9. ب ھەرپى
(1) شېئىر شەكلى
بارچە بەخت باشلىناركەن باھاردىن،
باشلامچى بولۇپ باھادىرلىققا.
بېخىللاشماي باھار بېرەر بەرىكەت،
بوستان بولار باغلار باھاردا.
باغلانغانكەن بۇلبۇل باھارغا،
بارلىقىنى باھار بېغىشلار.
باھار بېرەر بەختتىن بىشارەت،
بۇلدۇقلاركەن بالقىپ بۇلاقلار.
باھار بېرەر باغلام بايلىقنى،
باي بولۇشقا باشلايدۇ بىزنى.
باھار بەركەت-بىلىم بۇلىقى،
بىلسەڭ باھار بېرەر بىلىگنى.
باش بولغان بىلەن بىلىم بولمىسا بىكار،
بىلىم بولۇپلا بىرلىك بولمىسا بىكار،
بىلىمسىزدە بولماس بەرىكەت بېيىشلار،
بىلىمسىزدىن بولار بارچىمۇ بەك بىزار.
باغاشلىغىن باغرىڭغا بېسىپ،
بۇنى بىلگىن، بارلىغىم بولغىن.
باغرىڭدىكى بېلىقىڭ بولاي،
بۇلدۇقلىغان بۇلىقىم بولغىن.
بېرەرسەنمۇ بارلىقىڭ بارىڭ،
بەرىكەت بەر، بەرمىگىن بېسىم.
بېرىلمىگىن باشقىغا بارما،
بىچارىدەك بولمىسۇن بېشىم.
(2) قوشاق شەكلى
باتۇرلىرىم باتۇر بول،
بولما بىغەم بىچارە.
بوشلۇقتىكى بۇلۇتتەك،
بولما بىكار بەشپارە.
بىلىگلەردىن بىلىملەن،
بېغىشلىغىن بەخىتتىن.
بىلىملەردىن بۇلاق بول،
بىلىگلىنىپ بارچىدىن.
(3) سۆز شەكلى
بىلىمىز بىلىملا بىزنى باتۇرلاشتۇرالايدۇ! بىلىم- بىلىگلەردىنلا باتۇرلىشالايمىز!
بىلىمسىز بولمايلى، بىغەم بولمايلى، بىپەرۋا بولمايلى، بەختىمىز بىكاردىنلا بەر بات بولمىسۇن. بىر-بىرىمىزنى بەزلەپ بىچارە بولىۋالمايلى، باتۇرلىشايلى! بىلىم بۇلىقىنى باغاشلايلى! بارچىگە بىلىم بېغىشلىساق، بەخت بېغىشلىساق، بارچىمۇ بۇلدۇقلىغان بۇلاقتەك بۇلدۇقلايدۇ!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-19 06:31 PM