قالاق مائارىپ تۈزۈلمىسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ
[ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان» ئايلىق ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 29-ئىيۇن ماقالىسى] جۇڭگو كەشپىياتچى ۋە كارخانىچىلارغا موھتاج بولسىمۇ، لېكىن داڭلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا قۇرۇلغان جۇڭگو مەكتەپلىرى يەنىلا بىر قېلىپقا سېلىنغان ئىنژېنېر ۋە بوغالتىرلار تەربىيەلەش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە ئېكسپورت تىپىدىكى ئىقتىسادتىن ئىچكى ئېھتىياج تىپىدىكى ئىقتىسادقا ئۆتۈش، مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇشتىن مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەشكە ئۆتۈش جەريانىدا، جۇڭگونىڭ يەنە كۆپ مۇساپىنى بېسىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ماتېماتىكا ۋە قۇرۇلۇش ئىلمىنى ئۆگىتىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، بۇلار يەنىلا جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق. جۇڭگو رەھبەرلىرى داۋاملىق تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ. لېكىن، تەقدىرنى بەلگىلەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بۇ ئىككى جەھەتتىن ئېلىنمايدۇ.
ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئاستىلاش ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.
ئۇلار جۇڭگودىكى ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتلار ياكى غەرب دۆلەتلىرى شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشخانىلىرىدا ياللىنىپ ئىشلەپ يۈرمەي، ياخشى تەربىيە ئېلىپ، كارخانا قۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خېرىدارلارغا ئۆزلىرىنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتقانلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار دۆلەت ئىچىدىكى كۆرەرمەنلەرنىڭ غەربنىڭ داڭلىق فىلىملىرىنىڭ ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان DVD پىلاستىكىلىرىنى سېتىۋالماسلىقىنى، چەت ئەللىك كۆرەرمەنلەرنى جۇڭگو فىلىملىرىگە قىزىقتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، جۇڭگونىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى بۇنىڭغا يۈزلىنىپ، كېيىنكى ئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرمەيلا قالماي، بۇ تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
جۇڭگو رەھبەرلىرى تېخىمۇ ئىجادىي ئىگىلىك بەرپا قىلىدىغان بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارغا موھتاجلىقىنى چۈشىنىدۇ. لېكىن، يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، بۇلتۇر جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %1.6 ىنىڭلا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى، ئالدىنقى يىلىمۇ شۇنداق بولغانلىقى بايقالدى.
جۇڭگونىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە جۇڭگودىكى تۆت چوڭ كەشپىيات ھەققىدىكى ھېكايىلەر بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ھېكايىلەر ئارقىلىق ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ جۇڭگودا بۇرۇنلا بارلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى. جۇڭگودىكى مائارىپشۇناسلار قەغەزنى كەشىپ قىلغان سەي لۇندەك نۇرغۇن ياش كەشپىياتچىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
http://www.nur.cn/news/2012/06/73382.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-29 12:59 PM