5. ئو
(1) شېئىر شەكلى
ئويلاۋەرمە ئويلارنى ئويلاپ،
ئوينىغانلار ئويناۋەرمەيدۇ.
ئوت ئوينىغان ئوتتا ئوتلىنار،
ئوخشاتقانغا ئوخشاۋەرمەيدۇ.
ئوتۇڭ ئوتتەك، ئوتقاشتەك ئوتلۇق،
ئوخشىتارمەن ئوتقا، ئوخشاشتەك.
ئوتلىنامدىم ئوتلۇق ئوتۇڭدا،
ئوخشىمىساڭ ئوتقا، ئوتلاردەك.
(2) قوشاق شەكلى
ئوۋ ئوۋلاپتۇ ئورماندا،
ئونچە ئوغۇل ئوقيادا.
ئوۋلالىغان ئولجىنى،
ئوخشىتاركەن ئوتلاردا.
ئوخشارمىكىن ئوخشاتساق،
ئوخشاتقانغا ئوخشۇشۇپ،
ئويۇن ئوينار ئوغۇللار،
ئوبامانى ئوخشۇتۇپ.
(3) سۆز شەكلى
ئوغۇللار ئوتلاقلاردا ئولتۇرغاچ ئوي ئويلاشتى، ئويلىرىدا ئوقۇشتا ئوقۇيالمىسا، ئورماندا ئوۋلا ئوۋلىيالايدىغان ئوۋچىلارغا ئوخشىشىدىغانلىقىنى ئويلاشتى. ئورماندىكى ئوۋچىلىقنى ئويلاشتى. ئوكيانلارنىمۇ ئويلاشتى.
ئويلۇشا-ئويلۇشا، ئوڭدەك ئوڭشالسا، ئوقۇشلا ئوغۇللارنى ئوتتۇز ئوغۇلدەك ئوتلاندۇرىۋېتەلەيدىغانلىقىنى، ئوقۇشلا ئوغۇللارنى ئوتلاردا ئوتقاشتەك ئوخچۇتالايدىغانلىقىنى ئويلۇشۇپ، ئوقۇشنى ئويلىرىغا ئوبدانلا ئورنىتىۋالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-18 11:54 PM