مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: aybarqn

سۈنئىي ھەمراھتىن ساقىغان سۆيگۈ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82116
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 06:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى چۇ ؟تۇگىدىما تىلغۇنى چىڭ تۇتۇپ ئۇخلاپلا؟

دىمسىمۇ بۇ ئۇن دىدار دىگەن نىمە تۇرمۇشمىزغا سىڭىپ كىرىپ خېلى-خېلى ئېشلارنى تەۋرىتۋاتدۇ دەيمەن ...كىمنىڭ قۇلغا قارسا شۇ نىڭدا ھىجاراپ پاراڭلىشىپ كىتۋاتقان....ھەي .............. بولۇپمۇ بۇنڭدەك يىڭلىقلارنىڭ تۇرمىشمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئوموملىششى بەكلا تېزغۇ تاڭ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79166
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 06:24:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاخىرىنى قاچان يازىسىز؟ئوخلاۋەرمەڭ تىلفۇننى تۇتۇپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82245
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 02:35:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانداق بىر شەيئىي ئۆز سىرلىقلىقى بىلەن كىشىنى ئۆ زىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئۇ سىرى ئېچىلىش بىلەن جەلىپ قىلىش كۈچى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقايدۇ.
شۇنىڭدەك سىز ئېيتقان « ئۈن دىدار» مۇ ئوخشاشلا بەزىلەر ئۈچۈن ئەمدى مودا بولغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن ئېھتىمال ئاللىقاچان تارىخ بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 0
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 02:45:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-4 05:09 AM
ياخشى  يىرى  بۇ  نەرسە  بىلەن  چەت ئەللەردە  ئوقۇيدىغان ي ...

مەنمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن خالىغان ۋاقىتتا تۇققانلىرىمنىڭ گۇرۇپپىسىدا پاراڭلىشالايمەن . ياخشى يەرگە ئىشلەتسىڭىز ياخشى نەرسە بۇ . ھازىر تارتقان رەسىمنى ھازىر ئەۋىتىشىمىز ، ھەتتا ئەتكەن تاماقنىمۇ رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىمەن ئاپامغا .

قانداقلا مۇڭداشقۇ بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ ، گەپ قانداق ئىشلىتىشتە .

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. France2006

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23888
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3444
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 05:05:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قەنى ، نەگە قەتتى بۇ قىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يا تارىخنى يارىتىمىز،يا تارىخنى يازىمىز

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7808
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1033 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 03:51:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
                                            ئۈن دىداردىن ئۈنگەن ئۇنتۇلماس دىدار

            شۇنداق قىلىپ بۇ نەرسە بىلەن ئوبدانلا ئەپلىشىپ قالدىم،دەسلەپتە كىچىك بالىنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرگەندىمەنمۇ دىگەن ئەنسىرەشلىرىم خىزمەتداشلىرىم ئۈگىتىپ قويغان دوس ئىزدەشنى كۆرگەندىن كىيىن ئاللىقاياقلارغا يوقىدى،نىمىشقا دەمسىز،،،ما ئۈن دىدارنى چولپانلىرىمىز،ئەدىب-ئۇستازلىرىمىزمۇ ،ساھە-ساھەلەردىكى زىيالىلىرىمىزمۇئوينايدىكەن ئەمەسمۇ،ماڭا نىمە خۇدۈك ئەمدى؟
               بوش ۋاقىتلىرىمدىكى زېرىكىش،چەتئەلدىكى توي قىلىشقا پۈتۈشكىلى ئالتە يىل بولغان لايىقىمنىڭ كىلىپ بولالمىغىنىدىن سىقىلىش قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالدىم،ئۈن دىدارنىڭ دۆلىتىدە،تونۇشمايدىغان كىشىلەر بىلەن ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىپ ئىچىم خېلى بوشاپ قالىدۇ.شۇنداق قىلىپ ساپاسىز دوسلارنى قارا تىزىملىككە،پىكىرلىشەلەيدىغان سۆھبەتداشلىرىمنى ئالىي تىزىملىككە تىزىپ ئۈن دىدار ئۇچۇر ساندۇقۇمنى رەتلىۋالدىم،ھوي،،راست،بۇ دوسلىرىم ھېلىقى بىر ۋاقىتتا ئىشخانىدىكىلەر قاچىلاپ بەرگەنلەر ئەمەسمۇ،بۈگۈن ئۈزەم بىر ئىزدەپ باقايچۇ،ئۇنى ئۇنداقكەن، بۇنى چوڭكەن،بىرىنى توڭكەن دەپ پەرەزلەرنى قىلىپ ئۈزەمچە ھېچكىمنى ياراتماي دوس ئىزدەشتىن يالتىيىپ تۇرغىنىمدا،تولىمۇ ئوماق بىر باش سۆرەتكە كۆزۈم چۈشتى.......
                باش سۆرەتنى چوڭايتىپ رەسىمگە قانچىلىك قاراپ تۇردىمكىن تاڭ،چاچلىرى كالتا قويۇلغان،قاش-كۆزلىرى قاپقارا  تولىمۇ نازۇك چىرايلىق يىگىتنى قوللىرىم تىترىگەن ھالدا قوشۇش ئۈچۈن دوست بولۇش ئۇچۇرى ئەۋەتتىم:
                     -ھەي...................
           ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ قوشۇلغانلىق خەۋىرى كەلدى،يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تېلفوننى ئۈستەلگە قويۇپ قويدۇم.توۋۋا،سەنئەت ئىنىستىتوتىدا بويلىرى ناردەك،تېرىسى قاردەك،چاچلىرى بۈدرە،بەللىرى ئۈگرە مىشچان يىگىتلەر بىلەن بىللە شۇنچە يىل ئوقۇپمۇ بىرەرسىگە كۆز قىرىمنى سالغان ئەمەسمەن،ئەمدى بۇ كۆرمىگەن ناتۇنۇش ئاخۇنغا نىمانچە بوپ كىتىمەن ئەمدى؟
             -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى، توۋۋا مەن قوشقان تۇرسام نىمىشقا مەن گەپ قىلماستا سالام قىلىپ يۈرىدۇ،تازا بىر قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان ئاداشمۇ نىمە بۇ،سوغۇقلا سالاملاشتىم بىراق يەڭگىللا سوئاللار،تاتلىق جاۋابلار بىلەن قايتىدىن قىززىپ كەتتىم،ئۇ باشقىلارغا ئوخشىمايتتى،ئىسمىڭىز نىمە ،نەچچە ياش،نىمىش قىلىسىز دىگەندەك بىېشىنى سوراپ بولغىچە ئاخىرىنى بىلىپ بولىدىغان ئۈن دىدار قىززىق نۇقتىلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەيتتى:
                  -ھە،كەسپىڭىز پىئانىنو ئوخشىمامدۇ،باش سۆرىتىڭىزدىن قارىغاندا كەسپىڭىزنى بەك سۈيىدىكەنسىز شۇنداقمۇ،قاچان ماڭا چېلىپ بېرىسىز؟
              -شۇنداق مەن ئۈزەمنىڭ رەسىمىنى چىقىرۋېلىشنى تازا خالىمىدىم شۇڭا   پىئانىنونى چىقىرىپ قويغان،مىنىڭغۇ سىزگە ھازىرلا چېلىپ بەرگۈم بارئىدى لېكىن سىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىش بىئەپ،سىرتتا چېلىپ بېرەي دېسەم بىلىسىز ماۋۇ چالغۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ چالغىلى بولمايدۇ،يېنىڭىزغا ئېلىپ چىقالمايمەن،توغرا چۈشىنەرسىز،-دىدىم مەن ئۇستاتلىق بىلەن.
                 -ھا..ھا...سىز ئاۋۋال چېلىپ بېرىشكە نىيەت قىلىڭە،مىنىڭ ئىشخانام نەنمىندا،بىلىسىز بۇ يەرنىڭ ھەممىسى پىئانىنو،ئاممىۋى سورۇندا چالمايمەن دىسىڭىز ئۆيگە بىرنى ئالساممۇ بولىدۇ،قاچان چېلىپ بېرىسىز ھە؟
                        باھانە كۆرسەتكۈسىز سوئالغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي گەپنى بۇرىماقچى بولدۇم،مۇمكىنمۇ،ئۇ بەك ئەقىللىقكەن،ئىنكاسىمۇ بەك تېز،ئامالسىز ئۇنىڭ پىكىرىگە ياندىشىپ سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردۇم.......................
                يازغان خەتلىرىنى يېنىشلاپ ئوقۇپ،رەسىمىگە تەكرار قاراپ كۈننى كەچ قىلدىم.ئۆز-ئۆزەمگە سەل ئاچچىقىم كەلدى،نىمە بولغاندىمەن ،ياق بۇ بىر خىيال ،ئۇ بىر مەۋھۈم دۇنيادىكى ئېنىقسىز ئادەم،ئەمىلىيەتتە بار بولغاندىمۇ مىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن،ئاتا-ئانىمىز دۇئا بەرگەن،ئالتە يىللىق ۋاقتىمنى بىللە ئۆتكۈزگەن يىگىتىم بار ئەمەسمۇ،ھاي..ھاي..ئەستاغفۇرۇللا شەيتان،،ھەرقانچە يامان بولساڭمۇ ئاللاھ مىنى پاناھىدا ساقلايدۇ،مىنى ئازدۇرالمايسەن،كونىلارنىڭ قىزبالا ئولتۇرىۋەرسە ئېلىشاڭغۇ بوپقالىدۇ دىگەن گىپىنىڭ ئاساسى بارمۇ نىمە؟
              ئۈزەم قىززىپ ،ئۈزەم-ئۈزەمگە ھاي بېرىپ،ئۈزەم خىيال قىلىپ،ئۈزەم رەت قىلىپ دىگەندەك بېشىمنى ياستۇققا قويدۇم،كۆز ئالدىمغا كىلىۋالغان سۆرەتنى يوقىتىشقا،بۇنى بىر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلىپ بوي بەرمەسلىككە نىيەت قىلىپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم...............
                        ياق ،بۇنداقلا ئۇخلىيالمايمەن،ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا تۇرۇپ كەتتىم.خاتىرەمنى ئېلىپ قەلەم تەۋرەتتىم:
          -ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈن تۇيۇقسىزتونۇشۇپ قالدىم،مەن نىمە بولغىنىمنى،نىمە بولىدىغىنىمنى،ئۇنىڭ كىملىكىنى،نىمە ئويلاۋاتقىنىنى ،ئۈزەمنىڭ نىمە ئۈچۈن ناتونۇش بىرى ئۈچۈن، نىشانسىز خاتىرە قالدۇرۋاتقىنىنى بىلمىدىم پەقەت بىلىدىغىنىم-مەن ئۇنى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئۈن دىداردا دىدارلاشقان بۈگۈننى مەڭگۈ ئۇنتىمايمەن..بۇ كۈن:
                      2012-يىلى5-ئاينىڭ12-كۈنى......................


سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 234
تۆھپە نۇمۇرى: 1058
توردا: 625 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 04:24:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايچىندە، ئەسىرىڭىزنىڭ بۇ بۆلىكى خېلى ئېنىق چۈشۈنۈشلۈك چىقىپتۇ.
راسلا ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئادەملەرلا ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، بۇ تەرىپى دىمىسىمۇ راستمىكىن، قالغان گېپىمنى ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامى تۈگىگەندە يازايمىكىن، داۋامىنى تېزراق يوللارسىز !

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7808
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1033 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 04:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                    ئۈن دىداردا - شىرىن سۆھبەت

                  ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققان يىلى تولىمۇ ئاددىي،لېكىن مەنىلىك يېزىلغان پارتىدىشىم ئىكرامنىڭ مۇھەببەت خېتىنى تاپشۇرۋالدىم،بۇ ئوقۇپ بولۇپلا يىرتىۋېتىدىغان باشقا خەتلەرگە ئوخشىمايتتى.بىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان،ئۇ ھەتتا يەتتە ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا مەكتەپكە ماڭسام  تەڭ ئەگىشىپ بېرىپ بەش يېشىدا مەن بىلەن تەڭ ئوقۇشقا كىرىپ ساۋاقداش بولۇپ قالغان،مانا ھازىرغىچە بىللە ....لېكىن قېرىندىشىم ئورنىدا كۆرۈپ كەلگەن بۇ يىگىتكە نىمە دەي،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندىن كىچىك تۇرسا،شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ،سومكامنى كۆتۈرۈپ،باشقىلار بىلەن مىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ جىق جاپايىمنى تارتتى لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن تەكلىپىگە قوشۇلسام ماڭا ئادىل بولماس،يەنىلا ئاتا-ئانامنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاي! شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانىمىز كىچىكتۈرمەيلا چاي ئىچكۈزۈپ قويدى،ئەسلىدە ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە سان بار ئىشلاركەن بۇ مەن تېخى ئەمدى خەۋەر تېپىپتىمەن،بوپتۇلا،پىشانەمگە پۈتۈلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ............
                     ئاھ..مۇھەببەت...شۇنداق گۈزەل...شۇنچە شىرىن دىيىشىدىكەن،مەن ھەجەپ بىلەلمىدىم دىسە،تۇنجى مۇھەببەت -ئۇنداق ئۇنتۇلماسەي،بۇنداق ئۇنتۇلماس دىيىشلىرى تېخى.......ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا كەينىمدىن شۇ بىر يىل زىرىكمەي قوغلاشقان ئاتۇشلۇق ساۋاقدىشىمغا ماقۇللۇق بەردىم.ئانچە-مۇنچە كۆرۈشۇپ تاماق يىگەن بولدۇق،بىر ئاي ئۆتمەيلا كەچتە ياتاقنىڭ ئالدىغا چاقىردى چۈشتۈم،پاراڭلاشقاچ كىلىپ قولۇمنى تۇتماسمۇ،جان ئاچچىقىمدا كىلىشتۈرۈپ بىر تەستەك قويدۇمدە ئالدى -ئارقامغا قارىماي كىرىپ كەتتىم،كىيىن يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ قارىماي ئىزدەشمىدىم،مانا بۇ مىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم.قانداق ئۇنتۇدىڭىز دەمسىز...غورورۇمغا شۇنچىلىك تىگىپتىكەن قولۇمنى تۇتقىنى شۇ چاغلاردا ،ئۇنى كۆرسەملا يىرگىنىدىغان بولۇپ كەتكەن،ھازىر كۆرسەم تونۇمايمەنغۇ دەيمەن شۇ ئۇنتۇلماس بىرىنچى مۇھەببىتىمنى...............
                     مانا ئىكرام بىلەنمۇ ئۇرۇشۇپ-چېقىشىپ دىگەندەك مەكتەپنى پۈتتۈرۋالدۇق،پۈتتۈرۈشكە يېقىن ئۇنىڭغا كەلگەن كۆڭۈل ئىزھار قىلىنغان خەتلەرنى كۆرۈپ جېنىم چىقىپلا كەتتى،ئەسلىدە بۇ كىلىشكەن ئەلىيۇلئەلا غوجامغا كۆيۈپ يۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەسكەندە.مۇشۇئىشنىڭ تەسىرىمۇ ئىشقىلىپ،پۈتتۈرۈپ ئالدىرىماي توي قىلىز دىگەن پىكىرىمنى ئۆزگەرتىپ تويغا قوپتۇق.مەن ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتتۈم.ئىكرام يېشىمىزنىڭ كىچىكلىكىنى،مىنى دەپلا سەنئەت ئىنىستوتىدا ئوقۇغانلىقىنى ،ئەمىلىيەتتە ھازىرقى كەسپىنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چەتئەلگە چىقىپ ئاسپىرانلىقتا ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، توينى تۈگىتىپلا چىقىپ كەتمەكچى بولدۇق.توي خېتىمۇ ئېلىنىپ بولدى،ئىمتاھان بەردۇق،ئۇ ئۆتتى، مەن شەرەپ بىلەن قېپقالدىم.ئارقىدىن چىقىشقا يولىنى ماڭىمىز دىگەندەك گەپلەر بىلەن چوڭلار ئۇنى خاتىرجەم قىلدى،ماڭغىچە ئۇ خۇددى ئۇكامدەك مىنى چىڭ قۇچاقلاپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكىچە يىغلىدى،مەن ئۇنىڭ ئۆلگىلى ماڭمىغىنىنى،كەينىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي چىقىدىغىنىمنى دەپ ئاچچىقلاپ قويدۇم،ئوغۇل بالىنىڭ يىغلىشىنى ياقتۇرمايتتىم،شۇنداق قىلىپ پايتەخت ئايدۇرۇمىدا قانۇنلۇق،نىكاھسىز ئېرىمنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم.....
                   يامان ئايرىلىش-كىنولاردىكى ھىجران ئازابى مىنى ئۇنداق بىئارام قىلمىدى،پەقەت ياردەمگە ئىھتىياج بولغىنىمدا ئۇنى ئەسلەپ قوياتتىم،ئۇنىڭ ھەم مىنىڭ ئاتا-ئانام مىنىڭ رەسمىيتىمنى پۈتتۈرەلمەي ئاۋارە ئىدى،مانا بىردەمدە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى... ئەمدى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەس-بەستە توي قىلىشى،كۆپ ۋاقىتلاردىكى يالغۇزلۇق تۇيغۇسى مىنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى،باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلمايتتىم چۈنكى ئۈزەمنىڭ راس دەپ تۇرۋالىدىغان بۇ مىجەزىم ھەم ئازراقمۇ سەۋەنلىكنىمۇ نەزەردەن ساقىت قىلماي تەنقىدلەيدىغان خاراكتېرىم بىلەن ئاسانلا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالاتتىم،بۇ خاراكتېرىم خىزمەت قىلىشقا تولىمۇ ماس كەلسىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقىدە مىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قوياتتى .بىچچارە ئىكرام شۇنچە يىللاردىن بېرى نىمە دىسەم ماقۇل دەپ ھېلىمۇ چىداپتىكەن..........
                   مانا شۇنداق كۈنلىرىمدە ئۈن دىداردا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،مانا ھازىر خېلى قەدىناسلاردىن بولۇپ قېلىشتۇق،ئالدىنقى كۈنى تۇرپانغا كەتكەن كەلگىچە كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتتى..بۇنداق دىسەم بىزنى كۆرۈشكەن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار يەنە،بىز تېخى كۆرۈشمىدۇق...........
                      سىز نەدە،تاماق يىدىڭىزمۇ،نىمىشقا تېخىچە قايتمايسىز ئۆيگە دىگەندەك گەپلەر كۈنىگە نەچچە رەت سورىلاتتى،ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگەكىلىپ ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى ساقلايتتىم،شۇ پاراڭلاشقانچە بەزىدە تاڭ ئېتىپ كىتەتتى بەزىدە قاچانغىچە پاراڭلاشقىنىمىز ئىسىمدە يوق تېلفوننى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇيقۇغا كىتەتتىم،بۇنداق چاغلاردا كۆرگەن چۈشلەرمۇ شۇنداق تاتلىق بولىدىكەن،كىچىچە ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر-بىرىمىزگە بىېقىشىپ ياكى ئۇ پۇتۇمغا بېشىنى قويۇپ ياتقان مەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقان................



سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 948
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 04:55:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-4 09:00 AM
مەن سىزنى كۆرمىدىم يا ئۈن دىدارنىڭ ئىچىدە

شېشاڭغا تارتىۋالاي دىگەنما

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sazguri + 10 ھەئە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ياشىسۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇر

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1846
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18491
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2248 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 04:58:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مېنىڭچە  ۋېيشىڭنى  مىكرو  خەت،  تېلفۇننى  ئۈندىدار  دېسە  جايىدا  بولىدۇ.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش