hekmat110 يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 06:06 PM
مەن كۆپ سۆزلىمىەي زەي ئۆينىڭ بۇلىڭىدا موما يەپ ئولتۇرغ ...
ئادەتتە تۇرمىشىمىزدا بۇ خىل ئارلاشما تىلدا سۆزلەش ئانچە غەلىتە بىلىنمەيدىغان بوپ كەتتى. دىيارىمىز جەمىيئتىدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن( چۈنكى ئۆزۈم بەش يىلدىن بىرى ئىچكىردە بوپ قالدىم)، ئەمما ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇۋاتقان، ئىلگىرى ھىچ بولمىسا تولۇقسىزغىچە ئۇيغۇرچە دەرىسلەرنىمۇ ئوقۇپ باققان، ئائىلىسىدە ئاتا - ئانىسى ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە پاراڭلارنى تولۇق چۈشىنىش، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى بولغان ساۋاقداشلرىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن بەكمۇ ئىچىنىمەن. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىدىكى ئارلاشما پاراڭلىرىدىن مىسال ئېلىپ بىرەي، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭلارنى ئەسكە ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭلار، تۇرمۇشىڭلاردا شۇنداق ئەھۋال بارمۇ - يوق؟!
__ ئۇزۇندىن بىرى يوقاپلا كەتتىڭ، ganjue رىڭ قانداقراق ئاداش.
__ xuan xiu ke نى بەك جىق تاللىۋاپتىكەنمەن، shang le قىلىپ بولالماي mang بوپ قالدىم.
__ ھە، تاماق يىدىڭمۇ؟
__ ياق تېخى، بايا zhi dao yuan ban gong shi غا چاقىرتىپتىكەن، شۇيەردىن كىلىشىم.
__ مەنمۇ تېخى يىمىگەن، ماڭە ئاداش، ھازىر shi tang دا ئادەم ئاز، تاماق يەۋىلىپ ئاندىن cao chang غا چىقىپ lan qiu ئوينايلى!
__ بۈگۈن zuo ye رىم بەك جىق دېگىنە ئاداش، ئىشلەپ بولالمىسام lao shi لار xue fen er بەرمەيدۇ. شۇڭا مەن سەل تۇرۇپ shang zi xi قىلاي.
__ ھە مەيلى ئەمسە، مەن سەمەتكە duan xin fa le قىلىپ باقاي، ئۇ بىكارمىكىن.
__ جۈرە! shi tang غا چىقايلى....
مانا بۇلار پەقەت نەچچە مىنۇتلۇقلا پاراڭنىڭ جەريانى، ئىشەنمىگۈچىلەر ئۆزۈڭلار دېققەت قىلىپ بىقىڭلار! ئەگەر موشۇ پىتى كىتىۋەرسە بىر كۈنلەرگە بارغاندا تىلىمىزدا بەك زور ئۆزگىرىش بوپ كىتىدۇ. بىر مىللەت كىشىلىرى نەچچە خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ كىتىمىز.
نۆۋەتتە ئانا تىلىمىزنى قوللانماسلىققا ھىچ باھانە قالمىدى. كومپىوتېردا ھازىر يىزىقىمىز نورمال تونۇتىلدى، ئۇيغۇرچە تېلىفۇن، ئەقلىفۇن ۋە تاختا كومپىوتېرلارمۇ بارلىققا كەلدى، ئۇيغۇرچە تور بەتلەرمۇ ئۇچۇرغا بولغان ئىھتىياجىمىزنى قامدىيالىغىدەك بولدى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشنى بىلمىسەك بەك ئىچىنىشلىق ئىش بولىدۇ. ئانا تىل قوللىنىشقا بولغان تەلەپنى ھە دېسىلا خىزمەتكە، ئۈگىنىشكەم ۋەزىيەتكە باغلاپ گەپ يورغىلىتىدىغانلارغا شۇنداق دېگۈم كىلىدۇ:
تېخى ھېچقانداق بىر كۈچ ئانا تېلىمىزنىڭ قوللىنىشنى چەكلەش مەقامىغا يەتكىنى يوق، سىزنىڭ باشقا تىلنى ئۈگىنىش، قوللىنىش ئەركىنلىكىڭىز بولغىنىدەك ئانا تىلىڭىزنى سۆيۈش، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈش - ئاسىراش مەجبۇرىيتىڭىز ھەم بار. ئانا تىل - يېزىقىڭىزنى قەدىرلىمەي تۇرۇپ ھەرقانداق جايدا ھەقىقىي ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىرىشىشىڭىز مومكىن ئەمەس. خەق سىزنىڭ ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى پاكىزە سۆزلىيەلمىگىنىڭىزگە قاراپلا كۆڭلىدە باھا بىرىپ بولىدۇ.
http://bbs.alkuyi.com/thread-20949-3-1.html