سىز چوقۇم بىر ئەبلەخ
.......................................
سىزمۇ بەلكىم ھېس قىلىۋاتقانسىز، كۆپ يىللاپ «بىلىم ئۈگىنىمىز» دەپ ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە يۈرۈپ خەنزۇتىلى سەۋىيەرىمىز خىل ئۆسۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن «كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ پەخىرلىك تۇيغۇلىرى ئاستىدا» ئانا تىلىمىزنى يات تىللارغا قوشۇپ، ئۆزىمىزچە يىڭى تىل ياساپ قوللىنىشقا ئادەتلىنىپ كەتتۇق. ھالىمىز شۇ يەرگە يەتتىكى بۇ خىل ئارلاشما تىلغا قۇلىقىمىز، مىڭىمىز، يۈرىكىمىز… بارچە ئەزايىمىز كۆنۈپ كەتتى، تاكى تەتىلللەردە ئۆيگە بېرىپ ، خەنزۇتىلىدىن قىلچە خەۋېرى يوق ئاتا – ئانىمىزنىڭ ئالدىدا چاپاننى شاڭيى، دۇكاننى چاۋشى دەپ مات بولمىغۇچە ئىغىزىمىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنى سەزمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق! قەلبىمىزدە « سەن بىر ئۇيغۇر! دۇنيا يۈزىدە 20 مىلىيونغا يىقىن نوپۇسى بولغان، جوڭگودىن ئىبارەت قۇدرەتلىك دۆلەتتىكى خەنزۇلاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، ئۆز ئالدىغا ساپ تىلى، مۇكەممەل مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىى، گۈزەل دېنى بولغان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى؛ سەن ياراتمايۋاتقان موشۇ تىلىڭ بىلەن ئەجدادلىرىڭ دۇنيا تارىخىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان؛ھازىر سېنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىلىرىڭنىڭ ھۆددسىدىن چىقالمايۋاتقان بۇ ‹يارىماس› تىلىڭ دۇنيادىكى نى – نى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆز بەدئىي قىممىتى بىلەن ساڭا يەتكۈزۈپ بېرىشكە قۇربى يەتكەن؛ مەھمۇت كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق بوۋىلىرىڭ دەل موشۇ تىلنىڭ پاساھىتى بىلەن دۇنيا يۈزىدە نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئايلانغان…» دەپ ۋىجدانىمىزغا سۇئال تىكلەيدىغان ئاداققى تۇيغىمۇ قالمىدى. شۇڭا بۇ ھالىمىزغا «ئەبلەخ» دېگەن نامنىڭ ھەرگىزمۇ ئىغىر كەتمەيدىغانلقىغا ئىشەنچ قىلىپ قالدىم. ئۆزىمىزنىڭ زادى بىر ئەبلەخ ئىكەنلىكىمىزنى ئوچۇق ئىىتىراپ قىلىدىغان كۈنىمىز كەلگەندەك قىلىدۇ…
تولۇقى بۇ يەردە:
http://bbs.alkuyi.com/thread-20949-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-24 04:15 PM