن بىرنى چاقىرىپ، يۈك-تاقىلارنى ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىغا، پاتمىغانلىرىنى ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا ئورۇنلاشتۇردۇم، ئىككى قىز ئارقا ئورۇندۇققا ئورۇنلاشتى، مەن ئالدىغا چىقىپ، شوپۇرغا، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا بارىمىز، دېدىم.  ماشىنا بىزنى ئېلىپ  ئىككى يېقى ئىگىز، ھەيۋەتلىك بىنالار، كۆركەم دەل-دەرەخلەر، رەڭگا-رەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر بىلەن بىزەلگەن شۇنداق چىرايلىق يوللار بىلەن مېڭىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا تاڭ يورۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ سەھەر مەنزىرىسى بىزنىڭ بىر كىچە-بىر كۈندۈزدىن ئۇزۇنراق داۋاملاشقان سەپەر ھاردۇقىمىزنى نەلەرگىدۇ ئېلىپ كېتىپ، كەيپىياتىمىزنى كۆتۈرۈۋەتتى. شوپۇرمۇ  بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كەلگەنلىكىمىزنى بىلىپ، بىز بېسىپ ئۆتكەن يوللاردىكى داڭلىق جايلارنى تونۇشتۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى، بىز  قىزىل تاغ، نۇرلۇق، دوستلۇق يولى، سەككىز قەۋەت، بالىلار باغچىسى، تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى... قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، بەش يىل ئوقۇيدىغان، نەچچە يىللاردىن بىرى ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئانا مەكتىپىمىز _ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىغا يېتىپ كەلدۇق، مەكتەپ نامى  كۆركەم، چوڭ قىلىپ ئۇيغۇچە ۋە خەنزۇچە يېزىلغان بولۇپ، مەكتەپ ئىچى گۈل-گىياھلار بىلەن تولغان، رەتلىك بىنالار، پاكىز تازلانغان كىچىك-كىچىك يوللار، ئۇيان- بۇيان مېڭىشىپ يۈرگەن بەختىيار مەكتەپداشلارنى كۆرۈپ چۈش كۆرۈۋاتقاندەك بولدۇق. بىز ئاساسىي بىناسىنىڭ ئالدىدا تاكسىدىن چۈشۈپ قالغان ئىدۇق.مەن قىزلارنى يۈك-تاقىلارغا قاراپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشنى باشلاپ، چۈشكە يېقىن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئۈچىمىزنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈردۈم. مەن ياتاق رايۇنىنىڭ ئەڭ كەينىدىكى 3-ياتاق بىناسىنىڭ 214-ياتىقىغا ئورۇنلاشتىم، قىزلار 5- ياتاق بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىگە ئورۇنلاشتى. بىز يۈك-تاقىلارنى ياتاققا ئەكىرىپ قويۇپلا تاماققا چىقتۇق. چۈنكى ئۈرۈمچىگە قەدەم قويغاندىن بىرى ئالدىراشچىلىقتىن ئاغزىمىزغا گىياھ چاغلىق بىر نەرسە سالمىغان ئىدۇق. مەن قىزلارنى مەكتەپنىڭ ئالدىغا جايلاشقان‹قەشقەر ئاشخانىسى›غا باشلاپ چىقتىم
-ئەنۋەر سىز بەك غەيرەتلىك، چاققان ئىكەنسىز، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھەممىمىزنىڭ ئىشىنى پۈتتۈردىڭىز، بىز ياتاققا تۇنجى بولۇپ ئورۇنلىشىپتۇق.
-ئەنۋەر، مۇنەۋۋەر مېنىڭ بىر تەكلىپىم بار. بىز ئۈچەيلەن ئەمدى بەش يىل بىر سىنىپتا ئوقۇيمىز، شۇڭا بىز بىر-بىرىمىزنى سەن دەپ ئاتاشساق، ئەنۋەر ئىككىمىزغۇ بىر-بىرىمىزنى ئاللاقاچان سەن دېيىشىپ بولغان، قانداق، بولىدىغان تەكلىپمىكەن؟
-مەن قوشۇلىمەن، مۇنەۋۋەر قانداق قارايدىكىن.
-مەندىمۇ گەپ يوق. ئەمسە مەن باشلاپ بېرەي، ئەنۋەر ماڭا چاي قۇيۇۋىتە.
-ماقۇل، مۇنەۋۋەر خانقىز، ساڭا ئۈرۈمچىنىڭ داغ چېيىدىن بىر پىيالە قۇيۇپ بېرەي.
-مېھرىگۈل سەنمۇ چاي ئىچەمسەن، ئەنۋەرنىڭ ياخشى كۆڭلى يەردە قالمىسۇن.
-ماقۇل، بىراق ئەنۋەر ئەتىگەندىن بىرى چارچاپ كەتتى، چاينى ئەڭ ياخشىسى بىز قىزلار قۇيايلى، ئوغۇللارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىساق بولماس.
-مەن ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغانلاردىن، سەنچۇ ئەنۋەر؟
-بۇ قارىشىڭنى بىلگەن بولسام، ئېغىر چامدانلارنى كۈتۈرۈش ئىشىنى ساڭا تاپشۇرۇدىكەنمەن.
-قىلغان ئىشىڭنى مىننەت قىلغىلى تۇردۇڭمۇ، ئۇنداق بولسا، مەنمۇ قاراپ تۇرماي. بۈگۈنكى تاماق پۇلنى مەن تۆلەيمەن، باشقىلار ئارلاشمىسۇن، بولۇپمۇ، ئوغۇللار.
-  تاماق پۇلىنى تۆلەشمۇمۇ ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنىڭ بىر مەزمۇنىمۇ ئەمدى.
-ئۇنداقلىقىنى بىلسەم كۆپرەك تاماق بۇيرۇتىدىكەنمەن.
- بىكارلىق تاماقكەن دەپ تۆگىدەك بىر ئايلىق تاماقنى بىر يەۋالامسىز.-يا؟
-ئەنۋەرنىڭ تۆگىدەك لوكىسى بولسا، شۇنداق قىلىشتىمۇ يانمايدىغان ئوخشايدۇ.
-...
بىر نەچچە ئاي تىزلا ئۆتۈپ كەتتى. مۇنەۋۋەر بىلەن مېھرىگۈلنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى مەندىن ياخشى بولغاچقا، ئۇلار تەييارلىق سىنىپنىڭ تىز تەربىيلەش سىنىپىغا تەقسىم قىلىنغان ئىدى. مەن بولسام ئاستا تەربىيلەش سىنىپىغا بۆلۈنگەن ئىدىم. شۇڭا ئۇلار بىلەن ھەپتە-ئون كۈندە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا ئاران پۇرسەت چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىقتىسادى قىيىنچىلىقمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، مەكتەپ ئىچىدە تازلىق قىلىش خىزمىتىنى تاپقان ئىدىم، مەن مەن تازلىق قىلىدىغان رايۇن ئوقۇغۇچىلار 3-4-ياتاق بىناسىنىڭ كەينى بولۇپ، ئەسلى ئىككى كىشىلىك تازلىق رايۇنى ئىدى. بۇ يەرگە بۆلۈنگەن يەنە بىر ئوقۇغۇچى بۇ يەرنىڭ بەكلا مەينەت ئىكەنلىكنى كۆرۈپ، تازلىق قىلىپ پۇل تېپىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككى كىشىلىك ئىش قىلىپ، ئىككى كىشىلىك ھەق ئېلىشنى قارار قىلدىم، يەنى ئىككى ياتاق بىناسىنىڭ كەينى تەرىپىنى تازلىسام ھەر ئايدا 120 يۈەن ئىش ھەققىگە ئېرىشەتتىم.
مەن ۋاقتىمنى ناھايتى زىچ ئورۇنلاشتۇرمىسام تازلىق قىلىشقا ۋاقىت چىقمايتى. شۇڭا ھەركۈنى ئەتىگەنلىك گىمناستىكىدىن بۇرۇن يېرىم سائەت، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا يېرىم سائەت، كەچلىك تاماقتىن بورۇن يېرىم سائەت تازىلىق قىلىشنى ئادەت قىلىۋالدىم. ياتاق بىناسىنىڭ كەينىگە ئاشقان تاماقلار، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان تاماق قاچىلىرى، كېرەكسىز قەغەز، ئىچىملىك بوتۇلكىلىرى، ھەرخىل پايپاق، ئىچ-كىيىم... ئىشقىلىپ ماڭا كۈندە قىلىدىغان ئىش چىقىپ تۇراتتى. باشتىكى بىر ئاي ۋاقىتنى بەكلا تەستە، جاپالىق ئىشلەپ ئۆتكۈزدۈم، باشقا ياتاقداشلىرىم ئارام ئېلىۋاتقاندا مەن ياتاق بىناسىنىڭ كەينىدە ئىشلەۋاتقان بولاتتىم. قىلىۋاتقان ئىشىم بەك مەينەت بولغاچقا ياتاقداشلىرىم ۋە بىر قىسىم ئەھۋالدىن خەۋەردار قىز ساۋاقداشلىرىم مېنى زاڭلىق قىلىدىغان، ياراتمايدىغان بولۇۋالدى، مەن ئائىلەمنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەچكە ئامالسىز چىشىمنى چىشلەپ ئىشلەشكە مەجبۇر ئىدىم. تۇنجى قېتىم 120 يۈەن مائاشنى ئېلىپ، خۇشاللىقىمنى باسالماي، قىممەت بولسىمۇ ئۆيۈمگە ئۇزۇن يوللۇق تىلىفۇن قىلىپ ئاتا-ئانامغا  خوشخەۋەر يەتكۈزدۇم، ئۇلار مېنىڭ ئىنساپىمغا  دۇئا قىلىشىپ، جاپاغا چىداپ، پۇل تاپقانلىقمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولۇشتى. مەكتىپىمىز بىزگە ھەر ئايدا 60 يۈەن تاماق ياردەم پۇلى بېرىدىغان بولغاچقا، ھەر ئايدا ئالىدىغان 120 يۈەن مائاشىم قېتىلىپ، ئائىلەمگە تايىنماي، تۇرمۇش مەسىلەمنى ھەل قىلىۋالغان ئىدىم. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال ئىدىم...
داۋامى بار.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 12:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karburan يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 12:29 PM
ئەسىرىڭىزنڭ ھەممىنى ئۇقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن ياخشى يېزى ...

قەھرىمانلىرىمىز ئەمدىلا ئۈرۈمچىگە كەلدى. بەش يىل جەريانىدا نېمىلەر يۈز بەرمەيدۇ دەيسىز، ئەگەر مۇنبەرداشلار زىرىكىپلا قالمىسا، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئىنچىكە تەپسىلاتلار بىلەن تەسۋىرلەپ چىقىشقا تىرىشىمەن. ھېكايە ۋەقەلىكى ئىچىگە 2000 -يىللاردىكى (ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش، تىل ئۈگىنىش،مۇھەببەت، دوستلۇق، ئىگىلىك تىكلەش، ساياھەت، جەمىيەت ۋە مەكتەپلەردىكى ناتوغرا ئىشلار، خىزمەت مەسىلىسى... قاتارلىق مەزمۇنلارنى سىڭدۈرۈپ مېڭىشقا تىرىشىمەن. كۆپچىلىكنىڭ بولۇپمۇ  شۇ ۋاقىتلاردا ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان مۇنبەرداشلارنىڭ ماڭا كۆپلەپ پىكىر بېرىپ، ئەسەر ۋەقەلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا خاتا كەتكەن جايلارنى تۈزۈتۈپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72259
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:14:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇسىز.خاپا بولماڭ يەنە قۇشۇق سالدىغان بولدۇم . ئەسلى سىلەرگە شىىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدىن  چاقىرىق كەلگەن .بۇ قىسىمدا پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتى دەپ يېزىپسىز .دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۇد قىلمەن.

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 02:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
umak315 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 01:14 PM
ياخشىمۇسىز.خاپا بولماڭ يەنە قۇشۇق سالدىغان بولدۇم . ئە ...

ئۇنداق ئەمەس، ‹ئەنۋەر›نىڭ مەھەلىسىدىكى بىرى بىر يىل بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا ئۆتۈپ، ئوقۇشتىن سىرت پۇل تاپقان تەجرىبىسىنى ‹ئەنۋەر›گە سۆزلەپ بېرىدۇ،  بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمز تاكسىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا چاقىرىق ئەۋەتكەن مەكتەپنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدۇ..
مەن سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار، رەھمەت سىزگە، باشتىن-ئاخىر ئەسەرنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ، ياخشى پىكىرلەرنى بېرىۋاتىسىز...

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78006
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 06:04:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تىزراق يازاسىز قېرىندىشىم ئەھۋال چاتاقتەك تۇرىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73768
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 06:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ. ماتىريالنى بەك ياخشى تاللاپسز!!!

ھەقىقەت__جاپا چەكمەكتۇر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13407
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 01:27:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭزنى بۈگۈن تۇلۇق ئۇقۇپ تۈگىتىپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم، مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە، ئەنۋەرمېھرىگۈلنى ياخشى كۆرگىنى بىلەن، مۇنەۋەر ئەنۋەرنى ياخشى كۈرىدىكەن. مېنىڭچە، بۇ بەش يىل داۋامىدا بۇلار ئوتتۇرىسىدا چۇقۇم ئىختىلاپ يۈز بىرىشى مۈمكىن، يا مۇنەۋۋەر بۇنى بىر ئۈمۈر يۇشۇرۇپ ئۈتۈشكە تىرىشىدۇيۇ، ئەنۋەر قىيىنچىلىقتا قالغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەمدە بۇلىشى بىلەن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇنەۋەرنىڭ مۇھەبىبىتىنى ئەنۋەر سىزىپ قېلىشى مۈمكىن....

قىلغاچقا پاك ياشاشقا بىر ئۈمۈر نىيەت
قوللايدۇ ھەر دائىم مۇئىمىن ئۈممەت
تەدبىرىم قانداقتۇر، تەقدىرىم شۇنداق
چۈنكى مەن بولغاچقا پاكنۇر ھەقىقەت

مىللىتىڭ چوغ ئىچرە كۈيۈپ تۇرسا،سەن باشقىلار ئۈچۈن خۇشامەت قىلىسەن، مىللىتىڭنى ئويلاپ قوي، كەلگۈسىڭ باشقىلار بىلەن ئەمەس بەلكى ئ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش